logo

trugen jacn

قىرغىزىستان بىلەن قوشنا ئەللەرنىڭ چېگرا ماجىرالىرى ئەۋج ئېلىۋاتىدۇ

129bc418-a96f-47e3-b5ee-1f80db82fcc7

2014-u0828-azad.mp3ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئازاد

25 – ئاۋغۇستتا قىرغىز – تاجىك چېگراسىدىكى لەيلەك رايونىغا قاراشلىق قۇلۇندۇ يېزىسىدىكى سايلىقتا ئىككى دۆلەت چېگرا قىسىملىرىنىڭ قوراللىق يوقۇنۇشى يۈز بەردى.

بۇ قېتىمقى توقۇنۇشتا تاجىكىستاننىڭ بىر پۇقراسى ھەمدە چېگرا قىسىملىرىنىڭ بىر كوماندىرى قازا بولدى. تاجىكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئىلان قىلىپ، قىرغىز تەرەپنىڭ تاجىكىستان پۇقرالىرىنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەبكارلارنى دەرھال ئىنىقلاپ قاتتىق بىر تەرەپ قىلىشىنى تەلەپ قىلدى ھەمدە قىرغىزستاننى چېگرا مەسىلىلىرىنى قورال كۈچى بىلەن ھەل قىلىشقا ئۇرۇنماسلىققا ئاگاھلاندۇردى.

قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى بولسا تاجىكىستان پۇقرالىرىنىڭ قىرغىزىستاننىڭ باتكېن ئوبلاستىغا قاراشلىق لەيلەك رايونىنىڭ قۇلۇندۇ يېزىسىغا 800 – 900 مېتىر ئىچكىرىلەپ كىرىپ، چېگرا تاختىلىرىنى ئورنىتىشقا ھەمدە قىرغىزىستان تەرەپ ياساۋاتقان ئاقساي – تامدىق – كۆكتاش يولىنى ۋە ماقسات – قۇلۇندۇ كۆۋرۈكىنى بۇزۇشقا ئۇرۇنغانلىقىنى، تاجىكىستان چېگرا قىسىملىرىنىڭ مىنامىيۇت قاتارلىق ئېغىر تىپتىكى قوراللارنى ئىشقا سېلىپ قىرغىز چېگراچىلىرىغا ئوق چىقارغانلىقىنى ئەيىبلىدى.

گەرچە، بىشكەكتە ئىككى دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرلىرى چېگرا مەسىلىلىرى ھەققىدە سۆھبەتلىشىۋاتقان ھەمدە تالاي قېتىملاپ كېلىشىملەر تۈزۈلگەن بولسىمۇ، بىراق ئىككى تەرەپنىڭ ئىنىقلانمىغان چېگرادىكى زېمىنلار ھەققىدىكى قاراشلىرىدا پەرقلەر زور بولغانلىقى ئۈچۈن چېگرا مەسىلىسىنى سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىش يولىدىكى تىرىشچانلىقلار ھېچقانداق نەتىجە بەرمەيۋاتىدۇ

قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستاننىڭ خەلىقلىرى چىگرا مەسىلىسى ئۈستىدە
قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستاننىڭ خەلىقلىرى چىگرا مەسىلىسى ئۈستىدە

بۇنىڭدىن بۇرۇنقى 13 – ئاۋغۇست كۇنى تاجىكىستاننىڭ خوجەند ئوبلاستىغا قاراشلىق جېرگتال يايلىقىدا تاجىكىستان چېگرا قىسىملىرى بىلەن قىرغىزىستاننىڭ ئۈچ نەپەر پۇقراسى ئوتتۇرىسىدا قوراللىق توقۇنۇش يۈز بېرىپ، نەتىجىدە بىر نەپەر قىرغىزىستانلىق ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن، قالغان ئىككىسى قولغا ئىلىنغان

19 – ئاۋغۇست كۈنى باتكېن ئوبلاستىنىڭ قەدەمجاي رايونىدىكى ئورتا ئىتتىپاق يايلىقىدا ئۆزبەكىستاننىڭ 25 پۇقراسى چېگرادىن قانۇنسىزلىق بىلەن ئۆتكەن دېگەن ئەيىب بىلەن قىرغىزىستان چېگرا قىسىملىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان. بۇ جەرياندا بىر نەپەر ئۆزبەكىستانلىق ئوق تېگىپ قازا قىلغان.

تولۇقسىز مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئاخىرىقى يېرىم يىل ئىچىدە قىرغىز – تاجىك ھەمدە قىرغىز – ئۆزبەك چېگراسىدا يۈز بەرگەن چېگرا ماجىرالىرىنىڭ سانى 50 قېتىمدىن ئاشقان

كۆزەتكۈچىلەر قىرغىزىستان بىلەن تاجىكىستان ھەمدە ئۆزبەكىستان قاتارلىق دۆلەتلەر ئارىسىدا ئىنىقلانمىغان چېگرا نۇقتىلىرىنىڭ كۆپلۈكىنى، ئەگەر بۇ مەسىلىلەر ۋاقتىدا ھەل قىلىنمىسا،كەلگۈسىدە ئوتتۇرا ئاسىيادا كەڭ كۈلەملىك مىللەتلەر ئارا توقۇنۇشلارنىڭ يۈز بېرىشى مۇمكىنلىكىنى قەيت قىلىشماقتا

ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرىدە ساقلىنىۋاتقان چېگرا مەسىلىلىرىنىڭ سەۋەبلىرى ھەمدە بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئۇسۇل – چارىلىرى ھەققىدىكى قاراشلىرىنى بىلىش مەقسىتىدە، بىز دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ قازاقىستاندىكى ۋەكىلى، سىياسىي ئانالىزچى قەھرىمان غۇجامبەردى بىلەن تېلېفۇن سۆھبىتى ئىلىپ باردۇق

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/xelqara-xewer/qirghizistan-chigra-08282014234242.html

Share
2174 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.