logo

trugen jacn

قەشقەر دائىرىلىرى كادىرلار ۋە ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭمۇ دىنغا ئېتىقاد قىلىشىنى چەكلىدى

image

گۈلچېھرە

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

قەشقەر پارتىيە قۇرۇلۇش تورى قاتارلىق مەنبەلەردىن، قەشقەردە دائىرىلەرنىڭ مەخسۇس «15 ماددىلىق چەكلەش» نى ئېلان قىلىپ، كادىرلار ۋە ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭمۇ دىنغا ئېتىقاد قىلىشىنى قاتتىق چەكلىگەنلىكى ئاشكارىلاندى

قەشقەر شەھەرلىك پارتكومنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك مۇقىملىقنى ساقلاش ئىستراتېگىيىسى سۈپىتىدە ئېلان قىلىنغان مەزكۇر چەكلىمىدە، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە-ھۆكۈمەت كادىرلىرى ھەمدە ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ دىنغا ئېتىقاد قىلىشى، روزا تۇرۇشى، ھەتتا دىنىي يوسۇندا كىيىنىشىنىڭمۇ چەكلىنىدىغانلىقى ئايرىم-ئايرىم ماددىغا ئېلىنغان. شۇنداقلا كادىرلار ئۆزلىرىلا ئەمەس، ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئىچىدە بۇ چەكلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلغۇچىلار كۆرۈلسە، مۇقىملىققا تەسىر يەتكۈزۈش كاتېگورىيىسى بويىچە ئوخشاشلا قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن

بۈگۈن رادىئومىزدا بۇنىڭغا قارشى مەخسۇس بايانات ئېلان قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى «قەشقەر دائىرىلىرىنىڭ ئېلان قىلغان مانا بۇ 15 ماددىلىق ئاشكارا چەكلىمىسى-خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق، قانۇنىي ۋە دىنىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى قاتتىق دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنىڭ ئىقرارنامىسى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قارشىلىقلىرىنىڭ ھەقلىق ئىكەنلىكىنى ئاقلايدىغان يەنە بىر جانلىق ئىسپاتى» دەپ كۆرسەتتى

قەشقەر شەھىرىدە خىتاي دائىرىلىرى «قەشقەر شەھىرىدىكى ھەر قايسى دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ سىياسىي ئىنتىزامىنى يەنىمۇ چىڭىتىش توغرىسىدا 15 ماددىلىق چەكلىمە» نى 20-ئۆكتەبىر يىغىن ئېچىپ ئېلان قىلىپ ۋە رەسمىي ئىجرا قىلىشقا باشلىغان. قەشقەر شەھەرلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت كادىرلارنى باشقۇرۇش ھەققىدە بۇ خىل چەكلىمىنى ئىجرا قىلىشنىڭ ئالدىدا، 2-ئۆكتەبىر خىتاي ھۆكۈمەت تورلىرىدا، خىتاي مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى بىلەن بىرلىكتە ئىككى ئاي ئىچىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى پارتىيىلىك مىللىي كادىرلارنى نىشان قىلىپ مەخسۇس تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا بىر قىسىم ئاز سانلىق مىللەت پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت كادىرلىرىنىڭ دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلىقى، سىياسىي سەزگۈرلۈكى ئاجىزلىقى ئېنىقلانغانلىقى ھەققىدە خەۋەر قىلىنغان ئىدى، شۇنداقلا دائىرىلەر ئۇيغۇر ئاپتونوم دائىرىلىرىنى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋەزىيىتىنىڭ كەسكىنلىكى، مۇرەككەپلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت ئىچىدىكى مەسىلە كۆرۈلگەن كادىرلارغا قەتئىي پوزىتسىيە، كۈچلۈك تەدبىر ئارقىلىق يەنىمۇ ئۈزۈل-كېسىل زەربە بېرىپ، جىددىي تۈزەپ ۋاقتىدا دوكلات قىلىپ تۇرۇش ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان

كۆزەتكۈچىلەر بولسا بۇ، «مىللىي كادىرلارنىڭ مىللىي ۋە دىنىي ھېسسىياتى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ ئەڭ چوڭ ئەندىشىسى بولۇپ قالغانلىقى» نى، شۇنداقلا خىتاي دائىرىلىرى بۇنىڭدىن كېيىنكى مۇقىملىق ئىستراتېگىيىسىدە يەنىلا مىللىي ۋە دىنىي ھېسسىياتىنى تېخى ئۆلمىگەن ئۇيغۇر كادىرلارنى تازىلاشنى ئۇزۇن مەزگىللىك نىشان قىلىدىغانلىقىنى مۇلاھىزە قىلغان ئىدى

خىتاي ھۆكۈمىتى ئاساسىي قانۇنىدا بارلىق پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىش كۆرسىتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر ئېلىدا يولغا قويۇۋاتقان دىنىي سىياسىتىدە بارلىق خىزمەتچى كادىرلار، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىنغا ئېتىقاد قىلىشىنى قاتتىق چەكلەپ كەلمەكتە

نۆۋەتتە دائىرىلەرنىڭ «پەۋقۇلئاددە كەسكىن مۇقىملىق ۋەزىيىتى ۋە پەۋقۇلئاددە كەسكىن خىزمەت ۋەزىپىسى ئالدىدا مىللىي كادىرلارنىڭ ھەر ۋاقىت ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ،تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنىڭ ئالدىنقى بازىسى ۋە ئاساسىي جەڭ مەيدانىلىق ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سىياسىي سەگەكلىك ۋە خەۋپ ئېڭى، ئاخىرقى چەك تەپەككۇرىنى باشتىن-ئاخىر ساقلاپ، مۇقىملىقنى بارلىق خىزمەتلەرنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى» قىلىشنى تەكىتلىمەكتە ۋە بۇنىڭغا دائىر چەكلەش ۋە تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتمەكتە

يېقىنقى قەشقەر جامەسى ئىمامى جۈمە تاھىرنىڭ پىچاقلاپ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسى ۋە يەكەن ئېلىشقۇ ۋەقەلىرىدىن كېيىن خىتاي دائىرىلىرى قەشقەردە نۇرغۇن مىللىي كادىرلارنى مۇقىملىق خىزمىتىدە بىخەستەلىك قىلىش، ۋەزىپىسىنى جىددىي ئىجرا قىلماسلىقنى باھانە قىلىپ قاتتىق جازالىغان ئىدى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ بۈگۈن رادىئومىزغا بەرگەن ئۇچۇرىغا قارىغاندا، قەشقەردە مەيدانغا كەلگەن مەخسۇس كادىرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى چەكلەشنى مەقسەت قىلغان بۇ خىل چەكلىمە ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خوتەن، غۇلجا، ئاقسۇ قاتارلىق ئۇيغۇرلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان شەھەرلىرىدە ئوخشاشلا ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا ۋاكالىتەن رادىئومىزغا بۇ ھەقتە بايانات بەرگەن دىلشات رىشىت: «خىتاي دائىرىلىرى يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر كادىرلارغا دىنغا ئېتىقاد قىلماسلىق، مەسچىتكە كىرمەسلىك، دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتناشماسلىق، تۈرلۈك ئاممىۋى نامايىش شۇنداقلا دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان بارلىق ھەرىكەتلەرگە قاتناشماسلىق چەكلىمىسىنى ئىجرا قىلغاندىن باشقا،خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قەشقەردە 15 ماددىلىق مەزكۇر ئاشكارا چەكلىمىسى ئارقىلىق كادىرلارنىڭ ئۆزىدىن باشقا يەنە، ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىمۇ ئوخشاش چەكلىمە دائىرىسىگە ئېلىشى، ئۆزىنىڭ قانۇنىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشىدىن باشقا يەنە، ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق، دىنىي ھەق-ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ ئىقرارنامىسى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قارشىلىقلىرىنىڭ ھەقلىق ئىكەنلىكىنى ئاقلايدىغان يەنە بىر جانلىق ئىسپاتى» دەپ كۆرسەتتى

ئۇيغۇر ئېلىدا بۇ خىل يۇقىرى بېسىملىق ۋەزىيەت داۋاملاشسا، يەنىمۇ زور توقۇنۇش ۋە قان تۆكۈلۈشلەرنىڭ كېڭىيىشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن دىلشات رىشىت ئەپەندى يەنە «قەشقەردە ۋە باشقا جايلاردا ئىجرا قىلىنىۋاتقان ئىنسان ھەقلىرىگە خىلاپ بۇ خىل ئاشكارا چەكلىمىلەرگە پۈتۈن دۇنيادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەرەپدارلىرى ۋە ھەققانىيەتچىلەرنى سەل قارىماسلىققا، مۇۋاپىق ئىنكاس قايتۇرۇشقا، خىتاينى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغۇچى ئۇيغۇر ۋە باشقا دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچى بارلىق خەلقلەرگە قاراتقان بۇ خىل قانۇنسىز، يولسىز باستۇرۇشلىرىنى توختىتىشى ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەتكە كېلىشكە چاقىرىمىز» دەپ بايانات بەردى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/din/uyghurda-din-10232014134916.html

Share
1637 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.