logo

trugen jacn

قىرغىزىستاندا تۈرك دۇنياسى پۇقرالىقى مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلدى

6197876475trkdnyaskurultay

قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەكتە تۈرك دۇنياسى پۇقرالىقى دەرس پىروگراممىسى ۋە پائالىيەتلىرى لايىھەسى ھەققىدە مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلدى

    قىرغىزىستان – تۈركىيە ماناس ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن «ئىشانالى ئارابايېۋ» ناملىق قىرغىزىستان دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ساھىبخانلىقىدا ئىككى كۈن داۋاملاشقان تۈرك دۇنياسى پۇقرالىقى مۇھاكىمە يىغىنىغا، تۈركىيە ۋە قىرغىزىستاندىن باشقا يەنە قازاقىستان، ئەزەربەيجان، رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن 80 دىن ئارتۇق ئالىم قاتناشتى
غازىئانتەپ ئۇنىۋېرسىتېتى، ئاتاتۈرك ئۇنىۋېرسىتېتى، بىتلىس ئەرەن ئۇنىۋېرسىتېتى، ماناس ئۇنىۋېرسىتېتى، ئارابايېۋ ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئۇنىۋېرستېتلارنىڭ ئوقۇ – ئوقۇتۇش پىروگراممىلىرى ئىشخانىسى ۋە ئوقۇغۇچىلار، ئوقۇتقۇچىلار جەمئىيىتى، تۈرك ئەدەبىياتى مائارىپ جەمئىيىتى ۋە گىرۇزىيە ۋالەھ ھاجىلار خەلقئارا ئىلىم – پەن ۋە مەدەنىيەت تەتقىقات مەركىزىي تەرىپىدىن چاقىرىلغان مۇھاكىمە يىغىنىنى تۈركىيە باش منىستىرلىكىگە قاراشلىق تۈرك ھەمكارلىق ۋە تەرققىيات ئىدارىسى (TİKA) يېقىندىن قوللاپ قۇۋۋەتلىدى.
تۆت خىزمەت گۇرۇپپىسى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن مۇھاكىمە يىغىنىدا، تۈرك دۇنياسى پۇقرالىقى ئېڭىنىڭ شەكىللەندۈرۈلىشىدىن باشقا يەنە، تۈرك دۇنياسىدا مائارىپ، ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە، مەدەنىيەت، ئەدەبىيات، تارىخ، دىن، ئورتاق قىممەت قاراشلار ۋە سەنئەت تېمىلىرىدىمۇ ھەر خىل پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى
مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ خۇلاسە دوكلاتىنى ھازىرلاش ۋە باھالاپ چىقىش قىسمىدا، ئاتاتۈرك ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك ئەدەبىياتى تەتقىقات ئىنىستىتۇتى مۇدىرى پىروفېسسور دوكتور چىنگىز ئاليىلماز سۆز قىلىپ، تۈرك دۇنياسى پۇقرالىقى ئېڭىنىڭ شەكىللەندۈرۈلىشى ۋە بۇ تېمىدا دەرسلىك كىتابلىرىنىڭ تەييارلىنىپ، مۇستەھكەم ئاساسلارنىڭ يارىتىلىشى ئۈچۈن بۇ مۇھاكىمە يىغىنىنى چاقىرغانلىقلىرىنى ئېيتتى
«تۈرك دۇنياسى پۇقرالىقى» دېگەن ئاتالغۇنىڭ يوقلۇقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن ئاليىلماز: «بۇ ئاتالغۇنىڭ ئىجادكارى مەن بولىمەن، بۇ پاتېنت ھوقۇقىغا ئىگە بىر ئاتالغۇدۇر. بۇنىڭ بەلگىسىنى تەييارلىدۇق. تۈركىي خەلقلەرنىڭ سىمۋولى ۋە تامغىسى ھېسابلىنىدىغان تەڭگە پۇلنى ئىشلەتتۇق. ھەممىڭلاردىن ئىلتىماسىم بۇ ئاتالغۇنى ئىشلىتەيلى، كەڭ ئومۇملاشتۇرايلى، تۈرك دۇنياسى پۇقرالىقى ھەققىدە ماقالە يازايلى، لېكسىيە يىغىنلىرى ۋە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىنى ئۆتكۈزەيلى» دېدى
ئۇ ئانادولۇ مۇخبىرىنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىپ: «تۈرك دۇنياسى چىنار دەرىخىگە ئوخشايدۇ. تۈركلەر تارىختا ئەدەبىيات – سەنئىتى، مەدەنىيەت ۋە ئادالەتلىكلىكى بىلەن ئىز قالدۇرغان. تۈرك مەدەنىيەت تەشكىلاتى (تۈركسوي)، تۈرك ھەمكارلىق تەشكىلاتى (تىكا)، تۈرك ئاكادېمىيەسى، تۈركىي دۆلەتلەر پارلامېنت ئەزالىرى مەجلىسى (تۈركپا)، تۈرك كېڭىشى قاتارلىق ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك تەشكىلاتلىرىمىز بار. تۈرك دۇنياسىدا ئوخشىماسلىقلارمۇ بار، ئەمما تىل، دىن ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىن ئېيتقاندا بىر مىللەت ھېسابلىنىمىز. مىسال ئېيتساق، ياۋروپالىقلار يىللارچە بىر – بىرى بىلەن ئۇرۇش قىلدى، لېكىن ئوخشىماسلىقلىرىنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ بىرلەشتى. بىزمۇ ئوخشاش قىلىشىمىز كېرەك. يەنى، ياۋروپا پۇقرالىقىغا ئوخشاش، تۈرك پۇقرالىقىنى شەكىللەندۈرۈشنى خالايمىز. ھېچكىمنى چەتكە قاقماستىن ۋە ھېچكىمگە ئايرىمچىلىق قىلماستىن، دۇنيا مەدەنىيىتىگە ھەسسىمىزنى قوشۇش ئۈچۈن دىنامىك شەكىلدە بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ئارزۇ قىلىمىز» دېدى
ئۇ ئاخىرىدا، تۇنجى نۆۋەتلىك تۈرك دۇنياسى پۇقرالىقى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ غازىئانتەپ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى خاتىرىلەتكەن ھالدا بىشكەكتىكى يىغىندا قوبۇل قىلىنغان خىتابنامىنى ۋىيېننادا ئۆتكۈزۈلىدىغان 3 – نۆۋەتلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا دۇنياغا ئېلان قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى

Share
1646 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.