logo

trugen jacn
19 فېۋرال 2014

كېرىيەدە يەر تەۋرىدى، يەردىنمۇ بەك ئەل تەۋرىدى

12-فېۋرال خوتەن كېرىيە ناھىيىسىدە 7.3 بال يەر تەۋرىگەنلىك خەۋىرى ئۇيغۇر ئېلى ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنى تەڭ سىلكىدى، ھەرقايسى ساھەدىكى ئۇيغۇرلار ۋە ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى جۈملىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرى ئۇيغۇر تور بېكەتلەرمۇ بۇ ئاپەتكە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلدى.

كېرىيەدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنى ئەندىشىلەندۈرگەن بولسا،ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئەل ئىچىنىڭ تەۋرىشى ئۇلارنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈرمەكتە. بۇ ئاپەتنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەلبىنى بىرلىك ئىتتىپاقلىققا ئۇرغۇتىدىغان بىر سىناق بولغانلىقىدىن سۆيۈنمەكتە.

بۇ نۆۋەت كېرىيەدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ ئەڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىغان جايلار خوتەندىن ئىككى يۈز كىلومېتىر يىراقلىقتىكى كېرىيە ناھىيىسىنىڭ كەنتلىرى بولسىمۇ، ئۇيغۇر جامائىتى مەزكۇر ئاپەتتىن تېز خەۋەر تېپىپ ئىنتايىن جىددىي ئىنكاس قايتۇردى، بۇنىڭدا ئۇيغۇر تور بېكەتلىرىمۇ ئۆزىنىڭ تەسىرى كۈچىنى كۆرسەتتى، ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەردە ئاپەت رايونىدىكى خەلقنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى ھەققىدە نەق مەيدان خەۋەرلىرى يەرلىك ھۆكۈمەت ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىنمۇ راست ۋە ئەتراپلىق خەۋەر تارقاتقان بولسا، ئاپەت ھەققىدە ھۆججەتلىك فىلىم، مۇشۇ قېتىملىق يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئاتاپ ئىجاد قىلىنغان ناخشىلارمۇ تارقىتىلدى. ئاپەت رايونىدا ساخاۋەتچى كارخانىچىلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى، ئاپەتكە كۆڭۈل بولۇۋاتقان ئۇيغۇرلار كېرىيە ناھىيىسىنىڭ يەر تەۋرەشتە ئەڭ ئېغىر تەسىرگە ئۇچرىغان ئاتچان يېزىسى شۇنىڭدەك ئويتوغراق، توغرا غاز كەنتلىرىگىچە بېرىپ كەڭ خەلق ئاممىسىدىن ھال سوراپ كەلمەكتە. ھېلىھەم مېھىرلىك ئاق كۆڭۈللەرنىڭ ئاپەتكە ئۇچرىغۇچى ئۇيغۇر ئاممىسىغا بەس-بەستە يار يۆلەكتە بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم.

بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش ئاپىتى ئۇيغۇرلاردا ئوخشاشلا بىر تۇيغۇنى ئويغاتتى، ئۇ بولسىمۇ «مەن خەلقىمگە قانداق ياردەم قىلسام بولا؟ مانا شۇ خىل ئىستەك بىلەن ھەر قايسى ئەللەردە ئۇيغۇرلارمۇ ئۆز ئالدىغا توپلىنىپ ئاپەتتە قالغان ۋەتىنىگە خەلقىگە ئۆزىنىڭ كۆڭلىنى ئىپادە قىلىش يوللىرىنى ئىزدىمەكتە. ۋاشىنگتوندىكى پېشقەدەم زىيالىيلاردىن تۇغلۇق ئەپەندى، چەتئەلدىكى ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ خەلقىنىڭ بېشىغا ئېغىر كۈن كەلگەندە ئۇلار بىلەن بىرگە بولۇش ئۇلارغا قولىدىن كېلىشىچە ياردەمدە بولۇش ئارزۇسىدا ياشايدىغانلىقىنى ئىپادە قىلدى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئەقەللىي ئىنسانپەرۋەرلىككە توسقۇنلۇق قىلماسلىقى كېرەك دەپ ئۈمىد قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكىدىكى پائالىيەتچىلەردىن نۇرمەمەت مۇساباي ئەپەندى بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ ئىلگىرى مارالبېشى، پەيزىۋات قاتارلىق جايلاردا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپەتلىرىدىكىدەك زور ئۆلۈم-يېتىم پاجىئەلەرنى مەيدانغا كەلتۈرمىگەن بولسىمۇ، خەۋەرنىڭ تەسىر كۈچىنىڭ ئالاھىدە تېز ۋە زور بولغانلىقى ئۇيغۇرلارنىڭ ئويغىنىشىنىڭ ئىپادىسى دەپ تەھلىل قىلدى ۋە بۇ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا ئاتلىنىشتا ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدىن ئىنتايىن ياخشى ۋە ئۈنۈملۈك پايدىلانغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

كېرىيەدە يەر تەۋرىدى، يەر بىلەن تەڭ ئۇيغۇرلار تەۋرىدى… ئۇيغۇرلار بۇ ئاپەتتىن كېيىنكى موھتاجلىقتا قالغانلارغا ئۆزلۈكىدىن قول ئۇزىتىش، قۇتقۇزۇش ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق باشقىلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيۇشچان، ساخاۋەتلىك،قەيسەر ۋە ھەقىقىي مېھرى-مۇھەببەتلىك خەلق ئىكەنلىكىنى نامايان قىلغان بولسا، ئۆز نۆۋىتىدە بىر بىرىگە ھەم«بىرلىك بولىدىكەن ھەر قانداق ئاپەتتىن ئۆتەلەيمىز دەپ زور مەدەت بەردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ۋە مەخسۇس مۇشۇ قېتىملىق يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئاتاپ كارۋان، چىمبۇلاق، ئانا تۇپراق، مىسرانىم تورلىرى ئىشلىگەن ھۆججەتلىك فىلىمدىن ئارىيە ئاڭلاپ كۆرەيلى.

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/muhit-salametlik/keriye-yer-tewresh-02182014161122.html

 

Share
1727 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.