logo

trugen jacn

كېرىيەگە ئەۋەتكەن شەخسىي ياردەم بۇيۇملىرىنى ھۆكۈمەتكە تىزىمغا ئالدۇرۇش تەلەپ قىلىنغان

 

كېرىيەدە 12‏-فېۋرال يۈز بەرگەن 7.3 بال يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مىقياسىدا شەخسى ۋە جامائەتلەرنىڭ تەشكىللىنىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاھالىلەرگە ياردەم بېرىش قىزغىنلىقى قوزغالغان ئىدى.

بىراق ئاپەت رايونىدىكى يەرلىك ئاھالىلەردىن ئىگىلىشىمىزچە، دائىرىلەر شەخسىي ياردەمگە يول قويغان بولسىمۇ، بىراق ياردەم بۇيۇملىرىنى ئاھالىلەرگە يەتكۈزۈشتىن بۇرۇن ھۆكۈمەتكە تىزىمغا ئالدۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. ھالبۇكى، ھۆكۈمەت ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاھالىلەرگە ياردەم قىلىشقا ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ، بىراق ئاھالىلەرنىڭ ئۆي-ماكانى، ئۇچرىغان زىيانلىرىنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇپ، تۇرمۇشىنى يولغا سېلىۋېلىشىغا كونكرېت قانداق ياردەم قىلىدىغانلىقى مەجھۇل. مۇخبىرىمىز ئەركىن مەلۇمات بېرىدۇ.

خوتەننىڭ كېرىيە ناھىيىسىدە 12‏- فېۋرال يۈز بەرگەن 7.3 بال يەر تەۋرەش ئاپىتىگە بۈگۈن يەنى 17‏-فېۋرال نەق 5 كۈن بولدى. بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش ئاپىتىدە بولۇپمۇ كېرىيەنىڭ ئاتچان يېزىسىغا قاراشلىق كەنتلەر ئەڭ ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان كەنتلەرنىڭ بىرى پىشكەر كەنتى.

يەر تەۋرەشتىن كېيىنكى قۇتقۇزۇش خىزمىتى ئۇيغۇر جەمئىيىتى كۆڭۈل بۆلىدىغان ئاساسلىق مەسىلىگە ئايلانغان. ئۈرۈمچى، قەشقەر، غۇلجا، بۆرتالا، خوتەن قاتارلىق شەھەرلەردە جامائەت ۋە شەخسلەر ئۆزلۈكىدىن تەشكىللىنىپ، ئاپەت رايونىغا ياردەم بېرىش ھەرىكىتى قوزغىغان. بۇ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئىجابىي ئىجتىمائىي ھاۋا ياراتقان ئىدى.

كېرىيەدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان ئاھالىلەرنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى، قۇتقۇزۇش خىزمىتى ۋە ئاممىۋى ياردەم بۇيۇملىرىنىڭ ئاپەتكە ئۇچرىغۇچىلارغا يېتىپ بارغان-بارمىغانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئېنىقلاش ئۈچۈن بىز ئاپەت يۈز بەرگەن رايوندىكى بەزى يەرلىك كادىرلارنى ۋە ئاپەتكە ئۇچرىغۇچى ئاممىنى زىيارەت قىلدۇق.

يەر تەۋرەش رايونىدىكى بىر خادىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھۆكۈمەت شەخسىي ۋە جامائەت نامىدىكى ياردەم بۇيۇملىرىنىڭ تارقىتىلىشىغا يول قويغان بولسىمۇ، بىراق يەرلىك قىزىل كرېست جەمئىيىتى ياكى ئالاقىدار ئورگانلارغا تىزىمغا ئالدۇرۇشنى بەلگىلىگەن.

خىتاي تەرەپنىڭ بەرگەن خەۋەرلىرىدە قەيت قىلىشىچە، بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىقتىسادى زىيان ئاز دېگەندە 271 مىليون يۈەنگە يېتىدۇ. 3281 ئېغىز ئۆي ئۆرۈلگەن، بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان باشقا مال-مۈلۈكلەرنىڭ سانى 30322، ئاز دېگەندە 2160 تۇياق مال-چارۋا ئۆلگەن. بۇ ئۆتكەن جۈمە كۈنگە قەدەر ئېنىقلاپ چىقىلغان ھۆكۈمەت تەرەپ ستاتىستىكا بولۇپ، بۇ سان ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە داۋاملىق كۆپىيىشى مۇمكىن.

لېكىن، نۆۋەتتىكى ئەڭ ھالقىلىق مەسىلە ھۆكۈمەتنىڭ ئاپەتكە ئۇچرىغۇچى ئاممىنىڭ ئۆي-ماكانلىرىنى تەكرار قۇرۇپ چىقىشىغا، ئۇچرىغان زىياننىڭ ئورنىنى تولدۇرۇپ، تۇرمۇشىنى رەتكە سېلىۋېلىشىغا كونكرېت قانداق ياردەم قىلىش مەسىلىسى بولۇپ قالدى. ھالبۇكى، نۆۋەتتە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ ئاپەتكە ئۇچرىغۇچىلارغا بەرگەن قۇرۇق ۋەدىسىدىن باشقا، كونكرېت قانداق ياردەم پىلانى بارلىقىدىن ھېچقانداق شەپە يوق. يەر تەۋرەش رايونىدىكى يۇقىرىقى خادىم ئۆزىنىڭ بۇنىڭغا ئالاقىدار ھېچقانداق بىر پىلان كۆرۈپ باقمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي قىزىل كرېست جەمئىيىتى قاتارلىق ھۆكۈمەتكە قاراشلىق رەسمىي خەير-ساخاۋەت ئورگانلىرىنىڭ بۇرۇن يەر تەۋرەش، كەلكۈن، قۇرغاقچىلىق ۋە باشقا ھەر خىل ئاپەتلەردە خەلق توپلىغان ئىئانە پۇلغا خىيانەت قىلىش ياكى يەرلىك دائىرىلەرنىڭ خەلق ئىئانە قىلغان پۇل ۋە قۇتقۇزۇش بۇيۇملىرىنى باستۇرۇپ قويۇپ، ئاپەتكە ئۇچرىغۇچى ئاممىغا تارقىتىپ بەرمەيدىغان ئەھۋاللار كۆپ قېتىپ يۈز بەرگەن. نەتىجىدە بۇ خەلقنىڭ خىتاي رەسمىي خەير ساخاۋەت ئورگانلىرىغا ياكى يەرلىك دائىرىلىرىگە ئىشەنمەسلىك ئەھۋالىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى.

شۇ سەۋەبلىك كېرىيەدە يۈز بەرگەن بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش ئاپىتىدە ئوخشاشلا خەلق ياردەم بۇيۇملىرىنى شەخسەن ئۆزى يەتكۈزۈپ بېرىش ياكى ئىشەنچلىك شەخس، جامائەتلەرگە ھاۋالە قىلىش يولىنى تۇتقان. بۆرتالادا ياردەم بۇيۇمى توپلاۋاتقان بىر خەير ساخاۋەتچى، توپلانغان ياردەم بۇيۇملىرىنى ئۈرۈمچىدىكى كىشىلەرگە ھاۋالە قىلىپ، شۇلار يەتكۈزۈپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

بىز جامائەت ۋە شەخسلەر ئەۋەتكەن ياردەم بۇيۇملىرىنىڭ ئاپەت رايونىغا يېتىپ بېرىش ئەھۋالىنى ئىگىلەش ئۈچۈن كېرىيەنىڭ يىراق تاغلىق رايونى-شۇڭگىلا يېزىسىغا تېلېفون قىلدۇق. بۇ يىل 70 نەچچە ياشلىق پېشقەدەم بوۋاي روزا ئاكا، ئۆزىنىڭ ھازىرغا قەدەر بىر خالتا ئۇن ۋە بىر يوتقان تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي تەرەپنىڭ ئۆتكەن جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىشىچە، بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش خوتەن ۋىلايىتىنىڭ 6 ناھىيىسىگە تەسىر قىلغان. ئاز دېگەندە 58 مىڭ ئادەم تەسىرگە ئۇچرىغان ۋە ئاز دېگەندە 19 مىڭ ئادەم بىخەتەر جايغا كۆچۈشكە مەجبۇر بولغان. دائىرىلەر ئىلگىرى ئاپەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلارنى 7800، دەپ ئېلان قىلغان ئىدى.

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/muhit-salametlik/keriye-yer-tewresh-02172014163353.html

Share
1757 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.