logo

trugen jacn

كۇچا ئارامەھەللە كەنتىدىكى جامائەت مەسچىت ھويلىسىدا خىتاي دۆلەت بايرىقىنى چىقىرىشقا مەجبۇرلاندى

d8830f54-48da-4112-8510-37006f342727

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 3-ئۆكتەبىر كۈنى دائىرىلەر كۇچا ناھىيە ئۈچئۆستەڭ يېزا ئارامەھەللە كەنتىدىكى مەسچىت ھويلىسىدا خىتاي دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن

بۇ مۇراسىمنى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ مەزكۇر كەنتكە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسى بىلەن كەنت پارتىيە ياچېيكىسى بىرلىكتە تەشكىللىگەن

مەلۇم بولۇشىچە، ئارامەھەللە كەنتىدىكى مەسچىت جامائىتى دائىرىلەرنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن مەسچىت ھويلىسىغا يىغىلغان. يەرلىك دائىرىلەر مەزكۇر مۇراسىمنى خىتاي دۆلەت بايرىمى بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ قۇربان ھېيتىنى كۈتۈۋېلىش يۈزىسىدىن ئېلىپ بارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن

خىتاي دۆلەت بايرىقى مەسچىت ھويلىسىغا تىكلەنگەن بايراق خادىسىغا چىقىشقا باشلىغاندا، دائىرىلەر مەسچىت جامائىتىنى بايراققا قاراپ قول قوشتۇرۇپ ھۆرمەت بىلدۈرۈشنى تەلەپ قىلغان

چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەر دائىرىلەرنىڭ مەسچىتتە ئېلىپ بارغان بۇ پائالىيىتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى ۋە ئۇلارنىڭ مەسچىت-جامە قائىدىلىرىگە قىلىنغان ئېغىر دەخلى-تەرۇز دەپ قارىماقتا

 

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/meschit-bayraq-10152014152851.html

Share
1679 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.