logo

trugen jacn

قۇمۇل شەھىرىدىكى 800 دەك مەسچىتنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى چېقىپ تاشلانغان

 

ئۇيغۇر ئىلىنىڭ قومۇش شەھىرىدىكى 800 دىن ئارتۇق مەسچىتنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ چېقىپ تاشلىنىپ، ئاران 80 دەك مەسچىت ساقلاپ قېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى. ئىتالىيەدىكى «كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىنى ئەركىنلىكنى قوغداش» ناملىق تەشكىلاتنىڭ يەرلىك ئۇچۇر مەنبەلىرىگە ئاساسەن خەۋىرىدە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئۆتكەن يىلدىن ھازىرغىچە قۇمۇل شەھىرىدىكى 800 دىن ئارتۇق مەسچىتنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى چېقىپ تاشلاپ، ئۇلاردىن پەقەت 80 دەك مەسچىتنى ساقلاپ قالغان. خەۋەردە يەنە، ساقلاپ قېلىنغان مەسچىتلەرنىڭ قۇببىسى ۋە ئۇنىڭ ھىلال ئاي بەلگىلىرىنىڭ چېقىپ تاشلانغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

بۇ يىل باشلىرىدا «زىمىستان» ناملىق بىر دىنى ئەركىنلىك تور بېكىتى خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزى كومىتېت ئىشخانىسىنىڭ «يېڭى ۋەزىيەت ئاستىدىكى ئىسلام دىنى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ئۆزگەرتىش توغرىسىدىكى پىكىر» ناملىق بىر مەخپىي ھۆججىتىنى ئاشكارىلىغان. ھۆججەتتە، مەسچىت سېلىشنى ياكى كېڭەيتىپ قۇرۇشنى بىردەك چەكلەش، مەسچىتلەرنى قىسقارتىش تەلەپ قىلىنغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا «مەسچىتلەرنى ئىخچاملاش دولقۇنى قوزغىلىپ، نۇرغۇن مەسچىتلەر چېقىلغان. يېقىندا ئاقسۇنىڭ توقسۇ ناھىيىسى يۇلتۇزباغ بازىرىدىكى 20 دەك مەسچىتنىڭ 11 نىڭ چېقىپ تاشلانغانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى. «كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىنى ئەركىنلىك» تەشكىلاتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، دائىرىلەرنىڭ يەنە مەسچىت چېقىش ھەرىكىتى ئۇيغۇر رايونىدىكى تۇڭگانلار ئولتۇرۇشلۇق يېزا كەنتلەرگە كېڭەيتكەن. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ يېقىندا بەرگەن خەۋىرىدە، ساۋەن ناھىيىسىنىڭ شۈيموگو كەنتىدىكى بىر مەسچىت چېقىپ تاشلانغان. مەزكۇر مەسچىت بۇ كەنتتىكى بىردىن-بىر ئىبادەت ئورنى بولۇپ، خەۋەردە بۇ كەنتتىكى مۇسۇلمانلارنىڭ مەسچىتسىز قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خەۋەر بايان قىلىنىشىچە، دائىرىلەر بۇ مەسچىتنى چېقىشتا ھۆكۈمەتنىڭ ھېچقانداق بىر يازما ھۆججىتىنى كۆرسەتمىگەن شۇنداقلا يەرلىك ئاھالىلەرگە ئالدىنالا ئۇقتۇرۇشمۇ قىلمىغان. خەۋەردە. ساقچىلارنىڭ بىر كۈنى تۇيۇقسىز كېلىپ، مەسچىتنى پۈتۈنلەي چىقىپ تاشلىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

https://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/qumulda-800-meschit-cheqilghan-08312018201828.html

Share
1495 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.