logo

trugen jacn
05 مارت 2015

قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى «مايتىرى سىمىت» نىڭ بايقىلىش جەريانى ۋە ئۇنىڭ ئىلمىي قىممىتى

4f71e0fc-74a0-4799-9504-f55902406c32

قۇتلان

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

«مايتىرى سىمىت» (مايتىرىلارنىڭ ئۇچرىشىشى) ناملىق بۇ ئەسەر قەدىمكى ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىدا ئىنتايىن مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان يازما يادىكارلىقلارنىڭ بىرى.

بۇ ئەسەر ئەسلىدە ھىندىستاندا مەيدانغا كەلگەن بۇددىزم ئەدەبىياتى ۋە پەلسەپەسىنىڭ يىرىك نامايەندىلىرىدىن بولۇپ، قەدىمكى ئۇيغۇر ئەجدادلىرى بۇنىڭدىن مىڭ نەچچە يۈز يىللار ئىلگىرى بۇ ئەسەرنى ئۆزلەشتۈرمە ئۇسۇلدا قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغان.

بەزى تەتقىقاتچىلار بۇ ئەسەرنى بۇددىزم پەلسەپىسىدىكى مۇھىم نامايەندە بولۇپلا قالماستىن، بەلكى دۇنيا ئەدەبىياتىدا مەيدانغا كەلگەن ئەڭ ئۇزۇن سەھىپىدىكى كۆپ پەردىلىك دراما ئەسىرى دەپ قارايدۇ.

قەدىمكى ئۇيغۇر بىلگىنلىرى بۇ ئەسەرنى تەرجىمە قىلىش جەريانىدا ئۆزلەشتۈرمە ئۇسۇلنى قوللانغانلىقى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى بىلەن يۇغۇرۇپ تاشلىغانلىقى ئۈچۈن بۇ ئەسەر قەدىمكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ئىنتايىن مۇھىم نامايەندە دەپ قارىلىپ كەلمەكتە.

قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى مىلادىيە 8-ئەسىردىن 15-ئەسىرگىچە بولغان ئۇزاق جەرياندا ئۇيغۇرلار ۋەتىنىنى مەركەز قىلغان ھالدا ئورتا ئاسىيا دائىرىسىدە كەڭ قوللىنىلغان يېزىقتۇر. بەزى مەنبەلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شەرقىي رايونلىرىدا ھەمدە خېشى كارىدورى ئەتراپلىرىدا تاكى 17-ئەسىرلەرگىچە ئىشلىتىلگەنلىكى مەلۇم. بۇ يېزىقنى ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ئاتا-بوۋىلىرى سوغدى يېزىقى ئاساسىدا ئىجات قىلغان بولۇپ، ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى بىلەن گەنجو ئۇيغۇر خانلىقى تەۋەسىدە ياشىغۇچى ئۇيغۇرلار ئومۇميۈزلۈك ئىشلەتكەن. تارىختا ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرى ئۆزلىرىنىڭ يۈكسەك قىممەتكە ئىگە بولغان ئەدەبىي، مەدەنىي، دىنىي، تېببىي ۋە تارىخىي تېمىلاردىكى ئەسەرلىرىنى بۇ يېزىق بىلەن خاتىرىلەپ قالدۇرغان. ئورتا ئاسىيا بۇددىزم مەدەنىيىتىنىڭ يارقىن ئۆرنەكلىرىدىن ھېسابلانغان «مايتىرى سىمىت» دەل مۇشۇ يېزىق ئارقىلىق دەۋرىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن.

بۇنىڭدىن يۈز يىللار ئىلگىرى گېرمان ئېكسپېدىتسىيەچىسى لېكوك تۇرپاننىڭ سىڭگىم ئېغىزىدىن بۇ ئەسەرنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى تولۇقسىز قوليازمىسىنى تاپقان.

1950-يىللاردا يەھيا رەھىم ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر چارۋىچى «مايتىرى سىمىت» نىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى بىر قەدەر تولۇق نۇسخىسىنى قۇمۇلنىڭ تۆمۈرتى كەنتىدىن تاپقان. ئارىدىن يېرىم ئەسىردىن ئۇزاق ۋاقىت ئۆتكەندە بۇ ئەسەرنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى يەنە بىر تولۇقسىز پارچىلىرى يېقىندا قۇمۇلنىڭ نېرناسۇ كەنتىدىن تېپىلدى.

بۈگۈن گېرمانىيەدىكى قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتچىسى دوكتور ئابلەت سەمەت رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، «مايتىرى سىمىت»نىڭ قانداق ئەسەر ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى قوليازمىسىنىڭ تېپىلىش جەريانى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھازىر قۇمۇلنىڭ تۆمۈرتى كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق ئەيسا رەھىم رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، 1950-يىللاردا مەرھۇم دادىسى يەھيا رەھىمنىڭ بۇ ئەسەرنىڭ قوليازمىسىنى قانداق بايقىغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر بەردى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/medeniyet-tarix/qedimi-uyghur-tili-03042015151237.html

Share
1947 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.