logo

trugen jacn

قازاقىستان بىلەن خىتاي 30 دىن ئارتۇق ھەمكارلىق كېلىشىم ئىمزالىدى

indir

قازاقىستان باش مىنىستىرى كەرىم مەسىموف 27 – مارت كۈنى خىتاي زىيارىتىنى باشلىغان بولۇپ، شۇ كۈنى خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچاڭ بىلەن كۆرۈشكەن.

ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى سۆھبەتلەردە ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي، سودا – ئىقتىسادىي ھەمكارلىقلىرىنى كۈچەيتىشنى تەكىتلەنگەن بولۇپ، لېكىن ئاساسلىق ھەمكارلىق نۇقتىسىنىڭ ئېنېرگىيە ساھەسىگە قارىتىلغانلىقى مەلۇم.

كەرىم مەسىموف بىلەن لى كېچاڭ ئىككى دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە، مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقى مېمورامدۇمىنى ئىمزالىغان شۇنىڭدەك يەنە ئىككى تەرەپ ئارىسىدا يېڭىدىن پولات تۆمۈر، رەڭلىك مېتال قاتارلىق ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 33 ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالانغان.

شىنخۇئانىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر 33 كېلىشىمنىڭ ئومۇمىي قىممىتى 23.6 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا توغرا كېلىدىكەن. كەرىم مەسىموف خىتاي باش مىنىستىرى تەرىپىدىن قىزغىن كۈتۈۋېلىنغان بولۇپ، مەسىموف لى كېچاڭنىڭ ئۆتكەن يىلى 12 – ئايدىكى قازاقىستان زىيارىتىگە يۇقىرى باھا بەرگەن.

نۆۋەتتە، خىتاي ئاسىيا ئاساسىي قۇرۇلۇش ۋە مەبلەغ بانكىسى قۇرغان بولۇپ، 30 دۆلەت بۇنىڭغا ئەزا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ قازاقىستان زىيارىتىدە ئوتتۇرىغا قويغان يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلۋېقى قۇرۇش ئىدىيىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەت قىلىۋاتقان بولۇپ، قازاقىستان بۇ ئىدىيەنى ئاكتىپ قوللىماقتا. ئانالىزچىلانىڭ ئېيتىشىچە، رۇسىيەنىڭ غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ئىمنبارگوسىغا ئۇچرىشى ئوخشاشلا قازاقىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇلارنىڭمۇ ئىقتىسادى جەھەتتىن خىتاي بىلەن ئالاقىسىنى كۈچەيتىشكە ئېلىپ كەلمەكتە ئىكەن

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/qazaqistan-uyghur-03292015220353.html

Share
1669 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.