logo

trugen jacn

كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى: ئىلھام توختى 5 يىل بولدى قاماقتا، دۇنيا ئۇنى ۋە ئۇيغۇرلارنى ئۇنتۇماسلىقى كېرەك

ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنىڭ 5 يىللىقىنىڭ خاتىرىسى. 2019-يىلى 15-يانۋار.

ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەقلىرىنى ئاشكارا تەلەپ قىلغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى 2014-يىلى 15-يانۋار كۈنى تۇتقۇن قىلىنىپ، خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن «بۆلگۈنچىلىك ۋە مىللىي قۇتراتقۇلۇق» جىنايىتى ئارتىلىپ، شۇ يىلى 23-سېنتەبىر كۈنى مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى. 2019-يىلى 15-يانۋار رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بېيجىڭدىكى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى خۇ جىيا ئەپەندى ۋە گېرمانىيەدىكى «ئىلھام توختىنى قوللاش گۇرۇپپىسى» نىڭ مەسئۇلى ئەنۋەرجان ئەپەندىلەر دۇنيانى ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەقلىرىنى ئاشكارا تەلەپ قىلغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنى ۋە ئۇيغۇرلارنى ئۇنتۇپ قالماسلىققا چاقىردى.

ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنىڭ 5 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، 2008-يىللىق خەلقئارا «ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتى» ساھىبى بېيجىڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى خۇ جىيا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.

خۇ جىيا ئەپەندى بايانىدا، 2014-يىلى 15-يانۋار تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن، «بۆلگۈنچىلىك ۋە مىللىي قۇتراتقۇلۇق» جىنايىتى ئارتىلىپ، مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان ئىلھام توختىنىڭ تۈرمىدە يېتىۋاتقانلىقىغا 5 يىل بولغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، دائىرىلەرنىڭ ھەر خىل چەكلىمىسى ۋە جىددىيلەشكەن ئۇيغۇر رايونى ۋەزىيىتى سەۋەبلىك 3 يىلدىن بۇيان ئائىلىسى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن كۆرۈشۈش ئىمكانىيىتىدىن مەھرۇم قىلىنغان ئىلھام توختىنىڭ تۈرمىدىكى ئەھۋالىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

خۇ جىيا مۇنداق دېدى: «ئۈچ يىلدىن بۇيان گۈزەلنۇر ۋە بالىلار ئىلھام توختىنى يوقلىيالمىدى. بىز ئۇنىڭ بۇ ئۈچ يىلدىكى ئەھۋالىنىڭ قانداقلىقىنى بىلمەيمىز. بۇ ئۈچ يىلدا ئۇ ئورۇقلاپ كەتتىمۇ، قېرىپ كەتتىمۇ، سالامەتلىكى تېخىمۇ ناچارلاشتىمۇ؟بۇلارنى بىز بىلمەيمىز. ھازىر ئۇ ئائىلىدىكىلەرنىڭ خەتلىرى ۋە ئەۋەتكەن رەسىملىرىنى تاپشۇرۇۋېلىشتىن مەھرۇم قىلىنغان ھالەتتە. چۈنكى، بۇلارنىڭ ھەممىسىگە شىنجاڭنىڭ جىددىيلەشكەن ۋەزىيىتى سەۋەب بولدى، ئۇنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭمۇ ھازىر جىددىيلىك ۋە دەككە-دۈككىدە ياشاۋاتقانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىش تەس ئەمەس. مېنىڭ ھازىرقى يەنە بىر ئەندىشەم شۇكى دائىرىلەر خۇددى ليۇ شاۋبو ئەپەندىگە زىيانكەشلىك قىلغىنىغا ئوخشاش ئىلھام توختىغا قارىتا ئاستا خاراكتېرلىك ئۆلتۈرۈش ۋاسىتىسىنى قوللىنىشى ئېھتىماللىقىدۇر. مانا بۇ مەسىلە مېنى ئەڭ ئەنسىرىتىدۇ. چۈنكى ئۇلار ئىلھام توختىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرى ۋە ئىستىقبالىدىكى قانچىلىك مۇھىم بىر شەخس ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتى. دائىرىلەرنىڭ مەنپەئەت قارىشى نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئەگەر ئىلھام توختى ئەركىنلىككە ئېرىشىپ قالسىلا ئۇ ئۆز خەلقى بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ ئازادلىق ئۈچۈن كۈرەش قىلىشىنى خالايدۇ!».

خۇ جىيا ئەپەندى بايانىدا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى خىتاي خەلقى ۋە دۇنياغا ئاڭلىتىشتا كۆۋرۈكلۈك رولىنى ئوينىغان، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشتىكى ئاۋازى بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى ئاشكارا تەلەپ قىلغان ئۇيغۇر زىيالىيسىنى قاماش ئارقىلىق، ئەمەلىيەتتە پۈتكۈل ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاۋازىنى ئۆچۈرۈش مەقسىتىگە يەتمەكچى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

خۇ جىيا ئەپەندى دائىرىلەرنىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىتىنى تەسۋىرلەپ، ئىلھام توختىلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل ئۇيغۇر خەلقىنىڭمۇ ئەمەلىيەتتە بىر چوڭ تۈرمىدە ياشاۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى: .

«مېنىڭ ھېس قىلىشىمچە، ئىلھام توختىنىڭ ھازىر قاماقتىكى ۋەزىيىتىنى، ئۇنىڭ ئاۋازى چەكلەنگەن، ئۇنىڭ ئۇرۇق-تۇغقان ۋە قېرىنداشلىرى بىلەن كۆرۈشۈشتىن چەكلەنگەن ھالىتىنى ئەمەلىيەتتە پۈتكۈل ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھازىرقى كۆرۈنۈشى دېيىش مۇمكىن. يەنى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ جۇڭگودىن ئىبارەت بۇ زېمىندا، كومپارتىيەنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا ئىككىنچى دەرىجىلىك پۇقراغا ئايلاندۇرۇلغانلىقى، مەھبۇسقا ئايلاندۇرۇلغانلىقىنىڭ كارتىنىسى دېيىش مۇمكىن».

ئىلھام توختى ۋە ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە ئۆز ئەندىشىسىنى بىلدۈرگەن خۇ جىيا ئەپەندى يەنە ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيەنى ياقىلايدىغان دېموكراتىك دۆلەتلەر ۋە خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلھام توختى ۋەزىيىتى ۋە ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىنى داۋاملىق سۈرۈشتۈرۈشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

15-يانۋار ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنىڭ 5 يىللىق مۇناسىۋىتى بىلەن «خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى»، «ئىلھام توختىنى قوللاش گۇرۇپپىسى» قاتارلىق بىر قىسىم تەشكىلاتلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىمۇ بايانات ئېلان قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى ئىلھام توختىنىڭ ئەھۋالىغا جىددىي كۆڭۈل بۆلۈش ۋە ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىگە دىققەت قىلىشقا چاقىردى.

گېرمانىيەدىكى «ئىلھام توختىنى قوللاش گۇرۇپپىسى» نىڭ مەسئۇلى ئەنۋەرجان ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئىلھام توختىنىڭ تۈرمىدىكى ۋەزىيىتىنى داۋاملىق سۈرۈشتۈرۈش ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى جىددىي ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلۈش، ئۇنىڭ ئەڭ تېز ۋاقىتتا ئەركىنلىككە چىقىشى ئۈچۈن ئىلھام توختىنى ھەر خىل خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتلىرىغا نامزات قىلىپ كۆرسىتىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ: «ھېچ بولمىغاندا ئىلھام توختىنىڭ تۈرمىدىكى ئەھۋالىنى داۋاملىق سۈرۈشتۈرۈش، خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىش ئارقىلىق، ئۇنىڭ تۈرمىدىكى ۋەزىيىتىنى ياخشىلاشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىش كېرەك» دەپ بىلدۈردى.

بېيجىڭدىكى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، ئىقتىسادشۇناس ئىلھام توختى، ئۆزى قۇرغان «ئۇيغۇربىز تور بېكىتى» دە ئېلان قىلغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ماقالىلىرى ۋە خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى ۋەزىيىتىنى ئاڭلىتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەقلىرىنى ئاشكارا تەلەپ قىلغان ئىدى. بۇ سەۋەبتىن ئۇ 2014-يىلى 15-يانۋار كۈنى بېيجىڭدىكى ئۆيىدىن تۇتقۇن قىلىنغان ۋە شۇ يىلى 23-سېنتەبىر كۈنى خىتاي سوت دائىرىلىرى ئۇنىڭغا «بۆلگۈنچىلىك ۋە مىللىي قۇتراتقۇلۇق» جىنايىتىنى ئارتىپ، ئۇنى مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلغان ئىدى. خەۋەرلەردىن ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ جازا مۇددىتىنى ئۈرۈمچىدىكى سىياسىي مەھبۇسلار قامىلىدىغان 1-تۈرمىدە ئۆتەۋاتقانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى.

 

Share
31911 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.