logo

trugen jacn

كانادا باش مىنىستىرى ترېدو: بىز خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى ھەرىكىتىنى توختىتىشقا چاقىرىمىز

Ä°lgili resim

كانادا باش مىنىستىرى جاستىن ترېدو «تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقى» نىڭ 30 يىللىق خاتىرە كۈنى خىتاي كىشىلىك ۋەزىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان قىلمىشىنى توختىتىشقا چاقىرغان. 

بۇ جاستىن ترېدونىڭ تۇنجى قېتىم خىتاينى ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ئۇنىڭ قىلمىشىنى توختىتىشقا ئۈندىشىدۇر. ترېدو بۇنىڭدىن بۇرۇن ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىلغا ئالغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ بۇ مەسىلىدە خىتايغا قارىتا بەك يۇمشاق پوزىتسىيە ئىپادىلەش بىلەن ئەيىبلىنىپ كەلگەنىدى. كانادا «يەر شارى خەۋەرلىرى» تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جاستىن ترېدو مۇنداق دېگەن: «بىز خىتاينى كىشىلىك ھوقۇققا، نارازىلىق بىلدۈرۈش ھوقۇقى، ئىپادە ئەركىنلىكىگە، ھۆرمەت قىلىشقا، خىتاينىڭ غەربىدىكى ئۇيغۇرلاردەك ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارشى ھەرىكىتىنى توختىتىشقا داۋاملىق چاقىرىمىز».

ترېدو بۇ سۆزلەرنى 4‏-ئىيۇن كۈنى كانادانىڭ ۋانكوۋېر شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر پائالىيەتكە قاتناشقاندا مۇخبىرلارنىڭ «تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقى» نىڭ 30 يىللىق خاتىرە كۈنى ھەققىدىكى سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە تەكىتلىگەن. ترېدو يەنە «خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىكى خاھىشىغا قارىتا بىزنىڭ رېئال ئەندىشىمىز بار. مەن ھازىرغا قەدەر قىلىپ كەلگەندەك بۇ مەسىلىنى خىتاي رەھبەرلىكى بىلەن داۋاملىق بىۋاسىتە ياكى ئىتتىپاقداشلىرىمىز بىلەن ۋاسىتىلىك سۆزلىشىپ، ھازىرقىدەك خاتىرىلەش كۈنلىرىدە كىشىلىك ھوقۇققا تېخىمۇ ياخشى ھۆرمەت قىلىشنى ۋە ئۇنى ئىلگىرى سۈرۈشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېگەن. ترېدونىڭ سۆزىنىڭ كېيىنلا كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كرىستيا فرېلەند يازما بايانات ئېلان قىلىپ، «تيەنئەنمىن ۋەقەسى» نىڭ 30 يىللىقىنى خاتىرىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ باياناتتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سۈكۈتنى بۇزۇپ، مەزكۇر ۋەقەدە ئۆلتۈرۈلگەن، تۇتقۇن قىلىنغان ياكى ئىز دېرەكسىز غايىب بولغانلارنى ئاشكارىلىشىنى تەلەپ قىلغان. كرىستيا فرېلەند باياناتىدا ئۇيغۇرلارنى تىلغا ئالمىغان بولسىمۇ، لېكىن خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق پرىنسىپلىرىغا ھۆرمەت قىلىشى، ئادالەتسىز ۋە خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنغانلارنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. كانادانىڭ باياناتى ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتى خۇاۋېي شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى مىڭ ۋەنجونىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى سەۋەبلىك قاتتىق يىرىكلىشىپ كەتكەن بىر مەزگىلدە ئېلان قىلىندى.

https://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/kanadada-uyghur-mesilisi-06052019163952.html
Share
1712 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.