logo

trugen jacn

غۇلجا ئۈچدەرۋازا ساقچىخانىسى ئاھالىلەرنىڭ پاسپورتىنى يىغىۋېلىش ھەققىدە جىددىي ئۇقتۇرۇش چىقارغان -1

image

قۇتلان

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

يېقىندا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا غۇلجا شەھەرلىك ئۈچدەرۋازا ساقچىخانىسىنىڭ بىر جىددىي ئۇقتۇرۇشى تارقىتىلغان. ئۇنىڭدا ئاھالىلەرنىڭ 2 ھەپتە مۇددەت ئىچىدە قولىدىكى پاسپورتلىرىنى ئۆزلىرى تەۋە ساقچىخانىغا تاپشۇرۇشى تەلەپ قىلىنغان.

بىز بۇ ھەقتە غۇلجا شەھىرى ئۈچ دەرۋازا ساقچىخانىسىنىڭ قاھار ئىسىملىك مەسئۇل ساقچىسىنى زىيارەت قىلدۇق.

مۇخبىر: سىز ئۈچ دەرۋازا ساقچىخانىسىنىڭ ساقچىسى قاھار بولامسىز؟
ساقچى: شۇنداق، مېنىڭ ئىسمىم قاھار، مەن غۇلجا شەھەرلىك ئۈچدەرۋازا ساقچىخانىسىنىڭ ساقچىسى بولىمەن.

مۇخبىر: يېقىندا ئاھالىلەرنىڭ پاسپورتىنى يىغىۋېلىش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپسىلەر، بۇ راستمۇ؟
ساقچى: ھەئە، بۇ ئۇقتۇرۇشنى يېقىندا چىقارغان ئىدۇق، خەۋەر تېپىشىمىزچە، بۇ ئۇقتۇرۇش تور ۋە ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىغىمۇ چاپلىنىپ تېز تارقىلىپتۇ. ئەسلىدە بۇ ئۇقتۇرۇشنى بىزنىڭ ساقچىخانا يۇقىرىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئۆز ئالدىغا چىقارغان ئىدى، ئۇنىڭدا «ئالاقىلەشكۈچى» دەپ مېنىڭ ئىسمىم يېزىلغان.

مۇخبىر: نېمە سەۋەبتىن بۇ ئۇقتۇرۇشنى چىقاردىڭلار؟
ساقچى: بۇ مۇقىملىق خىزمىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئۇقتۇرۇش تارقىتىلغاندىن كېيىن، نۇرغۇن كىشىلەردىن ماڭا تېلېفون كەلدى، بەزى كۈنلىرى دىن ئارتۇق تېلېفون قوبۇل قىلدىم. ھەتتا ئىچكى ئۆلكىلەردىكى بەزى خەنزۇلارمۇ تېلېفون قىلىپ، «ھەممە كىشى بىردەك پاسپورت تاپشۇرامدۇ، نېمە ئۈچۈن؟» دەپ سوراشتى. بۇنىڭدا بىر ئاز خاتا چۈشىنىشمۇ بولغان ئوخشايدۇ. بىزنىڭ ئاساسلىق مەقسىتىمىز ئاھالىلەرنىڭ پاسپورتلىرىنى يىغىۋېلىش ئەمەس، بەلكى ساقچىخانا ۋاكالىتەن ساقلاپ بېرىشتۇر. يەنى ئاھالىلەر پاسپورتلىرىنى ساقچىخانىمىزغا تاپشۇرۇپ بەرگەندىن كېيىن، ئەگەر ئۇلار چەتئەلگە چىقماقچى بولسا، ئۇلارنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى بىر قۇر تەكشۈرۈپ مەسىلە بولمىسا پاسپورتنى بېرىمىز. قايتىپ كەلگەندە يەنە بىزگە تاپشۇرۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىمىز.

مۇخبىر: سىزچە پاسپورت يىغىۋالساڭلار مۇقىملىق كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ دەپ ئويلامسىز؟
ساقچى: ئاھالىلەرنىڭ پاسپورتلىرىنى يىغىۋېلىشىمىزدىكى ئاساسلىق سەۋەب مۇقىملىق خىزمىتىنىڭ ئېھتىياجىدىن بولغان. يەنى ھازىر شىنجاڭدا مۇقىملىق ئەڭ مۇھىم خىزمەت، تىنچسىز ئەھۋاللار ھەممە يەردە كۆرۈلۈۋاتىدۇ. شۇنداق بولغاچقا، ئاھالىلەرنىڭ پاسپورتلىرىنى ساقچىخانا يىغىۋېلىپ ساقلىساق، ئۇلارغا ۋاكالىتەن ساقلاپ بەرسەك، جەمئىيەتتىكى مۇقىمسىزلىق ئامىللىرىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

مۇخبىر: بۇ قارار يۇقىرىدىن چۈشتىمۇ ياكى سىلەرنىڭ ئۆز ئالدىڭلارغا چىقارغان بەلگىلىمەڭلارمۇ؟
ساقچى: بۇ قارار ئىلى ئوبلاستلىق سىياسىي-قانۇن ئىشخانىسى بىلەن غۇلجا شەھەرلىك سىياسىي-قانۇن ئىشخانىسىنىڭ ئورتاق كېڭىشىشىدىن كېيىن چىقىرىلغان. بىزنىڭ ئۈچدەرۋازا ساقچىخانىمىز غۇلجا شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ بۇيرۇقى بويىچە بۇ ئۇقتۇرۇشنى چىقاردۇق. مەقسەت تەۋەيىمىزدىكى ئاھالىلەرنىڭ چەتئەلگە قانۇن-تۈزۈم يول قويغان دائىرىدە تەرتىپلىك چىقىشىنى ۋە ۋاقتىدا قايتىپ كىرىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش، مۇقىملىق خىزمىتىگە ماسلىشىش ئۈچۈندۇر.

مۇخبىر: بۇنىڭدا كىشىلەرنىڭ چەتئەللەرگە چىقىش قىزغىنلىقىنى كونترول قىلىش مەقسىتى بارمۇ-يوق؟
ساقچى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مەيلى غۇلجىدا بولسۇن ياكى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ باشقا جايلىرىدا بولسۇن، كىشىلەرنىڭ چەتئەلگە چىقىپ كېتىش خاھىشى بەكمۇ كۈچىيىپ كەتتى. بەزىلەر چەتئەلگە چىقىپ كېتىپلا ئىز-دېرەكسىز غايىب بولۇپ كەتتى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە مەيلى چېگرا ئىچىدە بولسۇن ياكى سىرتىدا بولسۇن مۇقىمسىزلىق ئامىللىرى پەيدا بولماقتا. شۇڭلاشقا يۈز بەرگۈسى مۇقىمسىزلىق ئامىللىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاھالىلەرنىڭ ئىچىدىكى غەيرى-نورمال ئەھۋاللارنى تىزگىنلەش ئۈچۈن ساقچىخانىمىز يۇقىرىنىڭ تەلىپى بويىچە بۇ ئۇقتۇرۇشنى چىقاردى.

مۇخبىر: سىلەرگە تەۋە ئاھالىلەر رايونىدا قانچىلىك ئاھالە بار، قانچىلىك ئاھالىنىڭ قولىدا پاسپورتى بار؟
ساقچى: ئۈچدەرۋازا ساقچىخانىسىنىڭ تەۋەسىدە جەمئىي 16 ئاھالىلەر رايونى بار. مەن شەخسەن ئۆزۈم ئۇنىڭ ئىچىدىكى 2 ئاھالىلەر رايونىغا مەسئۇل ساقچىمەن. بىزدە ئۆزىمىزگە تەۋە ئاھالىلەر رايونىدىكى ئولتۇراق كىشىلەرنىڭ جان سانى، كەسپى، ئىجتىمائىي مۇناسىۋىتى، ئارقا كۆرۈنۈشى قاتارلىق ئۇچۇرلارنىڭ ھەممىسى بولىدۇ. غۇلجا شەھىرى تەۋەسىدە 16 ساقچىخانا بار، بىزنىڭ ئۈچ دەرۋازا رايونىغا قاراشلىق ئاھالىلەردىن 4 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ پاسپورتى بار. ئۇنى ئۆيمۇ-ئۆي بېرىپ يىغىۋېلىش ئىنتايىن تەس، شۇڭا بىز ئۇقتۇرۇش چىقاردۇق، بۇ بىزنىڭ خىزمەت ئۇسۇلىمىز.

مۇخبىر: سىياسىي جەھەتتىن مەسىلىسى بار دەپ قارالغان كىشىلەرنىڭ پاسپورتىنى قانداق قىلىسىلەر؟
ساقچى: سىياسىي جىنايەتچىلەرگە ئادەتتە پاسپورت بېجىرىپ بېرىلمەيدۇ. ئۇلارنىڭ جازا مۇددىتى ئاخىرلىشىپ، ئائىلىسىگە قايتقاندىن كېيىنمۇ خېلى بىر مەزگىل بىزنىڭ كونتروللۇقىمىزدا بولىدۇ. ئۇلار ئۈستىدىكى نازارەت ۋاقتى ئاخىرلىشىپ، ھېچقانداق مەسىلە بايقالمىسا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ تەستىقى بىلەن ئاندىن ئۇلار پاسپورت بېجىرەلەيدۇ

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/pasport-yighiwelish-05122015134417.html

Share
840 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.