logo

trugen jacn

كوراش ئاتاخان: ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر تىلى ھەققىدە ئويلىغانلىرىم

كوراش ئاتاخان

 

ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر تىلى ھەققىدە ئويلىغانلىرىم

 

بۇگۈن خەلقارا ئانا تىل بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەتىقادىنىڭ جىددىي خەتەرگە دۇچ كەلگەنلىكىدىن ئىبارەت نازۇك تەما ئۈستىدە ئازراق ئويلىنىپ قالدىم.

تىل-يەزىق بىر مىللەتنىڭ مىللىي مەۋجۇتلىقىنىڭ ھۇل تەشى. ئەمما ئۇنۇتماسلىق كەرەككى ئەگەر ئۇيغۇر تىلى ۋە يەزىقى مىللىي ئەدىئولىگىيىمىزدىن چەتنەپ كەتكەن بولسا ئۇنىڭ كەلتۈرۈپ چىقارغان بوشلۇقۇنى تولدۇرماق ئاسان ئەمەس. ئۇيغۇر تىلى ۋە يەزىقى مىللىي ئەدىئولىگىيىمىزدىن چەتنەپ كەتكەن بولسا، ئۇ ھالدا مىللىي تىل-يەزىقىمىزنىڭ بار بولغىنى مىللىي مەۋجۇتلىقىمىزنى قوغداپ قەلىشتا ئۆزىنىڭ ئىجابىي رولىنى كەسكىنلىك بىلەن ئوينىيالماي قالىدۇ.

دۇنيادىكى باشقا مىللەتلەرگە ئوخشاشلا بىز ئۇيغۇرلارنىڭ تىل-يەزىق، ئۆرپى-ئادەت، دىنىي ئەتىقات، ئىلىم-پەن، ئەدەبىيات-سەننەت، پەلەسەپە، ئىقتىسات ۋە باشقا تەرەپلەردىن مىڭ يىللاردىن بەرى شەكىللەڭەن ئۆزىمىزگە خاس بىر ئەنەنىسى بار. بۇ ئەن-ئەنە ئىلگىركى ھەرقانداق دەۋىردىكىگە قارىغاندا تەخىمۇ كۈچلۈك تەقەززا بىلەن بەيىتىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا مۇھتاج بولىۋاتىدۇ.

دۇنيا تەرەقىياتىغا ئەگىشىپ مىللىي مەدەنىيىتىمىزدە جۈملىدىن ئەدىئولوگىيمىزدە يەڭى-يەڭى ھادىسىلەر كۆپۈيىۋاتقان بولسىمۇ، ئۇ مىللىي تەپەككۇرىمىزنىڭ شاللىشىدىن ئۆتكۈزۈلمىگەنلىكى ئۈچۈن خۇددى ئەخلەت دۆۋىسىدەك مىللىتىمىزنىڭ كوللىكتىپ پىسسىخىك ۋە مەنىۋىي ساغلاملىقىغا ئەكىس تەسىر كۆرسۈتىۋاتىدۇ.

بىز ئۇيغۇرلار گەرچە ھەر تۈرلۈك سەۋەپلەردىن مەدەنىيەت ساھەسىدە بەزى ئىلگىرلەشلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بولساقمۇ، يات ۋە يەڭى پىكىرلەرنى ۋە ئەتىقات ھادىسىلىرىنى ئەمىلىيىتىمىز ۋە ئەھتىياجىمىزغا ئۇيغۇن بىر تەرەپ قىلالمىدۇق.باشقا مىللەتلەردىن سىياسىي، ئىقتىساد ۋە مائارىپ قاتارلىق تەرەپلەردە بارغانچە ئارقىدا قالغانلىقىمىزدىن، مىللىتىمىز ھازىرقى زامان دۇنيا تەرەققىياتىغا ماسلىشىپ بولالماي خەلقىمىز ئادەمنى چۆچىتىدىغان جىددىي رىقابەت قاينىمىدا قايمۇقۇپ قالدى.

مۇشۇنداق بىر ۋاقىتتا مىللىتىمىزنىڭ مىللىي ماۋجۇتلىقىنى ھەقىقى قوغداپ قالىدىغان زامانىۋىي پىكىر ۋە ئىددىينى ئىشلەپچىقىرىپ، مىللىتىمىزنى قۇدرەت تاپقۇزىدىغان توغرا يولنى تەپىش بىز زىيالىلارنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان ئۇلۇغۋار ۋەزىپىمىز.

كىشىلەرنىڭ نىمە دەيىشىدىن قەتىي نەزەر، پەقەت ئىددىيەلا دۇنيانى ئۈزىل-كەسىل ئۆزگەرتىۋەتىدۇ – دەپتىكەن ئەڭىلىز دانىشمەنى روبىن ۋىلليامىس. روبىن ۋىلليامىس بۇ ھەقتە توغرا ئەيتىدۇ. مۇئەللەسەپ كۈنىمىزدە ئۇرۇش مەيدانلىرىدا ئەمەس بەلكى پىكىر مەيدانلىرىدا تەخىمۇ كۆپ قان تۆكۈلىۋاتىدۇ. قۇدرەتلىك مىللەتلەر يەنى ئەڭىلىزلار، گەرمانلار ۋە يەھۇدىيلار ئۇيغۇرلار ئۇ ياقتا تۇرسۇن ھەتتا ھىندى، ئەرەپ ۋە خىتايغا ئوخشاش ئارقىدا قالغان باشقا خەلىقلەرنىمۇ يەڭىدىن قۇرۇپ چىقىۋاتىدۇ.ئۇلار دۇنيانىڭ يەڭى كۈن تەرتىبى پروجەكتىگە تەھدىت بولۇش ئىھتىمالى بولغان خەلىقلەرنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، دىننى سۈيىستىمال قىلىپ قارشىلىق كۆرسۈتىۋاتقان ئىسيانچىلارنى ئىتتىپاقداش كۈچلەردىن پايدىلىنىپ يوقۇتىۋەتىپ بارىدۇ، ياكى ئىشەنچلىك دەپ قارالغان خەلىقلەرگە قوشۇۋەتىپبارىدۇ.

ۋەتىنىمىز خىتاي مۇستەملىكىسىگە چۈشۈپ قالغان بىر ئەسىرگە يەقىن ۋاقىتتىن باشلاپ تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر، بىرلەشكەن مىللەتلەر تەشكىلاتى، ئاۋروپا ئىتتىپاقى ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قاتارلىقلار ئىللۇمىناتى دەپ ئاتالغان مىللەتتىن، دىندىن ۋە يەرلىك مەدەنىيەتلەردىن ھالقىغان قاراڭغۇلۇقتىكى سىرلىق كۈچ، دەپ قاراپ كەلىڭەن ئەلىم-پەن ۋە تەخنولوگىيەنى پۈتۈنلەي مونوپول قىلىۋالغان، قولىنى نەرگە سۇنسا يەتىدىغان ئەشۇ خەلقارالىق تەشكىلاتنىڭ كونتروللىقىدا تۇرىۋاتىدۇ.

غەرىپتىكى ۋە شەرىقتىكى سىياسىيونلار، مىلياردەرلار ۋە ئالىملار ئىللۇمىناتى تۈزگەن يەر شارى خاراكتەرلىق ئىستراتەگىيلىك پىلانلىرىنىڭ تۈرتكىسىدە دۇنياۋىي يەڭى تەرتىپنى ئورنۇتۇش ئۈچۈن قانچە يۈز يىلدىن بەرى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا پائالىيەت قىلىپ كەلدى. ئۇيغۇر قەشقەرىيە دەۋلىتىنى، بىرىنچى ۋە ئىككىنچى جۇمھۇرىيىتىمىزنى يىقىتقانلار خىتايلار ئەمەس، ئەشۇ خەلقارالىق تەشكىلات ئىدى. ئۇلار ئۆزىگە تەھدىت بولىدىغان پان تۈرۈكچى ۋە پان ئىسلامچى مىللەتلەرنى ئارقا-ئارقىدىن يىقىتىپ، شەرىقنىڭ كەسەل كۆرپىللىرى دەپ ئاتالغان خىتاينى يۈلەپ تۇرغۇزۇپ، خىتايلارنىڭ بۇگۈنكىدەك گۈللىنىشىگە ئىمكان يارىتىپ بەردى. بىز پەخىرلىنىدىغان نوبەل مۇكاپاتى ئىللۇمىناتىلار تەرىپىدىن بەرىلىدۇ!

ئىللۇمىناتىلار دۇنيانى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن تۆمۈر قۇراللار ئەمەس، خۇددى بومبىدەك كۈچلۈك پىكىر ۋە ئىددىيەلەر كەرەك، دەپ قاراپ، دۇنياۋىي خاراكتەرلىق مائارىپ ۋە تەرەققىياتقا مەبلەغ سەلىپ، دۇنيانى ئىدارە قىلىشنىڭ يەڭى يوللىرى ھەققىدە كۈرەش قىلىۋاتىدۇ.

ئىللۇمىناتىلار مۇئەييەن بىر ئەتنىك توپلۇققا، دىنغا ياكى مەدەنىيەتكە مەنسۇپ ئەمەس بولۇپ، دۇنيا مىللەتلىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن غايەت زور خەلقارالىق مۇرەككەپ تەشكىلاتتۇر! ئىللۇمىناتىيلار ئوخشىمىغان ئەرىق، دىن ۋە مەدەنىيەتكە تەۋە سەرخىل ئادەملەردىن تەشكىللەڭەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ دۈشمىنى يات بىر مەدەنىيەت، بىر دىن ياكى بىر خەلىق ئەمەس، بەلكى ئاز-كام بەش ئەسىردىن بەرى يولغا قويۇلۇپ كەلىنىۋاتقان دۇنياۋىي يەڭى تەرتىپ پروگراممىسىغا قارشى سەپتە تۇرغانلاردۇر!

تەرەققىي قىلغان مىللەتلەر، ۋە سەرمايىسى قانچە مىليارتتىن ئاشىدىغان خەلقارالىق گىگانت فىرمىلار ئىللۇمىناتى دەپ ئاتالغان دۇنياۋىي كۈچلەرنىڭ يار-يۈلەك بولىشى ئارقىسىدا مىللەتلەرنى، ئۆزلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئۇيغۇن شەكىلدە قايتىدىن تەرتىپكە تۇرغۇزىۋاتىدۇ. ئىللۇمىناتى دىنىي ئەتىقاتلارنى، يەرلىك ئەدىئولوگىيلەرنى باشقىچە قىلىپ ئەيىتقاندا دۇنيانى، ئاسىيانى جۈملىدىن بىز ئۇيغۇرلارنىمۇ ئۆزگەرتىپ قۇرۇپ چىقىۋاتىدۇ.بىز بولساق بۇنى بىلمەستىن، خىتاي قاتارلىق ئاتا دۈشمەنلىرىمىز ۋە ئوتتۇرا شەرىقتىكى مىللىي مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن بىزنى كوزۇر قىلىپ ئوينايدىغانلارنىڭ ئاستىرىتتىن ئورۇنلىغان مۇزىكىللىرىغا كەلسە-كەلمەس دەسسەپ ئۇسسۇل ئويناپ، يەر شارىدىكى ھەرقانداق دەۋلەت ۋە تەشكىلاتلاردىنمۇ يوقۇرى ئورۇندا تۇرىدىغان دۇنيا ئىتتىپاقى (دۇنيا دەۋلىتى) نىڭ قانچە يۈز يىللىق پىلانلىرىغا قارشى ئات چاپتۇرۇشقا ھەرىسمەن ھالدا ياشاۋاتىمىز!بۇنداق كەتىۋەرسەك پىشانىمىزدىكى قۇللۇق تامغىسى ئۆچۈپ كەتىش ئۇ ياقتا تۇرسۇن، ھەتتا بىر مىللەت سۈپىتىدە يەر شارىدىن يوق بولۇپ كەتىمىز!

پۈتۈن دۇنيادىكى ئىلىم-پەن مۇئەسسەسىلىرى، ئۇنىۋەرسىتىلار، ئىنىستەتۇتلار ۋە ئاكادەمىيەلەر، ئەسكىرىي قوشۇنلار ۋە چوڭ خەلقارالىق فىرمالارنىڭ ھەممىسى يولغا قويغان يەر شارى خاراكتەرلىق پروجەكتلەر، ئوخشىمىغان مەدەنىيەت، دىن ۋە تىل يەزىققا ئىگە يەرلىك خەلىقلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغاچقا، ئۇلارغا قارشى بەزىدە روھانىيەتچىلىك، بەزىدە مەدەنىيەت يەكلىمىچىلىكى، بەزىدە ئەرىقچىلىق تۈسىنى ئالغان قۇراللىق ئىسيانلار باش كۆتۈرىدۇ.

بەزىدە بۇ خىل ئىسيانلارنى ئىللۇمىناتىلار ئۆزلىرى پىلانلاپ، نۆۋەتتىكى زەربە نىشانى قىلىنغان رايونلارغا بەسىپ كىرىدۇ. ئۇيغۇرلار سوۋەتلەر ئىتتىپاقى تارقىلىپ كەتىشتىن ئاۋال ۋە كەيىن تەكرار-تەكرار مانا مۇشۇنداق ھادىسىلەردە دۇنياۋىي كۈچنىڭ ئەمەس، مەھەلىۋىي كۈچلەرنىڭ سېپىدىن يەر ئەلىپ قالغانلىقى ئۈچۈن، دايىم سىياسەتتىن ئىبارەت قىمار سورۇنىدا ئۇتتۇرىۋەتىۋاتىدۇ. ئاۋال تۈرۈكلەرگە، ئاندىن سوۋەتلەرگە، ئاندىن ئەرەپلەرگە ئارقىدىن ئامەرىكىغا سوزۇلغان ئۈمىد قوللىرىنىڭ ھاۋادا لەيلەپ قەلىشلىرى، مىللىتىمىزنىڭ بىلىمسىزلىكى، نادانلىق ۋە خۇراپىيلىقىدىن باشقا نەرسە ئەمەس!

كەيىنكى ئىككى يۈز يىلدىن بەرى ئۇيغۇرلار خەلقارادىكى يوقارقىدەك قۇتۇپلارنىڭ سۈركۈلىشى جەريانىدا ئارقا-ئارقىدىن خاتا زاماندا، خاتا كۈچلەر بىلەن خاتا مەيدانلاردا تۇرۇپ قالغانلىقىدىن ھازىرغا قەدەر مىللىي مۇستەقىللىقىمىزغا ھىچ بولمىغاندىمۇ تىبەتلەرچىلەك نىسبىي مۇستەقىللىقىمىزغىمۇ ئەرىشەلمىدۇق. بۇنداق بولىشىدىكى ئاساسىي سەۋەپ تىنىمىزدىكىسى، تىلىمىزدىكىسى بىر بولغىنى بىلەن ئەڭ مۇھىمى دىلىمىزدىكىسى بىر بولمىغانلىقىدىندۇر.

بىز ئۇيغۇرلار قارماققا بىر مىللەتتەك كۆرۈڭىنىمىز بىلەن ئەدىئولوگىيە جەھەتتىن ھىلى خىتايلارغا، ھەلى ئەرەپلەرگە، ھەلى رۇسلارغا، ھەلى ھىندىيلارغا، ھەلى مۇڭغۇللارغا ئوخشاپ قالغانلىقىمىزدىن ئىشلار ئىلگىرى باسمىدى. خەلقارادا جىددىي ئۆزگۈرۈش بولۇپ، مەزلۇم مىللەتلەرنىڭ بەشىغا ئامەت قاردەك ياغقاندا بىزنىڭ بەشىمىزغا كۈلپەت ياغدى.

بىزنىڭ سىياسىي تەقدىرىمىزگە تەسىر كۆرسۈتىۋاتقانلار، مىللىي ئىستىقبالىمىز ھەققىدە بىزگە پايدىلىق پىكىر قىلماي، بىزنى خىتاي، رۇس، ئەرەپ، ھىندىي… ۋە شۇنىڭدەك باشقا خەلىقلەرنىڭ قوشۇمچىسى قاتارىدا كۆرۈپ مۇئامىلە قىلدى.ئۇلار بىزدىكى بىلىمسىزلىك، دىتسىزلىق، خۇراپاتلىق ۋە نادانلىقنى كۆرۈپ، خىتاينىڭ قىلغانلىرى، قىلىۋاتقانلىرى ۋە قىلماقچى بولغانلىرى توغرائىكەن، دەپ قالدى. دەموكراتىيە ۋە كىشلىك ھوقۇق، دەپ جار سالىدىغان قاراڭغۇلۇقتىكى ئەشۇ كۈچلەر خەلقارا ئۇيغۇر كىرزىسىنى بىر تەرەپ قىلىشتا بىزگە پايدىلىق ئەمەس، خىتايغا پايدىلىق يول تۇتتى.

ئىللۇمىناتىنىڭ خەلقارا ئەمپەرىيالىزىم قانىتى مىللىتىمىزنىڭ ئىچىدىن چىققان زىيالىلارنى ۋەتەن ئىچى ۋە سىرىتىدا خىتاينىڭ بىزنى قايتىدىن ئۆزىگە قوشۇۋەلىش ئاخىرىدا ئاسسىلىماتسىيە قىلىپ ئەرىتىۋەتىش ئىستىراتەگىيسىگە ئۇيغۇن ھەركەت قىلىشقا مەجبۇرلاپ، چارىسىز، ئىگە-چاقىسىز، نادان ئاۋام-خەلقىمىزنى زاۋاللىق ئاقىۋىتى ئاللا بۇرۇن پىلانلانغان خەلقارا ئىسلامىي جىھات سەپىگە ئىتتىرىۋاتىدۇ! ئۇلارنىڭ مەقسىدى دەرھال ھوشۇمىزنى تاپمىساق قانچە مىڭ يىللىق شانلىق تارىخقا ئىگە ئۇيغۇرلارنى توپىدەك سورۇپ بىر قىسمىنى خىتايلارغا، بىر قىسمىنى ئەرەپلەرگە، بىر قىسمىنى ئاجىز تۈركىي قەۋىملەرگە قوشۇۋەتىپ قاراپ ئولتۇرۇشتىن باشقا نەرسە بولماي قالىدۇ.

مەدەنىيەتلەر، دىنلار ۋە ئەتنىك توپلۇقلارنى سۈيىستىمال قىلغان قاراڭغۇلۇقتىكى كۈچلەر ئىنسانىيەتكە يەڭى-يەڭى كىرزىسلارنى بەخشەندە قىلىپ، ئاجىز مىللەتلەرنى جۈملىدىن ئۇيغۇر مىللىتىنى پىكىر تەرەپتىن ئۆزىگە لايىقلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىپ چىقىش ئۈچۈن شەيتاندەك ھەركەت قىلىۋاتىدۇ.دۈشمەنلىرىمىز ئىگە-چاقىسىز دۇنياغا سورۇلۇپ كەتىۋاتقان خەلقىمىزنى ئەرقىي، دىنىي ۋە مەززەپ شەكلىنى ئالغان شىكەر يالىتىلغان يامان غەرەزلىرى ئارقىلىق ئالداپ ۋە تالان-تاراج قىلىپ ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ئۇنتۇلدۇرۇپ، ئۇلۇغۋار مىللىي غايىللىرى ئۈچۈن بىر قەدەممۇ ماڭالمايدىغان ھالغا چۈشۈرۈپ قويدى!

ئۇزاق مۇساپىلىك ئويلىغاندا ئۇيغۇرلار خەلقارادا ئۇچراۋاتقان تەھدىتلەر، خىتاي مۇستەملىكىسى ئاستىداكى ئۇيغۇرىستاندا ياشاۋاتقان خەلقىمىزنىڭكىدىن ئانچە كۆپ پەرىقلىنىپ كەتمەيدۇ.ھەر ئىككىسىنىڭ ئاقىۋىتىدە ئوخشاشلا يوقۇلۇپ كەتىشتىن ئىبارەت يامان ئاقىۋەت كۆرۈنۈۋاتىدۇ. بۇ تەرەپتىن قارىغاندا مىللىتىمىز خۇددى ئىشغال ئاستىدىكى ۋەتىنىمىزدىكىگە ئوخشاشلا ھۈر دۇنيادا يەنى چەت-ئەللەردىمۇ ئەغىر تىراگەدىيەلىك جەريانلارنى باشتىن كەچۈرمەكتە.دىققەت قىلمىساق ھالىمىز تەخىمۇ يامان بولىدۇ.

ئىلگىرى مىللىتىمىز دۇنياغا ئانچە تونۇلمىغان ئىدى. ھازىر ھەر تۈرلۈك سەۋەپلەردىن دۇنياغا تونۇلۇشقا باشلىدۇق.ئىنسانىيەت ئۆزىنىڭ تەركىۋىدىكى ئۇيغۇر دىگەن ئەتنىك تۈركىي توپلۇقنى يەقىندىن كۈزۈتۈپ، بىزنىڭ ئارتۇقچىلىقىمىز بىلەن كەمچىلىكىمزگە باھا بەرىۋاتىدۇ.دۇنيانى باشقۇرىۋاتقانلار ھىچ بولمىغاندا كەلىچەكتە باشقۇرىدىغانلار بار. ئۇلار مىللەتلەرگە خۇددى بىر شەخىسكە باھا بەرگەندەك باھا بەرىدۇ. ئۇلار ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق مەنپەئەتلىرى، دۇنيا تىنىچلىق ۋە ئىلىم-پەننىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن نىمىنى خالىسا قىلالايدۇ. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە پۈتكۈل ئىنسانىيەت ۋە يەر شارى ئۇلارنىڭ مۈلۈكى. بىز ئۇيغۇرلار ئۇلارنىڭ نەزىرىدە پىلانلىرىغا ئۇيغۇن كەلسەك ئىنسان، كەلمىسەك نەرسە ياكى مال!ئۇلار ۋەتىنىمىزنى، يەر ئاستى ۋە ئۈستى بايلىقلىرىمىزنى ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق مۇلىكى ھەساپلايدۇ.ئۇلار ئويلاپ، ئۇيغۇرلار مۇستەقىل بولسا بىزگە قانچىلىك پايدىسى بار، خىتايلارغا بەقىنسا قانچىلىك زىيىنى بار، دەپ مۇزاكىرە قىلىپ، ئەرقىي ۋە دىنىي تەرەپتىكى پەيلىمىزنىڭ يامانلىقىدىن ۋىجدانسىز، تەسلىمچى ۋە قۇل مىجەز خىتايلارنى تاللىۋەلىش ئارقىلىق، ئۇزاقتىكى ماددىي مەنپەئەتلىرىنى قوغداپ قالىدۇ!

ئىللۇمىناتى خەلقارا جامائەتچىلىك ئورتاق قوغداۋاتقان يەر شارى خاراكتەرلىق چوڭ تەشكىلات بولۇپ، ھەرقايسى دەۋلەتلەرنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىي فورمۇلاسى ئۇلار تەرىپىدىن تۈزىلىدۇ. ئۇلار تەكىتلەۋاتقان „مەدەنىيەتلەر ئارا ھەمكارلىق، دىنلار ئارا دىيالوگ“ ئەلبەتتە دۇنياۋىي تىنچلىق، دوستلۇق ۋە تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئوتتۇرغا ئەتىلغان! دۇنياۋىي يەڭى تەرتىپكە قارشى تۇرغان شەخىس ۋە دەۋلەتلەرنىڭ ئوتتۇرا شەرىقتە قانداق ئاقىۋەتلەرگە قالغانلىقى ھەممىمىزگە مەلۇم. دۇنيا سەرخىللىرى بىزنى دۇنياۋىي ئەقىمغا قارشى، ئەنىق مەۋقەسى يوق، ئىنسانىيەتنىڭ دۈشمىنى دەپ قاراپ، بىزگە ھەسىداشلىق قىلماي نەپرەتلەنسە، ياردەم قىلماي ئۆز مەنپەئەتلىرىنى نەزەردە تۇتۇپ، دۈشمەن مىللەتلەرنىڭ ئارىسىغا قوشىۋەتسە، خەلقىمىزنى ھەر خىل شەكىلدە بۆلۈپ تارقىتىۋەتىپ، پىكىر دۇنياسىمىزنى ئىگىلىۋالسا بۇ ۋەتەننىڭ ئىشغال ئاستىغا چۈشۈپ قالغانىدىنمۇ بەتتەر يامان ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

بىرقانچە يىدىن بۇيان ۋەتەندىن باشلانغان قاچ-قاچتىن كەيىن، مەزلۇم مىللىتىمىزنىڭ ۋەتىنى خىتايلار تەرەپىدىن مۇستەملىكە قىلىنغىنى يەتمىگەندەك، ئوخشىمىغان دەۋلەتلەردىكى دۈشمەن كۈچلەر مىللىتىمىزنىڭ روھىي دۇنياسىغا ھۇجۇم باشلىدى! ۋەتەن ئىچى ۋە سىرىتىدا يىتەكچى بىر ئىددىيە، يەتەكچى بىر كۈچ ۋە ئورتاق بولغان يەتەكچى غايە بولمىغاچقا، خەلقىمىز گەرچە ئورتاق بىر تىلنى قوللىنىۋاتقان بولسىمۇ، پىكىر ۋە دۇنياقاراش تەرەپتىن بارغانچە پارچىلانىپ كەتىۋاتىدۇ.

دەمىسىمۇ ئۇيغۇرلار ھازىر بىر تىلدا سۆزلەيدىغان، قانداش ۋە ئورتاق ئۆرپى-ئادەتكە ئىگە خەلىق تۇرۇقلۇق، سىياسىي بەسىم، چەتكە قەقىلىش، مەدەنىيەت ساپاسىدىكى پەرىق، ئىتىقات جەھەتتىكى نىزاھلار ۋە يەرلىك مىللەتلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچراش نەتىجىسىدە ئۆز-ئارا باشقا مىللەتلەردەك مۇئامىلە قىلىشىدىغان بولۇپ قالدى.سىياسىي، ئىقتىسادىي، دىنىي ۋە سوتسىيال گورۇپپىلارنىڭ ئارىسىدىكى پەرىق بىنورماللىشىپ، كوللىكتىپ مىللىي پىسسىخولوگىيىمىزدە كەسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشكە باشلىدى.

خەلقارادا بىزگە ئايىت يۈز بەرىۋاتقان تۈرلۈك ھادىسىلەر سەۋەبىدىن مىللىتىمىزنى بىلىدىغانلارنىڭ كۆپۈيىشىگە ئەگىشىپ، خەيىم-خەتەرمۇ پاراللىل ھالدا كۈچىيىشكە باشلىدى. مىللىتىمىز چەكىدىن ئاشقان خىتاي زۇلۇمىدىن قەچىپ، دۇنيادا ئۆز-ئارا پەرىقلىق بولغان 100 دىن ئارتۇق دەۋلەت ۋە رايونغا چەچىلىپ كەتتى.ۋەتەنسىز ۋە باش-پاناسىز قالغان سەرگەردان خەلقىمىز دىنى ۋە تىلى بىزگە يەقىن ھەم يىراق بولغان ئەمما يات بىر ئەدىئولوگىيە ھۆكمارانلىقىدىكى مىللەتلەرنىڭ ئارىسىدا ياشاۋاتىدۇ. يات ئەلدە ئۇيغۇرلار يەرلىك خەلىقلەرگە ماسلاشقانچە باشقا رايونلاردا ھەتتا ۋەتەندە ياشاۋاتقان قەنى، تىلى، يەزىقى، ئۆرپى-ئادىتى ۋە خۇي پەيلى ئوخشاپ كەتىدىغان ئەتنىك قەرىنداشلىرى يەنى ئۆز مىللىتىدىن بارغانچە ياتلىشىپ كەتىپ بارىدۇ.

قەنى، تىلى، يەزىقى، دىنى ۋە ئۆرپى-ئادەتلىرى ئوخشاش تۇرۇپ بۇ ياتلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان ئاساسىي ئامىل، ئۇلارنىڭ بۇ خىل كىرزىسقا قارشى ئۆزىگە خاس ئىددىيسىنىڭ بولماسلىقىدىن قايناقلىنىۋاتىدۇ. دۇنيادا دىنىي ۋە پەننىي جەھەتتىن نۇرغۇن توغرالار بار، بۇ توغرىلار – ھەتتا ئىسلامىي ئەھكاملارمۇ شۇنىڭ ئىچىدە- ئۇيغۇرلارنىڭ تەپەككۇرى بىلەن تاسقىلىپ، پىششىقلاپ ئىشلەپچىقىرىلغاندىن كەيىن قوبۇل قىلىنماي، ئەكسىنچە غەرىپلىكلەرنىڭ، شەرىق ۋە ئوتتۇرا شەرىقلىقلەرنىڭ تەپەككۇر ئەندىزىلىرى ئاساسىدا چالا ۋە دوگما ھالدا قوبۇل قىلىنغان بولسا تىل-يەزىقىمىز ئورتاق بولغان بىلەن ئىش-ھەركىتىمىز بىر-بىرىمىزنى ئىنكار قىلىدىغان تەخىمۇ خەتەرلىك دۈشمەڭە ئايلىنىمىز-دە ياغى ياندىن، بەلا قەرىنداشتىن دەگەندەكلا ھادىسە يۈز بەرىدۇ.

قاتتىق ئەپسۇسلىنىش ئىچىدە شۇنى ئەيتىمەنكى، بىز ئۇيغۇرلار ئاللىبۇرۇن بىر مىللەتنى شەكىللەندۈرىدىغان ئەڭ ئاساسلىق بىرقانچە ئامىلدىن مەھرۇم قالدۇق. ئۇيغۇر دەگەن ئىسمىمىزلا قالغاندەك بولۇپ قالدى، ئورتاق پىكىر ۋە ئىددىيمىزنى ئەغىر بوران-چاپقۇنلارغا بەرداشلىق بەرەلىگۇدەك ئىنشا قىلالمىدۇق. مىللىي مۇستەقىللىق ھەركىتىمىز خۇددى خىتاي تاجاۋۇزچىللىرى زەھەرخەندىلىك بىلەن ئەيىتقاندەك “بىر ئۇچۇم يامان نىيەتتىكى كىشىلەرنىڭلا قىلىدىغان ئىشى” بولۇپ قالدى. مەدەنىيەت دەپ يات مەدەنىيەت ۋە دىنىي ئەقىملارنى مەنبەگە قاراپ باقماي قارا قويۇق قوبۇل قىلىپ، رەڭگىمىز، تەلەتىمىز، يۈرۈش-تۇرۇشىمىز ۋە پىكىرىمىز ئەجداتلىرىمىز ئۇ ياقتا تۇرسۇن، بۇگۈنكى كۈندىمۇ ئۆز-ئارا ياتلىشىپ كەتتى. مىللىتىمىزنىڭ بىر قىسمى ئەرەپلەرنىڭ پان ئەرەپچىلىكى ئۈچۈن گۇماشتىلىق قىلىدىغان، بىر قىسمى خىتايلارنىڭ ئەتنىك كەڭەيمىچىلىكى ئۈچۈن ئاسىيلارچە قۇربان بەرىدىغان، بىر قىسمى ئۆلەر-تىرىلىشىگە قارىماي غەرىپتىكى خىتاي بىلەن ئەغىز-بۇرۇن يالىشىپ ھەمكارلىشىۋاتقان دۈشمەن كۈچلەرنىڭ غالچىلىقىنى قىلىدىغان بولۇپ كەتتى. خەلقىمىزنىڭ ئارىسىدا مىللىي ئىستىقبالىدىن گۇمانلىنىپ، ئۈمىتسىزلىك پاتقىقىغا پەتىپ، بىر-بىرى بىلەن ئىتتىپاقلىشالمايدىغان باش-باشتاق، باشچىسىز، يەتەكچىسىز ھالەتتىكى، ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدىكى ناتونۇش ۋە قورقۇنچلۇق مىللىي كىرزىس پاتقىقى پەيدا بولدى.

ئىددىيلەر دۇنياسىدا يۈز بەرىۋاتقان شىددەتلىك ئۇرۇشلاردا تولا چايقىلىپ، روھىي ۋە جىسمانىي تەڭپۇڭلىقىمىزنى يوقۇتۇپ قويىۋاتامدۇق قانداق؟! دۇنيا مىللەتلىرى ھەرگىز كۆرۈڭەندەك ئەمەس. دۇنيادىكى قۇدرەتلىك مىللەتلەر باشقا ئەرىقتىكى، باشقا دىنلاردىكى ۋە باشقا ئەدىئولوگىيەدىكى مىللەتلەرنىڭ ئىچىدىكى ئاجىز خەلىقلەرنى ۋە ئايرىم ساندىكى كىشىلەرنى سەتىۋەلىپ – ئۇلارنى ئىستراتەگىيلىك پىلانلىرى ئاساسىدا تەشكىلاتلاندۇرۇپ، مىللىي ئەڭىمىزدىكى مەنىۋىي تەرىتورىيىمىزگە كەڭەيمىچىلىك قىلماقتا.

خەلقارا ئەمپەرىيالىزىمى تەشكىلاتلاندۇرۇلغان مىللەتلەرنى بەزىدە ئەشۇ يەرلىك مىللەتنىڭ ئۆزىگە قارشى، بەزىدە ئۆزلىرىنىڭ مەنپەئەتلىرىگە پۇتلىكاشاڭ بولىدىغان كۈچلەرگە قارشى ئىشقا سەلىۋاتىدۇ. شۇڭا قەرىنداش ياكى دىنداش دەپ ئالدىنىپ يۈرۈۋەرمەستىن، قانداق دىنداش، قانداق قەرىنداش، قانداق دوست دەپ ئۆزىمىزدىن سورىشىمىز ۋە ئويلىشىمىز، ياتلارنىڭ نەرسىللىرىنى مىللىي يول باشلىغۇچىللىرىمىزنىڭ يەتەكچىلىكىدە، مىللىي تەپەككۇر غەلۋىرىمىزدىن ئۆتكۈزۈپ قوبۇل قىلىشىمىز، ۋاقتىنچە مەنپەئەتلەرنى دەپ، مىللىي ئىستىقبالىمىزنى ئوتقا تاشلاشتىن بار كۈچىمىز بىلەن ساقلىنىپ قەلىشىمىز لازىم!

مىللىتىمىز ئاللابۇرۇن ئۆزى بىلمەيدىغان كۈچلەرنىڭ يەقىن ۋە ئۇزاقتىن كونتۇرۇل قىلىشىغا مارۇز قالدى.بۇ كۈچلەرنىڭ ئەڭ چوڭى مىللىتىمىزنى يەڭى دۇنيا تەرتىۋىگە ئۇيغۇن ياشاشنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ.مىللىتىمىز ئىنسانىيەت تەرەققىياتىغا قارشى، رايون خاراكتەرلىق مەنپەئەتلەر قازىنىدا قايناۋاتقان، ئارقا كۆرۈنىشى نامەلۇم بولغان قانداش ۋە دىنداش كۆرىنىدىغان يامان كۈچلەرنىڭ تەسىرىدىن قۇتۇلۇپ، خەلقارا جامائەتچىلىك بىلەن توغرا بولغان بىر مەتودتا ھەمكارلاشمىغاچقا ھەسسىلەپ بەدەل تۆلەپ كەتىۋاتىدۇ. بىز خەلقىمىزنىڭ مىللىي تەغدىرى مەسەلىسىدە ئۇ ياكى بۇ ئەمەس، پەقەت ئۆزىمىز بولماي تۇرۇپ، خىتاي زۇلۇمىدىن قۇتۇلۇپ، سىياسىي جەھەتتىن قەددىمىزنى تىكلىيەلمەيمىز.شۇڭا قازىنى ۋە مورىسى باشقا بولغان قانداشلىرىمىز ۋە دىنداشلىرىمىز بىلەن بولغان ھەر تۈرلۈك مۇناسىۋەتلەرنى ئازاتلىق كۈرەشلىرىمىز ۋە مىللىي ئىستىقبالىمىزغا ئۇيغۇن شەكىلدە پىلانلىشىمىز ئىنتايىن مۇھىم.

ئارىمىزدىكى خەلقارا ئەمپەرىيال كۈچلەرىنىڭ تۇتامىدىن خاتا خۇلاسە چىقىرىۋالغان، مەھەلىۋىي دىنىي ۋە ئەتنىك ئىسيانلارنىڭ شاخشاخچىللىرى ئارقا كۆرۈنىشى دىنداش ياكى قانداش بولغان مەنبەسى نامەلۇم سىياسىي كۈچلەرنىڭ قول-چوماقچىلىرىغا ئايلىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ جانىجان مەنپەئەتلىرىنى خىتايلار باشتا ئەرەپلەر، ئەڭىلىزلار، رۇسلار ۋە نەزەر دايىرىسى تار بىر قىسىم تۈركىي خەلىقلەرنىڭ داستىخىنىدىكى لوخ گۆشكە ئايلاندۇرۇپ قويىۋاتىدۇ.

شۇنىڭدەك پايدىسىز ھادىسىلەر ئاقىۋىتىدە مىللىي ۋە تارىخىي دۈشمەنلىرىمىز، يەنى دۈشمەن كۈچلەر ۋە مىللىي مۇناپىقلار ئۇيغۇر خەلقىنى ئۆز نەپسى ئۈچۈن دەسسەپ ئۆتۈدىغان كۆۋرۈككە ئوخشۇتۇپ ھەركەت قەلىۋاتىدۇ!خەلقارا كۈچلەر، مىللىي دۈشمەنلىرىمىز ۋە بىزنى كوزۇر قىلىپ ئويناۋاتقانلار، بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇقەددەس بولغان ئۈممەتچىلىك، ۋەتەنپەرۋەرلىك، ئەرىقچىلىق ۋە مىللەتچىلىك ھەس-تۇيغۇلىرىدىن ئۇستىلىق بىلەن پايدىلىنىپ، ئىككى پۇتىمىزنى كۆتۈرۈپ تارتقۇسىز بالا-قازالار پاتقىقىغا پاتۇرۇپ قويدى.

پەردە ئارقىسىدىكى بۇ بىر توپ پايدىسىز كۈچلەرنىڭ بەزىللىرى بىلەن بىرلىشىپ، بەزىللىرىنى يەڭىشىمىز لازىم!بىزنى دىنىي ۋە ئەتنىك قەرىنداشلىق بايرىقىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ ئالداۋاتقانلار، داۋايىمىزغا زىيان سەلىۋاتقانلار ۋە ئارىمىزدىن چىققان سەتىلما ماڭقۇرتلار بىلەن يەر شارى خاراكتىرلىق تىل-بۈرۈكتىرىپ، مىللىتىمىزنى بىز خالىغان شەكىلدە دۇنياۋىي يەڭى تەرتىپ ئاساسىدا ئەمەس بەلكى ئۆزلىرى خالىغان شەكىلدە خەمىردەك يۇغۇرۇپ، شەخسىي غەرەزلىرى ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلىدىغان قۇربانلىققا ئايلاندۇرۇپ قويىشىنىڭ ئالدىنى ئەلىشىمىز لازىم!

بىز تىل، دىن، ئەخلاق ۋە مەدەنىيىتىمىزدىن بەرپا بولغان ئۇلۇسال دۇنيامىزنى ئۇلار ئىستىمال قىلىۋاتقان دىن، ئەكسىيەتچى پەلەسەپە ۋە پاشىستىك سىياسەتلەر بىلەن ئەمەس، ئەجداتلىرىمىزدىن ھەر خىل يوللار بىلەن بولۇپمۇ فولكلور ۋە يازما ئەدەبىيات ئارقىلىق مىراس قالغان بىباھا ئەڭۈشتەرلەر ئارقىلىق قوغداپ قەلىشنىڭ يوللىرىنى تاپالايمىز!

تەجىربىلەر ئىسپاتلىدىكى ئاتا مىراس ۋەتىنىمىزدە ۋە ئۇيغۇرلار تارقىلىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا مىللىي مەدەنىيەتىمىز، ئۆرپى-ئادەتىمىز ۋە تىل-يەزىقىمىزسىز مىللىي ماۋجۇتلۇقىمىزنى جۈملىدىن ئازاتلىق ھەركىتىمىزنىڭ پوتىنسىيال كۈچىنى قوغداپ قالالمايمىز! مىللىتىمىزنى بارلىق كىرزىسلاردىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن خەلقىمىز „نەتىجە قازانغان ئۇيغۇرلار“، دەپ پەخىرلىنىپ تۇرۇپ تەرىپلەۋاتقان ئاكادەمىك قارا كۆزلەرنىڭ ۋەزىپىسى ھەممىدىن ئەغىر! بۇ مەنىدىن ئەلىپ ئەيىتقاندا ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى دۇنياۋىي ماددىي ۋە مەنىۋىي ئوزۇقلارنى مىللىتىمىز يەتىشتۈرۈپ چىققان نەتىجە قازانغان، يوقۇرى دەرىجىلىك تەربىيە كۆرگەن پەم-پاراسەتلىك زىيالىلارنىڭ، ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى قانچە-مىڭ يىللىق تەجرىبە-ساۋاقلار ۋە مىللىي ئەنەنىلىرىمىزنىڭ ئۆلچەملىرى ئاساسىدا خەلقىمىزگە يەتكۈزۈپ تۇرىشىدىنمۇ توغرا يول يوق! خەلقىمىز بولۇپمۇ ئاكادەمىك ئىنسانلىرىمىز ھەرقايسى ساھەلەردە قانات يايدۇرىلىدىغان ۋەتىنى، مىللىتى، تىلى ۋە دىنىنى قوغداش كۈرىشىدە، مىللىي مەنپەتلىرىمىزنىڭ تۈۋرۈگى بولغان مىللىي ئىرادىمىز تەرەپتىن كەلىۋاتقان مۇقەددەس ئاۋازغا جىددىي قۇلاق سەلىشى كەرەك!

21.02.2017 گەرمانىيە

Share
1138 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.