logo

trugen jacn

غۇلجىداخەلق تەرەپدارى مىللىي كادىرلار جازالاندى

b7f1b2a4-f466-41a5-af5b-fd858a71fc1d

 ئۇيغۇر خەۋەر ۋە تەتقىقات مەركىزى خەۋىرى: بۇگۈن (6.ئاينىڭ 13.كۈنى) ئىلى ئوبلاستلىق پارتىكوم مۇخبىرلارنى كۈتۈۋەلىش يىغىنى چاقىرىپ بىر ئۇختۇتۇش تارقاتتى، ئۇختۇرۇشتا،جەمىيەت مۇقىملىقىغا سەلبىي تەسىر كۆرسەتكەن 10 نەپەر پارتىيە ئەزاسى ئۈستىدە جىنايى دىلو تۇرغۇزۇلغانلىقى يەزىلغان

    دىلو تۇرغۇزۇلۇپ جازالانغانلارنىڭ بىرسى   ئىلى ئوبلاستلىق كاتىۋات باشقارمىسى كومىنىستىك پارتىيە گۇرۇپ ئەزاسى، باشقارمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى باتۇر دۇۋامەت.ئۇختۇرۇشتا مۇنداق دىيىلگەن؛ “باتۇر دۇۋامەت 2014.يىلى يىل بەشىدا، غۇلجا شەھەر جىگدىلىك مەھەللىسىگە خىز مەت گۇرۇپپىسى باشلىقى قىلىپ ئەۋەتىلگەن.باتۇر دۇۋامەت پارتىيەنىڭ فاڭجىن -سىياسەتلىرىگە خىلاپ سۆز-چۆچەكلەرنى قىلىپ،ئۆز ۋەزىپىسى بىلەن زىت پاالىيەتلەرنى قىلغانلىقى ئۈچۈن پارتىيە ئىچى ۋە مەمۇرى ۋەزىپىلىرىدىن ئەلىپ تاشلاندى”

    ئۇختۇرۇشتا يەنە، ئىلى ئوبلاستلىق ئاشلىق ئىدارىسىدا بىر بۆلۈمنىڭ مۇدىرى بولغان مىجىت بەردىبەك “ رۇزىممەت يۈزى يەزىسىغا خىزمەت گۇرۇپپىسى بولۇپ بارغاندا “پارتىيەنىڭ سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىش ئورنىغا ئاممىنى پارتىيىگە،خەنزۇ كادىرلارغا نەپرەت قىلىشقا قۇتۇرتۇش” جىنايىتىدىن پارتىيىدىن ھەيدىلىپ،خىزمىتىدىن ئەلىپ تاشلانغان”لىقى يەزىلغان

  چاپچال ناھىيەسىدىن سۇ ئىدارىسى پىنىسسىيەگە چىققان كادىرى ۋاڭ رۇڭ فا ڭ خىرىستىيان مۇرىتى بولىۋالغانلىقى ئۈچۈن پارتىيىدىن قوغلىۋەتىلگەن 

   نىلقا ناھىيەسىدە دۆلەت كادىرى تۇڭگانلاردىن ما جەنچىڭ،ما جەنخۇ مەسچىتكە كىرىپ ناماز قىلغانلىقى ئۈچۈن پارتىيىدىن ۋە خىزمىتىدىن قوغلانغان
   غۇلجا شەھەرلىك دوختۇرخانىنىڭ دوختۇرى پالىنگۇڭ ئەزاسى خۇۋاڭ گۇۋاڭ رۇڭ “ئۈندىداردا پارتىيە سىياسىتىگە خىلاپ 692 خەۋەر تارقىتىپ پارتىيە قەبىھ ھۇجۇم قىلغانلىقى ئۈچۈن 3 يىللىق قاماق جازاسى بىرىلدى”دىيىلگەن

   قورغاس ناھىيەلىك دوختۇرخانىنىڭ دوختۇرى دىلىشات تۇرسۇن،قورغاس ناھىيەلىك يەزاىگىلىك ماشىنىلىرى ئىدارىسى كادىرى پالىنگۇڭ ئەزاسى جۇ شۆمىڭ لار “ئۈندىداردا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىغىغا زىيانلىق خەۋەر تارقاتقان” لىقى ئۈچۈن خىزمىتىدىن ھەيدەلگەن

   تىكەس ناھىيەسىدىن ئۇرازقان،جوقسىن ئۆمەر قاتارلىق قازاق يايلاق كادىرلىرى،قازاق جەمەتى بىلەن بىللە مەسچىتتە نامز ئوقۇغانلىقى ئۈچۈن پارتىيە ئىچىدە ئەغىر جازا بىرىلگەن

    خىتاي ھۈكۈمىتى بۇ ئۇختۇرۇش ئارقىلىق،ۋەتىنىمىزدە ئۆز مىللىتىگە ھىسداشلىق قىلىدىغان،ياكى دىنى بىلەن شۇغۇللۇنىشقا ئىنتىلگەن ھەر قاندان دۆلەت كادىرىغا قەتئى زەربە بىرىدىغانلىقىنىڭ بىشارىتىنى بىرىپلا قالماستىن،ئۇيغۇرلارغا ھىسداشلىق قىلىدىغان ۋە ئۇلارغا قىلىنغان مىللىي زۇلۇمنى جۇڭگو ۋە چەتئەلگە خەۋەر قىلىپ يوللىغان خەنزۇلارغىمۇ قىلچە رەھىم قىلمايدىغانلىق توغرىسىدا جىددى ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بەرمەكتە

مەنبە
新疆伊犁州通报10起党员干部影响社会稳定案件
http://www.uyghurnet.org/cn/%E6%96%B0%E7%96%86%E4%BC%8A%E7%8A%81%E9%80%9A%E6%8A%A510%E8%B5%B7%E5%85%9A%E5%91%98%E5%B9%B2%E9%83%A8%E5%BD%B1%E5%93%8D%E7%A4%BE%E4%BC%9A%E7%A8%B3%E5%AE%9A%E6%A1%88%E4%BB%B6/

Share
1819 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.