logo

trugen jacn

غەەززە..شەرقىي تۈركىستان.. تەقدىرداشلىق ۋە ئوخشاشماسلىق

turkistan1

تۇرسۇنجان ئوسمان

 

ھەممىگە مەلۈم بولغاندەك غەززە پەلەستىننىڭ بىر پارچىسى، ئىسرائىلىيە جوھۇت مۇستەملىكىچىلىرى بېسىۋالغىنىغا 66 يىل توشتى. دېمەك، ۋەتەنىمىز شەرقىي تۈركستان خىتايلار تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىشتىن بىر يىل بورۇن ئىشغال قىلىنغان، ئۇيغۇرلار بىلەن پەلەستىن خەلقىنىڭ كەچۈرمىشى شەكىل جەھەتتىن ئوخشاش بولسىمۇ مۇستەملىكىچى دۈشمەننىڭ زۇلۇم قىلىش ئۇسۇللىرىدا ئاسمان-زىمىن پەرقى بار. پەلەستىن خەلقى مۇستەملىكىنى ھېساپقا ئالمىغاندا ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن ئەركىن نەپەس ئالىدۇ، مۇستەملىكە دۈشمەنگە قارشى سەن زالىم، مۇستەملىكىچى، مۇستەبىت، ۋەتىنىمدىن چىقىپ كەت دەپ دۈشمەننىڭ يۈزىگە ئېيتالايدۇ، پەلەستىن خەلقىنىڭ تەشۋىقات ئەركىنلىكى بار، ھەرقانداق ۋەقە بولسا دەرھال دۇنياغا ئاشكارىلىنىدۇ.  بۇ قېتىمقى غەززىگە قىلىنغان تاجاۋۇزدىمۇ مەن قەلەم تەۋرىتىۋاتقان سائەتلەرگىچە570تىن ئارتۇق پەلەستىنلىك شېھىد قىلىندى،3500دىن ئارتۇق ئادەم يارىلاندى، بۇلارنىڭ ھەممىسى سائەتمۇ- سائەت ئەنگە ئېلىنىپ دۇنياغا ئاشكارىلىنىدۇ. ئۇيغۇرلار چۇ؟ بىز دۈشمەننىڭ ۋەھشىلىكى، تەشۋىقات، ئاخباراتنى مۇدھىش دەرىجىدە كونتىرول قىلىپ يۇشۇرغانلىقى ۋە بۇ يولدا مىليۇن مىليۇن خەجلىگەنلىكى ئۈچۈن دۇنيانىڭ كۆزىدىن يىراق تۇتۇلۇپ كەلمەكتە. قىسقىسى 5- ئىيۇل قىرغىنچىلىقىغا 5 يىل توشۇپ ئاشقان بۈگنكى كۈندە خىتاي ئىزدېرەكسىز يوق قىلىۋەتكەن ئۇيغۇر ياشلارنىڭ سانى نەچچە ئون مىڭدىن ئاشىدىغانلىقىنى ھەممە ئۇيغۇر بىلىدۇ، لېكىن ھازىرغىچە رەسمى ھالدا كىملىكى ئاشكارىلانغان، خىتاي تۇرمىلىرىدە يوق قىلىۋېتىلگەنلەرنىڭ سانى ئەركىن ئاسىيا رادىيو سىنىڭ ئاشكارىلىيالىغىنى 50 كىشىگە يەتمەيدۇ، ھەتتا بەزى ئاتا-ئانىلار بالىسىنى خىتاي ساقچىلىرى تۇتۇپكەتكەنلىكىنى قورقۇپ ئېغىزىدىن چىقىرالمايدۇ، ئىزدېرىكىنى قىلشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ. يېقىندىن بىرى يۈز بەرگەن ۋەقەلەردە گۇمانلىق دەپ قولغا ئېلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 10مىڭدىن ئاشىدىغانلىغى تەخمىن قىلىنماقتا، تىلغا ئالغۇچىلىكى يوق تۆھمەتلەر بىلەن توپ مەيدانلىرىدا ئوچۇق سوت ئېچىپ تۇرمىلەرگە تاشلىغانلارمۇ 500دىن ئاشىدۇ، بەزى ئىشەنچىلىك كىشىلەرنىڭ دەپ بىرىشىچە، تۇرمىلاردا تەرتىپ-ئىتىزامغا بويسۇنمىدى دېگەن بىمەنە باھانىلار بىلەن كۈنىگە بىرقانچە مەھبۇسنى ئېتىش تاشلايدىكەن. قىسقىسى ئۇيغۇر خەلقى 65 يىلدىن بىرى مۇستەملىكە خىتاينىڭ تۆمۈر پەردىسى ئاستىدا دۇنيانىڭ كۆزىدىن يىراق ئۆلۈمگە مەھكۇم بولماقتا. غەززىدىكى قېرىنداشلىرىمىز بولسا دۈشمەن ئىسرائىلىيە جوھۇتلىرىنىڭ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ۋەھشىلىكى بىلەن دۇنيا نىڭ كۆز ئالدىدا نارىسىدە بۇۋاقلارنى، كىچىك بالىلارنى ئۆلتۈرمەكتە. بىر تەرەپتىن پەلەستىن خەلقى دۇنيانى ھەيران قالدۇرىدىغان دەرىجىدە قەھرىمانلىقىنى نامايەن قىلماقتا. بۈگۈن ئائىلىسىدىن 7 كىشى بىراقلا شېھىد قىلىنغان، پەقەتلا8 ياشلق قىزى ئېغىر يارىلىنىپ ھايات قالغان بىر ئاتا ئەلجەزىرە قانىلى مۇخبىرىغا تەمكىنلىك بىلەن دۈشمەنگە قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان كۈرەشنى قوللايدىغانلىقى، دۈشمەن پەلەستىن خەلقىنى ئۆلتۈرۈپ باش ئەگدۈرۈش خام خىيالىدا بولماسلىقىنى بىلدۈردى.

‏ دۇنيا شۇنى بىلىشى كېرەككى، ئىسرائىلىيە، يوق يەردىن سۈنئى ئۈندۈرۈلگەن تۈرەلمە. يەنە كىلىپ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە پەلەستىننى بېسىۋالغان ئىشغالىيەتچى. خىتايمۇ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە شەرقىي تۈركىستان زىمىنىنى ئىشغال قىلىۋېلىپلا تارىخنى بۇرمىلاش، ئۇيغۇر خەلقنىڭ مەقەددەس ۋەتىنىنى ئەبەدى يۇتۇپ كېتىش خام خىيالىدا شەرقىي تۈركىستان دېگەن ئىسىمغىمۇ قارشى پۈتۈن كۇچىنى ئىشقا سېلىپ يوق قىلىشقا ئورۇنىۋاتقان مۇستەبىت-زالىم.

‏ ھەر ئىككى زالىم بەسبەستە مۇسۇلمانلارنى ئۆلتۈرىۋاتىدۇ، خىيالىدا قورال كۈچى ئاقىلىق قورقىتىش، ھەق-ھوقۇقلىرىدىن ۋاز كەچتۈرۈشكە مەجبۇرلايمىز دەپ ئويلىشىدۇ، ھوقۇقتىن ئاسان ۋاز كىچىدىغان بولسا ئۇيغۇر خەلقى ئاللىبۇرۇن ھەممە نەرسىدىن ۋاز كىچىپ، خىتايلىشىپ كەتكەن بولاتتى، ئەمىلىيەتتە ئىش مۇستەملىكە پىلانلىغان يەردىن چىقماي قالدى. ھامان بىر كۈن ھەق ئىگىسى ئەركنلىكىگە ئىرىشىدۇ، ھوقۇقىنى زالىمدىن قايتۇرىۋالىدۇ.

Share
2838 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.