logo

trugen jacn

قارا كىيىم ئىختىلاپىنى توختىتايلى

مۇھەممەد يۈسۈپ

ئاۋازدا: پەرىزات غەيرەت

مۇسۇلمان خانىم – قىزلىرىنىڭ يۈزىنى يۆگىشى نىقاب دەپ ئاتىلىدۇ، يۈزى ۋە قولىدىن باشقا بارلىق ئەزالىرىنى يۆگەپ يۈرۈشى ھىجاب دەپ ئاتىلىدۇ، يات ئەرلەرگە كۆرسەتمەيدىغان جايلىرى ئەۋرەت دەپ ئاتىلىدۇ.
ئەۋرەت — ئىنساننىڭ ئېچىلىپ قالسا ئەيىب سانىلىدىغان ۋە ئۇنىڭغا قاراشتىن ھايا قىلىنىدىغان ئورگانلىرى دېمەكتۇر. ئەۋرەت ئىسلام ئاتالغۇسىدا: قۇرئان ۋە ھەدىستە يۆگەپ يۈرۈشكە بۇيرۇلغان جايلاردۇر.
ھىجاب _ ئايالنىڭ بېشىنى، چېچىنى، قۇلاقلىرىنى، بوينىنى ۋە كۆكسىنى زىننەتلىرى بىلەن قوشۇپ يۆگەپ تۇرىدىغان، گەۋدىسىنى سۈپەتلەپ بەرمەيدىغان دەرىجىدە ئازادە ۋە قېلىنراق كىيىم كىيىشى دېگەنلىكتۇر.
نىقاب _ ئايالنىڭ يۈزىنى پۈتۈنلەي يۆگەپ تۇرىدىغان نەرسىنى كۆرسىتىدۇ.
ھىجابنىڭ پەرز ئىكەنلىكىدە قىلچە ئىختىلاپ يوق، چۈنكى بۇنىڭدا بارلىق ئىسلام ئۆلىمالىرى بىرلىككە كەلگەن. ئەمما نىقاب مەسىلىسىدە ئۆلىمالار ئىختىلاپلاشقان بولۇپ، بەزى ئۆلىمالار ئايالنىڭ سىرتقا چىققاندا ياكى يات ئەرلەر بار جايدا نىقابلىنىشىنى پەرز دېسە، بەزى ئۆلىمالار پەرز ئەمەس، مۇباھ دەيدۇ. ئىختىلاپنىڭ سەۋەبى قۇرئان كەرىمدە ياكى ھەدىسلەردە ئايال يۈزىنى يۆگىسۇن دەيدىغان ئوچۇق ۋە ئېنىق دەلىل كەلمىگەنلىكى ئىدى.
ئابايە— ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى قىسمەن جايلاردا ئومۇملاشقان قارا رەڭلىك تاشقى كىيىم بولۇپ، بۇنى مۇسۇلمان ئاياللار ۋە يەھۇدىي ئاياللار ئورتاق كىيىدۇ. بۇ جايلاردا ئەرەبلەرنىڭ ئاق رەڭلىك كىيىم كىيىشى ۋە ئاياللارنىڭ قارا رەڭلىك كىيىم كىشى ئادەت بولۇپ شەكىللەنگەن.
نېمە ئۈچۈن قارا كىيىم توغرۇلۇق تارتىشىمىز؟
ئابايە كىيىش ئىسلام دىنىمىزنىڭ تەۋسىيەسى ئەمەس، پەرز ئەمەس، ۋاجىپ ئەمەس، سۈننەت ئەمەس، مۇستەھەب ئەمەس، بەلكى مۇباھتۇر. مۇباھ — قىلسا ساۋاب ياكى گۇناھ بولمايدىغان ئىش دېگەنلىكتۇر.
دىنىمىز يا ئەرلەرگە ياكى ئاياللارغا مەخسۇس رەڭدە كىيىم كىيىشنى بۇيرۇغان ئەمەس. دىنىمىزدا بۇيرۇلغىنى ئەرلەرنىڭ تىزى بىلەن كىندىكىنىڭ ئارىسىنى يۆگەپ تۇرىدىغان كىيىم كىيىشى، ئاياللارنىڭ يۈزى ۋە ئىككى قولىدىن باشقا بەدەن ئەزالىرىنى يۆگەپ تۇرىدىغان، ئازادە كىيىم كىيىشىدۇر. كىيىمنىڭ ئاق ياكى قارا ۋە ياكى باشقا رەڭدە بولۇشىنىڭ پەرقى يوق.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدا مەدىنىدىكى يەھۇدىي ئاياللار قارا ئابايە كىيەتتى. ئىسلامدا ھىجاب پەرز بولغاندىن كېيىن، بەزى ئاياللار يەھۇدىي ئاياللىرىغا ئوخشاش قارا ئابايە كىيگەن بولسىمۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنى بۇنىڭغا تەشەببۇس قىلمىغان ياكى توسمىغان. چۈنكى دىنىمىزدا مۇستەبىتلىك يوق، شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرىگە دەخلى يەتكۈزمىگەن ئاساستا قانداق شەكىلدە ۋە قانداق رەڭدە كىيىم كىيسە بولىدۇ، بۇنىڭ چەكلىمىسى يوق.
ئىسلام دىنىمىزنىڭ كىيىم-كېچەك ھەققىدىكى بۇ كەڭچىلىكى نەتىجىسىدە، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمان ئاياللار ئىسلام شەرىئىتىنىڭ مەقسەتلىرىگە ئۇيغۇن بولۇش شەرتى بىلەن ھەر خىل رەڭدە ۋە ھەر خىل شەكىلدە كىيىم كىيىشنى ئادەت قىلغان. ھەر زامان ۋە ھەر ماكاندىكى ئۆلىمالار ئۆزلىرى تۇرغان جايلاردىكى ئىسلامىي كىيىنىش شەكلىنى قوبۇل قىلغان ۋە شۇنىڭغا تەشەببۇس قىلغان. شۇنداق قىلىپ ھەربىر مۇسۇلمان مىللەت ئۆزىگە خاس ئىسلام مەدەنىيىتىنى بەرپا قىلغان. ھازىر دۇنيا مۇسۇلمانلىرىغا قاراپ باقىدىغان بولساق، بىر مىللەتنىڭ كىيىنىشىنى يەنە بىر مىللەتنىڭ كىيىنىشىگە ئوخشىمايدۇ، مۇسۇلمان ئاياللار كىيىۋاتقان ئىسلامىي كىيىملەرنىڭ شەكلى ۋە رەڭگى بىر-بىرىگە قەتئىي ئوخشىمايدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئىسلام كۆرسەتمىسىگە ئۇيغۇر كىيىملەردۇر. بۇ بىر تەرەپتىن ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ گۈزەللىكى ۋە رەڭدارلىقى ئىدى.
بىز ئۇيغۇرلار مىڭ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بېرى ئىسلام دىنى بىلەن مۇشەررەپ بولغان خەلق بولۇپ، بىزنىڭ ئىسلامىي كىيىم-كېچەكلىرىمىز ئۆز ۋاقتىدا ئۆلىمالىرىمىز تەرىپىدىن بەلگىلىنىپ بولغان ۋە ئەڭ كۆركەملىك، ئەڭ ئېسىل ئىسلامىي كىيىنىشكە ئادەتلەنگەن بىز خەلقمىز. بىزنىڭ مىڭ يىللىق ئىسلامىي كىيىم-كېچەك مەدەنىيىتىمىزدە قارا رەڭلىك كىيىملەرگە قارىغاندا ئاق ياكى شۇنىڭغا يېقىن ئوچۇق رەڭلىك كىيىملەر ئەۋزەل كۆرۈلۈپ كەلگەنلىكى ئېنىق. بۇ بىزدىلا ئەمەس، بەلكى بارلىق تۈركى خەلقلەردە شۇنداق. ئەھلى سۈننەت مەزھىپىدىكىلەرنىڭ قارا كىيىملەرنى تەۋسىيە قىلمايدىغانلىقىمۇ بىر ھەقىقەت. چۈنكى شىئەلەر قارا كىيىمنى ياقتۇرىدۇ، شۇڭا ئۇلارنىڭ ئۆلىمالىرىنىڭ ۋە ئىماملىرىنىڭ تونلىرى ۋە سەللىلىرى قارا رەڭلىك بولىدۇ. بۇنىڭ ئەكسىچە، ئەھلى سۈننى ئۆلىمالىرىنىڭ، ئىماملىرىنىڭ تون ۋە سەللىلىرى، قىز-ئاياللىرىنىڭ كىيىملىرى ئومۇمەن ئاق رەڭلىك بولۇپ كەلمەكتە. قارا رەڭدە كىيىم كىيىدىغان ئاياللار بىزنىڭ مىللەت ئىچىدە ياكى باشقا مىللەتلەردە مۇتلەق يوق دېيەلمەيمىز، چۈنكى ئاز ساندا بولسىمۇ قارا رەڭدە كىيىم كىيىدىغان، ئابايە كىيىدىغان مۇسۇلمان ئاياللار مەۋجۇت. ئەمما ئۇلار كۆپ سانلىقنىڭ ئالدىدا يوقنىڭ ئورنىدا قالىدۇ.
ئاياللارنىڭ ئىسلامىي كىيىنىشى تۈنۈگۈن ياكى بۈگۈن پەرز بولغان مەسىلە ئەمەس. ئۇيغۇر ئاياللىرى مۇسۇلمان بولغان كۈنىدىن باشلاپلا ئىسلامىي كىيىنگەن ۋە شۇ ئىسلامىي كىيىم مەدەنىيىتىنى زامانىمىزغا قەدەر ئېلىپ كەلگەن. ئۆز ۋاقتىدىكى مەزھەپ ئۆلىمالىرىدىن ھېچقايسىسى كىشىلەرنى مەخسۇس رەڭدە كىيىم كىيىشكە بۇيرۇمىغان. شۇڭا، ئىسلامىي كىيىنىش ھەربىر مىللەتنىڭ ئىسلامغا ئۇيغۇن شەكىلدە ئۆز تاللىشى بولۇپ قالغان. زامانىمىزدىمۇ شۇنداق بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. ھەر يىلى ھەرەمگە ئۈچ مىليون ئەتراپىدا ھاجى كېلىدۇ، ئۇلارنىڭ تەڭ يېرىمى ياكى تەڭدىن كۆپرەكى ئايال. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئاشۇ مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ كىشنىشى بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ، تۈركنىڭ ئەرەبكە، ھىندونوزىيەلىكنىڭ ئافرىقىلىققا ئوخشىمايدۇ. ھەج جەريانىدا قارا كىيىنگەن ئاياللار يوقنىڭ ئورنىدا كۆرۈنىدۇ، بەزى ئەرەب ئاياللىرى ئورۇنلاشقان جايلاردىن باشقا ئورۇنلاردا قارا رەڭنى كۆرگىلى بولمايدۇ.
بىزنىڭ ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىمىزنىڭ ئەجدادلىرىمىزدىن تارتىپ بىزدە داۋاملىشىپ كەلگەن ئىسلامىي كىيىنىشكە رىئايە قىلىشى زۆرۈردۇر. شۇنداق قىلغاندىلا ئىختىلاپنى يوق قىلغىلى ۋە تۇرغان يېرىمىزدىكى ئىنسانلار بىلەن ئوتتۇرىمىزدا ياخشى مۇناسىۋەتلەرنى قۇرغىلى بولىدۇ. شۇڭا، بىزنىڭ خانىم-قىزلىرىمىز مۇسۇلمان ئەمەس ئاياللارغا ئوخشاش بېشىنى ۋە چەكلەنگەن ئورگانلىرىنى ئېچىپ يۈرۈشتىن ھەزەر ئەيلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆزى ياشاۋاتقان دۆلەتتىكى مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ كىيىنىشىگە يات كىيىنىشلەردىن ساقلىنىشى لازىم. ئەرەب مەملىكەتلىرىدە ياشايدىغان ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىمىز شۇ دۆلەتلەردىكى ئادەتكە ئاساسەن ئابايە كىيسىمۇ، تۈركىيەدە ياشاۋاتقان خانىم-قىزلىرىمىز تۈركىيەدىكى ئەڭ كۆپ ئومۇملاشقان كىيىنىش شەكلىنى تاللىۋالىسا ياخشى بولىدۇ. بۇ باشقىلار تەرىپىدىن يەكلەنمەسلىكى، جەمئىيەتكە سىغىپ كېتىشى ۋە تۈرك قېرىنداشلىرىمىز بىلەن تېخىمۇ قۇيۇق مۇناسىۋەت قۇرالىشى ئۈچۈن ئەۋزەلدۇر.
لەنىتى دائىشنىڭ سىمۋولى بولۇپ قېلىۋاتقان قارا ئابايە كىيىش بىزگە ھېچقانداق ياخشىلىق ئېلىپ كەلمەيدۇ. بىز ئىسلامنىڭ ئالتۇن دەۋرلىرىدە ياشىغان، قۇرئان ۋە ھەدىسنى توغرا چۈشەنگەن، ئاسىيادا ئات چاپتۇرۇپ يۈرۈپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن ئاشۇ ئەجدادلىرىمىزدىن بىزگە يېتىپ كەلگەن ئىسلامىي كىيىم مەدەنىيىتىمىزنى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشايلى. ئەگەر باشقىلارنىڭ كىيىنىشىنى دورىماقچى بولساق، ئۆزىمىزگە ئەڭ يېقىن بولغان ۋە ئىسلامنى يېڭىدىن ياشنىىتىۋاتقان تۈرك قېرىنداشلارنى دورايلى. قارا كىيىمدىن ۋاز كېچىش دىنىمىزدىن ۋاز كەچكەنلىك ئەمەس، بەلكى دورامچىلىقتىن ۋاز كەچكەنلىك بولىدۇ. ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرى قايسى دۆلەتتە ياشىسا شۇ دۆلەتتىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ۋە ئەڭ مەدەنىيەتلىك مۇسۇلمان ئاياللارغا ئوخشاش كىيىنسە، ئەڭ توغرىسىنى قىلغان بولىدۇ.


Share
9864 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.