logo

trugen jacn

لوپ بازىرىدىكى چارلاش پونكىتى ئىككى مەيدان ھۇجۇمغا ئۇچرىدى، 7 كىشى ئۆلدى، 4 كىشى يارىلاندى

4ffc5934-d04c-4bd1-9246-3104354d8c05

شۆھرەت ھوشۇر

2015-u0513-pmx.mp3ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

خوتەننىڭ لوپ ناھىيە بازىرىدىكى بىر چارلاش پونكىتى 11 – ماي كۈنى كەچ ۋە 12 – ماي كۈنى ئەتىگەندە ئىككى مەيدان بومبىلىق ھۇجۇمغا ئۇچرىغان. ھۇجۇمنىڭ دەسلەپكىسىنى بىر نەپەر، ئىككىنچى قېتىملىقىنى ئىككى نەپەر پىدائىي ئېلىپ بارغان. ھۇجۇمدا بۇ ئۈچ نەپەر پىدائىي بىلەن بىرلىكتە 4 نەپەر ساقچى ئۆلگەن ۋە 4 نەپەر ساقچى يارىلانغان.

مەلۇم بولۇشىچە ۋەقەدىن كېيىن خىتاي قوراللىق كۈچلىرى 1 – دەرىجىلىك ئۇرۇش تەييارلىق ھالىتىگە ئۆتكەن. نۆۋەتتە خوتەننىڭ لوپ ناھىيىسىدە ۋەقەگە چېتىشلىق گۇماندارلارنى تۇتۇش ۋە تەكشۈرۈش دولقۇنى داۋام قىلماقتا؛ ئەمما خىتاي بۇ ۋەقەنىمۇ 3 كۈندىن بۇيان ئاخبارات دۇنياىسىدىن سىر تۇتماقتا

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/lop-weqesi-05132015224953.html

Share
1367 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.