logo

trugen jacn

قەيسەرىدىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى يوقلاش

uyghur-musapir-yoqlash-yardem

ئەركىن تارىم

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىن تۈركىيەگە كەلگەن ئۇيغۇر مۇساپىرلار ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئائىلە قورۇسىغا ھازىرغىچە ھېچقانداق ئاخبارات ئورگىنىنىڭ كىرىپ خەۋەر ئىشلىشىگە رۇخسەت قىلىنمىغان ئىكەن.

تۇنجى قېتىم ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ ئىختىيارى مۇخبىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇ ئائىلە قورۇسىغا كىرىپ، ئەھۋال ئىگىلەپ، ئۇلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئەنقەرە-قەيسەرى يولى ئۈستىگە جايلاشقان دۆلەت كادىرلىرى ئائىلە قورۇسىدىكى 100 ئائىلە ئۇيغۇر ياشىماقتا. 1-ئاينىڭ 25-كۈنى يەكشەنبە ئەتىگەن قورۇ جايغا كىرگىنىمىزدە ئائىلە قورۇسىنىڭ ئىچىگە ئىككى چوڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق بىلەن ئىككى چوڭ تۈرك بايرىقى ئېسىلغان بولۇپ، بايراق ئېسىلغان توپ مەيدانىدىكى ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلەر توپ ئويناۋاتاتتى. چوڭ بىر چېدىرنىڭ ئىچىدە ئەنقەرەدىن كەلگەن ئۇيغۇرلار سويغان قوي بىلەن قىلىنغان پولۇ پىشىۋاتاتتى. مۈجاھىت قەشقەرلى ئۇيغۇر بالىلارغا ئويۇنچۇق تارقىتىۋاتاتتى. ھويلىنىڭ ئىچىدە كەلگەن ياردەملەرنى تاپشۇرۇپ ئېلىش يېرىدە بۇنىڭغا مەسئۇل كىشىلەر ياردەم بۇيۇملىرىنى تاپشۇرۇپ ئالماقتا. بەزى تۈركلەر قويلارنى سويۇپ گۆشىنى ئۇيغۇرلارغا تارقىتىپ بەرمەكتە، تۈركىيەدىكى بەزى ئاممىۋى تەشكىلات ۋە سىياسىي پارتىيەلەر ئىستانبۇل، چورۇم قاتارلىق ۋىلايەتلەردىن ياردەم بۇيۇملىرىنى ئېلىپ كېلىپ تارقىتىۋاتقانلىقىنى كۆردۇق ۋە ئۇلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئەڭ تەسىرلىنەرلىكى شۇكى تۈركلەر ئېلىپ كەلگەن ياردەم بۇيۇملىرى 4 ئامبارغا تولغان بولۇپ، بۇلار ئۇن، شېكەر، ياغ، گۈرۈچ، تۇز ۋە سۈت قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان. ئامبارغا مەسئۇل كىشىنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىرغىچە تۈركلەر ئېلىپ كەلگەن بۇيۇملار 1000 ئۇيغۇرغا بىر يىل يېتىدىكەن.

تۈركىيەنىڭ قەيسەرى ۋىلايىتى تۈركىيەنىڭ سانائەتلەشكەن رايونلىرىدىن بىرى بولۇپ، بۇ يەردىكى زاۋۇت، كارخانا خوجايىنلىرى كېلىپ بۇ كىشىلەر خىزمەت بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان. بىز بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىگە كىرگەن ۋاقتىمىزدا، ياردەم سۆيەر تۈرك خەلقىنىڭ بۇلارغا يېڭى مۇزلاتقۇ، ئوچاق، گىلەم ۋە ئورۇندۇق-ئۈستەللەرنى ئەكېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنىمۇ كۆردۇق. بىز بىر كۈن جەريانىدا ياردەم بۇيۇملىرى تاپشۇرۇپ ئېلىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا، ياردەم بۇيۇملىرى ئېلىپ كەلگەن تۈركلەر بىلەن سۆھبەتلەشتۇق. بۇلاردىن باشقا بىز بۇ ئۇيغۇرلار بىلەن ئايرىم-ئايرىم سۆھبەت ئېلىپ بېرىپ ئۇلارنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى ئاڭلىدۇق

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/musapir-uyghur-01262015160943.html

Share
1936 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.