logo

trugen jacn
25 مارت 2014

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئۇيغۇر مۇساپىرلارنى خىتايغا قايتۇرماسلىققا چاقىردى

image
تايلاند ئاخباراتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دائىرىلەر يېقىندا تايلاند ئارقىلىق تۈركىيەگە ماڭغان يەنە بىر توپ مۇساپىرنى تۇتۇۋالغان. خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى يېڭى تۇتۇلغان بۇ مۇساپىرلارنى خىتايغا قايتۇرماسلىققا چاقىردى.

يېقىندا ئۆزىنى «تۈرك» دەپ تونۇشتۇرغان بىر تۈركۈم مۇساپىرلار تايلاند ۋە مالايشىيادا تۇتۇلۇپ قالغان ئىدى. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، كۆپ قىسمىنى ئاياللار – بالىلار تەشكىل قىلغان بۇ كىشىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمىدىن قاچقان ئۇيغۇرلار بولۇپ، ئۇلاردىن 200 نەچچە كىشى تايلاندتىكى بىر ئادەم بېدىكلىرىنىڭ لاگېرىدا، 60 نەچچە كىشى مالايشىيادا تۇتۇلۇپ قالغان.

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىچە، تايلاند ھۆكۈمىتى يېڭىدىن تۇتۇۋېلىنغان ئۇيغۇر بولۇش ئېھتىماللىقى بار 112 نەپەر مۇساپىرنى خىتايغا قايتۇرماسلىققا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. تايلاند دائىرىلىرى ئۆتكەن ھەپتە تايلاند – كامبودژا چېگراسىدىكى ساكياۋ ئۆلكىسىدە يەنە 112 نەپەر مۇساپىرنى تۇتۇۋېلىپ، پايتەخت باڭكوكتىكى مەركىزى كۆچمەنلەرنى تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىغا ئاپىرىپ سولاپ قويغان. تايلاند ئاخباراتى تايلاند ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ بۇنىڭدىن سەل بۇرۇن تايلاند دائىرىلىرىگە تۇتۇلۇپ قالغان 200 نەچچە كىشىلىك مۇساپىرلار توپىغا مەنسۇپ كىشىلەر بولۇش ئېھتىمالى بارلىقىنى بىلدۈرگەن.

«بانكوك پوچتا گېزىتى» بۈگۈنكى خەۋىرىدە، بۇ 112 كىشىنىڭ مىللەت تەۋەلىكى ھازىرچە ئېنىق بولمىسىمۇ، بىراق خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ مۇساپىرلار بىلەن ئۇچۇرۇشۇپ، ئۇلاردىن 30 كىشىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىققانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئىلگىرى كامبودژا، مالايشىيا قاتارلىق دۆلەتلەر خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قارشى تۇرۇشىغا قارىماي، ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەن. قايتۇرۇپ بېرىلگەن بەزى مۇساپىرلار ئۇزۇن يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان بولسا، يەنە بەزى مۇساپىرلارنىڭ ھازىرغا قەدەر ئىز – دېرىكى ئېلىنالمىدى.

بۇ قېتىم تايلاندتىكى مۇساپىرلارنىڭ ئەھۋالى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنى ئەندىشىگە سالغان. ئۇ 21 – مارت ئېلان قىلغان باياناتىدا مەزكۇر ئورگاننىڭ ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى براد ئادامس ئاگاھلاندۇرۇپ، بۇرۇنقى ۋەقەلەر ئۇيغۇرلار خىتايغا قايتۇرۇلسا جازالىنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. تايلاند دەرھال ھەرىكەت قىلىپ، ئۇلارنى قوغداشقا، بۇ كىشىلەرنى زىيانكەشلىككە ئۇچرايدىغان يولغا سالماسلىققا كاپالەتلىك قىلىشى لازىم، دەپ تەكىتلىگەن.

كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى دوكتور سوفىيە رىچاردسون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ كىشىلەر خىتايغا قايتۇرۇلسا تەن جازاسىغا ئۇچراش ئېھتىمالى بارلىقى، ھەر قانداق كىشىنىڭ تەن جازاسىغا ئۇچراش ئېھتىماللىقى مەۋجۇت دۆلەتكە قايتۇرۇلۇشىغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ: خەلقئارا قانۇنلاردىكى قائىدىگە ئاساسەن ھېچقانداق كىشى قايتۇرۇلسا جۇلالىنىدىغانلىقىغا يېتەرلىك پاكىت بار ۋەزىيەتكە مەجبۇرلانماسلىقى كېرەك. بىز ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا مەجبۇرى قايتۇرۇلسا، تەن جازاسىغا ئۇچرايدىغانلىقىدىن ئىشەنچلىك مەلۇماتلارغا قا ئىگە. شۇڭا، بىز مۇشۇنى ئاساس قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى بىراقلا قايتۇرۇۋەتمەسلىك، ئۇلارنىڭ ئىلتىماسىنى ئادىللىق بىلەن كۆرۈپ چىقىشقا يول قويۇلۇشى كېرەك، دەپ قارايمىز، دېدى.

دوكتور رىچاردسون، كامبودژانىڭ 2009 – يىلى دېكابىردا 20 نەپەر ئۇيغۇرنى، مالايشىيانىڭ 2012 – يىلى دېكابىردا 6 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، بۇ ۋەقەنىڭ يەنە يۈز بېرىشىنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: ئۇيغۇرلارنىڭ ب د ت مۇساپىرلار ئىشخانىسىغا ئىلتىماس قىلىشىغا يول قويۇلغانلىق ياكى قويۇلمىغانلىقىغا پىكىر بىلدۈرۈشكە ئاجىزلىق قىلىمەن. چۈنكى، ئۇ يەردە نۇرغۇن ئوخشىمىغان تائىپىلەر بار. نۆۋەتتە، كىمگە يول قويۇلۇپ، كىمگە يول قويۇلمىغانلىقى تازا ئېنىق ئەمەس. بىراق بۇ يەردە يەنىلا پرىنسىپ بار. ئۇ بولسىمۇ قايتۇرۇلسا جازالىنىشىغا يېتەرلىك پاكىت بار ھەرقانداق كىشىنىڭ ئىلتىماس قىلىشىغا يولغا قويۇلۇپ، مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئىلتىماسى قانۇنلۇق ئىكەنلىكى ۋە مەجبۇرى قايتۇرۇشقا بولمايدىغانلىقىغا قارار قىلىشتۇر. ئېھتىمال، سېلىشتۇرۇپ كۆرسەك ياردىمى بولۇشى مۇمكىن، بىز 2009 – يىلى دېكابىر كامبودژادىن خىتايغا قايتۇرۇلغان 20 نەپەر ئۇيغۇر ۋە شۇنداقلا 2012 – يىلى دېكابىردا مالايشىيا خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەن 6 نەپەر ئۇيغۇر دۇچ كەلگەن ئەھۋالنى تەكرار كۆرۈشنى خالىمايمىز. يۇقىرى ھەر ئىككى ۋەقەدە ئۇلار خىتايغا قايتۇرۇلۇشتىن بۇرۇن، ئۇلارنىڭ ئىلتىماسى تولۇق كۆرۈپ چىقىلمىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى چەتئەلگە قېچىپ چىققان بەزى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى تېررورلۇققا چېتىشلىق، دەپ ئەيىبلەپ قايتۇرۇپ كەتكەن.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ئامانلىق ئورگانلىرى ھەتتا بەزى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى ئۈستىدىن ساختا تېررورلۇق دېلوسى ياساپ چىققان.

خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەر تايلاندتىكى مۇساپىرلارنى «تېررورلۇققا» باغلىمىغان بولسىمۇ، بىراق «بانگكوك پوچتا گېزىتى» بۈگۈنكى خەۋىرىدە خىتاي ساقچىلىرىنىڭ تايلاند دائىرىلىرىگە ئەسكەرتىپ، بەزى مۇسۇلمانلارنىڭ تۈركىيەگە قورال ئىشلىتىشنى ئۆگىنىشكە بارىدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ قايتىپ كېلىپ، خىتايغا قارشى بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتى ۋە تېررورلۇق ھۇجۇمغا قاتنىشىشنى ئويلايدىغانلىقىنى ئېيتقان.

«بانگكوك پوچتا گېزىتى» نىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ساقچىلىرى يەنە بەزى تايلاندلىق دىنىي زاتلارنىڭ تۈرك ھۆكۈمىتىگە خىزمەت قىلىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ خىتاي چېگراسىدىن قانۇنسىز چىقىشىغا ياردەم قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

تۈرك ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭغا قانداق ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقى مەلۇم ئەمەس. لېكىن ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تايلاندتىكى مۇساپىرلار خىتايغا قايتۇرۇۋېلىشتىن ئەنسىرەپ، ئۆزلىرىنى«تۈرك» دەپ تونۇشتۇرغان بولۇشى ئېھتىمال. خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مەدەنىيەت، تىل، دىنىي، سىياسىي ۋە باشقا جەھەتلەردىكى باستۇرۇش سىياسىتى ئۇلارنى قانۇنسىز يوللار ئارقىلىق چەتئەلگە قېچىپ چىقىشقا مەجبۇر قىلماقتا ۋە ئۇلارنى رادىكاللىشىشىغا مەجبۇرلىماقتا.

دوكتور سوفىيە رىچاردسون، ھازىرقى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى كىشىنى پەۋقۇلئاددە ئەندىشىگە سالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ خىل قاتتىق ۋەزىيەت ئۇيغۇرلارنىڭ تېخىمۇ زور نارازىلىقىنى قوزغايدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: بىز شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىدىن داۋاملىق پەۋقۇلئاددە ئەندىشە قىلىمىز. بىز پەقەت دىنىي ئېتىقاد، مەدەنىيەت ياكى تىل ۋە باشقا كىملىك ئىپادە قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئومۇمى ۋەزىيەتتىن ئەندىشە قىلىپلا قالمايمىز. خىتاي يۇقىرى جەھەتلەردىكى ئىپادىلەرنى بۆلگۈنچىلىككە، بەزىدە تېررورلۇق ئېھتىماللىقىغا باغلاپ جازالاپ كەلدى. بىراق مېنىڭچە، ئۆتكەن يىلى كۆزدە ۋە يېقىندا كۈنمىڭ پويىز ئىستانسىسىدا يۈز بەرگەن ھۇجۇم خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «ئۇيغۇرلار قىلغان بۆلگۈنچىلىك، تېررورلۇق ھۇجۇمى» دەپ كۆرسىتىلدى. ھالبۇكى، قانداق ۋەقە يۈز بەرگەنلىكى بىزگە نامەلۇم. مېنىڭچە ھېچكىم ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلمىسە كېرەك. بىراق، بۇ ھەر ئىككى ۋەقە، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرىكىتىنى تېخىمۇ قاتتىق كونترول قىلىشىغا ياخشى باھانە بولۇپ بەردى. بىزنىڭچە، زوراۋانلىق دەرد ئېيتىشنىڭ توغرا يولى بولمىسىمۇ، بىراق بۇنى باھانە قىلىپ، خەلقنىڭ ھوقۇقىنى قاتتىق چەكلەش نارازىلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ، خالاس.

http://www.uyghurnet.org/ug/wp-admin/post-new.php

Share
2731 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.