logo

trugen jacn

قەشقەر شەھەر ئىچىدە يەنە پىچاقلىق ھۇجۇم يۈز بېرىپ، ئىككى كىشى ئۆلدى، ئىككى كىشى يارىلاندى

 

شۆھرەت ھوشۇر

بۈگۈن يەنە ئاڭلىغۇچىلىرىمىزدىن بىرى رادىئومىزغا خەت يوللاپ، قەشقەر شەھىرىنىڭ پويىز ئىستانسىسى ئەتراپىدا ۋەقە يۈز بەرگەنلىكىنى پاش قىلدى. مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ يىپ ئۇچىغا ئاساسەن ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا، قەشقەر ۋىلايەتلىك ئۆپكە كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىنىڭ ئالدىدا يەنى پويىز ئىستانسىغا ماڭىدىغان يول ئۈستىدە پىچاقلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكى ئاشكارىلاندى. ساقچى خادىملىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، 18 ياشلىق ئىككى نەپەر ياش دوختۇرخانا يېنىدىكى بىر بازاردىكى خىتاي كۆچمەنلىرىگە پىچاق بىلەن ھۇجۇم قىلىپ ئىككى نەپىرىنى يارىلاندۇرغان. ئەتراپتا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان خىتاي ساقچىلار نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ بۇ ئىككى نەپەر ھۇجۇمچىغا ئوق چىقارغان؛ ھۇجۇمچىلاردىن بىرى نەق مەيداندا، يەنە بىرى دوختۇرخانىدا جان ئۈزگەن

 

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/qanun/qeshqer-hujum-05282014155004.html

Share
1150 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.