logo

trugen jacn

يەقىن كەلگۈسىدىكى ئۇيغۇر زىمىنىدىن قان ھىدى كىلىۋاتىدۇ

seni_düsünmek_nazım_hikmet

مەھمەتىمىن ھەزرەت

ر.ف.ئا. رادىوسى ئۇيغۇرچە بۆلۈمى 2009.يىلى. 6.ئاينىڭ 17-18-19.كۈنلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسى تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئىنتايىن مۇھىم بىر خەۋەر ھەققىدە داۋاملىق مەلۇمات بەردى. خەۋەرنىڭ مەزمۇنى مۇنداق “ سەيشەنبە (2009.06..16) كۈنى ئامىرىكا ئاۋام پالاتاسى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى قارمىغىدىكى بىر تارماق كومىتىت يىغىن چاقىرىپ، شەرقى تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسى“نى تەرورىست تەشكىلاتلىرى قارا تىزىملىگىدىن چىقىرىۋەتىش توغرىسىدا گۇۋالىق بەرىش يىغىنى ئۆتگۈزۈلدى

ئامەرىكا دەمكوكىراتچىلار پارتىيەسىنىڭ ئاۋام پالاتادىكى خەلقارا تەشكىلاتلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق ۋە نازارەت تارماق كومىتىتىنىڭ رەىسى بىلل دەنىيكسوند قاتارلىقلار، نامى ئاتالغان تەشكىلاتنى تەرورىستلار تىزىملىگىدىن قچىقىرىۋەتىش تەكلىپىنى نىمىشكە ئوتتۇرىغا قويدى؟نىمىشكە بۈگۈنكى كۈندە؟

جۇڭگو ھۆكۈمىتى 2001.يىلى ”11.سىنتەبىر“ ۋەقەسىدىن كەيىنلا، 4 ئۇيغۇر تەشكىلاتىنى ”تەرورىست“تەشكىلات دەپ ئەلان قىلغان ئىدى. بىر تەشكىلاتنى ئامىرىكا ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ”تەرورىست“ تىزىملىگىگە كىرگۈزگەن

ئارىدىن 7 يىل ئۆتتى. نىمە ئۈچۈن ھازىر ئامىرىكىنىڭ كۆز قارىشى ئۆزگەردى؟

بىرىنجى:پاكىستان ۋە ئاپغانىستاندىن تۇتۇپ كەتىلگەن ۋە گۇانتانامودا 7 يىل سوراق قىلىنىش جەريانىدا 23 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ خەلقارا تەرورىزىم بىلەن ئالاقىسىنىڭ يوق ئىكەنلىگىنىڭ ئىسپاتلانغانلىغى

ئۇلارنىڭ بىر قىسمى ئازات بولدى.بىر قىسمى ئازات بولۇش ئالدىدا

ئىككىنجى:ئامىرىكا،بار-يوقلىغى ئىنىق بولمىغان ”شەرقى تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى“نى ئالدىراپ-سالدىراپ قارا تىزىملىككە كىرگۈزىشىدە،ئامىرىكىنىڭ ئىراقنى ئىشخال قىلىش ھەركىتىدە جۇڭگونىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش، جۇڭگونىڭ تالىبانغا بىرىۋاتقان مەخپى قورال-ياراق يەردىمىنى توختۇتۇش…. قاتارلىقلارنى كۆزدە تۇتقان ئىدى

ئامىرىكا ئىستىخباراتى ھەتتا 1998-99.يىللىرىلا ئۇيغۇرلارنىڭ ئاپغانىستان ۋە پاكىستاندىكى ھەركەتلىنىش ئەھۋاللىرى توغرىسىدا جۇڭگوغا مەلۇمات بەرىشكە باشلىغان ئىدى.مەخسەت يەنىلا، جۇڭگونىڭ پاكىستان ئارقىلىق تالىبانغا بەرىدىغان ياردىمىنى توختۇتىش ئىدى. بۇ ھەقتە كەيىنكى ۋاقىتلاردا ”نىيويورك تايمىس“ قاتارلىق گەزىتلەر ئامىرىكا بىلەن جۇڭگونىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بۇ مەخپى سىياسى سودىنى ئاشكارىلىۋەتتى

ئۈچۈنجى:.جۇڭگونىڭ تەخىمۇ كۆپ ،ئامىرىكا خەزىنە زايۇملىرىنى سەتىۋەلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش

تۆتىنجى:ئۇيغۇرلارنىڭ قوراللىق ھەركەتلىرىنى خەلقارادا چەكلەش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنى كىشىلىك ھوقۇقى مەسىلىسىنى مەركەز قىلغان سىياسى ھەركەت قىلىشقا زورلاش. جۇڭگونى، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرىنىڭ ياخشىلاش ئۈچۈن ئىلھاملاندۇرۇش
پەقەتلا،ئۇيغۇرلارنىڭ خەلقارادا كىشىلىك ھوقۇق كۈرىشىنى ئۇمۇملاشتۇرۇش. قوراللىق كۆرەش قىلغۇچىلارنى يەتىم قالدۇرۇش جەھەتتە، ئامىرىكا بىلەن جۇڭگونىڭ ئورتاق ھەركەت قىلىشى نەتىجىسىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ چەتەلدىكى ھەركىتى كىشلىك ھوقۇق ئەتىراپىدا تىز سۈرئەت بىلەن شەكىللەنگەن بولسىمۇ، نەتىجە، جۇڭگونىڭ كۈتكىنىدەك كونتىروللۇق بىر مۇلايىم ھەركەت بولۇش بىلەن توختاپ قالماستىن، جۇڭگونىڭ خەلقاررادا بەشىنى ئاغرىتىدىغان بىر سىياسى ھەركەتكە ئايلىنىپ قالدى

باشقا ماددىلاردا بولسا،ئامىرىكا،جۇڭگودىن كۈتكەنلىرىگە ئەرىشەلمىدى

بىرىنجى:ئىراقتا ئامىرىكا جۇڭگونىڭ قوللىشىغا ئەرىشەلمىدى. بەلكى ئامىرىكا ئىراقتا پاتقاققا پەتىپ قەلىشىدىن پايدىلىنىپ، جۇڭگو خەلقارادا ئامىرىكىنىڭ تىجارى ۋە سىياسى پاالىيەت مەيدانىنى تارايتىش بەدىلىگە، ئۆزىنىڭ پاالىيەت مەيدانىنى كەڭەيتتى

ئامىرىكا ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن ئىراقتىكى ۋەزىيەتنى كونتىرول قىلدى.جۇڭگو،ئىراقنىڭ تىنىچلانغان نىفىتلىك راونلىرىغا يۈگرەپ كىرىپ زور مىقتاردا مەبلەخ سالدى.جۇڭگولۇق ئىشچىلارنى تۈركۈم-تۈركۈملەپ ئاپىرىپ نىفىت قىزىشقا باشلىدى

ئىككىنجى:ئاۋغانىستاندىمۇ، جۇڭگو ۋە رۇسسىيەنىڭ تالىبانغا مەخپى ياردەم بەرىش پاالىيىتىنى باشتىن-ئاخىرغىچە توسۇپ قالالمىدى. تالىبان ھەركىتى ئاپغانىستاندىلا چەكلىنىپ قالماستىن پاكىستاننىڭ ھەر يەرىگە يەيىلدى.ئامىرىكا ئىراقتىكى ئەسكەرلىرىنىڭ بىر قىسمىنى ئاپغانىستانغا كۆتكەش مەجبۇرىيىتىدە قالماقتا.جۇڭگونىڭ تالىبان بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلگىنى يوق

ئۈچۈنجى:ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا،ئامىرىكا ۋە ياۋروپانىڭ كۈتكىنىدەك كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ئىلگىرلەش بولمىدى. ئەكسىچە ئىسلام دىنىغا بولغان يۈكسەك بەسىملىق سىياسەت،ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى تەخىمۇ قەيىنلاشتۇرغانلىغى خەلقارا جەمىيەت تەرىپىدىن بىلىندى.بۇلۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەدىنىيىتىنى تامامەن ئىنكار قىلىش ئۈستىگە قۇرۇلغان مىللىي سىياسەتنىڭ ئەغىر ئاقىۋەتلەرنى ئەلىپ كىلىدىغانلىغى غەرىپ دۇنياسىنى ئەندىشىگە سالدى

شەرقى تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسى – خەلقارالىق قارا تىزىملىكتىن چىقىرىۋەتىلسە نىمە پايدىسى بولىدۇ؟

بىرىنجى:ئۇيغۇرلارنىڭ قوراللىق كۈرەشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق كۈرەش ۋاستىلىرى ”مىللىي قوغدۇنۇش ”ھەركىتىنىڭ بىر قىسمى دەپ قارىلىدۇ

ئىككىنجى:شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ قۇراللىق قارشىلىق ھەركەتلىرىمۇ ئاستا-ئاستا خەلقارادا قانۇنى كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ

ئۈچىنجى:خەلقارا قانۇنغا مۇۋاپىق بولغان بىر ھەركەت،خەلقارا جەمىيەتتىن قوللاشقا ئەرىشىدۇ

تۆتىنجى:دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا چارچىغان ياكى ۋەزىپىسى ئاخىرلاشقان سىياسى ۋە ئەسكىرى توقۇنۇش،ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى مەركەز قىلغان جۇڭگودىكى يەڭى ئادىرىسىگە قاراپ توپلىنىشقا باشلايدۇ

نەتىجە؛ ئەڭ ئەغىر كۈنلەر يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋە جۇڭگوغنىڭ بەشىغا كەلىدۇ

ئۇيغۇر خەلقى تەڭ ھوقۇققا ئىگە بولۇپ،ئىزىلمەي ياشاشنى ئارزۇ قىلىپ كەلدى.ئارزۇلار كۆز ياشلار بىلەن بىللە سەل بولۇپ ئەقىپ كەتىۋاتىدۇ

جۇڭگولۇقلار ئۆز ۋاختىدا ئۆزلىرى ياپونلارغا ئىزىلىۋاتقاندىمۇ،بىز ئۇيغۇرلارنى ئىزىشنى توختاتمىغان ئىدى

ھازىرمۇ جۇڭگونى ئىزىدىغان بىر گىگانىت كۈچ كەلمىگۈچە،بىز ئۇيغۇرلارنى ئىزىشتىن ۋاز كەچمەيدۇ

كۈنلەرنىڭ بىرىدە، نەدىن كەلگەنلىگى نامەلۇم بولغان قورال ۋە كىشىلەر ئۇيغۇرلار زىمىنىدا پەيدا بولشقا باشلىغاندا،ئۇ قوراللار ئۇيغۇرلارنىڭمۇ قولىغا ئۆتۇشكە باشلىغاندا ئەڭ كۆپ زىيان تارتىدىغان، ئەڭ كۆپ قىرغىنچىلىققا ئۇچىرايدىغان خەلق يەنىلا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ياشاۋاتقان خەنزۇلار ۋە ئۇيغۇرلاردۇر

يەقىن كەلگۈسىدىكى ئۇيغۇر زىمىنىدىن  قان ھىدى كىلىۋاتىدۇ

ھازىرمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ كۆز يەشىنى توختۇتۇشقا،مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى نەپرەتنى تۈگىتىدىغان ئادالەتنى تىكلەشكە ۋاقىت كەچ ئەمەس

يىل. 2009. 06 .20

بۇ ماقالە ئۆز ۋاختىدا ”كەلگۈسى ئۇيغۇر زىمىنىدىكى قان ھىدى…“تىمىسىدا ئىلان قىلىنغان

Share
2601 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.