logo

trugen jacn

غۇلامىدىن پاختانىڭ ھاياتى (35): 1992-يىلىدىكى شەرقىي تۈركىستان مىللىي قۇرۇلتىيى قانداق شارائىتتا چاقىرىلدى؟

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئىستانبۇلدا 1992-يىلى  چاقىرىلغان شەرقىي تۈركىستان مىللىي قۇرۇلتىيى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پەۋقۇلئاددە تارىخىي شارائىتتا تەشكىللىگەن بىر قېتىملىق كەڭ دائىرىدىكى باش قوشۇش يىغىلىشى ھېسابلىنىدۇ

بۇ قېتىملىق قۇرۇلتاي سوۋېتلار ئىتتىپاقى يىمىرىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە كافكازدا 5 مۇستەقىل تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرى جاكارلانغان، ئۇيغۇرلار ئۆز كېلەچىكىنىڭ ئۇپۇق نۇرىنى كۆرۈشكە ئىنتىلىۋاتقان، دۇنيانىڭ سىياسىي تەرتىپىدە جىددىي ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىۋاتقان بىر مەزگىلدە چاقىرىلىدۇ. بۇ قېتىملىق قۇرۇلتايغا پۈتۈن دۇنيادىكى ئوخشىمىغان دۆلەت ۋە ئوخشىمىغان سىياسىي سىستېمىلاردا ئىستىقامەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ كۆرۈنەرلىك ۋەكىللىرى قاتناشقان ئىدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ باشلىقى، گېنېرال مەھمەت رىزا بېكىن، 1944-يىلىدىكى ئىلى ئىنقىلابى ۋە ئۇنىڭ نەتىجىسىدە قۇرۇلغان ئىككىنچى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھايات شاھىتلىرىدىن زىيا سەمەدى، ئابدۇرەئۇپ مەخسۇم، ھاشىر ۋاھىدى ۋە يۈسۈپبەگ مۇخلىسى، سەئۇدى ئەرەبىستاندا ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىق مۇھاجىرلار شۇنىڭدەك ياۋروپا ۋە ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلار ۋەكىللىرى بار ئىدى

1992-يىلىدىكى ئىستانبۇل قۇرۇلتىيىنىڭ تەييارلىق كومىتېتىدىن ئورۇن ئالغان، قۇرۇلتاي جەريانىدا ئاكتىپ كېلىشتۈرگۈچى سۈپىتىدە كۆزگە كۆرۈنگەن غۇلامىدىن پاختا ئەپەندىم ئارىدىن 25 يىل ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە ئىستانبۇل قۇرۇلتىيى ھەققىدىكى ئەسلىمىلىرىنى تەقدىم قىلدى
غۇلامىدىن ئەپەندى 1992-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى پەن فاكۇلتېتىنىڭ ھەيۋەتلىك زالىدا مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن چاقىرىلغان بۇ قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان مىللىي قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنى ئەسلىگىنىدە ھېلىھەم ھاياجانغا چۆمىدۇ

غۇلامىدىن پاختا ئەپەندىم مەرھۇم زىيا سەمىدى ۋە مەمەتىمىن ھەزرەت بىلەن بىرگە «شەرقىي تۈركىستان مىللىي قۇرۇلتىيى» دا. 1992-يىلى. ئىستانبۇل، تۈركىيە

 

ئۇ، شۇ كۈنىدىكى قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ باش مىنىستىرى سۇلايمان دېمىرال، شىمالىي قىبرىز تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىس جۇمھۇرى رافۇق دېنكتاش، دۇنيا ئىسلام بىرلىكىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇللا ئۆمەر نازىف قاتارلىق يۈزلىگەن دۆلەت باشلىقلىرى ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ تەبرىك تېلېگراممىلىرى ئوقۇپ ئۆتۈلگەندە قۇرۇلتاي ئىشتىراكچىلىرىنىڭ ھاياجان ۋە ئىپتىخارلىق ياشلىرىغا چۆمۈلگەنلىكىنى ئەسكە ئالىدۇ

غۇلامىدىن ئەپەندى بۇ قېتىملىق قۇرۇلتايدىن بىرقانچە ئايلار ئىلگىرى تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ باشلىقى، گېنېرال مەھمەت رىزا بېكىننىڭ رىياسەتچىلىكىدە قۇرۇلتاي تەييارلىق كومىتېتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى، بۇ قېتىملىق قۇرۇلتاينىڭ ھازىرلىق ئىشلىرىنىڭ ھەر جەھەتتىن پۇختا ۋە ئەتراپلىق ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ

غۇلامىدىن ئەپەندى ئەسلىمىسىدە يەنە بۇ قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان مىللىي قۇرۇلتىيىنىڭ دۇنيادىكى 30 نەچچە گېزىت، رادىئو، تېلېۋىزىيە ۋە خەۋەر ئاگېنتلىقلىرىدا خەۋەر قىلىنغانلىقىنى، بولۇپمۇ تۈركىيە بىلەن يېڭىدىن مۇستەقىللىققا ئېرىشكەن ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدە كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلىنغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ

غۇلامدىن پاختا ئەپەندى ئىستانبۇلدا چاقىرىلغان شەرقىي تۈركىستان مىللىي قۇرۇلتىيىنىڭ 4 كۈن داۋام قىلغانلىقىنى، ئاخىرىدا قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنىڭ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ باش مىنىستىرى سۇلايمان دېمىرال، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىنىڭ رەئىسى ھىساممىدىن جىندۇرۇق ۋە تۈركىيە مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى ئالپارسلان تۈركەش قاتارلىقلارنىڭ قوبۇل ئىلىشىغا ئېرىشكەنلىكى، شۇ كۈنلەردە ئىستانبۇلنىڭ بايرام تۈسىگە كىرگەنلىكىنى ئەسلەيدۇ

غۇلامىدىن ئەپەندى 1992-يىلى ئىستانبۇلدا چاقىرىلغان شەرقىي تۈركىستان مىللىي قۇرۇلتىيىنىڭ قانداق بىر دەۋر شارائىتى ۋە ئارقا كۆرۈنۈشتە چاقىرىلغانلىقى ھەققىدە مۇنۇلارنى بايان قىلىدۇ.

غۇلامىدىن ئەپەندى يەنە بۇ قېتىملىق ئىستانبۇل قۇرۇلتىيىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېچىلىشىدا، بولۇپمۇ قۇرۇلتايغا كېتىدىغان ئىقتىسادىي ۋە ماددىي ئېھتىياجلارنى ھەل قىلىشتا تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان شۇنداقلا دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىدىكى ۋەتەنسۆيەر كارخانىچىلار بىلەن تىجارەتچىلەرنىڭ خالىس ياردەملىرىنى ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئالىدۇ

https://www.rfa.org/uyghur/yoruq-sahillar/ghulamidin-paxta-35-01302018192118.html

Share
3785 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.