logo

trugen jacn

كور ۋىجداننىڭ قۇربانلىرى ئۇيغۇرلار

Liberty_by_Aecter

م.ئازات

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزدا 60 يىلدىن بەرى مودىدىن قالماي ئىشلىتىلىپ كەلىۋاتقان،ھازىرمۇ ئەڭ مودا بىر شۇئار بار ”ئىچكى،تاشقى دۈشمەن كۈچلەر“.60 يىل ئالدىدا يۇرتىمىزدا توغۇلغان بىر بوۋاق بۇ شۇارنى ئاڭلاپ توغۇلدى.چوڭ بولدى،قەرىدى.ئامما بۇ   شۇئار قەرىمىدى

بۇ ”ئىچكى،تاشقى دۈشمەن كۈچلەر“مودىسى ئۆتۈپ كەتمەيدىغان،ھەر قانداق بىر قورالغا سەلىپ ئاتقىلى بولىدىغان،زەربە بەرىش،يوقۇتۇش كۈچى كۈچلۈك ئوقتۇر
بۇ ئوق كىمگە قارىتىلىپ ئەتىلىدۇ؟تاشقىرىدا بىر دۈشمەنگە ئەتىلغىنىنى كۆرمىدۇق،تۇيمىدۇق.ئىچكىرىدە داۋاملىق ئەتىلىدۇ.كىمگە؟ ئۇيغۇرغا ئەتىلىدۇ

ئۇيغۇرلارنى قورقۇتۇش،بويسۇندۇرۇش،كاللىسى ئىشلەيدىغان،قولىدىن ئىش كىلىدىغانلىرىنى يوقۇتۇش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان بىر ۋاستا ”ئىچكى تاشقى دۈشمەن كۈچلەر“ .تاشقى دۈشمەننىڭ نىمە ئىكەنلىگىنى بىلمەيدىغان نۇرغۇن قەدىردان كىشىلىرىمىز،“تاشقى دۈشمەننىڭ ئىچىمىزدىكى گۇماشتىسى“ سۈپىتىدە يوقۇتۇلدى.مەن بۇ ماقلەمنى يەزىۋاتقان مۇشۇ مىنۇتتىمۇ يوقۇتىلىۋاتىدۇ

كىملەر تەرىپىدىن؟يۇرتىمىزدا، شوۋىنىست چوڭ مىللەتچىلىك ئىدىيىسىدىن ئىبارەت زەھەر بىلەن زەھەرلەنگەن ۋىجدانى كور بىر قىسىم كىشىلەر تەرىپىدىن

ۋىجدان كورلىغى بارلىق شوۋىنىست مىللەتچىلەردە،ئەرىقچىلاردا بار بولغان ساقايماس بىر روھى كەسەلدۇر.ئۇلار، ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى مىللەتلەرنىڭ كۆز يەشى،ئاھۇ-زارلىرىدىن ھۇزۇرلىنىدۇ.ئۇلار،قەقىقەتنى ئاڭلاشقا قولىغى گاس،ھەقىقەتنى كۆرۈشكە كۆزى كور ئىنسانلار

قولىدا قورال ۋە ھوقۇق بولغان ۋىجدانى كورلارنى ياخشى گەپلەر بىلەن،ئادالەتكە دەۋەت قىلىش بىلەن تۈزۈتىش مۇمكىن ئەمەس

تارىختىن بىر-ئىككىمىسال بىرەي

X                                          X                                X                             X
ئامەرىكىنىڭ 16.پرىزدەنتى ئابراھام  لىن كولىن  1861.يىلى پرىزدەنلىككە سايلانغاندا،قۇللۇق تۈزۈمىنى بىكار قىلىش تەشەببۇسىنى ئورتىغا قويغان ئىدى.ئامەرىكىدىكى ۋىجدانى كور سىياسەتچىلەر،جەنۇپتىكى تەكساسنى مەركەز قىلغان بىر قانچە شىتاتنى ئامەرىكىدىن بۆلۈپ چىقىرىپ،“ئاقلارنىڭ خوجايىن،قارىلارنىڭ قول ”بولۇشى مەڭگۈلۈك ئۆزگەرتىلمەيدىغان تۈزۈم قىلىپ ئاساسى قانۇنلىرىغا كىرگۈزگەن ئىدى.ئامىرىكىدىكى ئىچكى ئۇرۇش،قارىلارنىڭ ھوقۇقىنى بىرىش-بەرمەسلىك توغرىسىدا كەسكىنلىشىپ ئاقلار ئىككىگە بۆلۈنۈپ ئۇرۇشقان ئىدى

ئابراھام لىن كولىن،ئىچكى ئۇرۇش داۋام قىلىۋاتقان،ھۆكۈمەت ئىچىدە مۇخالىپ كۈچلەر شىددەتلىك ھۇجۇم قىلىۋاتقان،ئايالى ھەققىدە ئەغىزغا ئالغۇسىز پەس ئىغۋالار توقۇلىۋاتقان،12 ياشلىق ئوغلى ۋىللىە ۋاپات بولغان ئەڭ ئەغىر شارايىت ئىچىدىمۇ،مللىەتلەرنىڭ ئەركىنلىگى ئۈچۈن كۈرەشتىن ۋازكەچمەستىن،1863.يىلى،1.ئاينىڭ 1.كۈنى مەشھۇر بولغان تارىخى نۇتقى ”ئەمانچىپاتىون پروچلاماتىون“ (ئەركىنلىك خىتاپنامىسى)نى دۇنياغا ئەلان قىلغان ئىدى

جەنۇپتىكى ئەرىقچى،رادىكال مىللەتچىلەرنىڭ كونتىرولى ئاستىدىكى رايونلارنى 1865.يىلى ھەربىي ھەركەت ئارقىلىق قايتۇرۇپ ئالدى.بىراق،ئابراھام ،لىن كولىن 1865.يىلى،3ئاينىڭ 14.كۈنى ئاق تەنلىك شوۋىنىست چوڭ مىللەتچىلەرنىڭ ۋەكىلى جوھن ۋىلكەس بووتھ تەرىپىدىن تىياتىر كۆرۈۋاتقان تىياتىرخانىدا ئەتىپ ئۆلتۈرۈلدى

بۇ،ئاق تەنلىك ئەرىقچى،شۇۋىنىست مىللەتچىلەرنىڭ،ئىنساننى،ئىنسان ،دەپ ئىتىراپ قىلىشنى رەت قىلغۇچى كۆر ۋىجدانى تەرىپىدىن يارىتىلغان تارىخى پاجىيە ئىدى

ئابراھام لىن كولىن،نىڭ ئۆلۈمىدىن 100 يىل كەيىن ئامەرىكىدىكى ئەرىقچىلىق تۈزىمى،دۆۋلەت قانۇنلىرىدىن تامامەن تازىلىنىپ تۈگىتىلدى

X                                        X                                        X                       X

ماھاتما گەندى پۈتۈن ئۆمۈر بۇيى ھىندىستان خەلقىنىڭ ئەركىنلىگى ئۈچۈن كۈرەش قىلدى. ھىندىستان مۇسۇلمانلىرى،مۇسۇلمانلارنىڭ ھىندىستاندىن ئايرىلىپ ئايرىم دۆۋلەتكە ئىگە بولغاندىلا بەخىتلىك بولالايدىغانلىغى توغرىسىدا گەندىنى قايىل قىلدى.ھىندىستان، ھىندىستان ۋە پاكىستان دىن ئىبارت ئىككى دۆلەتكە ئايرىلىپ مۇستەقىللىق ئەلان قىلدى

ماھاتما(ئۇلۇغ روھ)گەندى،ھىندىستاننىڭ شوۋىنىست چوڭ مىللەتچىلىرىنىڭ ۋەكىلى بولغان ناتھۇرام گودسە ئىسمىدىكى بىر سۈيقەستچى تەرىپىدىن،1948.يىلى 1.ئاينىڭ 30.كۈنى يەڭى دەھلىدىكى ئۆيىنىڭ باغچىسىدا ئۆلتۈرۈۋەتىلدى

 

گەندىنىڭ بىر قانچە ئەقلىيە سۆزىنى ئوقۇپ قويۇڭ؛

بىر ئادەم راستىنلا ئۇخلاۋاتقان بولسا ئويغاتماق مۇمكىندۇر.ئەگەر ئۇخلىماي،ئۇخلىغان قىياپەتكە كىرىۋالغان بولسا،ئۇنى ئويغۇتۇش ئۈچۈن ئالەمشۇمول تىرىشچانلىق كۆرسەتسىڭىزمۇ ھەممىسى بىكارغا كەتىدۇ

بۇ دۇنيادا شۇنداق ئاچ ياشاۋاتقان ئادەملەر باركى،تەڭرى،ئۇلارنىڭ كۆزىگە بىر پارچە ناننىڭ شەكلىدە كۆرۈنىدۇ

دۇنيادا سىز كۆرۈشنى خالىغان ئۆزگۈرۈشنىڭ ئۆزى سىز بولۇڭ

دۇنيادا ۋىجدانىمدىن باشقا ھەچكىمدىن قورقمايمەن

سۆيگۈ ھەر زامان ئازاپ چەكىدۇ.ئامما،رەنجىمەيدۇ،ئىنتىقام ئەلىشقا تەرىشمايدۇ

سۆيگۈ بولسا ئىنسانلارغا خاس،زوراۋانلىق بولسا ھايۋانلارغا خاس قانۇندۇر

تۈگۈلگەن مۇشت بىلەن قول ئەلىشىپ كۆرۈشكىلى بولمايدۇ
ماھاتما گەندى

X                                      X                                 X                            X

شوۋىنىست چوڭ مىللەتچىلىك ۋىجداننى كور قىلغۇچى كىسەللىكتۇر

جۇڭگودىمۇ كومىنىستىك پارتىيەنىڭ سىلىرتارى،دۆلەت باشلىقى خۇياوباڭنى كور ۋىجدان يوقۇتىۋەتتى. خۇ ياۋباڭنى جۇڭگونىڭ دۆلەت قانۇنى قوغداپ قالالمىدى.ئۇيغۇرلارنىڭ بەزى جاسارەتلىك زىيالىلىرى چارىسىزلىق ئىچىدە دۆلەت قانۇنى،ئاپتونومىيە قانۇنىنىڭ ئىجىرا قىلىنىشىنى تەلەپ قىلىپ ئاز-تۇلا ئاۋازىمىزنى چىقىرىۋاتىمىز.خۇ ياۋباڭ،جاۋ زىياڭغا ئوخشاش دۆلەت باشلىقلىرىنى قوغداپ قالالمىغان قانۇنلار،بىزدەك ئىگە-چاقىسىز ئۇيغۇرلارنى قوغداپ قالارمۇ؟ بىزمۇ ھەممىنى بىلىمىز.ئامما،قان تۆكۈشمەي ھەق-ھۇقۇقىمىزغا ئىرىشىشنى ئارزۇ قىلغانلىقىمىز ئۈچۈن بۇ تەلەپلەردە بۇلۇۋاتىمىز
بۇگۈنكى جۇڭگودا ھاكىمىيەت ئىنتايىن كۈچلۈك.ئۇلار ئۆزىنىڭ كۈچىگە ھەددىدىن ئارتۇق ئىشىنىدۇ.سوۋىتلەر ئىتتىپاقى يىقىلىشتىن بىر كۈن بۇرۇنمۇ،بۇگۈنكى جۇڭگودىن نەچچە ھەسسە كۈچلۈك ئىدى.قولىدا 15500 ئاتوم بومبىسى بار ئىدى.نىمە  ئۈچۈن يىقىلدى.خەلققە ئەمەس،كۈچىگە ئىشەنگەنلىگى ئۈچۈن

جۇڭگودا بىر كۈنى ،كور ۋىجدانلارنى كەپەنلەپ يەرلىگىدە قويىدىغان ئابراھام  لىن كولىن،ماھاتما گەندى، مىخاىل گورباچوپلار چىققۇسى

مىللىي مەسىلە ئاسان ھەل بولىدىغان مەسىلە ئەمەس.مللىي ئادالەت ،چوڭ مىللەتلەر تەرىپىدىن تىلىگەنگە،ئۇلار ئالدىدا كۆز يەشى تۆكۈپ يالۋارغانغا بەرىۋەتىلىدىغان سەدىقە ئەمەس

يۇرتىمىزدىكى سىياسى ھاكىمىيەت ۋىجدانى كور كىشىلەر تەرىپىدىن كونترول قىلىنماقتا.ئۇلار ھاكىمىيەت بەشىدا بولغان مۇددەتچە ئۇيغۇرلارنىڭ كۆز ياشلىرىنىڭ توختىشى، تەقدىرىدە ئۆزگۈرۈش بولۇشى مۇمكىن بولمايدىغاندەك تۇرىۋاتىدۇ

بىزنى باشقۇرۇۋاتقانلاردا ۋىجدانى كورلۇق بار.ئۇيغۇرلاردىچۇ؟
ئۇيغۇرلاردا ئەقىل كورلۇغى بار.خوددى،كۆزى كۆرمەيدىغان ئەما كىشىلەردەك،ئەتىراپتا بولۇۋاتقان ئىشلارنى كۆرمەيدۇ.داۋاملىق قراڭغۇلۇق ئىچىدە تەشۋىش بىلەن ياشايدۇ.ئۆتمۈشىدىن،بۈگۈنىدىن،كەلگۈسىدىن خەۋەرسىز

ۋىجدان كورلىغى باشقىلارغا زىيان ئەلىپ كەلىدۇ،ئەقىل كورلۇغى بولسا ئىنساننىڭ ئۆزىگە زىيان ئەلىپ كەلىدۇ

”ئىچكى،تاشقى دۈشمەن كۈچلەر“  شۇئار داۋاملاشقان مۇددەتچە،ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ۋۇجۇدىدىن ئەقىۋاتقان قانلار توختىمايدۇ

ھەممىنى ھىس قىلىپ تۇرۇپ كۆرمەسلىك،ياكى كۆرمىگەندەك تۇرۇۋەلىش مىللىي ھاياتىمىزنى ئۇزارتىشقا يەتىدىغان چارە ئەمەس

ئۈرۈمچىدە ھاكىمىيەتنى كونترول قىلىپ تۇرىۋاتقانلار پەقەتلا بىزنى كۆرمەيدۇ.ئۇلارنىڭ ۋىجدانى پەقەت بىزنىڭ بارلىغىمىزنى ھىس قىلمايدۇ.بىزنىڭ يىغا،دات-پەرياتلىق ئاۋازلىرىمىز ئۇلارنىڭ قولىغىغا  يىقىملىق مۇزىكا بولۇپ ئاڭلىنىدۇ
ئۇلار ئۆزلىرىنى سۆيىدۇ،بىزدىن نەپرەتلىنىدۇ.ئۆزلىرىنىڭ بالىلىرى ئۈچۈن بەخىتلىك كەلەچەك،بىزنىڭ بالىلىرىمىز ئۈچۈن قاراڭغۇ گۆر ھازىرلايدۇ
نىمە ئۈچۈن?چۈنكى،ئۇيغۇرلار،بۇ زىمىن بىزنىڭ ئىدى“ دىگەنلىگى،بالىلىرىنىڭمۇ شۇنداق يەيدىغانلىغى ئۈچۈن
بىزنى باشقۇرىۋاتقانلارنىڭ تۈپ سىياسى يۈنۈلۈشى؛بۇ زىمىندا يەر ئۈستىدە مىدىرلاپ يۈرگەن بىزنى,  بىزگە ئاىت بولغان ھەر نەسرسىنى يۇقۇتۇپ،يەر ئاستىكى بايلىققا ئىرىشىش.گۇيا،ئۇيغۇرلار بۇ نىشاننىڭ توسالغۇسى دەپ قارالماقتا

ئۇيغۇر مىللىتى،كۆر ۋىجداننىڭ قۇربانى بولماقتا

ئازاپتىن قۇتۇلۇش، بىزنىڭ ئويغۇنىشىمىزغا،ياكى ئۇخلىغاندەك تۇرۇۋەلىشىمىزدىن ۋاز كەچىشىمىزگە مۇناسىۋەتلىك

2009. 06 .24
بۇ ماقالە ئۆز ۋاختىدا ۋەتەن ئىچىدىكى كۆپ تورلاردا ئىلان قىلىنغان

Share
2158 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.