logo

trugen jacn

قۇربان ھېيىت باناسىدا چوقۇم كۆپ گۆش يېيىش شەرتمۇ؟

ئاۋازدا: پەرىزات غەيرەت

مەمەت ئىمىن
ھەممىمىزگە مەلۇم بولغاندەك ئالدىمىزدا قۇربان ھېيىت كىلىۋاتىدۇ. مۇسۇلمانلارنىڭ ئەنەنىۋى قائىدىسى بويىچە قۇربان ھېيىتتا شارائىتى يار بەرگەن ئائىلە قۇربانلىقى قىلىدۇ ۋە بايرام جەريانىدا كۆپلىگەن گۆش ۋە گۆش يېمەكلىكلىرىنى ئىستىمال قىلىدۇ. ئىختىزادى ئەھۋالى ياخشى ئائىلىلەر ئىختىزادى تۆۋەن ئائىلىلەرگە گۆش ھەدىيە قىلىدۇ، ھەتتا ئۇلارنىڭ قۇربانلىق قىلىشىغا ياردەم بىرىدۇ.
يىقىندا توردىن ئۇچۇر ئىزدەۋىتىپ، مۇنداق ئىككى ماقالىغا كۆزۈم چۈشتى؛ بىرىنىڭ تېمىسى  ”گۆش يىمەيدىغانلار ئىسلامغا تەۋە ئەمەسمۇ؟“ بولۇپ، ئۇنىڭدا گۆش يېيىشنىڭ ئىسلام دىنىدا دىننى مەجبۇريەتمۇ يوق دىگەن مەزمۇندا ئوخشىمىغان كۆز قاراشلار ئوتۇرغا قويۇلغان. يەنە بىرىنىڭ تېمىسى ”گۆش يېمەيدىغانلارنىڭ تۈركىيەدىكى ھازىرقى ئەھۋالى”، بۇ بىر ئىلمى ماقالە بولۇپ، ئۇنىڭدا گۆش يېمەيدىغانلارنىڭ تۈركىيەدىكى ئەھۋال بايان قىلىنغان.
ھازىر گۆش يېمەيدىغانلار پۈتۈن دۇنيا نوپۇسىنىڭ تەخمىنەن 20% نى تەشكىل قىلىدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئومۇمى نوپۇسى پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئومۇمى نوپۇسىدىن كۆپ پەرىقلەنمەيدۇ. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا، بولۇپمۇ تەرەققى قىلغان غەرىپ دۆلەتلىرىدە، يىقىنقى 20-30 يىلدىن بۇيان گۆش يېمەيدىغانلارنىڭ سانى ئۈزلۈكسىز كۆپەيمەكتە. بىراق مۇسۇلمانلار ئىچىدە گۆش يېمەسلىك پەقەتلا ناھايتى ئايرىم ئەھۋال بولۇپ، تەخى بۇنداق بىر ئىقىم شەكىللەنگىنى يوق.
ساغلاملىق نۇقتىسىدىن ئەيىيقاندا، ئىنسانلار گۆش ئىستىمال قىلىش ئارقىلىق بەدەنگە ئىھتىياجلىق بولغان ئاقسىل ۋە ماي ماددىسىغا ئېرىشىدۇ. گۆش تەركىۋىدە ئاقسىل ۋە ماي ماددىسىدىن باشقا يەنە بىر قىسىم ۋىتامىنلار (ۋىتامىن 12، ۋىتامىن د) ۋە بەزى مىنىرال مادىلار بار. ئادەم بەدىنى كۈنىگە ھەر بىر كىلو بەدەن ئىغىرلىقى ئۈچۈن تەخمىنەن 0.8 گىرام ئاقسىلغا ئىھتىياجلىق؛  يەنى 50 كىلولۇق بىر ئادەم كۈنىگە 40 گىرام ئاقسىلغا، 100 كىلولىق بىر ئادەم كۈنىگە 80 گىرام ئاقسىلغا ئىھىتىياجلىق. ئاقسىل ئادەم بەدىنىدە ناھايتى موھىم خىزمەتلەرنى ئۆتەيدىغان ماددا بولۇپ، بەدەندە ئاقسىل ۋە باشقا زۆرۈر بولغان ئوزۇقلۇق ماددىلار كەم بولسا بولمايدۇ، بىراق ئادەم بەدىنى بۇ ماددىلارغا ئىرىشىش ئۈچۈن چوقۇم كۈندە كۆپلەپ گۆش يىيىش ھاجەتسىز. گۆشتىن باشقا ئادەم بەدىنىنى ئاقسىل بىلەن تەمىنلەيدىغان يىمەكلىكلەر سۈت، تۇخۇمنىڭ ئېقى ۋە بارلىق پۇرچاق ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملىكلەردۇر. ئەگەر گۆش يىيىش چوقۇم زۆرۈر بولغاندىمۇ ھەر خىل گۆشتىن ئوتۇرا ھىساپ بىلەن كۈنىگە 70 گىرام گۆش بەدەننىڭ ئىھتىياجى ئۈچۈن يىتەرلىك.
بەدەننىڭ فىزولوگىيەلىك ئىھتىياجى نۇقتىسدىن ئېيىتقاندا، بالاغەتكە يەتكەن بىر ئىنسان، كۈنىگە تەخمىنەن 1500 – 2200 كىلوكالىرى ئېنىرگىيەگە ئىھتىياجلىق. بىز بۇ ئېنىرگىيەنى ئاساسلىقى ئاقسىل، ماي ۋە كاربون سۇ بىرىكمىسى (شىكەر) قاتارلىق ئۈچ چوڭ ئوزۇقلۇق ماددىسى ئارقىلىقى ئېرىشىمىز. ئادەم بەدىنى يۇقارقى بەدەننى ئېنىرگىيە بىلەن تەمىنلەيدىغان ئۈچ چوڭ ئوزۇقلۇق ماددىدىن باشقا يەنە سۇ، ھەر خىل ۋىتامىن، تاللا ۋە تۆمۈر، ناتىرى، كالتسى قاتارلىق ھەر خىل مىنىرال ماددىلارغا ئېھتىياجلىق.
كۆپلىگەن مۇناسىۋەتلىك تەتقىتقاتلار نەتىجىلىرىگە ئاساسلانغاندا، ھازىر پۈتۈن دۇنيادا، ئوزۇقلۇق نورمالدىن ئىشىپ كىتىش كۆپ يېيىش سەۋەبىدىن ھەر خىل كىسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغانلار ۋە شۇ سەۋەپتىن ئۆلۈپ كىتىۋاتقانلار سانى، ئوزۇقلۇق يىتىشمەسلىك يەنى يەيدىغان يىتەرلىك يېمەكلىك يوق سەۋەبىدىن ھەر خىل كىسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغانلار ۋە شۇ سەۋەپتىن ئۆلۈپ كىتىۋاتقانلار سانىدىن ئۈچ ھەسسە ئارتۇق بولۇپ، گۆشتىن باشقا ئوزۇقلۇق يېتىشكەن، بىراق گۆش يېيەلمەسلىك سەۋەبىدىن كىسەل بولۇپ ئۆلۈپ كەتكەنلەر ئاساسەن يوقتا يەرلىك. ئەكسىنچە گۆشنى يوقتا يەرلىك يەيدىغانلارنىڭ ئوتۇرچە ئۆمۈرى گۆشنى كۆپ يەيدىغانلاردىن كۆزگە كۆرىنەرلىك دەرىجىدە ئۇزۇن بولۇپ، نۇرغۇن تەرەققى قىلغان دۆلەتلەردە گۆشنى ئاز يىيىش ياكى گۆش يىمەسلىك ساغلام ياشاشنىڭ سېموۋۇلىغا ئايلىنىپ قالماقتا. ئەڭ موھىمى، ئوزۇقلۇق تەڭپۇڭلىقىغا كاپالەت قىلىش ۋە ھەر خىل يېمەكلىكلەردىن، بەدەن ئىھتىياجلىق بولغان ئاقسىل ۋە باشقا ئوزۇقلۇقلارغا يىتەرلىك ئىرىشىشتۇر.

https://www.who.int/news-room/fact-sheets/detail/the-top-10-causes-of-death
يۇقارقىسى، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 2018 – يىلى ئىلان قىلغان 2016 – يىلى پۈتۈن دۇنيادا ئىنسانلارنىڭ ئۆلۈپ كىتىشىگە سەۋەپ بولغان 10 كىسەللىك توغۇرسىدىكى سانلىق مەلۇمات بولۇپ، بۇ سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، ئۇ 10 خىل كىسەللىك ئىچىدە ئوزۇقلۇق نورمالدىن ئىشىپ كىتىش يەنە كۆپ يېيىش ۋە ياكى سىمىزلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك كىسەللىك ئۈچ خىل؛ ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ كۆپ ئۆلۈپ كىتىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بىرىنجى ۋە ئىككىنجى ئورۇندىكى كىسەللىك يۈرەك قان تومۇر كىسىلى ۋە مىڭە قان تومۇر كىسىلى بولۇپ، ئۇلارنىڭ گۆش ۋە ماينى كۆپ ئىستىمال قىلىش بىلەن بەلگۈلىك مۇناسىۋىتى بار.
بەلكىم بەزىلەر ئاتا بوۋىلىرىمىز بىر قوينىڭ گۆشىنى يەۋاتىدىغان باتۇر مىللەت ئىدى دېيىشى مۈمكىن. شۇنداق، ئىنسانلار دىخخانچىلىق دەۋرىگە كىرىشتىن بۇرۇن ئوۋچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بولۇپ، ئاساسەن گۆشكە تايىنىپ ياشاپ كەلگەن. 100 يىللار ئىلگىرى، يالغۇز بىز ئەمەس، بۇدداھ ۋە ھىندى دىنىغا ئىتىقات قىلىدىغان بىر قىسىم كىشىلەردىن باشقا، نۇرغۇن مىللەتلەر گۆشنى ئوزۇقلۇق قىممىتى ئەڭ يۇقۇرى بولغان ئىسىل يېمەكلىك قاتارىدا ئىستىمال قىلىپ كەلگەن. بۇرۇن ئىنسانلار گۆش، ماي ۋە شىكەر قاتارلىق يۇقۇرى ئىنىرگىيەلىك يىمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلسىمۇ، شۇنىڭغا ماس ھالدا ھەركەت قىلاتتى، جاپالىق ئىشلەيىتتى. يىقىنقى 100 يىلدىن بۇيان قاتناش قورالىنىڭ تەرەرققى قىلىشىغا ۋە ئىشلەپ چىقىرىش كۈچلىرىنىڭ ماشىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئىنسانلارنىڭ ھەركەت قىلىش پۇرسىتى تەدىرىجى ھالدا ئازلاپ كەتتى؛ تەرەققى قىلغان دۆلەتلەردە بولسا، ھەركەت قىلىش ھەتتا پەقەت جەمىيەتنىڭ يۇقۇرى قاتلىمىدىكى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش ئادىتىگە ئايلىنىپ قالدى. نەتىجىدە ئىنسانلارنىڭ ئوزۇقلۇنۇشقا بولغان چۈشەنچىسى ۋە تەلەپلىرى بۇرۇنقى ياخشى ئوزۇقلۇنۇش ئۇقۇمىدىن ساغلام ئوزۇقلۇنۇش ئۇقۇمىغا قاراپ ئۆزگەردى. گۆش، ماي قاتارلىق يۇقۇرى ئېنىرگىيەلىك يىمەكلىك تەدىرىجى ھالدا ئىنسانلارنىڭ داستىخانلىرىدىن ئازلاشقا باشلىدى. تارىختىن بېرى ساغلام ياشاش ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش، ئىنسانلارنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسى بولغاچقا، ئىنسانلار بۇ جەھەتتە كۆپ ئىزدىنىشلەر ئىلىپ بىرىپ، بۈگۈنكى زاماندا گۆش، ماي ۋە شىكەر قاتارلىق يۇقۇرى ئېنىرگىيەلىك يېمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىشنى كونتۇرۇل قىلىش ۋە تەركىۋىدە ھەر خىل ۋىتامىن ۋە تاللا مول بولغان ئۆسۈملىك يېمەكلىكلىرىنى نىسبەتەن ئاساس قىلىپ ئىستىمال قىلغاندا، ساغلام ياشىغىلى ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگىلى بولىدىغانلىقى توغۇرسىدا يەكۈن چىقىرىشتى.
ئەمدى ئۆزىمىزنىڭ ئەھۋالىغا كەلسەك، بىز ياشىغان جەمىيەت گەرچە ئىختىزادى جەھەتتە تەرەققى قىلىۋاتقان بىر جەمىيەت بولسىمۇ، ھەم خەلقىمىز ئۇنچە باي بىر خەلق بولمىسىمۇ، بىراق خەلقىمىز ساغلاملىق جەھەتتە، ئىختىزادى تەرەققى قىلغان باي دۆلەتلەردە كۆپ ئۇچۇرايدىغان سىمىزلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك يۈرەك قان تومۇر كىسىلى، مىڭە قان تومۇر كىسىلى، يۇقۇرى قان بىسىمى، جىگەرنى ماي قاپلاش، دىيابىت كىسىلى قاتارلىق كىسەللىكلەر بىلەن ئىختىزادى تەرەققى قىلمىغان كەمبىغەل دۆلەتەلەردە كۆپ ئۇچۇرايدىغان ھەر خىل يۇقۇملۇق كىسەللىكلەرنىڭ زىيانكەشلىكىگە تەڭ ئۇچۇراپ كەلدى. ئەلۋەتتە ئۇنىڭ سەۋەبلىرى ھەر خىل بولۇپ، ئۇ سەۋەپلەرنىڭ بىرى بىزنىڭ ساقلىقنى ساقلاش ئېڭىمىزنىڭ تۆۋەن بولىشى ۋە ئوزۇقلىنىش جەھەتتىكى كۆز قاراشلىرىمىزنىڭ دەۋىرنىڭ تەرەققىياتىغا تازا ماسلىشىپ كېتەلمىگەنلىكىدىن. مەن ۋەتەندە دوختۇرلۇق قىلىۋاتقان مەزگىللەردە، ھەر يىلى قۇربان ھەيىت مەزگىلىدە كۆپ گۆش يەپ دوختۇرخانىنىڭ جىددى بۆلىمىگە كەلگەن بىمارلارنىڭ سانى ئادەتتىكى ۋاقىتتىن خىلى كۆپ بولغانلىقىنى كۆرگەن. شۇڭا مەن بىز نەچچە يۈز يىلدىن بىرى ئادەتلەنگەن بەزى قاراشلىرىمىزنى زامانغا ماس ھالدا ئۆزگەتىشىمىز زۆرۈر دەپ قارايمەن.
مەن خەلقىمىزنىڭ ساغلاملىقىنى ۋە خەلقىمىز نۆۋەتتە يۈزلىنىۋاتقان كىرسىزنى چىقىش قىلىپ، قۇربان ھەيىت مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدە، بولۇپمۇ تەرەققى قىلغان غەرىپ دۆلەتلىرىدە ياشۋاتقان ۋە باشقىلارنىڭ قۇربانلىق قىلىشىغا ياردەم بەرمەكچى بولغان قىرىنداشلارغا ئارزاق تەكلىپ شەكلىدە ئۆز كۆز قاراشلىرىمنى ئوتۇرغا قويۇپ ئۆتمەكچى.
ئۇيغۇرلار، مەيلى دۇنيانىڭ قايسى يېرىدا ياشاۋاتقان بولسۇن، تېخى گۆش يېيەلمەسلىك سەۋەبىدىن ھاياتى تەھدىت ئاستىدا قالغىنى يوق، بىراق خەلقىمىز نۇرغۇن تەرەپلەردە بولۇپمۇ مىللەتنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالى جەھەتتە، زور بىر تەھدىتكە دۇچ كەلمەكتە. مىلىيونلىغان خەلقىمىزنىڭ ھاياتى تەھدىت ئاستىدا قالماقتا. مىللى مۇھارىپ ۋە مىللى مەدىنىيىتىمىز قاتتىق چەكلىمىگە ئۇچۇراپ، يوقۇلۇش تەرەپكە قاراپ يۈزلەندى. مىللى كىملىكىمىز زور تەھدىتكە دۇچ كىلىپ، مىللى داۋا بۇرۇنقىدىن تىخىمۇ كەسكىن دەۋىرگە قەدەم قويدى. پەن تەخنىكىنىڭ ھەر قايسى ساھاسىدە يىتىشكەن ئىنسانلىرىمىزنىڭ كەملىكى سەۋەبىدىن، خەلقىمىز تىخىمۇ كۆپ ئىختىساس ئىگىلىرىگە ئىھتىياجلىق بولىۋاتىدۇ.
نۆۋەتتە مۇھاجىرەتتىكى خەلقىمىز، بولۇپمۇ ۋەتەندىكى ئائىلىسى بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلگەن ياش ئوقۇغۇچىلار، بالىلار ۋە خانىم قىزلار ھەر خىل قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلمەپتە. ئۇ كونكىرىت  قىيىنچىلىقلارنىڭ بېرى تۈركىيە قاتارلىق بىر قىسىم دۆلەتلەردىكى، بولۇپمۇ پۈتۈن خەلققە ھەقسىز سۇغۇرتاسى بىرىش يول قويۇلمىغان بەزى دۆلەتلەردىكى سالاھىتى ھەل بولمىغان خىلى كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ ھەر خىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ساغلاملىق سۇغۇرتاسىنىڭ يوق بولۇشى ۋە شۇ سەۋەپتىن كىسەل بولۇپ قالسا دوختۇرغا كۆرۈنەلمەسلىكى ھىساپلانسا كىرەك. بۇ جەھەتتە مەندىن ياردەم سورىغانلار خىلى كۆپ.  مەن ئىگەللىگەن ئەھۋالغا ئاساسلانغاندا ھازىر تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 30 مىڭدىن ئارتۇق بولۇپ، ئۇلارنىڭ 90-95% تىنىڭ ساغلاملىق سۇغۇرتاسى يوق ئىكەن. تۈركىيە ۋەتەندىشى بولمىغان، بىراق ئىقامىتى بار ئۇيغۇرلار، ئەگەر ئۆزى پۇل تۆلەپ ساغلاملىق سۇغۇرتاسى ئالماقچى بولسا، بىر ئائىلە ئايدا 480 لىرا (تەخمىنەن 80$ دوللار) پۇل تاپشۇرىشى كىرەك ئىكەن. ئۇندىن باشقا تۈركىيەدە 1000 دىن ئارتۇق ئاتا ئانىسى يېنىدا يوق بالىلار ۋە 3000 دىن ئارتۇق ئېرى قىشىدا يوق بالىسى بار ئاياللار باركەن. ئۇلار، يىلدا بىر قېتىم كىلىدىغان قۇربان ھەيىت باناسى بىلەن بىر نەچچە كۈن كۆپ گۆش يەۋىلىشتىن بەكراق ھاياتىدا بىرەر چىقىش يولى تىپىشقا ئىھتىياجلىق. بالىلار تەربىلىنىشكە ئىھتىياجلىق. مىللى داۋا كۈچەيتىلىشكە ئىھتىياجلىق؛ ھاياتى تەھدىت ئاستىدا قالغانلار ھايات قىلىشقا ئىھتىياجلىق. مىللى مەدىنىيىتىمىز ساقلاپ قىلىنىشقا ۋە تەرەققى قىلىنىشقا ئىھتىياجلىق. ئۇلارنىڭ ھىچ بىرى ئۆزلىگىدىن بولمايدۇ؛ ئۇلارنى ھەم باشقىلار بىز ئۈچۈن قىلىپ بەرمەيدۇ؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆزىمىزگە باغلىق.
شۇڭا قۇربانلىق قىلىشقا ياردەم قىلىش ئىستىكى بار قەرىنداشلار، ياردەمنى قايسى تەرەپلەردە قىلغاندا ۋە قانداق قىلغاندا، تىخىمۇ ئەھمىيەتلىك بولىدۇ دىگەن جەھەتتە ئويلىشىپ باقسا. ئەلۋەتتە مەن بۇ يەردە پەقەتلا ساغلاملىق نۇقتىسىدىن ۋە مىللىتىمىز ھازىر ئەڭ ئىھتىياجلىق بولغان تەرەپلەرنى چىقىش قىلىپ، ئۆز كۆز قاراشلىرىمنى ئوتۇرغا قوياپ ئۆتتىم؛ مىنىڭ دىننى ئۆرپە ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىش ۋە ياكى ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇش نىيىتىم يوق. شۇڭا ھەممىڭلارنىڭ بۇ مەسىلە ئۈستىدە ئويلاپ بىقىشىڭلارنى، ئەگەر سۆزلىرىمدە توغرا بولمىغان مەزمۇنلار بولسا تۈزۈتۈش بىرىشىڭلارنى ۋە ياكى توغرا چۈشىنىشىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن.
پايدىلىنىش مەنبەسى
Vegetarianism and Veganism: Current Situation in Turkey in the Light of Examples in the Worldhttps://jotags.org/2017/vol5_issue4_article24.pdf
Is Vegetarianism Un-Islamic?https://www.animalsinislam.com/islam-animal-rights/vegetarianism-un-islamic
Vegetarian Muslim: Turning Away From a Meat-Based Diethttps://www.huffingtonpost.ca/anila-muhammad/vegetarian-msulim_b_3124110.html
Vegetarianism and religionhttps://en.wikipedia.org/wiki/Vegetarianism_and_religion
WHO | Double burden of malnutrition – World Health Organizationhttps://www.who.int/nutrition/double-burden-malnutrition/en/
Overeating now bigger global problem than lack of food | New Scientisthttps://www.newscientist.com/article/dn23004-overeating-now-bigger-global-problem-than-lack-of-food/
The top 10 causes of deathhttps://www.who.int/news-room/fact-sheets/detail/the-top-10-causes-of-death
Do Vegetarians Live Longer?https://www.lifeextension.com/magazine/2006/1/awsi/Page-01
Does low meat consumption increase life expectancy in humans?https://www.ncbi.nlm.nih.gov/pubmed/12936945
Who Lives Longest: Meat Eaters Or Vegetarians?https://www.acsh.org/news/2016/10/28/who-lives-longest-meat-eaters-or-vegetarians-10378
Eating red meat daily triples heart disease-related chemicalhttps://www.nih.gov/news-events/nih-research-matters/eating-red-meat-daily-triples-heart-disease-related-chemical
Posted by Memet Emin at 11:07 PM

http://uyghur-jemiyiti.blogspot.com/2019/07/blog-post.html


Share
6529 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.