logo

trugen jacn

قۇرئان ۋە 21.ئەسىر – 14

<.>https://youtu.be/W-QmBvZP1ns

مەھمەتىمىن ھەزرەت

ئاۋازدا: پەرىزات غەيرەت

 14- قۇرئان ۋە رەسۇلىللانىڭ مۇناپىقلارغا تۇتقان پۇزۇتسىيەسى  

ئىنسانلارنىڭ شەپقەتچىسى بولغان مۇھەممەد ئەلايھىسسالام،مۇسۇلمانلار ئىچىدىكى مۇناپىقلارغىمۇ،پاسىقلاغىمۇ باغرىنى ئىچىپ ،مۇناپىقلارنىڭ مۇناپىقلىغىنى بىلىپ تۇرۇپمۇ ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىشنى داۋاملاشتۇرىۋاتقان كۈنلەردە مۇنۇ ئايەت نازىل بولدى؛ “ (ئى مۇھەممەد!) سەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن ئۆلگەن ھېچبىر ئادەمنىڭ نامىزىنى چۈشۈرمىگىن، (دەپنە قىلىش، زىيارەت ياكى دۇا ئۈچۈن) ئۇنىڭ قەبرىسى ئۈستىدىمۇ تۇرمىغىن، چۈنكى ئۇلار ئاللاھ نى ۋە ئاللاھ نىڭ پەيغەمبىرىنى ئىنكار قىلدى. ئۇلار پاسىق ھالىتى بىلەن ئۆلدى. (تۆبە سۈرىسى 84.ئايەت)پاسىق ھالىتى بىلەن ئۆلگەنلەر كىملەر ئىدى؟ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جەڭگە چاقىرسا،بانا-سەۋەپ كۆرسۈتۈپ پەيغەمبەر بىلەن بىللە جەڭگە چىقمىغان،تەييار غەنىمەتتىن كۆپ ئىلىش ئۈچۈن يۈگرىگەن، نامازنى مەنپەتكە ئىرىشىش ئۈچۈن قىلغان،كۆڭلىدە ئاللاغا،رەسۇللاغا شۆھبە بىلەن قارىغان مۇناپىقلار ئىدى. بۇ ئايەتنى توغرا چۈشۈنىش ئۈچۈن،ئايەتنىڭ نازىل بولۇش سەۋىبى بىلىشىمىز پايدىلىقتۇر. “ئىبنى ئۆمەرنىڭ رىۋايەت قىلىشىچە؛ئابدۇللا ئىبنى ئۇبەي ئىبنى سەلۈل ئۆلگەندە،ئوغلى ئابدۇللا،پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يىنىغا كىلىپ،دادىسىنىڭ كىپەنلىگى ئۈچۈن پەيغەمبەرنىڭ كۆينىكىنى بىرىشنى تىلىدى.رەسۇلىللا كۆينىكىنى ئۇنىڭغا بەردى.ئابدۇللا يەنە كىلىپ دادىسىنىڭ جىنازا نامىزىنى ئۆزى چۈشۈرۈپ بىرىشنى تەلەپ قىلدى.رەسۇلىللا،ئۇبەينىڭ جىنازا نامىزىنى چۈشۈرۈپ بىرىش ئۈچۈن ئورنىدىن تۇرىۋاتقاندا،ھەزرىتى ئۆمەر،رەسۇلىللانىڭ ئىتىگىنى تۇتتى ۋە “ئەي،ئاللانىڭ رەسۇلى!ئاللا سىنى ئۇنىڭ نامىزىنى چۈشۈرۈشتىن مەنئى قىلغان تۇرسا،سەن يەنە ئۇنىڭ نامىزىنى چۈشۈرەمسەن؟دىدى.رەسۇلى-ئىكرام “رەببىم مىنى،ئۇنىڭ جىنازە نامىزىنى قىلىش-قىلماسلىغىمنى ئىختىيارىمغا تاپشۇردى. ۋە “ خالىساڭ ئۇنىڭ ئۈچۈن ئىستىغفار قىل،خالىساڭ ئىستىغفار قىلما.ئەگەر سەن يەتمىش قىتىم ئىستىغفار قىلساڭ…”دەپ بۇيرىدى.مەن مۇ يەتمىش قىتىم ئىستىغفار قىلاي.”دىدى.ھەزرىتى ئۆمەر “ئامما،ئۇ مۇناپىق” دىگەن بولسىمۇ،رەسۇلىللا چىقىپ ئۇبەينىڭ جىنازا نامىزىنى چۈشۈردى ۋە بۇ ئايەت نازىل بولدى.ئۇنىڭدىن كىيىن رەسۇلىللا مۇناپىقلارنىڭ جىنازا نامىزىنى قىلمايدىغان بولدى.” (تىرمىزى – تەفسىرۇل-كۇرئان 9/13.ھەدىس نۇمىرى؛3098؛نەسەئى چەنائىز.40.ھەدىس نۇمۇرى:1898).

ۋەتىنىمىزدە،مەسچىتتە ئىماملىق قىلىدىغان ۋە ياكى 5 ۋاقىت نامازنى قازا قىلمايدىغان،ئامما،خىتايدىن مائاش ئىلىش ياكى مۇكاپات پۇلى ئىلىش ئۈچۈن مۇسۇلمان ئۇيغۇر قىرىنداشلىرىنى خىتاي ساقچىلىرىغا چاقىدىغان شىپىيۇن بولۇپ ئىشلەۋاتقان مۇناپىقلار ئاز ئەمەس.بۇگۈنكى كۈندە،دىنىمىز،ۋەتىنىمىز،مىللىتىمىز ئۈچۈن جىنىنى پىدا قىلغانلارنىڭ جىنازىسىنى چۈشۈرىدىغان موللا يوق.ئامما،مۇناپىق،خائىنلار ئۆلسە،بۇ مۇسۇلمان دۈشمەنلىرىنىڭ جىنازە نامازلىرىنى داغدۇغۇلۇق ھالدا چۈشۈرىمىز.قۇرئان ھۆكمىگە ۋە رەسۇلىللانىڭ سۈننىتىگە ئەمەل قىلىدىغان بولساق،مۇناپىقلارنىڭ،خائىنلارنىڭ جىنازىسىغا قەتئى بارماسلىقىمىز،جىنازىسىنى چۈشۈرمەسلىكىمىز لازىم.ئۇلارنىڭ توي-تۈكۈن،جىنازىلىرىغا قاتناشماسلىق،جامائەتنىڭ ئارىسىغا ئالماسلىق بۇ مۇناپىقلارغا بىرىلگەن ئەڭ ياخشى جازادۇر.مەسچىتتە ئاللاغا تازىم قىلىپ،مەسجىتتىن چىقىپ زالىمغا تازىم قىلىشنىڭ ئۆزىمۇ مۇناپىقلىقتۇر.خائىن ۋە مۇناپىقلار،مەيدانسىز مۇسۇلمانلارنىڭ كۆپ ساندا بولغانلىقى ئۈچۈن مۇسۇلمان مىللىتىمىزگە شۇنچىۋالا قاتتىق زىيانلارنى سىلىۋاتىدۇ.

ناماز قىلىشلا مۇسۇلمانلىقتىن دىرەك بەرمەيدۇ.ھەم ناماز قىلىسەن ھەم خائىن،مۇناپىق ئەمەلدار،جاسۇسلارغا خۇشامەت قىلىسەن.مەھەللەڭدە،ئاللا يولىدا شىھىت بولغان ياكى تۇرمىغا سۇلانغان كىشىلەرنىڭ يىتىم قالغان بالىلىرىنىڭ،تۇل قالغان ئاياللىرىنىڭ،ئاچ-يوقسۇل قالغان ئاتا-ئانىلىرىنىڭ يۈزىگە باقمايسەن،ئۇلارغا بىر قاچا ئىسسىق تاماق بىرىش ئەقلىڭگە كەلمەيدۇ.ئامما،ئۇلارنىڭ ئۆلۈپ كىتىشىگە،تۇرمىلارغا سۇلىنىشىغا سەۋەپچى بولغان خائىن ئەمەلدار،مۇناپىق جاسۇسلارنى مىھمان قىلىسەن.يەنە مەسچىتكە كىرىپ جامائەت بىلەن بىللە نامازقىلىسەن،ياكى جامائەتكە ئىماملىق قىلىسەن.سەن مۇسۇلمانمۇ؟ مۇسۇلمان بولۇپ،بولمىغانلىقىڭنى مۇنۇ ئايەت بىلەن ئۆلچەپ باق؛ “دىننى ئىنكار قىلغان ئادەمنى كۆردۈڭمۇ؟ [1]ئۇ يېتىمنى دۆشكەلەيدىغان، مىسكىنگە تاماق بېرىشنى تەرغىب قىلمايدىغان ئادەمدۇر [2-3 ]، شۇنداق ناماز ئوقۇغۇچىلارغا ۋايكى، ئۇلار نامازنى غەپلەت بىلەن ئوقۇيدۇ [4 -5]. نامازنى رىيا بىلەن ئوقۇيدۇ [6]. ئۇلار قولقا بەرمەيدۇ [7].” (مائۇن سۈرىسى 1-7.ئايەت).سەن ناماز قىلىسەن-يۇ،ئاللانى ئىنكار قىلىسەن.نامزنى باشقىلار كۆرسۈن،دەپ قىلىسەن،نامازنى ،ئاللاغا،پەيغەمبەرگە،مۇسۇلمان ئۇيغۇر قىرىنداشلىرىڭغا قىلغان خىيانەتلىرىڭنى يۇشۇرۇشنىڭ ۋاستىسى قىلىسەن.

ئۇيغۇر جامائىتى،بۇ خىل مۇناپىقلارنى،بۇ مۇناپىقلارغا خۇشامەت قىلغۇچىلارنى ئارىسىغا ئالماسلىقى لازىم.سۈيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز،مۇناپىقلارنىڭ جىنازا نامىزىغا بىرىشتىن ۋاز كەچكەن،بىز ئۈممەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئارىمىزدىكى مۇناپىقلارنىڭ جىنازا نامىزىغا بىرىشتىن ۋاز كىچىشىمىز،خائىن،مۇناپىقلار بىلەن چەك-چىگىرىمىزنى ئايرىشىمىز لازىم.

مۇناپىقنىڭ نامىزىغا بارمىدى،دەپ تۇرمىغا چۈشۈپ قالغان ئۇيغۇرنى كۆردۈڭلارمۇ؟

مۇسۇلمان،ئالدى بىلەن ئىنسانىي غۇرۇرنى قوغدىيالايدىغان سالاھىيەتكە ئىگە بولىشى لازىم.غۇرۇرىنى قوغدىيالمىغان مۇسۇلمان ئىمانىنى قوغدىيالمايدۇ.

Share
4838 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.