logo

trugen jacn

كېرىيەدىكى يەر تەۋرەشتە ئاپەتكە ئۇچرىغان ئادەم سانى 5 تۈمەنگە يەتتى

deprem2شىنخۇا ئاگىنتلىقىنىڭ ئۈرۈمچىدىن 2-ئاينىڭ  14-كۈنى بەرگەن خەۋىرى؛ (مۇخبىر ماۋيۇڭ)
مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئشىلىرى ئدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپەت ئەھۋالىنىڭ ئىچكىرلەپ تەكشۈرىلىشىگە ئەگىشىپ كېرىيە ناھىيەسىدىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان ئادەم سانى 5 تۈمەنگە يەتكەن،ئەمما ئۆلۈم -يېتىم ئەھۋالى ئېنىق ئەمەس.
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى سىتاتىستىكا ئەھۋالى: 2-ئاينىڭ 14-كۈنى سائەت 8گىچە (ئۈرۈمچى ۋاقتى)ئاپەت يۈز بەرگەن خوتەن ۋىلايىتى كېرىيە،نىيە ،چىرا ،لوپ،قاراقاش، خوتەن ناھىيىسى قاتارلىق 6 ناھىيەدە58127 ئادەم ئاپەتكە ئۇچرىغان.19905 ئادەم بىخەتەر جايغا جىددى يۆتكەلگەن.1156ئائىلىنىڭ 3246ئېغىز ئۆيى ئۆرۈلۈپ چۈشكەن،5489ئائلىنىڭ 14540ئىغىز ئۆيى ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلغان،7254ئائىلىنىڭ 15782ئېغىز ئۆيى يېنىك دەرىجىدەبۇزۇلغان،2163تۇياق چوڭ كىچىك چارۋا-مال ئۆلگەن.54كۆۋرۈك،42.2كلومېتىر يول بۇزۇلغان.ئۆلۇم -يېتىم ئەھۋالى ئېنىق ئەمەس. ئاپەت ئەھۋالى ئىچكىرىلەپ تەكشۈرىلىۋاتىدۇ.
ھازىرغا قەدەر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى ئاپەت رايونىغا 500يۈرۈش چېدىر ،1500دانە يوتقان،1500دانە پاختىلىق چاپان توشىدى.540تۈمەن يۈەن ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ياردەم پۇلى ئەۋەتىپ بېرىلدى.54.4توننا ئۇن، 3550كلوگرام ماي ،610توننا كۆمۈر تۇرمۇش ماددىي بۇيۇملىرى تارقىتىلىپ ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلىقنىڭ تۇرمۇشى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇلدى،خەلقنىڭ يېمەك،كىيىم،تۇرالغۇ قاتارلىق تۇرمۇش زۆرۆرىيەتلىرى كاپالەتكە ئىگە قىلىندى.
جوڭگو قىزىل كرىست جەمىيىتىنىڭ دەسلەپكى قۇتقۇزۇش ئەشيالىرى 13-چېسلا يەر تەۋرەش مەركىزىگە ئەڭ يېقىن بولغان كېرىيە ناھىيسىنىڭ ئاتچان يېزىسى پىشكەر كەنتىگە يەتكۈزۈلدى.
2-ئاينىڭ 12-كۈنى 17دىن 19مىنوت ئۆتكەندە خوتەن ۋىلايىتىنىڭ كېرىيە ناھىيەسىدە 7.3 بال يەر تەۋرىگەنىدى .تەۋرەش مەركىزى شىمالىي ئۇزۇنلۇق 36.1گرادۇس،شەرقى مېرىدىئان82.5 گرادۇستا بولۇپ تەۋرەش چوڭقۇرلىقى1200 مېتىر.
Menbe: Tengritagh tori

Share
2075 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.