logo

trugen jacn

قىرغىزىستان خىتاي ئەلچىخانىسى ھۇجۇمچىسىنى «تاجىكىستان پۇقرالىقىدىكى ئۇيغۇر» دېدى

image

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قىرغىزىستان دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى سەيشەنبە كۈنى بەرگەن خەۋىرىدە، 30-ئاۋغۇست قىرغىزىستاننىڭ پايتەختى بىشكەكتە يۈز بەرگەن، خىتاي ئەلچىخانىسىغا قارىتىلغان ئاپتوموبىللىق پارتلىتىش ھۇجۇمىنى سادىر قىلغۇچىنىڭ تاجىكىستان پۇقراسى، 33 ياشلىق ئۇيغۇر زاھىر خېلىلوف ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ نۆۋەتتە سۈرىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىنىڭ ئەزاسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

رويتېرسنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، خادىمى بايانىدا، 30-ئاۋغۇست يۈز بەرگەن ئاپتوموبىللىق بومبا ھۇجۇمىدا پارتلاپ ئۆلگەن زاھىر خېلىلوفنىڭ سۈرىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىنىڭ ئەزاسى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋەقەدىن كېيىن قىرغىزىستان دائىرىلىرى 5 نەپەر گۇماندارنى قولغا ئالغان ھەمدە تۈركىيەدىكى 4 نەپەر گۇماندارنى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان.

30-ئاۋغۇست يۈز بەرگەن بىشكەكتىكى خىتاي ئەلچىخانىسىغا قارىتىلغان ئاپتوموبىللىق ھۇجۇمدا، ئاپتوموبىل شوپۇرى ئۆلۈپ 2 نەپەر ئەلچىخانا خادىمى ۋە قىرغىزىستان پۇقرالىقىدىكى بىر ئايال يارىلانغان. ۋەقەدىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر ھۇجۇمنى تېررورلۇق ھۇجۇمى دەپ ئەيىبلىگەن، دەسلەپكى كۈنلەردە قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى مەزكۇر ۋەقەنى تەكشۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ھۇجۇمچىنىڭ كىملىكىنى ئېنىقلاپ چىقىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
قىرغىزىستان دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ بۇ خەۋىرى ھەققىدە، مۇستەقىل ئۇچۇر مەنبەلىرىنىڭ ئىسپاتلىشىغا ئېرىشەلمىدۇق

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/qirghizistanda-partlash-09062016165404.html

Share
939 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.