logo

trugen jacn

قەيسەرىگە كەلگەن بوينى قىسىق بالىلار

c04d1a2c-2842-434e-b4ce-70eb2182dcbe

ئەركىن تارىم

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

2014-يىلى تايلاند ۋە مالايشىيا ئارقىلىق تۈركىيەگە كەلگەن ئۇيغۇرلاردىن 150 ئائىلە ئۇيغۇر تۈركىيەنىڭ قەيسەرى شەھىرىدىكى دۆلەتنىڭ قورۇ جايىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى.

بىز 31-ماي كۈنى ئوسمان قاۋۇنجۇ يولىنىڭ ئوڭ قول تەرىپىدىكى 6 قەۋەتلىك 10 بىنادىن تەركىب تاپقان قورۇ جاينىڭ ئىچىدىكى ئۇيغۇر كۈلتۈر مەركىزىدە تەربىيە كۆرۈۋاتقان 4 سىنىپنى ئايرىم- ئايرىم زىيارەت قىلىپ، بۇ يەردە دەرس ئوقۇۋاتقان ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

بۇ زىيارىتىمىزدە روھى كەيپىياتى تۆۋەن بىر قىسىم ئۇيغۇر بالىلار دىققىتىمىزنى تارتتى. بىز قۇرئان دەرسى ئۆتۈلۈۋاتقان سىنىپتىن چىقىپ، قارىلىق سىنىپىنى زىيارەت قىلدۇق. بۇ سىنىپتا 20 ئەتراپىدا ئوقۇغۇچى ئوقۇۋاتقان بولۇپ، بۇلار تۈركىيە مائارىپ مىنىستىرلىكىگە تەۋە دۆلەت مەكتىپىدىكى دەرسلىرىدىن سىرت بۇ سىنىپتا قۇرئان يادلايدىكەن. قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە 1 ياش-ئۆسمۈر قۇرئانى كەرىمىنى پۈتۈنلەي يادلاپ بولۇپتۇ، بەزىلىرى بولسا تېخى يادلاۋېتىپتۇ. قەيسەرىگە كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىل ئۆگىنىش بىلەن ئىسلام دىنىنى ئۆگىنىشكە ئالاھىدە قىزىقىشى بىزنىڭ دىققىتىمىزنى تارتتى.

ئۇيغۇر ئېلىدىن يېڭى كەلگەن، 20 ئۇيغۇر بالىغا قارىلىق دەرسى ئۆتۈۋاتقان ئوسمان مۇئەللىمنىڭ پىكرىنى ئالدۇق. ئوسمان مۇئەللىم بىزگە ئالدى بىلەن بۇ قارىلىق سىنىپى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى:
بۇ قارىلىق سىنىپىدا ياش-ئۆسمۈرلەر قۇرئان يادلايدۇ. 20 ئوقۇغۇچىدىن بىرى قۇرئانى كەرىمىنى پۈتۈنلەي يادلاپ بولۇپ قارى بولدى. بۇلار چۈشتىن بۇرۇن بۇ يەردە قۇرئان يادلايدۇ، چۈشتىن كېيىن تۈركىيە دۆلىتىنىڭ مەكتىپىگە بېرىپ ئوقۇيدۇ. تۇتۇۋېلىش قابىلىيىتى يۇقىرى بالىلارنى تاللاپ بۇ قارىلىق سىنىپىدا ئوقۇتۇۋاتىمىز. بۇنىڭدىن باشقا تۈركچە ۋە ئۇيغۇرچىنىمۇ ئۆگىتىمىز.

ئوسمانجان مۇئەللىم ئۇيغۇر ئېلىدە پەقەتلا قۇرئان ئۆگەتكەچكە نۇرغۇن كىشىلەرگە ئېغىر قاماق جازاسى بېرىلگەنلىكىنى، تۈركىيەگە كەلگەندىن كېيىن ئەركىن ئازادە دىنى تەربىيە، ۋە ئانا تىلىنى ئۆگىتەلىگەنلىكى ئۈچۈن ئۆزلىرىنى بەختلىك ھېس قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

بىز بۇ دەرسكە قاتنىشىۋاتقانقا سىنىپتا روھى كەيپىياتى بەكلا چۈشكۈن بوينى قىسىق ئوقۇغۇچىلارنى كۆردۇق.

ئابدۇلبەسىر ئىسىملىك 8 ياشتىكى بالا بىزگە، دادىسىنىڭ تۈرمىدە ئىكەنلىكىنى، بۇ يەردە بىر ئاپاشنىڭ يېنىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئوسمانجان مۇئەللىمنىڭ ئېيتىشىچە قەيسەرىدىكى بۇ ئۇيغۇر بالىلار ئارىسىدا 8 بالىنىڭ ئاتا-ئانىسى تۈرمىدە بولۇپ، بۇ بالىلارنىڭ روھى كەيپىياتى بەكلا تۆۋەن بىچارە ئىكەن.

بىز سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارغىمۇ مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق. بالىلار ئۆزلىرىنىڭ ئارزۇلىرىنى بىلدۈردى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/maarip/turkiyede-uyghur-06032015163832.html

Share
2294 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.