logo

trugen jacn

لاگىر دىپلومى ئالغۇچىنىڭ ۋەدىنامىسى

تەرجىمە قىلىپ تەييارلىغۇچى: ئ‍ا.ئابلىز

2020-9-14

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

ئىلاۋە: خىتاي كومپارتىيىسى لاگىردىن «تەربىيىلىنىپ» چىققان ئادەملەرگە تۆۋەندىكىدەك ۋەدىنامىلەرنى يازغۇزۇپ، قەسەم قىلغۇزىدۇ. ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى بۇنى تەرجىمە قىلىپ چىقتى.

سەككىزنى مەنئى قىلىش

تۆۋەندىكىچە: 1. ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ئىسمىدا تىزىملاتماي، خەتلەتكەن يان تېلېفون كارتىسى، ئۈندىدار، QQ، مىكرو بىلوگ قاتارلىق ئالاقە ھېساباتى ئىشلىتىش ياكى بىر ئادەمنىڭ كۆپ كارتا، كۆپ نومۇرى بولۇش مەنئى قىلىنىدۇ، تېلېفوننى تاقاپ ئالاقىنى ئۈزۈش، تېلېفوننى ياندىن ئايرىش چەكلىنىدۇ، ئانچە كۆپ ئىشلىتىلمەيدىغان ئالاقە قورال يۇمشاق دېتاللىنى ئىشلىتىش چەكلىنىدۇ؛

2. ئوقۇش پۈتتۈرگەن باشقىلار بىلەن ھەر قانداق ئۇسۇلدا ئالاقە قىلىش، يىغىلىش، ئالاقە باغلاش مەنئى قىلىنىدۇ؛

3. چەتئەلنىڭ رادىئ‍و، تېلېۋىزور ياكى چەتئەل تور بېكەتلىرىنى ئاڭلاش، كۆرۈش مەنئى قىلىنىدۇ؛

4. باشقىلارغا تەربىيەلەش مەركىزىنىڭ ھەر قانداق ئۇچۇرىنى سۆزلەش مەنئى قىلىنىدۇ، ھەر قانداق شەكىلدە ھەر قانداق ۋاقىت، ئورۇندا ھەر قانداق تاراتقۇ، كوللېكتىپ تەشكىلات، شەخسنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ؛

5. ناتوغرا سۆز-چۆچەك ئېلان قىلىش، تارقىتىش، ئۇلاپ تارقىتىش ياكى پىتنە-ئېغۋا تېرىش، ئىشىنىش، تارقىتىش مەنئى قىلىنىدۇ؛

6. ئۆي، ئىشقا ئورۇنلاشقان كارخانا دائىرىسىدىن باشقا رايوندا پائالىيەت قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ؛

7. موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدەش مەنئى قىلىنىدۇ؛

8. كارخانىنىڭ قائىدە تۈزۈملىرىگە خىلاپلىق قىلىپ، رۇخسەتسىز سىرتقا چىقىش، كېچىكىش، بالدۇر ئىشتىن چۈشۈش، ئىش تاشلاش ۋە پاسسىپلىق بىلەن ئىشنى ئاقسىتىش مەنئى قىلىنىدۇ.

يەتتىنى دوكلات قىلىش

تۆۋەندىكىچە: 1. ئوقۇش پۈتتۈرگەن باشقىلار ئۆزى ۋە ئائىلە ئەزالىرى بىلەن ئالاقە قىلسا، چەتئەلگە تېلېفون ئۇرسا، تونۇش بىلىشلىرى ئۆزئارا ئالاقە قىلغاننى بايقىسا تەشەببۇسكارلىق بىلەن دوكلات قىلىدۇ؛

2. باشقىلار تەلىم تەربىيە خىزمىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى تىڭ-تىڭلىسا تەشەببۇسكارلىق بىلەن دوكلات قىلىدۇ؛

3. مەسىلە بايقىسا ياكى تاسادىپىي ئەھۋالغا يولۇقسا تەشەببۇسكارلىق بىلەن دوكلات قىلىدۇ؛

4. ئۆيىگە مېھمان كەلسە ياكى تۇرماقچى بولسا تەشەببۇسكارلىق بىلەن دوكلات قىلىدۇ؛

5. ئائىلىسىدە توي-تۆكۈن، ئۆلۈم-يىتىم قاتارلىق مۇھىم پائالىيەتلەر بولسا تەشەببۇسكارلىق بىلەن دوكلات قىلىدۇ؛

6. دەم ئېلىش نۆۋىتىدە ئۆيگە قايتىپ كېلىپلا دوكلات قىلىدۇ؛

7. كۈندىلىك تۇرمۇش، خىزمەت، ئىدىيە ئەھۋالىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن دوكلات قىلىدۇ؛

يەرلىك ھۆكۈمەت يەنە، ئەگەر «سەككىزنى مەنئى قىلىپ، يەتتىنى دوكلات قىلىش» قا ئىككى قېتىم خىلاپلىق قىلسا، قويۇپ بېرىلگەنلەر «ئۆزلۈكىدىن كەسپىي ماھارەت بويىچە تەلىم تەربىيە ئېلىپ بېرىشنى قايتىدىن قوبۇل قىلىدۇ» غانلىقى، قانۇنىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىنى بەلگىلىگەن.

لاگىر دىپلومى ئالغۇچىنىڭ ۋەدىنامىسى

Share
2607 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.