logo

trugen jacn

ئۇيغۇر ئەدىب ، يازغۇچىلاردىن خەلقىمىزگە ئوچۇق خەت

5804fc5667f3a74

تەھرىر ئىلاۋىسى؛
ئۈرۈمچىدىكى “ئاتاقلىق يازغۇچى،شائىرلار”نىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە يازغان “ئۇچۇق خەت” نىڭ خىتايچە نۇىسقىسى دۇنياغا تارقىلىپ 2 كۈندىن كىيىن “تەڭرىتاغ” تورىدا ئۇيغۇرچىسى ئىلان قىلىندى.بۇ “ئۇچۇق خەت” ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يۈزىگە قارا سۈركەش پائالىيىتىنىڭ ئۇيغۇرچە كۆرۈنگەن ۋاريانتىدۇر .بىلىم،مەرىپەت،زامانىۋىلىق،ئىتتىپاقلىق… دىگەن گەپلەر بىلەن ئەركىنلىك،تەڭ ھۇقۇق،ئىنسانى ئىززەت-ھۆرمەت،مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقى پىرىنسىپلىرىنى قارمۇ-قارشى قىلىپ گەپ ئۇينۇتۇش پەقەتلا خىتاي مىللىي زۇلىمىنىڭ ئۇيغۇر ۋەتەن ساتقۇچلاردا ئەكس ئەتكەن ئىپادىسىدۇر
بىر مىللەت مىللىي مەدىنىيىتىنى قوغدايدىغان كۈچ ۋە ھۇقۇقىغا ئىرىشمەي تۇرۇپ مىللىي مەدىنىيەتنىڭ گۈللىنىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشى مۇمكىن ئەمەس
خىتايلار “تىرورىست” دەپ بەتنام چاپلىغان مللىي قەھرىمانلىرىمىز نىمىشكە ئۆز جىنىنى پىدا قىلىش بەدىلىگە دۇنيانىڭ دىققىتىنى ئۇيغۇر مىللىتىگە جەلىپ قىلدى؟نىمە ئۈچۈن ئۇلار ياشاشنى ئەمەس،ئۆلۈمنى تاللاشقا مەجبۇر بولدى؟ بىز نىمىشكە پۈتمەس –تۈگىمەس مىللىي،دىنى زۇلۇمغا سۈكۈت قىلىپ تۈرىمىز؟دەپ سوراش ئورنىغا “ سۈكۈت قىلماسلىق بىزنىڭ مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچىمىزدۇر” ماۋزۇلۇق ئوچۇق خەتنى ئىلان قىلدى.ئۇلار كىمگە سۈكۈت قىلمايدىكەن؟زۇلۇمغا ئەمەس،زۇلۇمغا قارشى چىققان قەرىنداشلىرىغا قارشى سۈكۈت قىلمايدىكەن.ئۇلار بىلەن “قەتئى كۈرەش” قىلىدىكەن.ئۈرۈمچى “5.ئىيۇل ۋەقەسى”دىن كىيىن بۇ “ئەرباپ”لارنىڭ مائاشى بىردىنلا بىر قانچە دەرىجە ئۆسۈپ قالدى.بەزىلىرىگە تىخىمۇ ياخشى ئۆي بىرىلدى،تىخىمۇ ياخشى خىزمەت شارايىتى يارىتىلدى.بۇلار “بۇ پارتىيىنىڭ شەپقىتى” دەپ چۈشەندى.ئەسلىدە بۇ مائاش،باياشاتلىقنىڭ “5.ئىيۇل”دا ئۈرۈمچى كوچىلىرىدا 2 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر قەرىندىشىنىڭ ئاققان ئىسسىق قان بەدىلىگە كەلگەنلىگىنى خىيالىغا كەلتۈرۈپ قويمىدى.ھەر قىتىم زور بىر تۈركۈم ئۇيغۇرنىڭ زۇلۇمغا قارشى جانلىرىنى پىدا قىلىشى بەدىلىگە ئاز بىر قىسىم ئۇيغۇرنىڭ ھۇقۇقى،مائاشى ئۆستۈرۈلدى.كۆپ قىسىم ئۇيغۇرنىڭ خارۇ زارلىق ئىچىدىكى ھاياتى،ئاز بىر قىسىم ئۇيغۇرنىڭ باياشاتلىق ھاياتتا ياشىشىنىڭ كاپالىتى بولدى.شۇنداق قىلىپ خىتاي ھاكىمىيىتى،ئاز بىر قىسىم ئۇيغۇر ئارقىلىق كوپ قىسىم ئۇيغۇرلارنى كونتىرول قىلىدىغان مۇستەملىكىچىلەرگە خاس ئىجتىمائى تۈزۈمنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى. تۈۋەندىكى “ئۇچۇق خەت”مۇ دەل بۇ مۇستەملىكە تۈزۈمىنىڭ تەبىئى بىر “مەھسۇلاتى”.ئۇيغۇر قىرىنداشلىرىمىزنىڭ ئوقۇپ،ئانالىز قىلىشى ئۈچۈن ئىلان قىلدۇق؛

 

  سۆيۈملۈك ئۇيغۇر قېرىنداشلار 

   ھازىرقىدەك بىر تارىخىي شارائىتتا، جىنايەت بىلەن قەبىھلىك ۋىجدانىمىز ۋە قەلبىمىزگە راك ھۈجەيرىسىدەك شەپقەتسىزلەرچە يامراپ كېلىۋاتقان پەيتلەردە، ئىنتايىن ئاز ساندىكى بىر ئوچۇم تېررورچىلار قوزغىغان قارا قويۇن، نەچچە مىڭ يىللىق شانلىق مەدەنىيىتىمىزنى ۋەيران قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان مىنۇتلاردا، بىز يەنە سۈكۈت قىلىپ تۇرىۋېرىشنى توغرا تاپمايمىز. ‹‹5-ئىيۇل››، ‹‹26-ئىيۇن››، ‹‹1-مارت››، ‹‹30-ئاپرىل››، ‹‹ 22-ماي›› قاتارلىق ئارقا-ئارقىدىن يۈز بەرگەن قەبىھ ۋە قانلىق ۋەقەلەر ئالدىدا، قانداقمۇ غەزەپلەنمەي، نەپرەتلەنمەي تۇرغىلى بولسۇن؟ بۇ خىل جىنايى قىلمىشلارنىڭ يەنە يۈز بېرىشى ۋە داۋاملىشىشىغا قانداقمۇ تاقەت قىلىش مۇمكىن بولسۇن؟ ئۆز تارىخىدا ئۇلۇغ ۋە شانلىق مەدەنىيەتلەرنى يارىتىپ، دۇنيادىكى مەدەنىيەتلىك مىللەتلەرنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئالغان مىللىتىمىزنىڭ زۇلمەتلىك ھاڭغا چۈشۈپ كېتىشىگە يەنە قانداقمۇ قاراپ تۇرغىلى بولسۇن؟ ئەمدى ۋىجدانىمىز گەپ قىلماي تۇرىشىمىزغا قەتئىي يول قويمايدۇ.بىز، خەلقىمىزنى جاھالەت قوينىغا سۆرەۋاتقان قارا قوللارغا:‹‹قولۇڭنى تارت!›› دەپ ئورنىمىزدىن دەس تۇرۇشقا مەجبۇرمىز.

   تارىخ بەتلىرىنى ۋاراقلايدىغان بولساق، ئەجداتلىرىمىزنىڭ پايانسىز دالالاردا ئات ئوينىتىپ، قانچىلىغان توپىلاڭلارنى تىنجىتقانلىقى؛ دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە بىرلىكى ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ ئىسسىق قانلىرىنى ئاققۇزغانلىقىنى بىلەلەيمىز. كارۋانلىرىمىزنىڭ ئالەمگە مەشھۇر بۈيۈك يىپەك يولىنى بەرپا قىلىپ ، مەشرىق بىلەن مەغرىپ مەدەنىيىتىنىڭ قوشۇلۇشى ۋە بىرىكىشى ئۈچۈن ئۆچمەس داستانلارنى قالدۇرغانلىقى، پەخىرلىنىپ تۇرۇپ ئۆزىگە ‹‹ ئۇيغۇر››دەپ ئات قويۇپ، پۈتۈن دۇنياغا ئۆزىنىڭ ئوغۇز سۈتىدەك پاك، ئىتتىپاق ، ئۇيۇشقاق، تىنىچلىقنى سۆيىدىغان مىللەت ئىكەنلىكىنى جاكالىغانلىقىنى كۆرەلەيمىز ! مىڭ يىللاردىن بۇيان، ئەجداد ۋە ئەۋلادلىرىمىز‹‹ئۇيغۇر››دېگەن بۇ مۇبارەك نامغا داغ چۈشۈرمەي ياشاپ كەلگەن ئىدى. جۇڭخۇا مەدەنىيەت خەزىنىسى، ھەتتا ئىنسانىيەت مەدەنىيەت تارىخىدىمۇ ئەجداتلىرىمىز قالدۇرغان شانلىق ئىزلار بار ئىدى. بىز يىراق قەدىمدىن ئەۋلادمۇ ئەۋلاد مېڭىپ كەلگەن، ئەجداتلىرىمىزدىن پەخىرلەنگەن، ئەقىل – پاراسىتىمىز ۋە ئىجتىھاتىمىزدىن ئىپتىخارلىنىپ ياشاپ كەلگەن ئىدۇق. مىللىتىمىز ئىلغار، يېڭى ئىدىيەلەرگە غايەت زور دەرىجىدىكى ئاكتىپچانلىق ۋە تەشەببۇسكارلىقنى نامايەن قىلىپ ، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تولۇقلاپ ۋە كۈچەيتىپ، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتتىكى زامانىۋىي بۇرۇلۇشنى بالدۇر تاماملاش ئۈچۈن ھارماي ئالغا قاراپ قەدەم بېسىپ، ئۇزاق تارىخى تەرەققىيات جەريانىدا ئېلىمىزدىكى ھەر مىللەت قېرىنداشلار بىلەن بىرلىكتە ئۇلۇق ۋەتىنىمىزنى بارلىققا كەلتۈرگەن ئىدۇق.

   تارىخىمىزدا دەۋرگە كۈي قوشقان ، ئىلغار مەدەنىيەتكە تەلپۈنگەن نۇرغۇنلىغان ئەللامە ۋە ئەدىبلىرىمىز ئۆتكەن بولۇپ، ئۇلاردىن مىڭ يىللارنىڭ ئالدىدا ياشاپ ئۆتكەن ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر شائىر يۈسۈپ خاس ھاجىپ، ئالتە ئەسىرنىڭ ئالدىدىكى بۈيۈك شائىر ئەلىشىر ناۋايى، 20-ئەسىردىن كېيىنكى ئابدۇقادىر داموللا، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، لۇتپۇللا مۇتەللىپ، نىمشىھىت، تېيىپجان ئېلىيوف قاتارلىق مەشئەلچىلىرىمىزنى ھازىرمۇ ھۆرمەت بىلەن ياد ئېتىمىز. ئۇلار خەلقىمىزنىڭ قەلبىگە مەرىپەت ۋە مەدەنىيەتنىڭ ئۇرۇقىنى چېچىپ، بىزنى ئىلغار مەدەنىيەتكە ئۈندەپ، يېڭىلىقلارنى قوبۇل قىلىشقا دەۋەت قىلغان ئىدى. ئىلغارلىقنى، مەدەنىيەت – مەرىپەتنى تەرغىپ قىلىپ، قالاقلىق، نادانلىق، خۇراپاتلىقنى قامچىلىغان ئىدى. ۋەتەننى ئۇلۇغلاپ، ۋەتەن سۆيۈشنىڭ ئۈلگىسىنى كۆرسەتكەن ئىدى.

   لېكىن، قايسى چاغلاردىندۇر، بىز بىر خىل غەلىتە ۋىرۇسنىڭ چىرىتىشىگە دۇچار بولدۇق. مىللىتىمىزنىڭ ئىچىدە قەبىھ كۆلەڭگىلەر بايقىلىپ، بارغانچە غالجىرلىشىپ ۋە قەبىھلىشىشكە باشلىدى. ئۇلار دىنىي تونغا ئورىنىۋېلىپ، ئىنسان قېلىپىدىن چىققان تېررورلۇق ئۇسۇلى بىلەن بىگۇناھ كىشىلەرنى ئۆلتۈرۈپ، ئىنسان ھاياتىنى دەپسەندە قىلدى. ئۇلار نىمە سالاھىيىتى بىلەن باشقىلارنىڭ ھاياتىنى نابۇت قىلىماقچى بولىدۇ؟ بۇ ئوچۇقتىن – ئوچۇق، خەيرلىك ۋە ياخشىلىقنى ماھىيەت قىلغان ئىسلام دىنىمىز ئۈچۈن ھاقارەت ئەمەسمۇ؟

   بەكمۇ كۆپ كەچۈرمىشلەرنى بېشىمىزدىن كەچۈردۇق. ھەر قېتىملىق زوراۋانلىق ۋە تېررورلۇق ھۇجۇملىرى دەھشەت بىلەن پارتلىغان بومبىغا ئوخشاش يۈرىكىمىزنى ئەزدى. ‹‹5-ئىيۇل››ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ياشاۋاتقان ھەر مىللەت خەلقىنىڭ قەلبى ئىس – تۈتەكلەر بىلەن چۇلغاندى. قېرىنداشلىرىدىن ئايرىلغان كۆپلىگەن ئائىلىلەردە ئۇنتۇلغۇسىز ئازاپلارلا قالماي، يەنە ئۆچمەنلىكلەرمۇ قالدى، بۇنداق مۇرەككەپ روھى ھالەتلەر كىشىلەرنىڭ گۇمانلىق نەزەرلىرىدىمۇ كۆرۈنمەي قالمىدى. بىزنىڭ%99.99 ئارتۇق ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز ئاقكۆڭۈل، ئەمگەكچان، بەندىلەردىن تۇرۇپ، ئەشۇ ئاز ساندىكى بىر ئوچۇم زوراۋانلار پەيدا قىلغان تېررورلۇق ھۇجۇملىرى رادىئاتسىيەسىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچىرىغۇچىلىرىدىن بولۇپ قېلىشى كېرەكمۇ؟

   مۇشۇ كۈنلەردە كەڭ ئاۋام ئەركىن – ئازادە يۈرەلمەيدىغان، ھەتتا قولىدىكى ئىشنىمۇ خاتىرجەم ھالدا قىلالمايدىغان يەرگە بېرىپ يەتتى. بىزنىڭ ئىلگىرىكى قولغا كەلتۈرگەن ئىززەت – ھۆرمەتلىرىمىز يوقۇلۇشقا قاراپ يۈزلەندى. زوراۋانلارنىڭ جىنايەتلىك قىلمىشى سەۋەبىدىن ھەممەيلەننىڭ دىلى ئازار يىدى، غەم-ئەندىشىگە چۈشۈپ قالدى. باشقىلار بىزدىن:‹‹شىنجاڭغا نىمە بولدى؟ مىللىتىڭلارغا نىمە بولدى؟››دەپ سورايدىغان بولدى. بىر-بىرىگە ئۇلىشىپ يۈز بېرىۋاتقان تېرورلۇق ھۇجۇملىرى سەۋەپلىك قېرىنداشلىرىمىز باشقىلارنىڭ كۆزىگە ئەركىن تىكىلىپ قارىيالمايدىغان ھالەت شەكىللەندى.

   ئەلۋەتتە، ئۇلار ئاز ساندىكى بىر ئوچۇم غالجىرلاشقان، ئىنسان قېلىپىدىن چىققان زوراۋانلار، ئۇلار ھېچقانداق مىللەت ۋە دىنغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. لېكىن بۇ بىزنىڭ مەسئۇلىيەتتىن ۋاز كېچىشىمىزگە سەۋەپ بولالمايدۇ. شۇڭا بىز مەسئۇلىيەتنى زىممىنىمىزگە ئېلىشىمىز، رىياللىققا يۈزلىنىشىمىز كېرەك. پۈتكۈل ئۇيغۇر مىللىتىمىز، ھەر بىر ئۇيغۇر بىلىپ – بىلمەي ئۇلارغا باغلىنىپ قالدۇق ۋە ئۇلارنىڭ قورقۇنۇچلۇق قارىسى، ھاقارىتىگە دۇچار بولدۇق.ئەمەلىيەتتە، بىزنىڭ جان ۋە تېنىمىز ئوخشاشلا زىيانكەشلىككە ئۇچىراۋاتىدۇ، يۈرىكىمىز، روھىمىز ئوخشاشلا جاراھەتلىنىۋاتىدۇ.مانا ھازىر بىز قەلبىمىزنىڭ چىدىغۇسىز دەرىجىدە ئىچىشىۋاتقانلىقىنى، ئۇنىڭدىن قان تامچىلاۋاتقانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلماقتىمىز.

   ئۇيغۇر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن مەسىلىلەرنى ئەقىل بىلەن ئويلىشىشىمىز، بولۇپمۇ ئىنسان روھىنىڭ ئېنژىنېرلىرىدىن بولغان شائىر، يازغۇچىلىرىمىز مەسئۇلىيەتنى دادىللىق بىلەن ئۈستىمىزگە ئېلىشىمىز كېرەك. بىزنىڭ جەمئىيەتنىڭ ئاسايىشلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش مەسئۇلىيىتىمىز، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش بۇرچىمىز بار. شۇنداقلا، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداشتا مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيىتىمىز بار.

   مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، بۇ بىز ھەممە ئۇيغۇرنىڭ مەسئۇلىيىتى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. بىز مەيلى دۆلەت مەمۇرى، زىيالىي، ئىشچى-دېھقان، ئوقۇغۇچى، ئەر ۋە ئايال ، دىنىي زات بولايلى، پەقەت ئۇيغۇرلا بولىدىكەنمىز، مىللەت ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىمىزنى ۋە بۇرچىمىزنى تونۇشىمىز ھەم ئادا قىلىشىمىز كېرەك. مەسئۇلىيەتنى ئېغىر، ھۆددىسىدىن چىققىلى بولمايدۇ دەپ كەتكىلى بولمايدۇ، تىرىشىدىغانلا بولساق، كۆڭۈل قويىدىغانلا بولساق، ئۇنىڭدىن ياخشى نەتىجىلەرنى بارلىققا كەلتۈرەلەيمىز.

   ئەمدى بىز ئىشنى ئۆزىمىزدىن باشلىشىمىز كېرەك.

   ناۋادا سىز دۆلەت مەمۇرى بولسىڭىز، ئالدى بىلەن پاك دىيەنەتلىك، سۆزى بىلەن ھەرىكىتى بىردەك ياخشى يول باشلىغۇچى بولۇڭ، ئۆزىڭىز خىزمەت قىلىۋاتقان دائىرىدىكى ئاممىنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىڭ. ئۇلارنى سىزگە ئەگىشىپ، توغرا، داغدام يولدا ماڭالايدىغان قىلىڭ؛ ئەل – ۋەتەننىڭ تۈپ مەنپەئەتى ئۈچۈن خەتەرلىك پەيتلەردە كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقالايدىغان، تەھدىت ۋە ئۆلۈمگە پىسەنت قىلمايدىغان قابىل باشلامچىلاردىن بولۇڭ!

   ناۋادا سىز ئەدەبىيات – سەنئەت خىزمەتچىسى ۋە زىيالىي بولسىڭىز، ھەرقانداق ۋاقىتتا توغرا سۆز قىلىڭ، سىزنى ھۆرمەتلەيدىغان كىشىلەرگە قانداق ياشىغاندا ھەقىقىي بەختكە ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇڭ. باشقىلار گەپ قىلمىسىمۇ، سىزنىڭ ھەق گەپنى قىلىش مەسئۇلىيىتىڭىز بار. چۈنكى، سىز مىللەتنىڭ ئاۋانگارتى، ۋەتەننىڭ ئۈمىدى، دەۋرنىڭ جارچىسى، كىشىلەر سىزنى ھەقىقەتنىڭ سىمۋولى دەپ چۈشىنىدۇ.

  ناۋادا سىز ئوقۇغۇچى بولسىڭىز، ياخشى ئوقۇڭ، مىللەتنىڭ ئىلگىرلىشى، دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشى، تەرەققى قىلىشى بىلىمدىن ئايرىلالمايدۇ. پەقەت بىلىملا بىزنى خۇراپاتلىق ۋە قالاقلىقتىن قۇتۇلدۇرالايدۇ. بىر ئەمەس، بىرنەچچە تىللارنى ئىگەللەڭ. ئۆزىڭىزنىڭ ئالدى بىلەن جۇڭگونىڭ گىراژدانى ئىكەنلىكىڭىزنى زىنھار ئېسىڭىزدىن چىقارماڭ!

    ناۋادا سىز ئادەتتىكى پۇقرا، ھەقىقىي ئەركەك، دىنغا ئېتىقات قىلىدىغان تەقۋادار مۇسۇلمان بولغان بولسىڭىز، قۇياش نۇرى ئاستىدىكى مەسجىدكە كىرىڭكى، ھەرگىزمۇ قاراڭغۇ بۇلۇڭ-پۇچقاقلاردا قانۇنسىزلىق بىلەن ئاتالمىش دىننىي ئەھكاملارنى ئۆگىتىدىغان ئورۇنلارغا قەدەم باسماڭ؛ چەت ئەللەردىن ئوغۇرلىقچە ئېلىپ كىرىلگەن ياكى يامان نىيەتلىك ساختىپەزلەر تەرىپىدىن قاراڭغۇ بازارغا ئېلىپ كىرىلىۋاتقان ، زوراۋانلىقنى تەرغىپ قىلىدىغان كىتابلار ۋە سىن بۇيۇملىرىدىن نېرى تۇرۇڭ. ئىگىسى ياراتقان بارلىق جانلىقلارغا ئاقكۆڭۈللۈك بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان ئادەملەرنىڭلا ئاللانىڭ مەرھەمىتىگە نائىل بولالايدىغانلىقىغا ئىشىنىڭ؛ ‹‹بىگۇناھ ئادەملەرنىڭ ئۈستىدىن جىھاد قىلغانلار جەننەتكە كىرىدۇ،››دەيدىغان سەپسەتىلەرگە ئۆزۈڭىز ئىشەنمەسلىك بىلەن توختاپ قالماي، ئائىلىڭىزدىكىلەرنى، دوستلىرىڭىزنى، ئەتىراپىڭىزدىكى ھەممەيلەننى بۇنداق قۇرۇق پەتىۋالارغا ئىشەنمەيدىغان قىلىش ئۈچۈن تىرىشىڭ! ئابدۇقادىر داموللامنىڭ‹‹مىللەتنىڭ خار ۋە زەبۇن بولمىقىغا بائىس نىمىدۇر؟›› دىگەن سۇئالغا جاۋاپ بېرىپ: ‹‹ئىككى نەرسىدۇر. بىرى، جاھىللىق ۋە نادانلىقتۇر. ئىككىنچىسى، تەپرىق ۋە ئىختىلاپتۇر. ھەر قەۋىم، ھەر مىللەتنىڭ خار ۋە زەبۇن بولمىقىغا بائىس نادانلىق ۋە ئىتتىپاقسىزلىقتۇر›› دىگەنلىرىنى؛ ‹‹ئىززەت – ئابروي ۋە قۇۋۋەت نىمە بىلەن بولۇر؟›› دىگەن سۇئالغا: ‹‹ئىلىم – مەرىپەت ۋە ئىتتىپاقلىق بىلەن بولۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن جانابىي ھەق بىزنى ئىتتىپاق بولۇشقا ئەمىر قىلغاندۇر››دەپ بەرگەن جاۋابىنى زېھنىڭىزدە تۇتۇڭ.

   ناۋادا سىز ئايال كىشى، ئاچا – سىڭىللىرىمىزدىن بولسىڭىز، سىزدەك ئايال بولغانلىقى ئۈچۈنلا، مىللىتىمىزنىڭ شۇنچىلىك گۈزەل، ۋە شۇنچىلىك جەلىپكار بولىۋاتقانلىقىنى ئۇنۇتماڭ، قەدىر – قىممىتىڭىزنى، شەرمى -ھايانى ھامان ئېسىڭىزدە ساقلاڭ. بالىلىرىڭىزنى ئەقىللىق، ۋاپادار قىلىپ تەربىيەلەڭ. قالاق، چاكىنا ئىللەتلەرگە ۋەكىللىك قىلىدىغان، ئۆز مىللىتىڭىزنىڭ شانلىق مەدەنىيىتىگە داغ چۈشىرىدىغان قىلمىشلاردىن يىراق تۇرۇڭ.ئۆز مېھىر – مۇھەببىتىڭىز ئارقىلىق مىللىتىڭىزنى تېخىمۇ ھۆرمەتكە سازاۋەر مىللەت قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىڭ .

   ئەگەر سىز مېھراپتىكى دىننىي زات بولسىڭىز، زېممىنىڭىزدىكى يۈكنىڭ ئېغىرلىقىنى تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇپ يېتىڭ؛ قانۇنسىز دىننىي تەرغىباتچىلارنىڭ دىننىڭ ۋە مىللەتنىڭ دۈشمىنى ئىكەنلىكىنى بىلىڭ. جامائەتكە ھەقىقى، توغرا ھىدايەت يولنى كۆرسىتىپ بېرىڭ، ئەڭ چوڭ تەقۋادارلىق دىگەن ئەنە شۇ. سىز ئۈچۈن ئۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق ساۋاپ بولمايدۇ.

   ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يازغۇچى، شائىرلىرىدىن بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن مىللىتىمىزنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان دىشۋارچىلىقلاردىن چوڭقۇر ئېچىنىدىغانلىقىمىزنى بايان قىلىش بىللەن بىللە، تارىخى بۇرچ ۋە رىئال مەسئۇلىيىتىمىزنىڭ ئىنتايىن ئېغىر ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ يەتمەكتىمىز. ئۆزىنىڭ بۇرچىنى تونىمايدىغان ھەم ئۆزىنىڭ تەقدىرىگە مەسئۇل بولمايدىغان مىللەتنىڭ ئىستىقبالى بولمايدۇ. ئۆز مىللىتىنىڭ ئاسايىشلىقى ۋە بەخت – سائادىتى ئۈچۈن جان كۆيدۈرمىگەن ئەدىب، ئەللامىلەرنىڭ تارىختا ئورنىمۇ بولمايدۇ. بىز ئۆزىمىزدە ئۇيغۇر مىللىتىنى تېخىمۇ پارلاق، تېخىمۇ سەلتەنەتلىك كەلگۈسىگە يېتەكلەش مەسئۇلىيىتىمىزنىڭ بارلىقىنى بىلىمىز. بىز مىللىتىمىزنىڭ خار ۋە زەبۇن بولۇپ قېلىشىنى خالىمايمىز. مىللىتىمىزنىڭ نادانلىق، بىلىمسىزلىك، جاھىللىقنىڭ قۇربانى بولۇپ كېتىشىگە، جىنايى لەھەتكە چۈشۈپ كېتىشىگە ئەسلا يول قويالمايمىز.

   قېرىنداشلار! كەلگۈسى ۋە ئىستىقبال بىزگە قۇچاق ئېچىۋاتقان مۇشۇ دەقىقىلەردە، بىر ئوچۇم تېررورچىلارنىڭ رەزىل مەقسەتلىرى ئۈچۈن، مىللىتىمىزنى نابۇت قىلىشىغا، ئۇنى ئۆزلىرىنىڭ دەۋزىخى مۇددىئالىرى ئۈچۈن يەمچۈك قىلىشقا قاراپ تۇرالمايمىز. ئەمدى كۆزىمىزنى ئاچايلى، ھەركەتكە كېلەيلى! ئەقىل – پاراسىتىمىز ئارقىلىق ئۇ زەھەرلىك ئۆسمىلەرنىڭ پېيىنى قىرقايلى. ئىتتىپاقلىشىپ بىر ياقىدىن باش، بىر يەڭدىن قول چىقىرىپ، ئېلىمىزدىكى،ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى مىللەت خەلقى بىلەن تەقدىرداش، قەلبداش، ھەمنەپەس بولۇپ شانلىق ئەتىمىزنى كۈتىۋالايلى. شىجائىتىمىز، سەمىمىيىتىمىز بىلەن كەلگۈسى ئۈچۈن جار سالايلى؛ ئەڭ ياخشى پەزىلەتلىرىمىز بىلەن دۇنيا ئەھلىنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشەيلى. يىپەك يولىدا جۇلالانغان، دەۋىرسىرى ئىلگىرلەپ ماڭغان شانلىق مەدەنىيىتىمىز ۋە پارلاق كەلگۈسىگە بارالايدىغان مۇستەھكەم ئىرادىمىزغا تايىنىپ، مىللىتىمىزنىڭ يارقىن ئوبرازىنى تىكلەيلى

   قېرىنداشلار! ئىززەت-ھۆرمىتىمىز، مىللەتنىڭ ئىززەت – ھۆرمىتى! ئانا يۇرتنىڭ، ئانا ۋەتەننىڭ ئىززەت – ھۆرمىتى! بىز يازغۇچى – شائىرلار مانا مۇشۇ ئىززەت – ھۆرمەت ئۈچۈن، ئېلىمىزنىڭ ۋە مىللىتىمىزنىڭ دۇنياۋى ئورنى ئۈچۈن جانپىدالىق كۆرسىتەيلى

http://uy.ts.cn/homepage/content/2014-06/25/content_359514.htm

Share
1693 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.