logo

trugen jacn

قۇرئان ۋە 21.ئەسىر-16

bismillah

مەھمەتىمىن ھەزرەت

ئاۋازدا: پەرىزات غەيرەت 

16- قۇرئاندا ئاياللارنىڭ ھۇقۇقى 

ئاياللار ھەققىدە گەپ بولغاندا، ئالدى بىلەن ئۇيغۇر ئاياللىرى،ئۇيغۇر ئانىلىرى،ئۇيغۇر قىزلىرى كۆز ئالدىمغا كېلىدۇ.مېنىڭ بالىلىق يىللىرىم “ئاياللار يېرىم دۇنيا” دەيدىغان دەۋىردە يېزىلاردا ئۆتتى.ئەتىيازدا دۈمبىسىگە تاغار يۈدۈپ ئوغۇت توشىغان،يازنىڭ تومۇز ئايلىرىدا ئوغاق بىلەن بۇغداي ئورغان،كۈزدە قوناق،پاختا يىغقان،قىشتا ھاشارلاردا ئەرلەر بىلەن تاش ئۇشىغان ئاياللارنى،ئانىلارنى كۆرۈپ چوڭ بولدۇم.

مەدەنىيەت ئىنقىلابى كۈنلىرىدە بىر سىنىپتا بىللە ئوقۇۋاتقان دوستۇمنىڭ ئانىسىنى “ئۆيىڭدىكى قۇرئاننى تاپشۇرمىدىڭ”دەپ كۈرەش قىلىپ،ھەتتا، ئىشتىنىنىڭ پۇشقىغىدىن مۇشۇكنى قويۇۋېتىپ،پۇچقاقنى باغلاپ قويۇپ،ئەۋرەت يېرىنى مۇشىكقا تالىتىپ… مەسخىرە قىلىپ ئۆلتۈرىۋەتكەنلىگىگىگە شاھىت بولغان ئىدىم.دوستۇمنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى بەختىخان ئىدى.بەختىخان ئانىنىڭ بەختسىز جەسىتىنى دوستۇم بىلەن بىللە يىغلىشىپ مازارلىققىچە بىللە بارغانلىرىم ھېلىمۇ ئىسىمدە… چوڭ بولۇپ،ئاللا بىزگە ئامانەت قىلغان بۇ مۇسۇلمان خوتۇن-قىزلارنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىش يولىدا قولۇمدىن تۈزۈكرەك ئىش كەلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئۆزەمنى ھېچ قاچان كەچۈرمىدىم .

خەلقىمىزنىڭ ئۈستىگە خۇددى قارا بۇلۇتتەك كېلىپ چۆككەن ئۇ زۇلمەتلىك كۈنلەر يەنىلا ئۇيغۇر خوتۇن-قىزلىرىنىڭ ئۈستىدە كىتىپ-كىلىپ يۈرمەكتە.ئۇنىڭ ئۈستىگە،دىن ھېسابلانغان خۇراپاتلىقنىڭ ئاياللارنى تۆۋەن كۆرىدىغان،كەمسىتىدىغان،بۇزەك قىلىدىغان فېئۇدال ئۆرپ-ئادەتلەر مۇ داۋام قىلىۋاتىدۇ. ئاياللارنى كەمسىتىدىغان “چېچى ئۇزۇن ئەقلى قىسقا” دېگەن خەلق تەمسىلى ۋە “ئەرلەرنى ئۇلۇغلايدىغان “ئەر دېگەن يىرىم خۇدا”دەيدىغان خەلق تەمسىلىسى ئۇيغۇرلارغا ئائىت.”يېرىم خۇدا”نېمە دېگەن گەپ؟ ئىسلامنىڭ بىرنچى شەرتى خۇدانىڭ بىرلىكىگە شاھادەت ئېيتىشتۇر.روسۇلىللا زامانىدىكى مەككە مۇشرىكلىرى،كەبىدىكى بۇتلارنى يىرىم خۇدا دىگەن ئامما،ئۆزلىرىنى يېرىم خودا دەپ باقمىغان.ئۇيغۇرلار ئىچىدە بولسا بۇ سۆزنى قىلىش ئارقىلىق مۇشرىكلاردىن بەتتەر مۇشرىكلىك قىلىۋاتقانلار بار.خوتۇنلارنى باشقۇرىمەن دەپ مۇشرىكلىك دەرىجىسىدە گۇناھقا پېتىپ،گۈناغا پاتقانلىغىدىن خەۋەرسىز ناماز قىلىپ،رۇزا تۇتۇپ يۈرۈۋاتقان ئۇيغۇرلار كۆپ.

مۇسۇلمانلارنىڭ يېتەكچىسى قۇرئاندۇر.قۇرئاندا ئاياللارنىڭ ھوقۇقى نېمە؟ ئەڭ توغرا بولغان جاۋابنى قۇرئاندىن ئالايلى؛“مۇسۇلمان ئەرلەر ۋە مۇسۇلمان ئاياللارغا، مۆمىن ئەرلەر ۋە مۆمىن ئاياللارغا، تائەت-ئىبادەت قىلغۇچى ئەرلەر ۋە تائەت-ئىبادەت قىلغۇچى ئاياللارغا، راستچىل ئەرلەر ۋە راستچىل ئاياللارغا، سەۋر قىلغۇچى ئەرلەر ۋە سەۋر قىلغۇچى ئاياللارغا، خۇدادىن قورققۇچى ئەرلەر ۋە خۇدادىن قورققۇچى ئاياللارغا، سەدىقە بەرگۈچى ئەرلەر ۋە سەدىقە بەرگۈچى ئاياللارغا، روزا تۇتقۇچى ئەرلەر ۋە روزا تۇتقۇچى ئاياللارغا، نەپسىلىرىنى ھارامدىن ساقلىغۇچى ئەرلەر ۋە نەپسىلىرىنى ھارامدىن ساقلىغۇچى ئاياللارغا، ئاللاھ نى كۆپ زىكرى قىلغۇچى ئەرلەر ۋە ئاللاھ نى كۆپ زىكرى قىلغۇچى ئاياللارغا ئاللاھ مەغپىرەت ۋە كاتتا ساۋاب تەييارلىدى” (ئەھزاپ سۈرىسى35.ئايەت)بىز يۇقىرىقى ئەيەتنى ئوقۇۋاتقاندا،بۇ دۇنيادا ھۇزۇرلۇق ۋە بەخىتلىك كېلەچەككە ۋە ئۇ دۇنيادىكى ئاللانىڭ جەننىتىگە قول تۇتۇشۇپ،بىرلىكتە،توپ-توپ بولۇشۇپ كېتىۋاتقان مۇسۇلمان ئەر-ئاياللىرى كۆز ئالدىمىزغا كەلىدۇ.بۇ ئايەت، ئەر-ئايالنىڭ ھوقۇقتا،ئىززەت-ھۆرمەتتە تەڭ-باراۋەر ئىكەنلىگىنىڭ ئەڭ مۇكەممەل دەلىلىدۇر.

قۇرئاننىڭ كۆپۈنچە ئايەتلىرى ئەرلەرگە خىتاب قىلىنغان.بۇ ھەرگىزمۇ ئاياللارنىڭ ئەتىۋارسىز ئىكەنلىكىدىن ئەمەس،بەلكى،ئەرلەرگە يۈكلەنگەن مەسئۇلىيەتتىندۇر.بىر ئائىلىنى بېقىش،قوغداش ئەرنىڭ مەسئۇلىيىتىدۇر.شەرت-شارائىت قانچىلىك قىيىن بولىشىدىن قەتئىي نەزەر ئەر كىشى ئائىلىنىڭ بىخەتەرلىكى،ئار-نومۇسى،كېيىم-كېچكى،يېمەك-ئىچمىگىنى كاپالەتلەندۈرۈشكە مەجبۇر.بۇ ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىغان ئەر كىشى،مۇسۇلمان ئايالغا ئەر،مۇسۇلمان بالىلارغا دادا بولۇش سالاپىتىنى يوقاتقان بولىدۇ.ئاللانىڭ،ئەرلەرگە خىتاب قىلىشىنى،ئەرلەر ئۆزلىرىنىڭ ئۈستۈنلۈكىدىن ئەمەس،مەسئۇلىيىتىدىن دەپ چۈشىنىشى لازىم.

يارىتىلىشتا ئەرلەرنىڭ جىسمانى جەھەتتىن كۈچلۈك،ئاياللارنىڭ ئاجىز ۋە نازۇك يارىتغانلىغى بىر ھەقىقەت.بۇ ھەقتە ئەرنى بۇرۇن، ئايالنى كېيىن ياراتقانلىق توغرىسىدا ئايەتلەر بار؛
“ئەي ئىنسانلار! سىلەرنى بىر ئىنساندىن (يەنى ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن) ياراتقان، شۇ ئىنساندىن (يەنى ئۆز جىنسىدىن) ئۇنىڭ جۈپتىنى (يەنى ھاۋۋاانى) ياراتقان ۋە ئۇلاردىن (يەنى ئادەم بىلەن ھاۋۋادىن) نۇرغۇن ئەر-ئاياللارنى ياراتقان پەرۋەردىگارىڭلاردىن قورقۇڭلار.”( نىسا سۈرەسى 1.ئايەت .)قۇرئاندا،ئايال كىشىنىڭ ئەردىن كېيىن يارىلىشى،ئايالنىڭ ئەردىن يارىتىلغانلىقى زىكىر قىلىنغان ئايەتلەرنىڭ ھىچ بىرسىدە،بۇ سەۋەپتىن ئاياللارنىڭ ئەرلەردىن تۆۋەن تۇرىدىغانلىقى توغرىسدىكى مەزمۇننى ئۇچىرىتىش مۇمكىن ئەمەس.

ئاياللارنى كەمسىتىدىغان، جاھىلىيەت ئەرەب ئۆرپ-ئادەتلىرىنىڭ ئىستەكلىرىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان بىر مۇنچەيالغان ھەدىلەرنىڭ ئەسلى مەنبەسى يەھۇدىلارنىڭ تەۋراتتىن كەلمەكتەدۇر. مەسىلەن تەۋراتنىڭ مۇنۇ قىسمىغا قاراپ باقايلى ؛“ 2.ئۇ ۋاقىت رەب خۇدا ئادەمگە بىر ئېغىر ئۇيقۇ سالدى. ئۇ ئۆزى ئۇخلاپ قالسا، ئۇ ئۇنىڭ قوۋۇرغىلىرىدىن بىرىنى چىقىرىۋېلىپ، ئورنىنى ئەت بىلەن تولدۇردى.22.ئاندىن رەب خۇدا ئادەمدىن ئالغان قوۋۇرغىدىن بىر خوتۇننى ياساپ، ئۇنى ئادەمنىڭ قېشىغا كەلتۈردى.23.ئادەم ئۆزى سۆز قىلىپ: «بۇ ئەمدى سۆڭەكلىرىمدىن سۆڭەك بولۇپ، ئېتىمدىن ئەت بولغاچ ئايال دەپ ئاتالسۇن، چۈنكى ئادەمدىن ئېلىنغاندۇر» دېدى.24.بۇنىڭ ئۈچۈن بىر ئادەم ئۆز ئاتا-ئانىسىنى قويۇپ، ئۆز خوتۇنى بىلەن بىر بولۇپ، ئىككىلىسى بىر بەدەن بولسۇن.25.ئەمما ئادەم بىلەن خوتۇنى بولسا ئىككىلىسى يالىڭاچ بولۇپ تۇرۇپ، ئۇياتمايتتى.”(تەۋرات-ئادەم ئاتا ۋە ھاۋا ئانىنىڭ يارىتىلىشى.6.بەت) .تەۋراتتا،جەننەتتىكى چەكلەنگەن مىيۋىنى يەپ تۇنجى قېتىم گۇناھ قىلغۇچىنىڭ ئايال بولغانلىغى رىۋايەت قىلىنىدۇ.بۇ رىۋايەت،يەھۇدىلارنىڭ ئاياللار توغرۇلۇق بىرمۇنچە يالغان ھەدىس توقۇپ ئىسلامنى تەۋراتلاشرۇرۇش،خرىستىئانلاشتۇرۇش ئارقىلىق،ئىسلام دىنىنىمۇ خۇددى ئىلگىركى ساماۋى دىنلاردەك توغرا يولدىن چىقىرىۋېتىش ئارزۇسىغا يەتمەكچى بولدى.تەۋرات خۇداسى،ئايال كىشىنى نىمە مەقسەت بىلەن يارىتىدۇ؟“18.ئاندىن كېيىن رەب خۇدا يەنە سۆز قىلىپ: «ئادەمنىڭ يالغۇز بولمىقى ياخشى ئەمەس. مەن ئۇنىڭ ئۆزىگە ئوخشاش بىر ياردەم بەرگۈچىنى ئۇنىڭغا پەيدا قىلىپ بېرەي» دېدى. “ (تەۋرات؛ئادەم ئاتا ۋە ھاۋۋا ئانىنىڭ يارىتىلىشى 5.بەت)تەۋراتتا خۇدا ئايال كىشىنى ئەرلەرگە ياردەمچى (يەنى خىزمەتچى) قىلىپ بېرىش مەقسىتىدە يارىتىدۇ.ئىسلامدا ئاياللار توغرىسىدىكى پۈتۈن خۇراپىي توقۇلمىلارنىڭ مەنبەسى تەۋراتتۇر.

قۇرانى-كىرىمدە بولسا ئاياللارنىڭ يارىتىلىش مەقسىدىنى مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ؛“ئۇ سىلەرنى بىر جاندىن (يەنى ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن) ياراتتى، (ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ) ئۇنسى-ئۈلپەت ئېلىشى ئۈچۈن، خوتۇنىنى (يەنى ھەۋۋانى) ئۇنىڭ ئۆز جىنسىدىن ياراتتى، خوتۇنى بىلەن يېقىنچىلىق قىلغاندىن كېيىن، خوتۇنى يېنىككىنە قورساق كۆتۈرۈپ ئېغىر بوي يۈردى، ئۇ (بالىنىڭ قورساقتا ئۆسۈپ چوڭىيىشى بىلەن) ئېغىرلاشقاندىن كېيىن، (ئەر-خوتۇن) ئىككىيلەن پەرۋەردىگارى ئاللاھ قا: ”ئەگەر بىزگە (ئەزالىرى) بېجىرىم پەرزەنت ئاتا قىلساڭ، نېمىتىڭگە ئەلۋەتتە شۈكۈر قىلغۇچىلاردىن بولىمىز“ دەپ دۇا قىلدى.” (ئەراف سۈرەسى 189.ئايەت) “ئاللاھ نىڭ سىلەرنى تۇپراقتىن ياراتقانلىقى، ئاندىن سىلەرنىڭ ئىنسان بولۇپ زېمىندا تارىلىپ يۈرۈشۈڭلار ئاللاھ نىڭ (كامالى قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتلىرىدىندۇر . ئاياللار بىلەن ئۇنسى – ئۈلپەت ئېلىشىڭلار ئۈچۈن (ئاللاھ نىڭ) ئۇلارنى سىلەرنىڭ ئۆز تىپىڭلاردىن ياراتقانلىقى، ئاراڭلاردا (يەنى ئەر – خوتۇن ئارىسىدا) مېھر-مۇھەببەت ئورناتقانلىقى ئاللاھ نىڭ (كامالى قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتلىرىدىندۇر، پىكىر يۈرگۈزىدىغان قوۋم ئۈچۈن، شەك-شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار” (رۇم سۈرەسى .200-201 ئايەت) ئاللانىڭ، ئاياللارنى يارىتىشتىكى مەقسىتى “ئۇنسى-ئۈلپەت”بولۇش، “مىھرى-مۇھەببەت “ئورنىتىپ ئۇلارغا “پەرزەنت ئاتا قىلىش.” يەنى-ئائىلىگە ئورتاق بەخت ئاتا قىلىش،ئەۋلادلارنى كۆپەيتىش،دۇنيانى گۈللەندۈرۈش. ئايەتتىكى” ئۇنسى” – ئۇنسىيەت سۆزىنىڭ قىسقارتىلىشىدۇر.ئۇنسىيەت؛بىرسى بىلەن بەخىتلىك بولۇش،چىقىشىپ قېلىش، ھۇزۇرغا ئىگە بولماق،يالغۇزلۇقتىن قۇتۇلماق،دېگەن مەنالارغا ئىگە.ئۈلپەت،سۆزى بولسا ئەرەبچىدىن ئۇيغۇرچىغا كىرىپ ئۆزلىشىپ قالغان سۆزدۇر.ئۇيغۇرچە مەزمۇنى ھەممىمىزگە ئايان؛سىردىشىش،سىرداش،دوستلۇق،مەنالىرىگە ئىگە.

شۇ نۇقتا ئىنتايىن مۇھىمكى؛پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللانىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىپ تۇنجى قېتىم ئىمان ئېيتقان كىش ئايالدۇر.ئۇ كىم ئىدى؟ئۇ سۆيۈملۈك ئانىمىز ھ.ز خەدىچە ئىدى.ھ.ز خەدىچە،ھ.ز.پاتىمە،ھ.ز.ئايشە نىڭ ئىسلامغا قوشقان تۆھپىسى قايسى ئەركەك ساھابىدىن كەم ئىدى؟
ئىسلام ئالىملىرىنىڭ تارىخى مەنبەلىرىدە ھەدىس رىۋايەت قىلغان ئايال ساھابىلەرنىڭ سانى 125 .( 5 ئاھمەد ب. ھانبەل، ئەل. چامى فىل. ئ/لەل ۋە ما رىفەتۈر.رىچال بەيرۇت، 1410/1990ئ ئىى، 244-246.) (ئىبنى ئاساكىر، ئالى ب. ئەل.ھاسەن، تەرتفبۈ ئەسماىس-سالıلىبە بەيرۇت 1409/1989ئ س. 33-34.) پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئاياللىرىدىن ھ.ز.ئايشە،ھافسا،ئۈممۈ،ھەبىبە،مايمۇنە،ئۈممۈسەلامە سۈننەتنىڭ ۋە ھەدىسلەرنىڭ مۇسۇلمانلارغا توغرا تارقىلىشىدا كاتتا ھەسسىلىرى بار.ھەدىس تارىخىدا،ئايشەنىڭ 2210،ئۈممەسەلەمەنىڭ 378،مايمۇنەنىڭ76،ئۈممۈ ھەبىبەنىڭ 65،ھافسانىڭ 60 ھەدىس رىۋايىتى بارلىغى يېزىلماقتا.بۇلۇپمۇ،ھ.ز.ئايشەنىڭ قۇرئان ۋە سۈننەت بىلىملىرىڭ موللىغى بارلىق ئىسلام ئالىمىنى قايىل قىلىشقا يېتىدۇ.(ئەسئاد سالىم تەيم، ئ/لمۇ تاباكاتىئ لمۇ/ıئاددىسفن -رىياد، 1415/1994- س.113،115-ئەرەپچە) ئىنسان ئۈچۈن ئىنسانىي قىممەت جىنسىنىڭ نىمە ئىكەنلىگى بىلەن ئەمەس،بەلكى،ئەخلاق،ئەقىل،قابىلىيەت ۋە مەسئۇلىيەت قاتارلىق سۈپەتلەر بىلەن ئۆلچىنىدۇ.

قۇرئانى كەرىمدە نىسا سۈرىسى بار.نىسا-ئايال دىگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.ئامما،قۇرئاندا ئەر ئىسمى قويۇلغان سۈرە يوقتۇر.قۇرئاندا،ئاياللارنىڭ نىكاھ ئەركىنلىكى،نىكاھتا بېرىلىدىغان مىھىر ھەققى،مىراس… ۋە باشقا ئاياللار ھوقۇقىغا ئائىت تەپسىلى ئايەتلەر بار.ئاياللارنى مال ئورنىدا ئېلىپ-ساتىدىغان،قىز بالىلارنى تىرىك كۆمۈۋەتىدىغان،ئاياللارنى پەقەتلا ئەرلەرنىڭ جىنسى تەلىيىنى قاندۇرغۇچى ۋە بالا تۇققۇچى ئىككى ئاياقلىق چارۋا مال دەپ قارايدىغان ياۋايى بىر جەمىيەتتە،ئىنسانىيەت تارىخىدا تۇنجى بولۇپ ئاياللارنىڭ ئىنسانى قەدىر-قىممىتىنى،ھوقۇقىنى قوغدىغان تۇنجى ئىلاھى قانۇن قۇرئاندۇر.“ئىپپەتلىك مۆمىن ئاياللارغا قارا چاپلىغانلار،دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە چوقۇم لەنەتكە ئۇچرايدۇ” (نۇر سۈرەسى 23.ئايەت) ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ھازىرمۇ “ بويى يەتمىگەن شاپتۇل ئاچچىق” دىگەندەك،گۈزەل ئەخلاقلىق قىزلارغا،گۈزەل،ئىپپەتلىك تۇل ئاياللارغا قارا چاپلاپ،جىسمانىي جەھەتتە تۆھمەتخورلاردىن ئىنتىقام ئېلىش كۈچى ئاجىز خوتۇن-قىزلىرىمىزىڭ ئاھىغا بوغۇلۇپ يۈرۈۋاتقان ئەرلىرىمىز بار.ئاللاھ،ئاياللارنىڭ ھەق-ھوقۇقىلا ئەمەس،ئىززەت-نەپسىنى،غۇرۇر-ئېتىبارىنى قوغداش ئۈچۈنمۇ مانا شۇنداق كەسكىن ھۆكۈمگە ئىگە ئايەتلەرنى نازىل قىلغان.“ئۇلار سىلەر ئۈچۈن كىيىمدۇر . سىلەرمۇ ئۇلار ئۈچۈن كىيىمسىلەر.” (بەقەرە سۈرەسى.187.ئايەت)ئاللا،بۇ ئايەتتە ئەر-ئايالنىڭ بىر بىرىسىز ياشىياممايدىغانلىغىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.ئەپسۇسكى،بەزى ساختا ھەدىسلەر،قۇرئان ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلىپلا قالماي،ئەسىرلەر بويى مۇسۇلمان خوتۇن-قىزلىرىنىڭ ئۈستىدە قارا بۇلۇتتەك ئەگىپ يۈرمەكتە.مەسىلەن:“ئۇسامە ئىبنى زەيىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى،پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن:ئەرلەر ئۈچۈن ئاياللاردىن ئارتۇق پىتنە بولمايدۇ.” (سەھىھۇل بۇخارى 247.بەت-ئۇيغۇرچە) ئەگەر بۇ ھەدىس توغرا بولىدىغان بولسا،تۆۋەندىكى ئايەت ئىنكار قىلىنىشى كەرەكمۇ؟: “ئەي پەرۋەردىگارىمىز!بىزگە ئاياللىرىمىز ۋە ئەۋلاتلىرىمىز ئارقىلىق شادلىق بېغىشلىشىڭنى تىلەيمىز.” (فۇرقان سۈرەسى.74.ئايەت) ئاياللارنىڭ ئەرلەرگە شادلىق بېغىشلىشىنى ئارزۇ قىلغان ئاللا،ئۇنىڭ قارشىسىدا” ئەرلەر ئۈچۈن ئاياللاردىن ئارتۇق پىتنە بولمايدۇ” دەپ چۈشۈنىدىغان پەيغەمبەر بولىشى مۇمكىنمۇ؟ “ھاۋۋا،ئادەم ئەلەيھىسسالامنى ئازدۇرمىغان بولسا،ئايال كىشى ئەرىنى مەڭگۇ ئازدۇرمىغان بۇلاتتى.” (سەھىھۇل بۇخارى 171-172.بەت-ئۇيغۇرچە)قۇرئانى كەرىم بىزگە “يامان ئاياللار يامان ئەرلەرگە لايىقتۇر.يامان ئەرلەر يامان ئاياللارغا لايىقتۇر.ياخشى ئاياللار ياخشى ئەرلەرگە لايىقتۇر،ياخشى ئەرلەرلەر ياخشى ئاياللارغا لايىقتۇر.” (نۇر سۈرەسى،28.ئايەت) دەپ تەلىم بېرىدۇ. ئاللانىڭ نۇرى ئەرنىڭمۇ،ئايالنىڭمۇ ئىچىدە بولغىنىغا ئوخشاش،شەيتانمۇ ھەم ئەرنىڭ ھەم ئايالنىڭ ئىچىدە بار.ئەرنى ئازدۇرغۇچى ئايال ئەمەس،بەلكى ئەرنىڭ ئىچىدىكى شەيتاندۇر. شۇڭا قۇرئان، ياخشىلارنىڭ بىر بىرگە،يامانلارنىڭمۇ بىر بىرىگە لايىق بولغانلىغىنى بىزگە كۆرسەتتى.

يۇقىرىقى ھەدىسىنىڭ بىرىنچىسى،جاھىلىيەت ئەرەپلىرىنىڭ دۇنيا قارىشىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان دەل تەۋراتتىن ئېلىنغان ئۈزۈندىدۇر.تۆۋەندىكى ھەدىسنى ئوقۇپ كۆرەيلى؛ “ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەپ رىۋايەت قىلىدۇ:بىر ئادەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كېلىپ:مېنىڭ ياخشىلىق قىلىشقا ئەڭ ھەقلىق ئادىمىم كىم؟دەپ سورىدى.رەسۇلىللا:ئاناڭ،دەپ جاۋاپ بەردى.ئۇ ئادەم:ئاندىن قالسىچۇ؟دەپ سورىدى.رەسۇلىللا:ئاناڭ،دەدى.ئۇ ئادەم:ئاندىن قالسىچۇ؟دەپ سورىدى.رەسۇلىللا:،ئاناڭ دېدى.ئۇ ئادەم:ئاندىن قالسىچۇ؟دەپ سورىدى.رەسۇلىللا:ئاندىن قالسا ئاتاڭ،دېدى.” (سەھىھۇل بۇخارى 286.بەت-ئۇيغۇرچە) ئانا دېمەك-ئايال دېمەكتۇر.قىز دېمەك-ئانا نامزاتى دېمەكتۇر.بىر ئىنسان ئۈچۈن ئەڭ ياخشىلىق قىلىشقا تېگىشلىك كىشى ئانا ئىكەنلىكىنى رەسۇلىللا 3 قېتىم تەكرارلاش ئارقىلىق ئىپادىلەيدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىنكى نۆۋەت دادىغا كېلىدۇ.بۇ ھەدىسنى سۆزلىگەن پەيغەمبەر،بۇ ھەدىسكە ۋە قۇرئان ئايەتلىرىگە زىت بولغان،ئاياللارنى،ئانىلارنى كەمسىتىدىغان،ئۇلارنىڭ خورلىنىشىغا دىنى ئاساس بولىدىغان ھەدىسلەرنى سۆزلىشى مۇمكىنمۇ؟ ھەقىقى ھەدىس قۇرئان ۋە ئەقىلغا ئۇيغۇن بولغان ھەدىسلەردۇر: “ئاياللارغا ئېتىبار بېرىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن.تەۋىسسىيەمنى قوبۇل قىلىپ،شۇ بۇيىچە ئىش قىلىڭلار” (سەھىھۇل بۇخارى 250-251.بەت.ئۇيغۇرچە).

قۇرئاندا قىيامەت كۈنىنىڭ ئالامەتلىرى مۇنداق تەسۋىرلىنىدۇ“كۈننىڭ نۇرى ئۆچكەن چاغدا، يۇلتۇزلار تۆكۈلگەن چاغدا، تاغلار گۇمران بولغان چاغدا… تىرىك كۆمۈۋېتىلگەن قىزدىن سەن قايسى گۇناھ بىلەن ئۆلتۈرۈلدۈڭ؟ دەپ سورالغان چاغدا “ (8تەكۋىر سۇرىسى 1.2.3 . 8.ئايەت)ئاللانىڭ غەزىپى،قىيامەت-قەيۇمنى ئېلىپ كېلىدىغان چاغدىكى دەھشەتلىك ئالامەتلەرنىڭ ئارىسىدا”… تىرىك كۆمۈۋېتىلگەن قىزدىن سەن قايسى گۇناھ بىلەن ئۆلتۈرۈلدۈڭ؟ دەپ سورالغان چاغدا.” دىگەن چاقماق گۈلدۈرمامىدەك ئىنسان يۈرىكىنى تىترەككە سالىدىغان ئىلاھى خىتاب بار. بۇگۇن خىتاي زالىملىرى ئۇيغۇر قىزلىرىنى تىرىك كومۇۋاتىدۇ. ئىپپەت – نۇمۇسىغا تاجاۋۇز قىلىۋاتىدۇ. جاھىلىيەت دەۋرىنىڭ قىزلارغا،ئايال-ئانىلارغا قىلغان ۋەھشى زۇلىمىدىن ھېچبىر پەرقى يوق. شۇنداق كۇنلەردە، ئاللانىڭ ئايەتلىرىنى ئىنسانلارغا يەتكۈزگۈچى ئەلچىنى،ئۈممەتنىڭ نىجات يۇلتۇزى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى،مۆمىن خوتۇن-قىزلىرىمىزغا زۇلۇم قىلش ۋاستىسى قىلىۋالغان جاھالەت پىرلىرىنى تارىخنىڭ لەنەت ئەۋرىزىگە كۆمىۋەتىدىغان زامان كەلمىدىمۇ؟

يۇرتىمىزدا ئون مىڭلىغان تۇل ئۇيغۇر ئايال،يۈز مىڭلىغان يېتىم ئۇيغۇر بالىسى جازا لاگىرلىرىدا جان تالىشىۋاتىدۇ. ئاچلىق-يوقسۇللۇق،پاھىشە،جىنايەت پاتقىغى ئىچىدە زۇلمەتلىك قاراڭغۇ كېلەچەككە يۈزلىنىۋاتىدۇ. بۇنىڭ جاۋاپكارى يالغۇزلا خىتايمۇ؟ ؟ۇيغۇر ئەرلىرى ئارىسىدا جاۋاپكار يوقمۇ؟ جاۋابكار ئالدى بىلەن خوتۇن ئېلىپ-خوتۇن قويۇپ،خوتۇن دۇمبالاپ،بالا يېتىم قىلىپ چارچىمايدىغان،ساقاللىق،ساقالسىز ئۆزىنى مۇسۇلمان ساناپ يۈرىدىغان بىز ئۇيغۇر ئەرلىرى ئەمەسمۇ؟ خۇتۇن، بالىلىرىنى قوغداپ شەرەپ بىلەن ئولۇش ئورنىغا، قۇربانلىق قويدەك ئولۇمى نوۋىتىنى كۇتۇپ تۇرۇپ ئولۇۋاتقان، قەدىرلىك ئايالىنى، جاندىن ئېزىز بالىلىرىنى خىتاينىڭ خارلىشىغا تشلاپ كېتىۋاتقانلار كىملەر؟

ئاياللار مىللەتنىڭ مەدەنىيەت باغچىسىدۇر.بىر مىللەتنىڭ مەدىنىيىتى ئاياللار ئۈستىدە ئەڭ گەۋدىلىك ئىپادىسىنى تاپىدۇ. “ئاياللىرىڭلار سىلەر ئۈچۈن ئېكىنزارلىقتۇر.” (بەقەرە سۈرەسى.223.ئايەت) ئايەتتىكىحَرْثھارس)ئىكىنزار) كەلىمىسى ئەرەب ئىزھاتلىق لوغىتىدا،ھەم ئېكىنزار مەناسىغا،ھەم مەدەنىيەت مەناسىغا ئىگە. ئىنگىلىزچىدىمۇ ئوخشاش مەزمۇنغا ئىگە.ئىپتىدائى فېئودال جەمئىيەتتە تېرىقچىلىق ئەڭ يۇقىرى مەدەنىيەت ھېسابلىناتتى.ئىنسانسىز مەدەنىيەت بولمايدۇ.ئىنساننىڭ كۆپىيىش مەنبەسى ئاياللاردۇر.ھەر قانداق بىر مىللىي مەدەنىيەتنىڭ مەنبەسى ۋە جەۋلان قىلدۇرغۇچىسى ئاياللار،قوغدىغۇچىسى ئەرلەردۇر.ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى،مەۋجۇدىيىتىنى قوغداش ئەينى زاماندا مىللىي مەدىنىيىتىمىزنى ۋە ئىپپەت-نۇمۇسۇمىزنى قوغداش دېمەكتۇر.
ئاللا،خوتۇن-قىزلىرىمىزنى بىزلەرگە ئامانەت قىلدى.ئىزىش ئۈچۈن ئەمەس،بەلكى ئۇلارنى ھىمايىمىز ئاستىغا ئېلىش،قوغداش ئۈچۈن.ئېكىنزارلىق پەرۋىشسىز قالسا چۆللىشىدۇ.مەدەنىيەت ۋارىسلىق قىلغۇچى بولمىسا يوقىلىدۇ.ئەكىنزارلىرىمىزنى ياشنىتىش،مەدىنىيىتىمىزنى گۈللەندۈرۈش ئۆزىمىز ئۈچۈندۇر.ئەكىنزارسىز،مەدىنىيەتسىز ۋەتەننى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس.

ئۇلۇغ پەيغەمبىرىمىز “جەننەت ئانىلارنىڭ ئاياغلىرى ئاستىدا” دېدى.ئىسلام دىنى،جەننەتنى ئانىلارنىڭ،ئاياللارنىڭ ئاياق ئاستىغا يايغان مۇقەددەس دىندۇر.بۇگۈنكى كۈندە مىليونلىغان ئۇيغۇر ئانىلىرى دىنىي ۋە مىللىي زۇلۇم ئاستىدا ئازاب-ئوقۇبەت ئىچىدە ياشىماقتا. كۈرمىڭلىغان ئانىلارنىڭ بالىلىرى دۈشمەن ھاكىمىيەت تەرىپىدىن ئېتىپ تاشلانغانلىقى،تۇتۇپ كېتىلگەنلىكى ئۈچۈن يۈرەكلىرى كاۋاپ بولۇپ يانماقتا.كۈرمىڭلىغان ياش ئۇيغۇر ئاياللىرى تۇل،يۈزمىڭلىغان ئۇيغۇر سەبى بالىلار يىتىم قالماقتا.ئون مىڭلىغان ئۇيغۇر قىزلىرى ئىچكى ئۆلكىلەردە پاھىشىلىك قىلىپ جان بېقىشقا مەجبۇر قالماقتا.بۇ زۇلۇملارغا چىدىمىغان زامانىمىزنىڭ ئىپپارخانلىرى،نۇزۇگۇملىرى،دۈشمەن قورغانىغا،تانكىلىرىغا،ئوق ياغدۇرۇلۇۋاتقان پىلىمۇت،ئاپتۇماتلارغا قولىدىكى پىچاق ياكى ئۆزى ياسىغان بومبىلار بىلەن ئېتىلىپ بېرىپ شەھىد بولۇپ كەتكەنلىكىگە شاھىت بولدۇق.

مەن ياخشى تونۇيدىغان ۋە بىر قانچە يىل بۇرۇن دۈشمەننىڭ ھۇجۇمىغا قارىشى بىر قېتىملىق جەڭدە شېھىت بولۇپ كەتكەن بىر سىڭلىمىز چۈشۈمگە كىرىپ قاپتۇ.چۈشۈمدە،ئۇنىڭ قولىدا قىزىتىلغان بىر لاخشىگىر بار ئىدى.ئۇ،ماڭا قاراپ كۈلۈپ تۈرۈپ شۇنداق دېدى؛”ھاجىم ئاكا! قورقۇپ ئارقامغا ئۆتۈۋالماڭ! مەن سىزنى قوغدايمەن…” مەن چۆچۈپ ئويغۇنۇپ كەتتىم.ئۇ ئۇيغۇر قىزى مىنىڭ قەلبىمدىمۇ،بارلىق ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ قەلبىدىمۇ ھايات.ئامما مەن شۇ كۈندىن بىرى ئۆلدۈم .ئەي ئۇيغۇر ئەركەكلىرى! سىلەر، بىز تىرىك دەپ يۇرەمسىلەر؟ سىلەر مىدىرلاپ يۇرگەن مۇردىلار. چۇنكى سىلەرنىڭ روھىڭلار ئولگەن. ئاللاھ تارىختا خوتۇن، بالىلىرىنى قوغداشنى بىلمىگەن قەۋىملەرنى ھالاك قىلىۋەتكەن.ئۇنۇتما!

Share
9010 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.