logo

trugen jacn

قەھرىمانلارنىڭ قەھرىمانى گۈلنارخانىمنى تۇنۇمسىز؟

Gülnar-Toxti-niyaz        گۈلنار توختىنىيازخانىم

مەھمەتىمىن ھەزرەت

بۇگۈن 16.ئىيۇل.ئۈرۈمچى ئورتا سوت مەھكىمىسى 13 نەپەر ئۇيغۇرغا ئۆلۈم جازاسى بىرىپ ئىجىرا قىلىنغانلىقىغا بىر ئاي توشتقان كۈن.ئۆتكەن ئاي-يەنى 16.ئىيۇن كۈنى ئۆلۈمگە ھۈكۈم قىلىنغانلار ئارىسىدا مىللىي رەھبەر،مىللىي قەھرىمان ھۈسەنجان ھۇشۇر “28.ماي تىيەنئەنمىن ۋەقەسىنى پىلانلىغۇچى” دەپ ئىيىپلىنىپ ئۆلۈم جازاسىغا ھۈكۈم قىلىنغان ئىدى.مەرھۇم شىھىتنىڭ ئايالى،ئىككى بالىسىنىڭ ئانىسى بولغان گۈلنار توختىنىيازخانىم مۇددەتسىز (ئۆمۈرۋايەت) قاماق جازاسىغا ھۈكۈم قىلىندى.

مەن بۇگۈن،ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ۋىجدانى،زامانىمىزنىڭ نۇزۇگۈمى-گۈلنار خانىم توغرىسىدا ئىگە بولغان مەلۇماتىمنى ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئورتاقلىشىشنى خالىدىم.
X                                        X                                                 X                              X
بىر كۈن ئاخشىمى ھۈسەنجان ھۇشۇر خۇپتەن نامىزىدىن كىيىن،ئايالى گۈلنار خانىم ۋە ئىككى بالىسى بار ياتاقخانىغا كىردى.6 ياشلىق ئوغلى، بىر يىرىم ياشلىق قىزى مىشىلداپ ئۇخلاۋاتاتتى.گۈلنارخانىم تاتلىق ئۇخلاۋاتقان بالىلىرىغا تويماي قاراپ ئولتۇراتى.ئۇ،ئىرىنىڭ كىرگەنلىكىنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈمسىرىدى.ھۈسەنجان؛ بالىلار ئۇخلاپ قاپتۇ،دىدى.گۈلنار بىشىنى لىڭشىتتى.ھۈسەنجان “ساراي ئۆيگە چىقايلى” دىگەن مەنادا بىشى بىلەن ئىشارەت قىلدى.ئۇلار سارايغا چىقتى،ئولتۇردى.ھۈسەنجان ئولۇغ-كىچىك نەپەس ئالغاندىن كىيىن؛ گۈلنار،ساڭا دەيدىغان مۇھىم بىر گىپىم بار”دىدى.

     گۈلنار بىراز تەشۋىشلەنگەندەك بولدى؛ “بىر ھەپتىدىن بىرى بىر گەپ دەيدىغاندەكلا،ئامما دىيەلمەي تۇرىۋاتىلا” دىدى.

    ھۈسەنجان “ سىنى ياخشى كۈرۈپ ئالدىم.ھازىرمۇ سىنى، سەن تۇغۇپ بەرگەن شۇ ئىككى ئۇماق بالامنى جىنىمدىنمۇ ئارتۇق ياخشى كۈرىمەن.ئەگەر مەن ئۆلۈپ كەتسەم…

     گۈلنار ئەنسىزلىك ئىچىدە ئىرىنىڭ گىپىنى بۆلدى؛ نىمە دەۋاتىلا؟خۇدايىم ساقلىسۇن.
ھۈسەنجان؛شۇ گۇڭسەنداڭ دىگەن كاپىرلارنىڭ ئەزىز ئۇيغۇرىمىزغا،ئۇلۇغ دىنىمىزغا قىلغان زۇلىمىغا چىدىماي ماڭا ئوخشاش يىگىتلەر جىنىدىن ۋاز كىچىۋاتىدۇ.بۇ زالىم ھۈكۈمەت،بىز جىم تۇرساقمۇ ئۆلتۈرىۋاتىدۇ،مىدىرساقمۇ ئۆلتۈرىۋاتىدۇ،بۆلگۈنچى دەپ،رادىكال ئۇنسۇر دەپ… ئۆلتۈرىۋاتىدۇ.ياغلىق ئارتقان ئاياللار تالاغا ياغلىق بىلەن چىقالمىسا،ساقال قويغان ئەر كىشىنى ”تىرورىست“دەپ تۇتۇپ كىتىۋاتسا،ئۆز يۈرتىمىز ئۆزىمىزگە دۇزاق بولدى،بۇ دۇزاقتىن قۇتۇلۇپ ئاللانىڭ خاتىرجەم جەننىتىگە كىتىشتىن باشقا ئامال قالمىدى. مەنمۇ شىھىت بولۇش قارارىغا كەلدىم.قۇرئانى كەرىمدە،جىھات قىلغۇچىلارنىڭ ئائىلىسىدىن رازىلىق ئىلىش توغرىسىدا ھۈكۈم بار.سەندىن رازىلىق سورايمەن.رازىلىق بەرسەڭ ئۇزۇن بىر سەپەرگە چىقىمەن.كاپىرلارنىڭ مىللىتىمىزگە قىلغان زۇلۇمىغا قارشى قىلىدىغان بەزى پىلانلىرىم بار.

گۈلنار،ئىرىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ھىچنىمە دىمىدى.پەقەت كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياش ئىقىۋاتاتتى.ھۈسەنجان بىراز تەرەددۇتتا قالدى؛ئەگەر سەن نارازى بولساڭ كۆڭلۈم يىرىم بولۇپ قالىدۇ.ساڭا،ئىككى نارىسىدە بالىغا چىداش ئاسانمۇ؟بۇ كاپىرلارغا، زۇلۇم قىلىۋەرسە كالىدەك جىم تۇرىدىغان ئىككى پۇتلۇق ھايۋان ئەمەسلىكىمىزنى تونۇتۇپ قويۇشقا ئادەم لازىم.

گۈلنار يىغلىغان پىتى ئىچكەركى ياتاق ئۆيگە كىرىپ كەتتى.ھۈسەنجان گاڭگىراپ قالدى.
X                          X                            X                                    X
     ئەتىسى ئاخشام ھۈسەنجان ئۆيگە كەلگەندە ئوغلى يۈگرەپ كىلىپ ئۇنىڭ بوينىغا ئىسىلدى.ھۈسانجان ئوغلىنى سۆيدى.ئانىسىنىڭ قۇچىغىدىكى قىزىمۇ دادىسىغا تەلپۈندى.ھۈسانجان ھەر ئىككى بالىسىنى قۇچىغىدا ئولتۇرغۇزۇپ ئۇلارنى ئەكىلەتتى.گۈلنارمۇ كۈلۈپ تۇراتتى.تۈنۈگۈن ئاخشامقى خاپىلىقى يوق ئىدى.گۈلنار ئىرىگە لەغمەن سىلىپ داستىخانغا ئەكەلدى ۋە بالىلىرىنى يان خانىدا تىلىۋىزۇرنىڭ ئالدىغا ئاپىرىپ قويدى.ھۈسەنجان تاماقنى يەپ بولۇپ دۇئا قىلغاندىن كىيىن،گۈلنار يان تەرەپتىن بىر سومكىنى ئەلىپ كىلىپ دوستىخان ئۈستىگە قويدى. “بۇ نىمە؟” دەپ سوردى ھۈسەنجان. “ئەچىپ قاراپ باقسىلا!”. ھۈسەنجان سومكىنى ئاچتى،ئىچىدە لىققىدە پۇل بار ئىدى.ھۈسەنجان ھەيران بولۇپ گۈلنارغا قارىدى.گۈلنار ؛ “ماشىنامنى ساتتىم. ئالتۇن زەنجىر،بىلەيزۈكلىرىمنىمۇ ساتتىم.ھەممىسى 300 مىڭ سوم “دىدى زوق بىلەن كۈلۈپ تۇرۇپ.ھۈسەنجاننىن بوغۇزىغا بىر نەسرە پىتىپ قالغاندەك ھاياجاندىن بىر پەس گەپ قىلالماي تۇرۇپ قالدى.ئۇنىڭدىن كىيىن گۈلنارنى چىڭ قۇچاقلاپ سۆيدى؛ “جىنىم،ئەزىزىم “دەپ پىچىرلىدى. “نىمىشكە ساتتىڭ؟كىرەك يوقتى”. گۈلنار “ئىرىم جىنىنى بىرىۋاتقان يەردە مەن بۇ مال- مۈلكۈمنى نىمىشقا بەرمەي؟دىنىمىز ياشىسۇن،مىللىتىمىز ياشىسۇن.”

ماشىنىنى ئۇنىڭ ئاتا، ئانىسى ھەدىيە قىلغان، ئالتۇن بىلەيزۈك، زەنجىرلەر ھۈسەنجان ۋە ئاتا،ئانا، ئۇرۇق تۇققانلارنىڭ تويدا قىلغان سوغىلىرى ئىدى.

ھۈسەنجان “سەندىن ئاللا رازى بولسۇن.مەن سەن بىلەن پەخىرلەندىم.جەننەتتە سىنى كۈتىمەن.” دىدى ھاياجانلىنىپ كىتىپ.گۈلنار جىم بولۇپ قالدى.ئارقىدىن يەنە گۆزلىرىدىن تاراملاپ ياش تۈكۈلۈشكە باشلىدى “مەن قانداق چىدايمەن”دىدى ئۇ ۋە ھۈڭىرەپ يىغلاپ كەتتى.

”جىنىم يىغلىما.سەنمۇ مەندىن پەرخىرلەن.ئىنشائاللا،بەجىندا جۇڭنەنخەي دەيدىغان بىر سارايدا ئولتۇرۇپ بىزگە زۇلۇم قىلىۋاتقان كاپىر ئەمەلدارلارنىڭ ئارىسىغا كىرىپ ئۆزەمنى پارتلىتىش نىسىپ بولسا دەپ تىلەيمەن.”دىدى ھۈسەنجان،گۈلنارنىڭ كۆز ياشلىرىنى سۈرتۈپ تۇرۇپ.

       ئۇلار كىچىچە ئۇخلىمىدى.گۈلنار ئىككى بالىنى بىقىپ چوڭ قىلىدىغان،ھۈسەنجان بولسا گۈلنارنى جەننەتتە كۈتىدىغان بولدى.كىچە لەۋلەر لەۋلەردىن ئارىلمىدى.گىرەلەشكەن قۇللار بىر بىرىدىن ئايرىلمىدى.
X                                           X                              X                           X
     ھۈسەنجان ئۆيدىن ئايرىلغاندا گۈلنار بالىلىرى بىلەن ئىرىنى دۇئا بىلەن كۈلۈمسىرەپ ئۇزۇتۇپ قالدى.
ھۈسەنجان بىر قانچە كۈندىن كىيىن تىلىپۇندا گۈلنارنىڭ بەرگەن پۇلىنى قوشۇپ ياخشى بىر ماشىنا ئالغانلىقىنى،دوسلىرىنىڭ گۈلنارغا كۆپتىن كۆپ سالام ئىيىتقانلىقىنى دىدى ۋە بالىلارغا ،ئۆزىگە ياخشى قاراشنى تاپىلىدى.گۈلنار ئۇ كىچىسى بىر چۈش كۆردى.چۈشىدە “زالىملار بار جۇڭنەنخەيگە يىقىنلىشالمايۋاتىمىز.كاشكى سەن بولغان بولساڭ،ئايال كىشى بولغاچقا بەك دىققەت تارماستىڭ.” دىگەنلىرىنى ئۇڭىدەكلا كۆردى.گۈلنار ئويغۇنۇپ ئەتتىگەندىلا ئىككى بالىسىنى ئانىسىنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ بىرىپ ئۆزى ئىرى كەتكەن تەرەپكە قاراپ يولغا چىقتى.گۈلنار نىمە ئىش بولغانلىقىنى ئۈگىنەلمىدى.ئىرىنىڭ تەلىپۇنى  تاقىلىپ قالغان ئىدى.ئۇ،پويىزدا كىتىۋاتقاندا ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇۋىلىنىپ قولىغا كويزا سىلىندى.      گۈلنارخانىم ئۈرۈمچىگە ئىلىپ كىلىنىپ تۇرمىغا قامالدى.پۇتىغا 12 كىلو ئىغىرلىقىدىكى زەنجىر كىشەن سىلىندى.ئىرىنىڭ تىرىك تۇتۇلۇپ قالغانلىقىنى سوراقچىلاردىن ئۈگەنگەن بولسىمۇ ئۇلارنىڭ گىپىگە ئىشەنمىدى.سۇراق جەريانىدا گۈلنارخانىمنىڭ تىرناقلىرى سۆكۈلگەندە ھۇشىدىن كەتتى.چىچىدىن باغلاپ 4 سائەت ئىسىپ قويۇپ بەدىنىگە بىر قانچە قىتىم توك قۇيىۋەتكەندىمۇ ھۇشىدىن كەتتى.سوراقچى ساقچىلار ھەر قىتىم گۈلنارخانىم ھۇشىغا كەلگەندە “قىلمىشلىرىڭغا پۇشايمان قىلدىڭمۇ؟” دەپ سورغاندا،ھىچ تەمتىرىمەي “بۇرۇنراق ئويغۇنۇپ، قىلىدىغانلىرىمنى بۇرۇنراق قىلمىغىنىمغا پۇشايمان قىلىۋاتىمەن” دەپ جاۋاپ بەردى.

      گۈلنارخانىم 2014.يىلى 6.ئاينىڭ 16.كۈنى ئۈرۈمچىدە سوت مەيدانىغا يالاپ ئىلىپ كىرىلگەندە ئىغىر كىشەن يارا قىلىۋەتكەن پۇتلىرىنى تەستە سۆرەپ ماڭدى.ئامما يۈزىدە ھىچقانداق قورقۇش ئىپادىسى يوقتى.گۈلنارخانىم ئىرى ھۈسەنجان ھۈشۇرنى سوت مەيدانىدا كۆردى.ئىرى ئۇنىڭغا قارىدى،ئۇ ئىرىگە قارىدى.ئۇلارنىڭ بۇغىزى ئىنچىكە سىم بىلەن باغلىۋىتىلگەچكە،بۇ سىمنى ئىككى يىنىدا تۇرۇۋاتقان ساقچىلار چىڭ تارتىپ تۇرىۋاتقاچقا گەپ قىلالمايتتى.ھۈسەنجان ھۇشۇرنىڭ “ئۆلۈم جازاسى” ھۈكۈمى ئوقۇلىۋاتقاندا گۈلنارخانىم ئىچىدە “جىنىم.كاپىرنىڭ تەن جازاسىدىن قۇتۇلدۇڭ،ئاللانىڭ جەننىتىگە كىتىدىغان بولدۇڭ.سەن مىنىڭ ئىككى دۇنيالىق ئىرىم.” دەپ پىچىرلىدى.گۈلنارخانىمنىڭ ھۈكۈمىنى ياش بىر ئۇيغۇر بالا ئوقۇدى؛ “ تىرورىست ئىرى ھۈسەنجان ھۇشۇرنىڭ قەبىھ نىيىتىنى بىلىپ تۇرۇپ پاش قىلمىغان،شەخسى ماشىنىسىنى،ئالتۇن جابدۇقلىرىنى سىتىپ پۇلىنى تىرورچىلىققا ئىشلىتىدىغان ماشىنا سەتىۋەلىشقا ياردەم قىلغان…” ھۈكۈمنامىنى ئوقۇۋاتقان ياش ئۇيغۇر يىگىتى گۈلنارخانىمغا تىكىلىپ قاراشقىمۇ پىتىنالمايتتى،قوللىرى تىتىرەۋاتاتتى.گۈلنارخانىم ئەجەپلەندى “ سوتلىنىۋاتقان مەن تۇرسام.مىنىڭ قوللىرىم تىترىمايۋاتىدۇ.سوتچىغا تىك قاراۋاتىمەن.ئەمما،ئۇلار نىمىشكە تىترەيدىغاندۇ؟نىمىشكە ماڭا تىكىلىپ قارىيالمايدىغاندۇ؟” دەپ ئويلىدى ۋە غۇرۇر بىلەن قەددىنى تىخىمۇ رۇسلىدى.“گۈلنار توختىنىيازغا  مۇددەتسىز قاماق جازاسى بىرىلدى،ئۆمۈرۋايەت سىياسى ھۇقۇقىدىن مەھرۇم قىلىندى“ دەپ ئوقۇۋاتقاندا ”مەن نىمىشكە شىھىت بولۇش ئۈچۈن ئۇزۇن يولغا چىقتىم؟ ئۆزەم تونۇيدىغان ۋەتەن ساتقۇچتىن بىر-ئىككىسىنى ئۇجۇقتۇرغان بولسام،ياكى نايىمىزدىكى كاپىر زالىمدىن بىر قانچىسىنى ئۆزەم بىلەن بىللە ئۇ دۇنياغا ئىلىپ كەتكەن بولسام.كاشكى،نىمىشكە بۇرۇنراق بۇنى ئويلىمىغاندىمەن.“ دەپ ئويلىدى ۋە ھىچ ئىش قىلالماي قاپقانغا چۈشۈپ قالغىنىغا ئەپسۇسلاندى.“ئۇلۇغ ئالالھىم! بۇنىڭدىن كىيىم ئۇيغۇر مۇجاھىتلىرىڭ دۈشمەننىڭ قولىغا تىرىك چۈشۈپ قالماي شىھىت بولۇشنى نىسىپ ئەتكەيسەن.“ دەپ دۇئا قىلدى ئىچىدە.

     گۈلنارخانىم ھازىر پۇتىدا 12 كىلو  ئىغىرلىقىدىكى كىشەن،قولىدا 6 كىلو ئىغىرلىقىدىكى زەنجىر بىلەن قوياش نۇرى  كۆرمەيدىغان سىمىنىت كامىردا ئىكەن.كۈندە 5 مىنۇتلۇق تۇرما  ھويلىسىدا شامالداشقا ئىلىپ چىققاندا ئاسماندىكى قوياشقا قارىدى. كۆزلىرى قاماشتى. ئۇ خۇددى قوياشقا سۆزلەۋاتقانداك پىچىرلايتتى؛ مەن بىر ئۇيغۇر قىزى،ئۇيغۇر ئانا.ئەركىنلىك ئۈچۈن ئەركىنلىكتىن ئايرىلىشنىڭ قانچىلىك بەخىتلىك ئىش ئىكەنلىگىنى ئىكەنلىكىنى بۇ كامىرلاردا ئۈگەندىم. بىلمىگەنلەر مەنى ئەيىپلىشىدىغاندۇ. ئۇلارمۇ ئەركىنلىكتىن ئايرىلغاندا، ناھاق خارلانغانلىغىنى ھىس قىلغاندا توغرا پىكىر قىلالايدىغان بولىدۇ. ئاھ، ئۇماق بالىلىرىم…. ھەممە بولغۇلۇق سىلەرگە بولدى..بىزنى سىغىنغانلار ئىرىمنىڭ  روھىغا دۇئا قىلسۇن.يىتىم قالغان نارىسىدە ئىككى بالامنىڭ بىشىنى سىلاپ قويسۇن..ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن تامچىلىغان ئىككى تامچە ياشنى كۆرگەن قوياش ئىزا تارتقىنىدىن بولۇتلارنىڭ كەينىگە يۇشۇرۇندى.

yüsüpjan-hushur

گۈلنارخانىمنىڭ ئىككى دۇنيالىق يولدىشى،ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ قەھرىمان ئوغلانى ھۈسەنجان ھۇشۇر

 

  گۈلنارخانىم زامانىمىزنىڭ نۇزۇگۇمى.بەلكى نۇزۇگۇمدىنمۇ ئۈستۈن مىللىي قەھرىماندۇر

بىز ئۈچۈن ھاياتىنى پىدا قىلغان بۇ مۇمارەك ئىنسانلارغا ھەر ۋاقىت نامىزىمىزدا دۇئا قىلىشنى ئۇنۇتمايلى.بۇلۇپمۇ بۇ ئۇلۇغ رامىزاندا ئۇلارنى،ئۇلارنىڭ يىتىم قالغان بالىلىرىنى ئۇنۇتمايلى.

2014.يىلى 16. ئىيۇل

ئەسەرنىڭ تۈركچە لىنكى؛

Share
5019 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.