logo

trugen jacn

قەشقەر تاختاكۆۋرۈك ھۇجۇمىنىڭ يېتەكچىسى ئاتاۋۇللا داۋۇت تەسلىم بولۇشنى رەت قىلىپ ئۆزىنى پارتلىتىۋالغان

image

شۆھرەت ھوشۇر

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئائىلە ۋە جەمەت ئەزالىرىنى تەشكىللەپ قەشقەر تاختاكۆۋرۈكتىكى قاراۋۇلخانىغا بومبا ۋە پىچاقلىق ھۇجۇم ئېلىپ بارغان جەمەت باشلىقى، دىنىي مۆتىۋەر ئاتاۋۇللا داۋۇت، ۋەقەدىن بىر كۈن كېيىن يەنى 23-ئىيۇن كۈنى قەشقەر قوغاندىكى قەشقەر مېھمانخانىسى ئالدىدا خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن قورشاۋغا ئېلىنغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ساقچىلار ئاتاۋۇللا داۋۇتنى تەسلىم بولۇشقا چاقىرغان، ئەمما ئۇنىڭغا يېقىنلىشالمىغان. بىر كۈن ئاۋۋالقى ۋەقەدە ئايالى ۋە قىزى قاتارلىق 15 سەپدىشى ۋە قېرىندىشىدىن ئايرىلغان ئاتاۋۇللا داۋۇت تەسلىم بولۇشنى رەت قىلىپ ئۆزىنى پارتلىتىۋالغان.

يەنە مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ساقچىلىرى ۋەقەدىن كېيىن ئاتاۋۇللا داۋۇتنىڭ جەمەتى ۋە دوست-بۇرادەرلىرىدىن 60 نەچچە كىشىنى تۇتقۇن قىلغان، تۇتقۇنلار نۆۋەتتە يېڭىشەھەر ناھىيەلىك دۆلەت ئامانلىق ساقچىلىرىنىڭ قولىدا سوراق قىلىنماقتا

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/uyghurda-hujum-06302015142711.html

Share
1125 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.