logo

trugen jacn
12 ئىيۇن 2014

قىرغىزىستاندا،خىتاينىڭ 200 يۈك ماشىنىسى قورشاۋدا

080410_fsw

تۈنۈگۈن (6.ئاينىڭ 10.كۈنى) قىرغىزىستاندىكى قىرغىز-ئۆزبەك قانلىق توقۇنۇشىنىڭ 4.يىللىق خاتىرە كۈنى بولۇپ،ئوشتا ئونمىڭلىغان ئاھالە يوللاردا چەدىر قۇرۇپ نامايىش قىلماقتا. ئۆكتىچى پارتىيە رەھبىرى قالىبەكنى تۇرمىدىن قويىۋەتىش تەلىۋىدە بولۇنغان نامايىشچىلار،خىتاينىڭ ئوشقا بارىدىغان يۈك بەسىلغان 200 يۈك ماشىنىسىنى توسۇپ تۇتۇپ تۇرماقتا.خىتاي ھۈكۈمىتى، ماشىنىلاردىكى ماللارنى قىرغىزلارنىڭ بۇلاپ كىتىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا
ئوشتىكى خىتاي شىركىتىگە سەتىۋەتىلگەن قىزىل بۇلاق كۆمۈر كانىدا 2011.يىلى ئىسيان چىقىپ ئىشچىلار كۆمۈر كاننى دۆلەكتە ئۆتكۈزۈۋەلىش تەلىۋى بىلەن خىتاي ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى ئۇرۇپ،ماشىنا ئەشيالىرىنى پاچاقلىغان ئىدى.خىتاينىڭ قىزىلبۇلاق كۈمۈر كانىغا سالغان 14مىليون 400مىڭ دولار مەبلىغى ۋە 50 دىن ئارتۇق كۆمۈر قەزىش ماشىنىلىرى دۆلەكتە ئۆكۈزۈۋالغان قىرغىز ھۈكۈمىتى،خىتاي شىركىتىنى قوغلاپ چىقارغانلىقىنى ئىلان قىلىش ئارقىلىق خەلقنىڭ غەزىۋىنى تەستە بەسىۋالغان ئىدى
بىشكەكتىمۇ قانچە قەتىم خىتاي ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ بازارلىرىنى قىرغىزلار بۇلاپ كەتكەن بولسىمۇ،خىتاي ھۈكۈمىتى ئاۋازىنى چىقىرالمىغان ئىدى
مەنبە
رۇسچە

Независимый

“مۇستەقىل گىزىتى”

Киргизская оппозиция заблокировала закрытие дороги палаточные Китай 200 грузовиков

Share
1741 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.