logo

trugen jacn

كۆرسە

 

 

قاسىم سىدىق

ئىتلار قاۋاشۇر،كارۋاننى كۆرسە

كارۋان ئېزىقماس ھايۋاننى كۆرسە

نادان دەستىدىن داناغا كۈن يوق

قۇترايدۇ شەيتان ئىنساننى كۆرسە

نادان تامچىنى ئوكيان دەپ بىلۆر

دانا تامچە دەر ئوكياننى كۆرسە

 

يۇنۇس بېلىقتىن قايتا تۆرەلدى

ئاقىل پەم قىلور ئىمكاننى كۆرسە

 

دانا بىلىمگە تويماس ئەزەلدىن

نادان داپ قىلور بىر ناننى كۆرسە

 

نادان كۆندۆزى چىراقلىق يۆرۆر

بىر ئەما دانا چولپاننى كۆرسە

نادان زىكرىدە مەنتىق،ھايا يوق

دانا ئاھ ئۇرار ناداننى كۆرسە

ئېچىنار يەنە دانا نادانغا

ناداننى مىنگەن شەيتاننى كۆرسە

2016.1،1

 

Share
1651 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.