logo

trugen jacn

غازات يولىدا شەھىت بولغانلار جەننەتكە كىرىدۇ, سەپسەتىمۇ؟

 

ئەخمەت مۇھەممەت

ئاپتونۇم رايونلۇق ئىسلام  ئىنىستوتىدا 6.ئاينىڭ 4.كۈنى “غازات يولىدات شەھىت بولغانلار جەننەتكە كىرىدۇ دەيدىغان سەپسەتىگە زەربە بىرەيلى” تىمىسىدا “دىنىي ئۆلىمالار يىغىنى” ئەچىلدى.يىغىنغا شەرقى تۈركىستاننىڭ ھەر قايسى ۋىلايەتلىرىدىن دۆلەتتىن مااش ئالىدىغان،كومىنىسىت پارتىيەگە ئىمانى كىرالانغان 70 نەپەر “دىنى زات” قاتناشتى

ئابدۇرەقىپ تۈمۈرنىياز داموللا ،مۇقاترەھىم شىرىپ داموللا،جارۇللا قۇربان داموللا،ئابدۇشۈكۈر رەخمۇتۇللا داموللا،ئابدۇرىشىت داموللا،ئەبەيدۇللا مەخسۇم،مەمەت قاراجى قاتارلىق خىتاي ھۈكۈمىتى ئالدىدا “ئىتىۋارى يۇقىرى”،ئامما خەلق ئىچىدە “كومىنىست موللىلار” لەقىمى بولغان بۇ كىشىلەر بىردەك “غازات قىلىپ شەھىت بولغانلار جەننەتكە كىرىدۇ” دىگەن سەپسەتىدۇر، دەپ پەتىۋا بىرىشتى.ئۇنىڭدىن باشقا خىتاي دۆلەت تىلىۋىزورىدا،ھەيىتكا جامى خاتىپى جۈمە تاھىر داموللا ھاجى ۋە ئۆزىنى دىنىي ئەرباپ دەپ ھىساپلايدىغان  ئىسمايىل قادىر، كۇچار ناھىيە جامى خاتىپى ئابدۇللا ئابىت، پىچاندىن ئابابەكرى ئابدۇللا،ئاتۇش مەركىزى جامى خاتىپى ئوبۇلقارى ئىمىن، ئىمام ھەسەن، ئاپتونۇم رايونلۇق پەنلەر ئاكىدىمىيىسى ئىسلام دىنى تەتقىقاتچىسى ئەخمەت ھەسەن، ئاپتونۇم رايونلۇق  ئىسلام ئىنىستوتى ئوقۇتۇش باشقارمىسى مۇاۋىن بۆلۈم باشلىقى ئابلەت قۇربان… قاتارلىقلارمۇ تىلىۋىزوردا قۇرئان ئايەتلىرىنى بورمىلاپ شەھىتلىرىمىزگە ھاقارەت قىلىدىغان گەپلەرنى قىلىدى

گەرچە قۇرئاندا“ ئۇلار (زالىملار)دىن قورقماڭلار،مەندىن قورقۇڭلار.” (بەقەرە سۈرىسى 150.ئايەت) دىگەن ئايەت بولسىمۇ,ئاللانىڭ بۇ ئايىتىنىڭ دەل ئەكسىچە ئاللادىن ئەمەس،ئۆزلىرىنى ئاللانىڭ يىرىگە قويغان دىنسىز،زالىم خىتاي باشلىقلىرىدىن قورقىدىغان بۇ موللا سىياقىدىكى ساقاللىق شەيتانلارنىڭ بەشىدا سەللە،ئۈستىدە يەكتەك،قولىدا تەسۋى بار ئىدى.ھەقىقى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى ساقىلى،سەللىسى،يەكتىكى،تەسۋىسى تۈپەيلىدىن تۇرمىلارغا سۇلاپ ۋەياكى نەزەربەت قىلىپ ئازاپلاۋاتقان بۇ كۈنلەردە،بۇ مۇناپىقلارنى دىنى سىموۋىللار بىلەن بىزەپ تىلىۋىزورلارغا چىقىرىشى غەلىتە ئەھۋال ئىدى

بۇ ئىمانسىز موللىلار شۇنى بىلمەيدىكى؛ قۇرئاننىڭ نازىل بولۇش سەۋىبى،ئىنسانلارنى ئەركىنلىككە ئىرىشتىرۈش ئۈچۈندۇر.اللّهُ وَلِيُّ الَّذِينَ آمَنُواْ يُخْرِجُهُم مِّنَ الظُّلُمَاتِ إِلَى النُّوُرِ وَالَّذِينَ كَفَرُواْ أَوْلِيَآؤُهُمُ الطَّاغُوتُ يُخْرِجُونَهُم مِّنَ النُّورِ إِلَى الظُّلُمَاتِ أُوْلَئِكَ أَصْحَابُ النَّارِ هُمْ فِيهَا خَالِدُونَ“ئاللاھ مۆمىنلەرنىڭ ئىگىسىدۇر، ئۇلارنى زۇلمەتتىن يورۇقلۇققا چىقىرىدۇ” (بەقەرە سۈرىسى 257.ئايەت) ئاللانىڭ قۇرئاننى نازىل قىلىشىدىكى تۈپ سەۋەپ؛ئىنسانلارنى زۇلمەت (قاراڭغۇلۇق)تىن يۇرۇقلۇققا،زۇلۇمدىن ئەركىنلىككە ئىرىشتۈرۈش ئۈچۈندۇر.

ئىسلام پەيغەمبىرى ئەركىنلىك پەيغەمبىرىدۇر،مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىنسانلارغا پەيغەمبەر قىلىپ ئىۋەتىلىشىنىڭ تۈپ سەۋەبى قۇئاندا مۇنداق بايان قىلىنىدۇ: “ ئۇ (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) ئۇلارنى(مۇسۇلمانلارنى) ياخشى ئىشقا بۇيرۇيدۇ.يامان ئىشتىن تۇسىدۇ.ئۇلارغا پاك نەرسىلەرنى ھالال قىلىدۇ.ناپاك نەرسىلەرنى ھارام قىلىدۇ. ئۇلارنى سەلىنغان تاقاق،كويزا-كىشەنلەردىن بۇشۇتىدۇ.” (ئەراف سۈرىسى 157.ئايەت).پەيغەمبەر ئالدى بىلەن ئىنسانلارنى، بۆينىغا،پۇت-قولىغا ۋە روھىغا سەلىنغا تاقاق،كويزا-كىشەنلەردىن بوشۇتۇش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن
ئەركىن بولمىغان ئىنساننىڭ ئاللاغا ھۇزۇر ئىچىدە ئىبادەت قىلىشى مۇمكىن ئەمەس

ئىنساننى ئەركىنلىككە ئىرىشتۈرۈش يولىدىكى كۈرەش مۇبارەكتۇر.بولۇپمۇ كاپىرلارنىڭ مۇستەملىكىسى ئاستىدا زۇلۇم تارتىۋاتقان مۇسۇلماننىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن قىلىنغان كۈرەشنىڭ ئىسمىنى قۇرئان “جىھات”،جىھاتتا ئۆلگەنلەرنى “شەھىت” دەپ تەرىپلىگەن. شەھىتلەرنىڭ جايى جەننەتتۇر

ئىسلام،ئانىلارنى،خوتۇن-قىزلارنى تىرىك كۆمۈۋەتىدىغان قەبىھ زۇلمەتلىك تۈزۈمنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ،جەننەتنى ئانىلارنىڭ ئايىغى ئاستىغا يايغان بىر دىندۇر.بۇگۈن ئانىلىرىمىز،خوتۇن-قىزلىرىمىزنىڭ مۇبارەك دىنىمىز بۇيرىغان جىلباب كىيىشى “جىنايەت” ھىساپلىنىۋاتقان قەبىھ تۈزۈمگە قارشى چىققانلار “بۆلگۈنچى”مۇ؟

ئەي،قەدىردان ئۇيغۇر قەرىنداشلىرىم! دۇنيادا تۇنجى “بۆلگۈنچى” قالپىغى كەيدۈرۈلۈپ ئۆلۈمگە ھۈكۈم قىلىنغان كىشى كىم ئىدى؟ سىز بىلەمسىز؟ سۈيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز ئىدى.مەككە كاپىرلىرى “مۇھەممەد دىنىمىزنى،قەبىلىمىزنى،ئاىلەلىرىمىزنى بۆلدى.بۇ بۆلگۈنچىنى ئۆلتۈرۈش كىرەك” دەپ پەيغەمبىرىمىزگە قانچە قەتىم سۈيقەسىت قىلىدى.بىز بەدىر ئۇرۇشىغا دىققەت قىلىدىغان بولساق ھەقىقەتەن قەبىلىلەرنىڭ،ئاىلىلەرنىڭ ئىككى تەرەپكە بۆلۈنۈپ ئۆز-ئارا قان تۆككەنلىگىنى كۆرىمىز؛مۇسۇلمانلار سەپىدا ھ .ز. ئابۇبەكىر ئىسلام  قۇماندانلىرىدىن بىرى ئىدى،ئامما ئوغلى ئابدۇراخمان مەككە مۈشرىكلەرىنىڭ ئاتامان چەۋەندازلىرىنىڭ ئەڭ ئالدىدا قەلىچىنى ئوينىتىپ دادىسىنىڭ بەشىنى ئەلىش ئۈچۈن ئىلگىرلەپ كەلمەكتە ئىدى.ھ.ز.ھۇزەيبە پەيغەمبىرىمىزنىڭ يەنىدا سەپ تۇتقان بولسا،دادىسى ئۇتبە ب.رابىيا كاپىرلارنىڭ قۇماندانلىرىدىن بىرى ئىدى.ھ ز.پەيغەمبەر ۋە  مۇسۇلمانلارنى

ئۆلتۈرۈشكە كەلگەن مەككە كاپىرلىرى ئارىسىدا پەيغەمبىىمىزنىڭ تاغىسى ھامزا،كىيوغلى (پەيغەمبىرىمىزنىڭ قىزى ھ.ز. زەينەپنىڭ ئىرى) ئەبۇل ئاس.. لار بار ئىدى.ھ ز.ئالىنىڭ بىر تۇققان قەرىندىشى ئاقىل مۈشرىكلار سەپىدە ئالىغا دىۋەيلەپ تۇراتتى

بىر قەۋىم،بىر مىللەت،بىر دۆلەت توغرا-خاتا يول ئايرىمىدا بۆلۈنىشتىن خالى بولالمايدۇ.سۈيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز ئۆز قەۋمى تەرىپىدىن “بۆلگۈنچى” دەپ ئەيىپلەندى.چۈنكى،پەيغەمبىرنىڭ قەۋمى ئۆزلىرىنىڭ زۇلۇمدا، قاراڭغۇلۇقتا ئىكەنلىگىنى بىلمەيتتى،ھىس قىلالمايتتى.ئامما سۈيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز قەۋمىنى زۇلمەتتىن قۇتۇلدۇرۇش،ئۇلارنىڭ ئەبىدىي بۆلۈنۈپ كەتمەي گۈللەپ-ياشنىشى ئۈچۈن ئۇ ھالقىلىق پەيتتىكى “بۆلگۈنچى” قالپىغىنى كىيىشتىن قورقۇپ قالمىدى

ئۇيغۇر خەلقى ئۆز ۋەتىنىدە ئۆزلىرىنىڭ ئەركىنلىگى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتىدۇ.خەلقىمىزنىڭ بۇگۈنكىدەك ئۇمۇمىي يۈزلۈك ئويغۇنىشى يولىدا بەك ئۇزۇن زامان كەتتى،بەك ئەغىر بەدەل بەردۇق

ئۇيغۇر خەلقى ئۆزلىرىنى ئەركىنلىككە ئىرىشتۈرۈشتىن باشقا خىتاي خەلقىنىڭ ئەركىنلىككە ئىرىشىشى يولىدا مەشئەللىك رولى ئويناۋاتقانلىغىنى ئۇنۇتماسلىغى لازىم.خىتاي خەلقى ئەركىنلىككە ئىرىشمەي تۇرۇپ،خىتاي ھاكىمىيىتى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ دىئالوگ يولى ئەچىلىشى مۇمكىن ئەمەس

بىز،رەسۇلىللانىڭ ئۈممەتلىرىمىز.پۇت-قولىمىزدىكى،روھىمىزدىكى تاقاق،كويزا-كىشەنلەرنى چەقىپ تاشلاش بىز ئۈچۈن بىرىنجى ئىبادەتتۇر. “بۆلگۈنچى”، “تىرورىست” دىگەن تۆھمەتلەردىن ئۇيغۇر مۇجاھىتلىرى قىلچە تەمتىرەپ قالماسلىغى كىرەك.جىم تۇرۇپ بەك كۆپ ئۆلدۇق،ئانىلىرىمىز بەك كۆپ كۆز يەشى تۆكتى.ئۇيغۇرلارنىڭ كۆز يەشى دەڭىز بولدى.بۇ دەڭىزدا بەھۇزۇر يايراپ ئۈزۈپ سەمرىۋاتقانلار ئىمتىيازلىق خىتاي كۆچمەنلىرى بولدى.ئەندى بۇ بۇ ئەقىم تەتۈرسىگە چۆرىلىدىغان زامان كەلدى

ئۇيغۇرلار, بىزنى كىم قۇتقۇزۇپ قويار دەيدىغان تەپەككۇر مەنتىقىدىن ۋاز كىچىپ،بىز قانداق قۇتۇلىمىز دەيدىغان مەنتىق بىلەن تەپەككۇر قىلىشقا ئادەتلىنىشى كىرەك

قۇرئان ئەركىنلىكنىڭ مەشئىلىدۇر.رەسۇلىللا ئەركىنلىك پەيغەمبىرىدۇر.بىزنىڭ قىبلىنامىمىز قۇرئاندۇر، ئۆلگىمىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدۇر

شۇنى دۇنياغا ئىنىق ۋە جاراڭلىق جاكالىشىمىز كىرەككى؛ خەنزۇ خەلقى بىزنىڭ دۈشمىنىز ئەمەس بىزنىڭ باشقا مىللەتكە زىيان سەلىش نىيىتىمىز يوق.مەخسىدىمىز بىزگە كىلىۋاتقان زىيان-زەخمەتنى توسۇش،قولدىن كەتكەن ۋەتەن ۋە ئەركىنلىگىمىزنى قايتۇرۇپ ئەلىشتۇر

 

مەنبە
新疆伊斯兰教界驳斥“圣战殉教进天堂”谬论
http://news.ts.cn/content/2014-06/04/content_9732300.htm
旗帜鲜明地反对宗教极端思想
http://v.ts.cn/content/2014-06/06/content_9743459.htm

Share
3490 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.