logo

trugen jacn

غوجىمەمەت جاپپار: خەنزۇچە ماتېرىيالنى ئوقۇيالمىغانلىقىم ئۈچۈن تۈرمە ساقچىلىرى ئۇرۇپ چىشىمنى چۈشۈرۈۋەتتى

79afbe1d-b8a6-4e32-a151-c2e6105b9a73

شۆھرەت ھوشۇر

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

3 يىللىق تۈرمە ھاياتى ھەققىدە مۇخبىرىمىزغا مەلۇمات بەرگەن ئەرزدار غوجىمەمەت جاپپار خىتايچە ماتېرىيالنى ئوقۇيالمىغانلىقى ئۈچۈن تۈرمە ساقچىلىرىنىڭ تەلۋىلەرچە زوراۋانلىقىغا ئۇچرىغانلىقىنى پاش قىلدى.

ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئۇ خىتايچە يېزىلغان تۈرمە بەلگىلىمىسىنى ئوقۇشقا مەجبۇرلانغان. ئۇ گەرچە ئۆگىنىش ئارقىلىق خىتايچە سان-ساناقلارنى دەپ بېرەلەيدىغان بولغان بولسىمۇ، ئەمما ماتېرىيالنى ئوقۇشقا ساۋاتى يەتمىگەن. بۇ چاغدا ساقچىلار ئۇنىڭ بېيجىڭغا ئەرز قىلىپ بارالىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ھالدا، ئۇنى ئۇرۇپ چىشىنى چۈشۈرۈۋەتكەن.

بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان ئالاقىدار كەنت سېكرىتارىمۇ، سابىق مەھبۇس غوجىمەمەت جاپپارنىڭ تۈرمىدىكى چېغىدا ئۇرۇپ چىشى چۈشۈرۈۋېتىلگەنلىكىنى دەلىللىدى. ئۇ يەنە، غوجىمەمەت جاپپارنىڭ ئادەتتە ئۇرۇش-جېدەلدىن ئۇزاق، مەھەللە-كوي بىلەن ئۆم ئۆتىدىغان مۇلايىم تەبىئەتلىك كىشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/beyjing-erzdar-10282015144144.html

 

Share
1400 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.