logo

trugen jacn

لوندون ئۇيغۇر ترىبۇنال كوللېگىيىسى ھۆكۈمىنىڭ مۇھىملىكى ۋە ئەھمىيىتى

( پارچە )

نەزەر

       لوندون ئۇيغۇر ترىبۇنال كوللېگىيىسى  ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدىكى ترىبۇنال ھۆكۈمنامىسىنى ئېلان قىلدى. ھۆكۈمنامىدا خىتاي كومھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىز قاتارلىق تۈركىي خەلقلىرىگە قاريتا يۈرگۈزۋاتقان ئىنسانيەت قىلىپىدىن چىققان ۋەھشىيانە ۋە رەزىل باستۇرۇش ئەمىلىيىتىنى « ئىرقىي قىرغىنچىلىق » ۋە « ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت » دەپ قانۇنىي ھۆكۈم چىقاردى. لوندون ئۇيغۇر ترىبۇنال كوللېگىيىسىنىڭ  مەزكۈر ھۆكۈمنامىسى شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىگە قارىتا بولغان يەنە بىر ھەققانىي ۋە ئادالەتلىك بىر خولاسە بولۇپلا قالماستىن، يەنە دۇنيا ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ  بۆگۈنكى ۋە كەلگۈسى  ئۈچۈن زور ئەھمىيىتى ئىگە بىر قانۇنىي ھۈججەت.  بۇ قانۇنىي ھۆكۈمنامە يەنە ھازىرقى زاماندا ئىرقىي قىرغىچىلىققا ئوخشاش جىنايەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتا پايدىلىنىش ئەھمىيىتى زور بولغان بىر تارىخىي ھۆججەت. قىسىقىسى، ئۇ ھازىرقى زاماندىكى ئادالەتلىكنىڭ  سىمۋۇل خاراكېرىدىكى بىر خىتابنامسى. بۇ قانۇنىي ھۆكۈمنامىنىڭ يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن مۇھىملىكلىرىدىن باشقا يەنە تۆۋەندىكى ئۈچ چوڭ ئەھمىيىتى بار :

1 – بۇ قانۇنىي ھۆكۈمنامىنىڭ دۇنياۋى ئەھمىيىتى : ھۆكۈمنامە پۈتۈن دۇنيادا يەنىلا ئادالەتنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇ قانۇنىي ھۆكۈمنامە دۇنيادىكى تېخىچە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قارىتا كەسكىن قارار چىقارماي كېلىۋاتقان دۆلەتلەر ئۈچۈن بىر قانۇنىي ئاساس بولۇپلا قالماستىن، پۈتۈن دۇنيا خەلقىگە خىتاي كومھۆكۈمىتىنىڭ فاشىستلىق خاراكتېرىنى ئېنىق كۆرسۈتۈپ بەردى. بۇ قانۇنىي ھۆكۈمنامىنىڭ تۈرتكىسى بىلەن دۇنيادىكى ئىنسانپەرۋەر خەلقلەرنىڭ خىتاي كومھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈگۈزىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش سادالىرى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلىدۇ.

2 – بۇ قانۇنى ھۆكۈمنامىنىڭ شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا بولغان ئەھمىيىتى : بۇ قانۇنىي ھۆكۈمنانە شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي كومھۆكۈمىتىنىڭ تۆمۈر تاپىنى ئاستىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىز قاتارلىق تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئۆز ھاياتلىرىنى ساقلاپ قىلىشىغا بىر ئۈمىت بېغىشلاپلا قالماستىن، يەنە دىئاسپورادىكى شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇر، قازاق ۋە ئۆزبېك قاتارلىق تۈركىي خەلقلىرىنىڭ خىتاي كومھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىشنى قولغا كەلتۇرۇشتىن ئىبارەت پائالىيەتلىرى ئۈچۈن تېخىمۇ  زور ئىشەنچ ۋە ئېلھام بېغىشلايدۇ.

3- بۇ قانۇنىي ھۆكۈمنامە يەنە شەرقىي تۈركىستاندىن ئىبارەت بۇ زېمىننىڭ كىمگە تەئەللۇق جەھەتتىكى ئەھمىيىتى : بۇ قانۇنىي ھۆكۈمنامە يوسۇنلۇق يول بىلەن شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇرلارنىڭ زېمىنى ئىكەنلىكىنى، خىتايلارنىڭ بىر مۇستەملىكىچى مىللەت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى.

2021- يىلى دېكابىر

 

 

 

 

 

Share
1330 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.