logo

trugen jacn

قاراقاشتىكى كەنت سېكرېتارى: ئەرلەر قاماقتا، ئاياللىرىنى ئاقسۇغا پاختا تەرگىلى يولغا سالدۇق

 

ئاقتۇ ناھىيە پىلال يېزا تازىلىق كەنتىدىن «ئىككى يۈزلىمىچى دىنىي زات» دېگەن قالپاق بىلەن تارتىپ چىقىرىلىپ، ئامما ئالدىدا سازايى قىلىنىۋاتقان ئەبەيدۇللا ياسىن ھاجىم. 2017-يىل 3-ئىيۇل، ئاقتۇ پىلال يېزىسى.

ئاقتۇ ناھىيە پىلال يېزا تازىلىق كەنتىدىن «ئىككى يۈزلىمىچى دىنىي زات» دېگەن قالپاق بىلەن تارتىپ چىقىرىلىپ، ئامما ئالدىدا سازايى قىلىنىۋاتقان ئەبەيدۇللا ياسىن ھاجىم. 2017-يىل 3-ئىيۇل، ئاقتۇ پىلال يېزىسى.

ئاشكارىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جەنۇبىدىكى بەزى جايلاردا ئەر ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ كۆپىنچىسى «يېپىق تەربىيىلەش مەركىزى» دە بولغاچقا ئاھالىلەرنىڭ كۈندىلىك تىرىكچىلىكى ئېغىر دەرىجىدە قىيىنلاشقان. ئۆيلىرىدە ئەر ئەمگەك كۈچلىرى قالمىغان كەنتلەردە ئانىلار ۋە بالىلار قوناق ئورۇش، قوناق سوقۇش قاتارلىق ئېغىر ئەمگەكلەرنى قىلىش ئارقىلىق يىللىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىنى داۋاملاشتۇرغان بولسىمۇ، ئەمما ئائىلىنىڭ كۈندىلىك خىراجىتىنى قامداشتا ئامالسىز قالغان. قاراقاش ناھىيىسىنىڭ ئاقاساراي يېزىسىدىكى دائىرىلەر قاماقتىكىلەرنىڭ ئائىلە-تاۋاباتلىرىنى يەنى ئاياللارنى ئاقسۇغا پاختا تېرىشقا يولغا سېلىش ئارقىلىق بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشقا ئۇرۇنۇپ باققان.

«يېپىق تەربىيىلەش مەركىزى» ھەققىدىكى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا، بۇ ھەرىكەتنىڭ ئاھالىلەرنىڭ ھاياتىغا كۆرسەتكەن تەسىرلىرى ھەققىدە مەلۇمات سورىدۇق. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ھەرىكەتنىڭ ئاھالىلەرگە نىسبەتەن روھىي، جىسمانىي ۋە ئىجتىمائىي دەخلى-تەرۈزلىرىدىن باشقا، ئىقتىسادىي زىيىنىمۇ ئېغىر بولغان. ئەمگەك كۈچىدىن ئايرىلىپ قالغان ئائىلىلەردە ئانىلار ۋە ئۆسمۈر بالىلار، پاختا تېرىش قاتارلىق جاپالىق ئەمگەكلەرگە سېلىنغان. زور بىر تۈركۈم تۇتقۇن ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى ئاقسۇغا ئىشلەمچىلىككە يولغا سالغان قاراقاش ناھىيىسىنىڭ ئاقاساراي يېزىسىدىكى يەرلىك دائىرىلەر، ئۇلاردىن 10 كىشىنى بىر-بىرىگە چېتىش ۋە نازارەتچى قويۇش ئارقىلىق ئۇلارغا قارىتامۇ تەقىبلەشنى داۋاملاشتۇرغان.

ساقچى خادىملىرى سۆزلىشىشىمىزنى تەۋسىيە قىلغان ئاھالىلەرنىڭ بايان قىلىشىچە، مەھەللىلەردە ئەر ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ «يېپىق تەربىيىلەش مەركىزى» گە ئەۋەتىلىشى مەھەللىنىڭ دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى ئاياللارنىڭ ئۈستىگە يۈكلىگەن. مەھەللىدىكى ياشانغان ئانىلار، ھەتتا ئېغىر-ئاياق ئاياللارمۇ، قوناق ئورۇش، قوناق سوقۇش، ئەنجۈر توپلاش، بۇغداي توشۇش قاتارلىق ئېغىر جىسمانىي ئەمگەكلەرنى قىلىشقا مەجبۇر بولغان.

مەلۇم بولۇشىچە، خوتەننىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا داۋام قىلىۋاتقان 40 پىرسەنت ئاھالىنى «يېپىق تەربىيىلەش» ئۇقتۇرۇشى ئاھالىلەرنىڭ ھەر جەھەتتىكى تۇرمۇشىنى، جۈملىدىن سودا-تىجارەتلىرىنى كۆزگە كۆرۈنەرلىك زىيانغا ئۇچراتقان

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/erler-qamaqta-ayallar-paxta-tergili-selinghan-10062017231219.html

Share
1231 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.