logo

trugen jacn

كەنت ساقچىسى: ئىككىيۈزلىمىچىلەر گۇرۇھىنى پاش قىلىشتا قۇلاقلاردىن پايدىلاندىم

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

مۇخبىرىمىزنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا داۋام قىلىۋاتقان كەڭ-كۆلەملىك تۇتقۇن ھەققىدىكى ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا، پەيزىۋاتنىڭ شاپتۇل يېزىسىدىكى بىر ساقچى خادىمى، قاپاقتېرەك كەنتىدە «ئىككىيۈزلىمىچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ 7 يىللىقتىن كېسىلگەن سابىق سېكرېتار قۇربان ھېكىم بىلەن ئۇنىڭ 9 نەپەر شېرىكىنى ئۆزى پاش قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، ئاتالمىش «قۇربان ھېكىم گۇرۇھى» نى پاش قىلىشتا كەنتتىكى قۇلاقلىرى، يەنى ئۇچۇرچىلىرىنىڭ مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى بايان قىلدى. ئىگىلەنگەن ئۇچۇرلار نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنىڭ جىددىيلىكىدە ئاساسى قاتلامدىكى بىر قىسىم پۇرسەتپەرەس خادىملارنىڭمۇ بەلگىلىك رولى بارلىقىنى ئاشكارىلىماقتا.

ئېنىقلاشلىرىمىزدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا كەڭ كۆلەملىك داۋام قىلىۋاتقان «يېپىق تەربىيەلەش» دولقۇنىدا بەزى يېزا كەنتلەردە ئاھالىلەرنىڭ 20-30 پىرسەنتى، بەزىلىرىدە بولسا 5 پىرسەنتى ئاتالمىش «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» گە يىغىۋېلىنغان. ساننىڭ بۇ قەدەر كۆپ بولۇشىدا يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ بىۋاسىتە بۇيرۇقى ئاساسلىق رول ئوينىغاندىن باشقا، ئاساسىي قاتلاملاردىكى بىر قىسىم پۇرسەتپەرەس ساقچىلار ۋە كەنت كادىرلىرىنىڭ ئاكتىپلىقىمۇ بەلگىلىك رول ئوينىماقتا.

ھازىرغا قەدەر ئاشكارىلىنىشىچە، غۇلجا ناھىيىسى بويىچە 1500 چە، كورلا شەھىرى بويىچە 2000 چە كىشى تەربىيەلىنىۋاتقان بولسا يېڭىسارنىڭ توپلۇق يېزىسىدىنلا 2000 دىن ئارتۇق، قاراقاشنىڭ پۇرچاقچى يېزىسىدىن بولسا 4000 چە كىشى «يېپىق تەربىيەلەش» تە تۇتۇپ تۇرۇلماقتا. مۇھاجىرەتتىكى بەزى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر، «يېپىق تەربىيەلەش» ھەرىكىتىدە تۇتۇلغانلار سانىنىڭ كۆپلۈكىنى، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى رايوندىكى ئەمەلدارلىرىغا مۇقىملىق مەسىلىسىدە خالىغانچە بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقىنى بەرگەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىسا، يەنە بەزى كۆزەتكۈچىلەر، رايوننىڭ ئۇزۇن مەزگىلدىن بۇيان قانۇنغا تايىنىپ ئەمەس، شوئار ۋە چاقىرىققا تايىنىپ ئىدارە قىلىنىشى بىلەن ئالاقىدار، دەپ قارىماقتا.

ئۇلار يەنە ئوخشاش سىياسەت، ئوخشاش چاقىرىقنىڭ ئوخشىمىغان ناھىيە ۋە ئوخشىمىغان يېزىلاردا پەرقلىق ۋەزىيەت يارىتىۋاتقانلىقى، يەنى «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» دە تەربىيەلىنىۋاتقانلار سانىنىڭ بەزى يېزىلاردا ھەتتا بەزى ناھىيەلەردىنمۇ كۆپ بولۇشىنىڭ شۇ جايدا ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقانلارنىڭ پۇرسەتپەرەسلىك بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

پەيزىۋاتنىڭ شاپتۇل يېزىسىدىكى بىر ساقچى خادىمى، ئاتالمىش «ئىككىيۈزلىمىچى» قۇربان ھېكىمنى پاش قىلىشتا كەنت ۋە مەھەللىدىكى پايلاقچىلىرىدىن پايدىلانغان. كەنت سېكرېتارى قۇربان ھېكىمنى پاش قىلغان مەھەللە باشلىقى 1000 يۈەن بىلەن مۇكاپاتلانغان

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/ikki-yuzlime-10122017152831.html

Share
1597 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.