logo

trugen jacn

غەلبىسىرى ئالغا!

ئۈمىت

 

كونا يىل– 2019- يىلى ئاياقىلىشىپ، يىڭى يىل — 2020- يىلى كىلىش ئالدىدا تۇرماقتا.

يىڭى يىل مۇناسىۋېتى بىلەن « ئۇيغۇر مەسىلىسى » نىڭ خەلقئارالىشى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى دەرھال توختىتىش ۋە جازا لاگېرلىرىنى تاقاتقۇزۇش يۈزىدىن پىداكارلىق بىلەن خىزمەت كۆرسەتكەن شەرقىي تۈركىستانلىق بارلىق قېرىنداشلار، ئۇيغۇر سىياسىي ئاپالىيەتچىلەر ۋە ھەر قايسى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار ھەمدە دۇنيادىكى بارلىق دېموكراتىك كۈچلەر– ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى دېموكراتىك دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى، ب د ت كىشلىك ھوقۇق كېڭىشى، ھەر قايسى مەملىكەتلەردىكى ئىنسانپەرۋەر تەشكىلاتلىرى، كىشلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، جامائەت تەشكىلاتلىرى، ئىنساپەرۋەر ۋە دېموكراتىك  زاتلار  ۋە دۇنيا جامائەتچىلىكىنى قىزغىن تەبرىكلەش بىلەن بىرگە  ئۇلارغا سالامەتلىك تىلەيلى!

ئۆتكەن بىر يىل ئازاب- ئوقۇبەت ئىچىدە ئىڭراۋاتقان شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر مىللىتى باشلىق يەرلىك ھەر قايسى مىللەتلەر ئۈچۈن بىر خەيىرلىك يىل بولدى، خەلقىمىزنىڭ بۇ زۇلۇملاردىن قوتۇلۇشىنىڭ ئۈمىت چىراغلىرى يېنىشقا باشلىدى.

بۇ يىل بولۇپمۇ خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىز قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەرنى مىللەت سۈپىتىدە  يوقىتىشىغا دائىر 403 بەتلىك ۋە 24 بەتلىك ئىككى مەخپىي ھۆججەتلىرىنىڭ  ئاشكارلىنىشى دۇنيادىكى نۇرىغۇن دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ۋە خەلقئارا جامائەتنىڭ خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ فاشىستلىق ماھىيىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىشىدە تۈرتكىلىك رول ئويناپلا قالماي، يەنە « ئۇيغۇر مەسىلىسى » نى تېخىمۇ خەلقئارالشتۇرۇش بىلەن بىرگە قىسمەن غەرب دېموكراتىك دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنى جازالاش ئۈچۈن ئەمەلىي چارە- تەدبىرلەرنى قوللىنىشنى كەلتۇرۇپ چىقاردى.

ئا ق ش كونگرېسىنىڭ ئاۋام پالاتاسى ۋەكىللىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئاۋازنىڭ « ئۇيغۇر كىشلىك ھوقۇق قانۇن لايىھىيىسى » نى ماقۇللىشى  پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا زور ئىجابىي  تەسىر پەيدا قىلدى.

« ياۋروپا پارلامېنتى 19- دېكابىر كۈنى ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق كرىزىسى ھەققىدە قارار لايىھەسى ماقۇللاپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىجرائىيە ئورگانلىرىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا سادىر قىلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارىتا كۈچلۈك ھەرىكەت قوللىنىشقا چاقىرغان. مۇتلەق كۆپ ئاۋازنىڭ قوللىشىدا ماقۇللانغان قارار لايىھەسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۇتقۇن قىلىشنى توختىتىپ، رايوندىكى بارلىق لاگېرلارنى تاقىشى، تۇتقۇنلارنى دەرھال قويۇپ بېرىشى، ئىز- دېرەكسىز يوقالغانلارنىڭ ئاقىۋىتىنى ئېلان قىلىشى شۇنداقلا ياۋروپا كومېسسىيەسىنىڭ رايوندىكى كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىۋاتقان خىتاي ئەمەلدارلىرىغا قارىتا ئېمبارگو مېخانىزمىنى ئىشقا سېلىش تەلەپ قىلىنغان. ».

ياۋروپا پارلامىتىنىڭ ھەر يىلى دۇنيا بۇيىچە « كىشلىك ھوقۇق » ۋە « ئىنسان ئەركىنلىكى » جەھەتتە ئالاھىدە تۆھپە قۇشقانلارغا  تەقدىم قىلىنىدىغان  « ۋاسلوۋ خاۋېل كىشلىك ھوقۇق مۇكاپاتى » ۋە  « ساخاروۋ ئەركىلىك مۇكاپاتى » لىرىنىڭ 2019- يىللىقى داڭلىق ئۇيغۇر كىشلىك ھوقۇقلىرى پائالىيەتچىسى ئىلھام توختىغا بېرىلىشى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىز قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەرنىڭ خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلارغا قارىتا يۈرگۈزۋاتقان ئىنسان قىلىپىدىن چىققان ۋەھىشىيانە جىنايەتلىرىگە قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەققانىي كۆرەشلىرىنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشى بىلەن بىرگە بۇ مەزلۇم مىللەتلەرگە ھەم زور ئېلھام ھەم  زور رىغبەتلەندۈرۈش بولدى.

« 28- ئوكتەبىر كۈنى يەنە، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى بايانات ئېلان قىلىپ، ياۋرۇپا پارلامېنتىنى ئىلھام توختىغا بېرىلگەن « ساخاروۋ ئەركىنلىك مۇكاپاتى» نى خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىدىغان قورالغا ئايلاندۇرۇشقا چاقىردى. ».

بولۇپمۇ « گېرمانىيە پۇقرالىقىدىكى تۈركلەردىن بولغان دۇنياغا داڭلىق پۇتبول چولپىنى، ئارسېنال پۇتبول كۇلۇبىنىڭ يۇقىرى باھالىق توپچىلىرىنىڭ بىرى، دەپ قارىلىدىغان مەسۇت ئۆزىل جۈمە كۈنىدىكى يوللانمىسى ئارقىلىق دۇنيادا ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمغا قارشى ئاۋاز چىقىرىشى » « ئۇيغۇر مەسىلىسى » نى خەلقئاردا تېخىمۇ يۇقىرى بىر بالداق كۆتەردى. « مەسئۇت ئۆزىل 13‏- دېكابىر كۈنى تىۋېتتېر، فېيسبۇك، ئىنستىگرام قاتارلىق تاراتقۇلاردا پىكىر يېزىپ، ئۇيغۇرلارغا ھېسسىداشلىق قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن. شۇنداقلا مۇسۇلمان ئەللىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمغا سۈكۈت قىلىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىگەن ئىدى. ئۇ << خىتايدا قۇرئان كۆيدۈرۈلمەكتە، مەسچىتلەر تاقالماقتا، مەدرىسىلەر چەكلەنمەكتە، دىنىي زاتلار ئۆلتۈرۈلمەكتە. بۇنىڭغا قارىماي مۇسۇلمانلار سۈكۈت قىلماقتا. >>، دەپ يازغان ئىدى. ھەم جەسۇر ھەم پىداكار مەسۇت ئۆزىلنىڭ بۇ ھەرىكىتى پۈتۈن دۇنيادا زور ۋە قالتىس زىلزىلە پەيدا  قىلدى. ئۇنىڭ بۇ جەسۇرانە ھەرىكىتىنى قۇللاپ قوۋەتلەپ، نۆۋەتتە دۇنيادىكى كۆپلىگەن داڭلىق چولپانلار ئارقا- ئارقىدىن چىقىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەققانىي كۆرىشىنى قوللاپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارىشى رەزىل جىناىي قىلمىشىنى قاتتىق ئەيىپلىمەكتە ۋە توختىتىشنى كەسكىن تەلەپ قىلماقتا.

بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى « ئۇيغۇر مەسلىسى » يۈزىدىن سىياسىي  پائالىيەتلەر قىلىۋاتقان ھەر قايسى  ئۇيغۇر سىياسىي ئاپالىيەتچىلەر ۋە شەرقىي تۈركىستان سىياسىي تەشكىلاتلىرىغا ھەم زور ئۈمىت ھەم ئىلھام ھەم مەدەت بېغىشلىدى.

مۇنداق بىر ياخشى ۋەزىيەت ھەر قايسى ئۇيغۇر سىياسىي ئاپالىيەتچىلەر ۋە شەرقىي تۈركىستان سىياسىي تەشكىلاتلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۆمۈر تاپىنى ئاستىدا يانچىلىۋاتقان ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىز قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەرنى تېزرەك قوتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئالدىمىزدىكى يىلدا تېخىمۇ زور كۆچ چىقىرىشى زۆرۈر.

كىلەر يىلى غەلبىسىرى ئالغا ئىلگىرىلەش ئۈچۈن ھەر قايسى  ئۇيغۇر سىياسىي ئاپالىيەتچىلەر ۋە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار تۆۋەندىكى  ئىشلارغا كۆپرەك ئەھمىيەت بېرىشى مۇھىم :

بىرىنچى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋەزىيىتىنى خەلقئارا تېخىمۇ كەڭ كۈلەمدە تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق دۇنيا جامائەتچىلىكى، ھەر قايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىدە ھەم چوڭقۇرراق ھەم ئەتراپلىقراق چۈشەنچىگە ئىگە قىلىش بىلەن بىرىگە  ئۇلارنىڭ « ئۇيغۇر مەسلىسى » دە ئەمەلىي ئىش قىلىشىنى قولغا كەلتۇرۇش.

ئىككىنچى،« بۇقىنى ھۆركىرتكەن ئىككى تېشى » دېگەندەك، مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا خىتاي ھۆكۈمتىنىڭ دۇنيا خەلقىنىڭ كەسكىن ۋە قەتئىي قارشى تۇرۇشىغا قارىماي شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر،قازاق ۋە قىرغىز قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەرگە قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىبارەت بۇ قەتلىئامنى يۈرگۈزۈشىدە تايانغان بىر ئاساسىي ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىي كۆچى. شۇڭلاشقا خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئىقتىساد تەرەپتىن ئاجىزلاشتۇرۇش خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىشقا مەجبۇر قىلىشنىڭ بىر مۇھىم تەركىبىي قىسمى. خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئىقتىسادىي تەرەپتىن ھالسىزلاندۇرۇش ئۈچۈن تۈركىيەدىكى ئۆكتىچى پارتىيەلەردىن بىرى بولغان سائادەت پارتىيەسىنىڭ رەئىسى تەمەل قاراموللائوغلۇ پۈتۈن دۇنيادىكى خىتاي ماللىرىنى ئىستېمال قىلماسلىق چاقىرىقىغا قىزغىن ئاۋاز قوشۇپ، پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا مۇمكىن قەدەر خىتاي ماللىرىنى ئىستېمال قىلماسلىق ۋەزىيىتىنى يارىتىش.

ئۈچىنچى، « ئۇيغۇر مەسىلىسى » دە خىتاي ھۆكۈمىتىنى دۇنيا مىقياسىدا يىتىم قالدۇرۇش ئۈچۈن « ئېرىنسەڭ ئىشڭنى كىم قىلار،ئۇيالساڭ سۆزۈڭنى كىم قىلار » دىن ئىبارەت ئاتىلار سۆزنى ئەستە چىڭ تۇتۇپ،  ئەرەپ ئىسلام دۆلەتلەر ۋە مۇسۇلمان نوپۇسى ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللەيدىغان دۆلەتلەرگە قارىتا بولغان تەرغىپ- تەشۋېقنى   تېرىكمەي- ئېرىمەي ئىشلەش زۆرۈر .

تۆتىنچى، خىتاي ھۆكۈمىتىنى  خەلقئارا سوتقا تارتىشنى قولغا كەلتۇرۇش. ئامېرىكا ئۇرۇش ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى دوكتور ئەزىم ئىبراھىمنىڭ پىكىرىچە « < نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش تەدبىرلىرىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ( ب د ت ) نىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەققىدىكى تەبىرىدە << غەرەزلىك ھالدا بىر مىللەت تۈركۈمىنى پۈتۈنلەي ياكى قىسمەن يوقىتىشقا ئۇرۇنۇش، بۇ جەرياندا شۇ مىللەتكە قانلىق جاراھەت ۋە ئېغىر بولغان روھىي ئەرزىيەت  يەتكۈزىدىغان تەدبىرلەرنى يولغا قويۇش >> دېگەنلەرگە ئاساسەن <<  تىپىك بولغان ئىرقىي قىرغىچىلىق >>  دەپ ئاتايدۇ. >، <  ئاپتورنىڭ قارىشىچە، دۇنيا خەلقىگە بەكمۇ تونۇشلۇق بولغان << ھەرگىز قايتىلانمايدۇ! >> دېگەن شوئار نۆۋەتتە دۇنيا ئۈچۈن بىر يېڭى ئەخلاقىي سىناق بولۇپ قالماقتا. يەنە كېلىپ خەلقئارانىڭ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان بۇ خىل زۇلۇملارغا بىۋاستە ئارىلىشىشى ئەڭ ئەقەللىي ئىنسانىي مەجبۇرىيەتكە ئايلانماقتا.  ئەمما نۆۋەتتىكى  ئەھۋالدا بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ خەلقئارا سوتنى ئىشقا سېلىشتىن باشقا بىرەر ئۈنۈملۈكرەك چارىسىمۇ يوق ئىكەن. غەرب دۇنياسىدىن، ئوتتۇرا شەرقتىن، ئاسىيا قىتئەسىدىن ۋە ئافرىقادىن تېخىمۇ كۆپ ئەزا دۆلەتلەر بۇ سوت مەيدانىغا چىقىشقا جۈرئەت قىلالىسا، ئۇ ھالدا مۇشۇ سوت ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنى چەكلەشتە بەزى ئەمەلىي نەتىجىلەر بارلىققا كېلىشى مۇمكىن ئىكەن.> ». پروفېسسورى دوكتور ئەزىم ئىبراھىمنىڭ پىكىرنى ھەر قايسى ئۇيغۇر سىياسىي تەشكىلاتلىرى  ۋە ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرىنىڭ تەپسىلى ئۆيلاپ بېقىشىغا ئەرزىدۇ. بەلكىم بۇ ئەڭ ئۈنۈملۈك چارە بولۇشى مۇمكىن. شۇڭلاشقا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسانىيەتكە قارىشى جىنايىتىنى خەلقئارالىق سوتقا تارتىش خىزمىتىگە خەلقئارالىق ئادۋۇكاتلار جەمئىيىتى ۋە كىشلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى قاتارلىق تەشكىلاتلارنى سەپەرۋەرلىككە كەلتۇرۇش خىزمىتىنى ئىشلەشنىڭ ۋاقىت- سائەتى كەلدى. بۇ خەلقئارالىق سوتقا كېرەكلىك بولغان خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئىسپاتلايدىغان پاكىتلارنى توپلاشقا توغرا كېلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئىشنى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچى ئەركىن سىدىق تەكىتلىگەندەك مۇھىم بىر خىزمەت ئۇرنىدا تۇتۇپ ئىشلەشكە توغرا كېلىدۇ.

بەشىنچى، توغرا ئىستراتېگىيەنىڭ ئىجرا قىلىنىشى بەلگىلەنگەن نىشانغا يېتىشنىڭ تۈپكى كاپالىتى. شۇڭلاشقا « ئۇيغۇر مەسىلىسى » ئۆز ئۇستىگە ئالغان ۋەزىپە بۇيىچە ئالغا قاراپ ئىلگرىلەش  ئىنتايىن مۇھىم، بولمىسا،پۈتۈن مەقسەت ۋەيران بولۇش ئېھتىمالىقى توغۇلۇپ قىلىشى مۇمكىن. باشقا ئىشلار ئارىلىشپ قالسا،شەكىللەنگەن ياخشى ۋەزىيەت تەتۇرسىگە مېڭىپ كېتىشى مۇمكىن.  ئىسڭىزدە شۇنى چىڭ تۇتۇشىڭىز كېرەككى، سىزنىڭ ئىشڭىزنىڭ غەلبە قازىنىشى ياكى مەغلۇپ بولۇشى ئاساسىي جەھەتتىن چەت ئەللەردە ئىستىقامەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا باغلىق بولماستىن بەلكى دۇنيادىكى  دېموكراتىك كۈچلەر– ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى دېموكراتىك دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى، ب د ت كىشلىك ھوقۇق كېڭىشى، ھەر قايسى مەملىكەتلەردىكى ئىنسانپەرۋەر تەشكىلاتلىرى، كىشلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، جامائەت تەشكىلاتلىرى، ئىنساپەرۋەر ۋە دېموكراتىك  زاتلار  ۋە دۇنيا جامائەتچىلىكىگە باغلىق.

كەلگۈسى 2020- يىلى شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىز قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەر ئۇچۈن پارلاق بىر يىل، خىتاي ئىستىبىدات ھۆكۈمرانلىرى ئۇچۈن بىر زۇلمەت كۈن بولغۇسى!

ياشىسۇن ئۇيغۇر خەلقى!

تارىخ ھۆكمى شۇ ئەزەلدىن، تاڭ يورۇتار زۇلمەتنى،

قۇل قىلالماس زوراۋان كۈچ، ھۆرلۈك سۆيەر مىللەتنى.

 

2019- يىلى 31- دېكابر

 

 

 

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو 28‏-دېكابىر ئېلان قىلغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تۋېتتىر سۆزىدە، «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تىبەت ۋە شىنجاڭدىكى باستۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ تېررورلۇق بىلەن مۇناسىۋىتى يوق. كومپارتىيەنىڭ ھەرىكىتى ئۆز مۇسۇلمان پۇقرالىرىنىڭ دىنىي ئېتىقادى ۋە مەدەنىيىتىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنىشىدۇر. پۈتۈن ئەللەر دىنىي ئەركىنلىكنى قوغدىشى ۋە ئۇنىڭغا ھۆرمەت قىلىشى كېرەك» دەپ تەكىتلىگەن.

Share
17684 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.