logo

trugen jacn

شەرەپ قۇچقان سىنوك ماھىرىمىز جۈرئەت

 

بۆرتالا گېزىتى مۇخبىرى يۈسۈپچان غېنى

مۇقەددىمە

     بىز سىزگە ھېكايە قىلىپ بەرمەكچى بولغان بۇ شەخس ئەتراپىمىزدىكى مىليونلىغان ئاددىي ئادەملەرنىڭ بىرى. شۇنى كېسىپ ئېيتىشقا بولىدىكى ئۇ ئۆزىنىڭ ھاياتىدا مۆجىزىمۇ ياراتمىغان، تەلەيگىمۇ مۇيەسسەر بولمىغان. بەلكى كەسپكە بولغان مۇھەببەت ۋە تىز پۈكمەس تىرىشچانلىق ئىچىدە ئۆزىنى تاۋلاپ ئاخىرىدا مۆجىزە خاراكتىرلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ ئەل ۋە يۇرتقا شەرەپ كەلتۈردى. بىز زىيارەت داۋامىدا ھەقىقىي بىر ئىرادىلىك ئەزمەتنىڭ پولاتتەك تاۋلىنىش جەريانىنى ھېس قىلدۇق. گەرچە پولات قانداق تاۋلاندى؟ دېگەن بۇ ۋەزنى ئېغىر سۇئالنىڭ جاۋابلىرىنىڭ شەكلى خىلمۇ – خىل بولسىمۇ بىراق مەيلى قەيەرگە بارماڭ بۇ جاۋابنىڭ مەزمۇنى مەڭگۈ بىرلا خىل. ئۇ بولسىمۇ ئۆزىنى تاۋلاش، ئۆزىنى تەربىيلەشتىن ئىبارەتتۇر. ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن، بىز بۇ زىيارەت خاتىرىمىزدە سىزگە ھېكايە قىلىپ بەرمەكچى بولغان بۇ پولات ئىرادىلىك ياش—كۆزگە كۆرۈنگەن بىليارت ماھىرى جۈرئەت ئابدىكېرىمدۇر.
    جۈرئەتنىڭ كىچىك ئارخىپى
بىز زىيارەت داۋامىدا ئوقۇرمەنلەرگە ھېكايە قىلىپ سۆزلەپ بەرمەكچى بولغان بۇلغان جۈرئەت ئىسىملىك بۇ ياش بورتالا شەھەرلىك چىندىل يېزا 3-كەنتىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئاددىي بىر دېھقان يىگىتتۇر. پەقەت ئۈزۈلمەس – سۇلماس ئىرادە بىلەن جاپا-مۇشەققەتلەرگە باش ئەگمەس جۈرئىتى ئۇنى كەنت ئىچىدىكى بىر ئاددىي بىر بىليارت ھەۋەسكارىدىن جوڭگۇ سىنوك سەھنىلەردە كۆزنى قاماشتۇرىدىغان داڭلىق سىنۇك ماھىرىغا، بىليارت چولپىنىغا ئايلاندۇرغان.
2010-يىلدىن بۇرۇن جۈرئەت ئائىلىۋى تۇرمۇشنىڭ يۈكىنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن پىژغىرىم ئىسسىقلاردە كەتمەن چىپىپ يەر تېرىغان، قەھرىتان سوغۇقلاردا ئېشەك ھارۋىسى بىلەن تېرە توشىغان، ياز ۋە قىشنىڭ قاراڭغۇ تۈنلىرى قاسساپلىق قىلغان.
2010-يىلدىن كىيىن جۈرئەت ئۆزىنىڭ غايىسىدىكى نىشانغا يېتىش ئۈچۈن بىليارت تايىقىنى قولىغا ئېلىپ، ياقا-يۇرتلاردىكى جاپالىق مەشىق سەپىرىنى باشلىغان.
2013-يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى جۈرئەت قولىدىكى بىر تال بىليارت تاياق ۋە مەشغۇلات تېخنىكىسى بىلەن 2013-يىللىق دۇنيا سىنوك ئايلانما مۇسابىقىسى جاڭ جىياگاڭ ئوچۇق مۇسابىقىسدە دۇنياغا داڭلىق سىنوك ماھىرى خوئىرتېنى1قارشى4  نەتىجە بىلەن يىڭىپ، ئۆزىنىڭ بىليارت ھاياتىدىكى مۇۋاپىقىيەتكە تولغان ھاياتىنى رەسمىي باشلىغان. شۇنداقلا، دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ داڭلىق بىليارت ماھىرى دىڭ جۈنخۈيدىن كېيىن دۇنيا بىليارت بىرلەشمىسى PTCنىڭ چىمپىيونلىقىنى قولغا كەلتۈرگەن ئىككىنچى ئەزمەت بولۇپ قالغان. شۇنداقلا دۇنيا بىليارت بىرلەشمىسىنىڭ PTCمۇسابىقىسىنىڭ چىمپىيونلىقىنى قولغا كەلتۈرگەن بىردىن-بىر ئىشتىن سىرىت ماھىر بولۇپ، دۇنيا بىليارت بىرلەشمىسى PTCتارىخ بېتىگە شەرەپ بىلەن يېزىلغان.
بىليارتقا بېغىشلانغان مۇھەببەت
جۈرەتنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى ئاڭلىغىنىڭىزدا بەلكى ئۇنى بىر باي-باياشات ئائىلىدە توغۇلۇپ چوڭ بولۇپ، كىچكىدىن ھېچنىمىگە غەم قىلماي بىليارت ئويناپلا چوڭ بولغان، ئۇنداق شارائىتتا بىزمۇ «قىلالايمىز» دەپ ئويلىغان بولىشىڭىز مۇمكىن؟ ئەمما جۈرئەت كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ تەسەۋۇرىنىڭ ئەكسىچە كەمبەغەل ئائىلىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولۇپ غۇربەتچىلىكىنىڭ دەردىنى يەتكىچە تارتقان بالا ئېدى. ئائىلىدىكى ئىقتىسادىي قىينچىلىقلار تۈپەيلى كىچىكىدە باشقا بالىلاردەك پۇل خەجلەش، ئۇيۇنچۇقلارنى ئويناش ئۇنىڭ بالىلىق ھاياتىدىن ئورۇن ئالالمىغان ئېدى. شۇنداق بولسىمۇ ئۇنىڭ بالىلىق دەۋرىدىكى بىردىن بىر ئويۇنچۇقى، كۆڭۈل خۇشى بىليارت تاختىسى ئىدى. بۇ بىليارت تاختىسى بۇۋىسىنىڭ ئىقتىسادى كىرىم مەنبەلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، چوڭ قورۇدا ھەر ۋاقىت كۆزگە ئالاھىدە تاشلىنىپ تۇراتتى.
جۈرئەت ئېسىنى بىلگەندىن تارتىپ بوۋىسىنىڭ قوچىقىدا ئولتۇرۇپ، كىشىلەرنىڭ بىليارت ئوينىغىنىنى كۆرۈپ چوڭ بولغان، بويى بىليارت تاختىسىغا يەتكەن بالىلىق دەۋرىدىن باشلاپلا بىليارت ئويناشنى باشلىۋەتكەن ئىدى. دادىسى ئۇماق ئوغلىنىڭ بىليارت تاختىسىغا ئېسىلىپ، تاشلارنى سوقۇپ يۈرگىنىنى كۆرگەندە، ئۇنى ئەركىلىتىپ مىنىڭ «بىليارتچى» بالام دەپ ئەكىلىتىپ قۇياتتى. ئەمەلىيەتتە ئەنە شۇ سانسىز قېتىملىق بىليارت تاختىسى بىلەن ئۇچۇرىشىش ئۇنىڭ بىليارت ئويناشقا بولغان مۇھەببىتىگە ئاساس بولۇپ قالغان ئىدى.
كۈنلەر ئۆتۈپ جۈرئەتنىڭ يېشىمۇ يىلسىرى ئارتىشقا باشلىدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ بىليارت ماھارىتىمۇ كۈنسىرى يۇقىرى كۆتۈرۈلمەكتە ئىدى. كۆپ ھاللاردا بالىلار ئۇنىڭ بىلەن بىليارت ئويناشنى رەت قىلاتتى. چۈنكى ئۇنىڭ قۇرداشلىرى ئۇنى بىليارت ماھارىتىدە يېڭىۋىلىشتىن ئۈمىدلىرىنى ئۈزگەن بولۇپ، جۈرئەت بىلەن بىليارت ئويناش ئىككى خىل ئاقىۋەتنى ئېلىپ كېلەتتى. بىرى ئۇتتۇرۇپ قويۇش، يەنە بىرى پۇل تۆلەش.
-سەن بىلەن ئوينىمايمەن، نۇمۇر بەرسەڭمۇ، تاش بەرسەڭمۇ ئۇينىمايمەن، سەن كىچىك بولغاندىكىن كىرىپ دەرىسىڭنى ئۈگەن!
جۈرەت 10 ياشلارغا ئاشقاندا پەقەت ئۇنىڭ قۇرداش دوستلىرىلا ئەمەس بەلكى چوڭلارمۇ ئۇنىڭغا ئۇتتۇرۇپ قويۇشلىرىدىن ئەنسىرەپ، ئۇنىڭ بىلەن بىليارت ئويناشنى رەت قىلاتتى.
شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە تاغىسى ئۇنىڭغا بىر كۈتۈلمىگەن سوۋغات بېرىپ ئۇنى خۇشال قىلىۋەتتى. بۇ يېڭىدىن ياسالغان ئانچە چوڭ بولمىغان بىليارت تاختىسى ئىدى.
-جۈرەت، ساڭا بىر كىچىك بىليارت ياسىدىم،ئەمدى سەن بۇنى ئوينىساڭ بولىدۇ.
جۈرەت تاغىسىنىڭ قولىدىكى بىليارتنى كۆرۈپ، خوشاللىقىدىن سەكرەپ كەتتى. ئەسىلى جۈرەتنىڭ بىليارت ئوينالماي تىت-تىت بولىۋاتقانلىقىنى سەزگەن ياغاچچى تاغىسى ئۇراھىمھاجى سولايمان ئۇنىڭغا ئۇزۇنلىقى بىر مىترمۇ كەلمەيدىغان ياغاچ بىليارت تاختىسى ياساپ بەرگەن ئېدى.
جۈرەت بىليارت ئويناشنى ياخشى كۆرسىمۇ، دەرسنى ھەرگىمۇ تاشلاپ قويمىغان، ھەر قايسى پەنلەردىكى نەتىسىمۇ سىنىپى بۇيىچە خېلىلا ئالدىنقى قاتاردا تۇراتتى. ئۇ ھەر كۈنى مەكتەپتىن قايتىپ كېلىپ، ئەڭ ئاۋال تاپشۇرىقىنى ئىشلىۋىتىپلا مۇشۇ كىچىك بىليارت تاختىسىنى ئوينايتتى.
كۈنلەر كۈنلەرنى قوغلىشىپ ئۆتىۋەردى، جۈرەت 6- يىللىققا چىققان يىلى ئۇنىڭ سىڭلىسى مەكتەپ كىردى، ئۇ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئىقدىسادىي جەھەتتىن قىينىلىپ كىتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ مەكتەپتىن چېكىنىش قارارىغا كەلدى ۋە ئاتا-ئانىسىنىڭ قوشۇلماسلىقىغا قارىماي مەكتەپتىن چېكىنىپ ئائىلىنىڭ ئېغىر يۈكىنى دادىسى بىلەن بىللە زىممىسىگە ئالدى.
جۈرئەت مەكتەپتىن چېكىنگەندىن كېيىن دادىسىغا ياردەملىشىپ ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرىغا قاراشتى. ئىشەك ھارۋىدا باشقىلارنىڭ تېرىسىنى توشۇپ ئۇششاق كىرا قىلدى. كىيىن بىر قاسساپقا ئەگىشىپ، ئۇنىڭدىن قاسساپچىلىقنى ئۈگىنىپ، قاسساپچىلىق قىلدى. دېمەك ئۇ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئىقدىسادىي يۈكىنى يىنىكلىتىش ئۈچۈن، ئىشنى تاللىماي قىلىۋەردى. ئېغىر جىسمانىي ئەمگەكلەر ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۇنىڭ نەچچە يىللاپ قەلەم تۇتقان يۇمران قوللىرىنى قاپارتىپ ئۈلگۈردى. شۇنىڭ بىلەن يەنە ئۇنىڭ ھاياتقان بولغان غايىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىرادىسىنى چىڭىتتى.
بەلكى سىز ئۇنى ھايات ھەلەكچىلىكىدە بىليارت ئويناشنى تاشلىۋەتكەن بولۇشى مۈمكىن، دەپ ئويلايدىغانسىز. ياق، ئۇ كىچىكىدىن مۇھەببەت باغلىغان بىليارت ئۇنتۇپ قالمىدى. بولۇپمۇ قۇشخانىدا ئىشلىگەن كۈنلىردە كىچىسى قۇشخانىغا ئىشلەپ ئەتىگەن 2-3 سائەت ئۇخلاپلا بىليارتخانىغا باراتتى.
-بالام، پۇتۇڭغا قارا، بولۇپ كەتكىنىنى ئۆزۈڭنى قىيناپ بىليارت ئويلاپ نىمىمۇ نەتىجە ئالارسەن؟
كۈيۈمچان دادا جۈرئەتنىڭ سۇ ئۆلەپ قاپىرىپ كەتكەن پۇتلىرىغا قاراپ، ئۇنى بىليارت ئويناشتىن توسىماقچىمۇ بولاتتى. ئەمما جۈرئەت خۇددى ھېچ ئىش بولمىغاندەك خوشال كەيپىياتتا جاۋاب بېرەتتى.
-دادا، مەن بىليارتنى ياخشى كۆرىمەن، مەن ھامان بىر كۈنى مۇشۇ بىليارت تايىقىنىڭ سېھرىي كۈچىگە تايىنىپ تۇرۇپ بۈگۈنكى جاپالىق تۇرمۇشۇمغا خاتىمە بېرىپ، ئۆزۈمنىڭ ھايات يولۇمنى نۇرلاندۇرىمەن!
كۈيۈمچان دادا جۈرئەتنىڭ جاۋابىنى ھەر قېتىم تەكرار تەكرار ئاڭلىغان ۋاقتىدا ئوغلىنىڭ قىزىقىشىغا سۇ سەپمەسلىك قارارىغا كېلەتتى ـ يۇ، ئوغلىغا بولغان ئاتىلىق مۇھەببىتى بىلەن ئۇنىڭ كېچە-كۈندۈز ئارام ئالماي ئەمەەك قىلىشىغا چىدىمايتتى.
2007-يىللىرىنىڭ بىر كۈنى، جۈرەت بورتالا شەھەرلىق قاتناش بىكىتىنىڭ ئىككىنچى قەۋىتىدىكى بىليارتخانىدا بىليارت ئويناۋاتاتتى.
-نى جىن يۇ تيەنفۇ! نى خاۋ خاۋ لىيەن دىخۇا ۋىيلەي خۈي چىڭ يىمىڭ خاۋ چيۇشۇۋ (سىنىڭ تالانتىڭ بار ئىكەن، ياخشى مەشىق قىلساڭ كىيىن بىر ياخشى بىليارتچى بولۇپ قالىسەن)- شۇ بىليارتخانىنىڭ خۇجايىنى يىجۈن جۈرەتنىڭ ئۇينىغىنىغا قاراپ.
شۇ ۋاقتتا جۈرەت تۇغما قابىليەتنىڭ نېمىلىكىنى، مەشىق قىلىپ بىليارتچى بولۇش دىگەن خىياللارنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئېدى. يىجۈننىڭ سۆزلىرى ئۇنىڭ كۆڭلىگە بىليارتچى بولۇش ئىستىكىنى سېلىپ قويدى. شۇنىڭدىن كىيىن جۈرەت يىجۈننىڭ بىليارتخانسىدا تاش تىزىپ، تازلىق قىلىپ، ئانچە مۇنچە كىرىم قىلدى، ۋە شۇ يەردە بىليارت قۇراشتۇرۇشنى ئۈگىنىۋالدى، ھەمدە بورتالا ئوبلاستىدىكى جىڭ، ئارشاڭ قاتارلىق ناھىيىلەرگە بېرىپ بىليارت قۇراشتۇرۇپ بۇنىڭدىنمۇ ئاز-تۇلا كىرىم قىلدى. شۇنداق قىلىپ يىجۈن ئۇنىڭ بىليارت ھاياتىدىكى تۇنجى قوللىغۇچى ۋە دوستى بولۇپ قالدى.
2005-يىلى جۈرئەت شىنجاڭ تەنتەربىيە مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، 3- دەرجىگە، 2007-يىلى قارمايدا ئۆتكىزىلگەن بىليارت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، 4- دەرجىگە، 2008-يىلى بورتالا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن سىنوك مۇسابىقىسىدە 1- دەرجىگە، 2010-يىلى شىنجاڭ تەنتەربىيە مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، 1- دەرجىگە ئېرىشتى.
لېكىن ئالاقىدار ئورۇنلاردىن ئۇنىڭغا قىلىنغان خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش، مائاش بېرىش، پۇل بىرىش قاتارلىق ۋەدىلەرنىڭ ھەممىسى يالغان بولۇپ چىقتى، ئۇ مۇسابىقتىن قايتىپ كېلىپ، بۇ ئورۇنلارنى ئىزدىسە ئۇلار قۇلىقىنى يۇپۇرۇپ، ھېچنىمىنى بىلمەيدىغان بولىۋالدى. لىكىن بۇ ئىشلار جۈرەتنىڭ بىليارت ئويناشقا بولغان قىزغىنلىقىنى سۇندۇرالمىدى.
2010-يىللارنىڭ بىر كۈنى ئېدى، يىجۈن جۈرەتنىڭ ئۇرغان بىراق بىر چىرايلىق تېشىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ:
-سەندە تالانت بار، سەن ئۈرۈمچىگە بىرىپ تەرەققىي قىلىشىڭ كېرەك، بورتالا يۈرسەڭ تالانتىڭ زايا بولۇپ كېتىدۇ،-دېدى.
-مەن ئۆينىڭ چوڭى، ئاتا-ئانامغا قارىمىسام بولمايدۇ،-دەپ يىجۈننىڭ تەكلىپىنى رەت قىلدى.
-مەن سىنى ئۈرۈمچىدىكى بىر بىليارتخانىغا تونۇشتۇرۇپ قويىمەن، كۈنەلمىسەڭ مەن ساڭا يەنە باشقا بىليارت كولۇبىلىرىنى تېپىپ بېرىمەن ،سەن چوقۇم يۇقىرغا قاراپ ماڭ، بۇ يەردە تۇرىۋەرسەڭ مۇشۇ سەۋىيەڭدە تۇرۇپلا قالىسەن، سەن ئۈرۈمچىگە بېرىپ تېخىمۇ ئۇستىلار بىلەن ئويناپ، سەۋىيەڭنى ئاشۇرۇشۇڭ كېرىك…- يىجۈننىڭ قايتا-قايتا زورلىشى بىلەن ئۇ ئاخىرى ئۈرۈمچىگە بېرىپ سىناپ بېقىشنى قارار قىلدى.ھەمدە بورتالادىن ماڭىدىغان كۈنى، يىجۈننىڭ بىليارتخانىسىغا كېلىپ، بىليارت تايىقىنى دولىغا ئېسىپ، دۆلىتىمىزنىڭ داڭلىق بىليارت ماھىرى دىڭ جۈنخۇينىڭ رەسىمىگە قاراپ تۇرۇپ، «بىر كۈنلەردە سىنى چوقۇم ئۇتىمەن » دېدى.
جاپالىق مەشىق
جۈرئەت ئۈرۈمچىگە كېلىپ يىجۇننىڭ تۇنۇشتۇرغان بىر بىليارت كولۇبىغا خىزمەتكە چۈشتى. ئۇ بىليارت كولوبىدە كولۇپقا ياردەملىشىشتىن سىرىت ۋاقىتلىرىدا بىليارت مەشىق قىلاتتى، بۇ ئۇنىڭ تۇنجى قىتىم مۇسابىقە جوزىسىدا رەسمىي تۈردە مەشىققە كىرىشىشى ئېدى.
شۇ يىلى 6-ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك جىڭيىڭ بىليارت كولوبىدا ئۈچ تۈرلۈك بىليارت مۇسابىقىسى بىرلا ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈلدى، ئۇ ئۈچ مۇسابىقە ئارىسىدە يۈگىرەپ يۈرۈپ، ئۈچىلى مۇسابىقىنىڭ چىمپىيونلىقىنى قولغا كەلتۈردى ھەمدە 3000 يۈەنگە يىقىن مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشتى ھەم ئۇنىڭ ئاز قىسمىنى ئېلىپ قېلىپ قالغىنىنى ئاتا-ئانسىغا سېلىپ بەردى.
ئۇ ئىشلەيدىغان بىليارت كولوبىنىڭ خۇجايىنى ئۇنىڭ شىنجاڭ سىنوكتەرتىپ مۇسابىقىسدە بىرىنجى بولغانلىقىنى كۆرۈپ ئۇنىڭ كەلگۈسىنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلىپ ئۇنىڭ كېتىپ قىلىشىدىن ئەنسىرەپ ئۇنىڭ بىلەن توختام تۈزدى.
-بىزنىڭ بىليارت كولوبىغا كەل مەن ساڭا 2500 يۈەن پۇل بىرىمەن،- دەل مۇشۇ ۋاقىتتا ئۈرۈمچى بۇيىچە كۆلىمى بىر قەدەر چوڭ بولغان مەلۇم بىر بىليارت كولوبى ئۇنى ئۆزىگە تارتتى. لىكىن ئۇ شۇ ۋاقتتىكى خۇجايىنى بىلەن بولغان توختام مۇناسىۋىتى بىلەن يۇقىرى ئىش ھەققىلىك يېڭى ئىش ئورنىنى رەت قىلىشقا مەجبۇر بولدى.
شۇنىڭدىن كىيىن ئۇ دۆلىتىمىزنىڭ گەنسۇ،نەنجىڭ قاتارلىق ئۆلكە شەھەرلەرگە بېرىپ تۈرلۈك مۇسابىقىلەرگە قاتناشقان بولسىمۇ لېكىن بۇ مۇسابىقىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ئۈچۈن مەغلۇبىيەت بىلەن ئاياغلاشتى. ئۇ ھەرقىتىم مەغلۇپ بولغان ۋاقىتتا ئۆزىدىكى كەمچىلىكنى ئىزدەپ ئۇنى تۈزىتىش ئۈچۈن قاتتىق مەشىق قىلاتتى.
2011-يىلنىڭ مەلۇم بىر كۈنى ئۇ كولۇبتا بىليارت مەشىق قىلىۋاتقان ۋاقىتتا، خۇجايىنى ئۇنى ئىشخانىسغا چاقىرىپ، ئۇنىڭغا:
-مەن ئۆزەمدىكى سەن بىلەن تۈزگەن توختامنى تاپالمىدىم، سەن توختامىڭنى ئەكىرىپ بەر مەن بىر نوسخا كۆپەيتىۋالاي دېدى.
توختامنى قولىغا ئالغان خۇجايىننىڭ ئۇنىڭغا بولغان مۇئامىلىسى كۈندىن كۈنگە يامانلاشقىلى باشلىدى، بۇنى بايقىغان جۈرەت ئۆزىنىڭ بۇ يەردە قېلىشىنىڭ ئەھمىيتى قالمىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، بىليارت تايىقىنى دولىغا ئارتىپ، كولۇپتىن چىقىپ كەتتى، ئۇ پويىز ئىستانسىسىغا بېرىش يولىدا نۇرغۇن خىياللارنى قىلدى، ئۆزىنىڭ ئۆيدىكىلەر بىلەن خوشلاشقىنىنى، دىڭ جۈنخۇينىڭ رەسىمىنىڭ ئالدىدا ئۇنى يىڭىشكە قەسەم ئويلىدى.
            قايتىدىن جانلىنىش
ئۇ ئەمدىلا بورتالا ۋوگزىلىغا كېرىشىگە ئۇنىڭ دوستى يىجۈن ئۇنىڭغا تېلفۇن قىلدى، ئۇ تېلفۇننى ئېلىش-ئالماسلىق ھەققىدە بىراز ۋاقت ئىكلىنىپ تۇرغاندىن كېيىن تېلفۇننى ئالدى.
-مەن بورتالاغا قايتىپ كەلدىم، كولۇپتىن ھەيدەلدىم.
جۈرئەت قىسقىچىلا قىلىپ شۇنداق دېدى. شۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ باشقا گەپلەرنى تەپسىلىي دەپ ئولتۇرۇشقا ئىمكانىيىتىمۇ قالمىغان بولۇپ، شۇ تاپتا ئۇنىڭ كۆزلىرىگە لىقلا ياشقا تولغان ئېدى.
يىجۇن ئەھۋالنى بىلگەندىن كىيىن، ئۇنىڭغا نەچچە ۋاقىتتىن بىرى نەتىجىسىنىڭ ياخشى بولماسلىقىدا دادىسىنىڭ كېسىلىنىڭ ئېغىرلاپ كېتىۋاتقانلىقى، ھەر قېتىم دادىسىنىڭ كېسىلىنى كۆرۈش ئۈچۈن بورتالا كېلىپ كېتىۋاتقانلىقى، ھەمدە مۇھىت تۇرمۇش مۇھىتى قاتارلىقلارنىڭ تەسىر قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيىتتى. دىمىسىمۇ شۇ مەزگىللەردە ئۇ بىليارت ئوينىغاندا دادىسىنىڭ كېسىلى ئېسىغا كېلىۋىلىپ دىققىنى يىغالمايتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇنداق ۋاز كەچسە بولمايدىغانلىقىنى ھېس قېلىپ ئاتا-ئانىسىغا سىلەرنى كۆرگىلى كەلگەن دەپ قويۇپ، ئىككى-ئۈچ كۈن دەم ئېلىپ، بىليارت تايىقىنى ئېلىپ، يەنە ئۈرۈمچىگە قاراپ ئاتلاندى.
ئۈرۈمچىگە كېلىپ، ئۇ يىجۈننىڭ تونۇشتۇرىشىدا جىڭيىڭ بىليارت كولوبىغا ئورۇنلاشتى، ئۇنىڭ ھازىرقى خۇجايىنى ۋاڭبىڭ ئۇنىڭ ناھايىتى كۆڭۈل بۆلەتتى، دائىملا ئۇنىڭغا: « بىليارتتا ئۇتۇش، ئۇتتۇرۇش بولۇپ تۇرىدۇ، قاتتىق مەشىق قىلساڭ چۇقۇم نەتىجىگە ئېرىشىسەن» دەپ تەسەللىي بىرەتتى.
2012-يىللىق خەلقئارا سىنوك ماھىرلىرى ئايلانما مۇسابىقىسنىڭ يىشىن گاۋچىڭ ئۇچۇق مۇسابىقىسىدە ئۇ خەلقئارادىكى «ئالتۇن سوڭ قول» ۋىليامىسقا 4-0 نەتىجىدە ئۇتتۇرۇپ قويدى، شۇنىڭدىن كىيىن ئۇ قايتىپ كېلىپ قاتتىق مەشىق قىلدى، ئەسلىدىكى 10 سائەتتىن 12سائەت بەزى ۋاقتلادا 14 سائاتتىن مەشىق قىلدى. دەل 2013-يىلى 3-ئايدا ئۇنىڭ ئاغىرىقچان دادىسى ئالەمدىن ئۆتتى. بۇ ئۇنىڭغا چوڭ تەسىر قىلدى.
-بۇ دۇنيادا ساڭا نەتىجەمنى كۆرسىتەلمىدىم دادا. خاتىرجەم بول، مەن داۋاملىق ياخشى مەشىق قىلىپ، ئەڭ ياخشى نەتىجەم بىلەن روھىڭنى خوش قىلىمەن! ئۇ ئۈرۈمچىگە ماڭىدىغان كۈنى دادىسىنىڭ قەۋرىسىگە قاراپ كۆزلىرىگە ياش ئالغىنىچە شۇنداق دەپ خىتاپ قىلدى.
2013-يىللىق دۇنيا سىنوك ماھىرلىرى ئايلانما مۇسابىقىسنىڭ يىشىن گاۋچىڭ ئۇچۇق مۇسابىقىسىدە جۈرەت ئالدىنقى يىللىق رەقىبى ۋىليامىسنى 4-1 نەتىجىدە يىڭىپ، خەلىقنى ھاڭ تاڭ قالدۇردى ۋە ئۆزىنىڭ قايتىدىن غەلبىگە قاراپ ئاتلانغىنىنى ئىسپاتلىدى.
جۈرەت جىياڭ جىياگاڭ مۇسابىقىسىدە چىمپىيون بولۇپ، ئۇرۇق-تۇققان، دوست-بۇرادەر شۇنداق كەڭ خەلىق ئاممىسىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى، بوينىغا گۈل دەستىللەر تاقالدى، لىكىن ئۇنىڭ بىليارت ھاياتىدىكى ھەقىقى قەدەم ئەمدىلا بېسىلدى. ئۇ كىلەر يىلى ئەنگىلىيەدە ئۆتكىزىلىدىغان PTCئومۇمى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسگە قاتنىشىش سالاھىتىگە ئېرىشتى.
زىيارەت ئاخىرلاشقاندا، ئۇ بىزگە ئۆزىنىڭ كىلەر يېلى ئەنگىلىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇسابىققە قاتنىشىش ئۈچۈن ياردەم بېرىدىغان ئورۇن ياكى شەخىسلەرنى ئىزدەۋەتقانلىقىنى ئېيىتتى. بىز دۇنيا بىليارت بىرلەشمىسى PTCتارىخىغا يېزىلغان ئۇيغۇر ئوغلانىمىز ياردەم بىرىدىغان ئورۇن ياكى شەخىسنىڭ يوق بولىشىغا ئىشەنمىگەن ھالدا زىيارىتىمىزنى ئاخىرلاشتۇردۇق.
          خاتىمە
شۇنداق، بىز سىز سۆزلەپ بەرمەكچى بولغان پولات ئەنە شۇنداق تاۋلانغان. بۇ جەرياندا ئۇ بارلىق قىيىنچىلىقلارنى ئۆزى يالغۇز تارتىپ ئاخىرىدا ئەل-ۋەتەنگە، يۇرت- خەلققە شەرەپ ئېلىپ كەلگەن. ئىلگىرى ئۇنىڭ بىليارت ساھەسىدە بۇنداق شانلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيدىغانلىقىغا ئىشەنمىگەن نۇرغۇن كۆزلەر ئەمدىلىكتە ئۇنىڭغا ئىشەنچ بىلەن تىكىلشكە باشلىغان ئىدى. دېمەك ئۇ ئۆزىنىڭ ئەتراپىدىكى ھەممە كىشىلەرنى ئۆزىنىڭ نەتىجىسى ئارقىلىق قايىل قىلغان ئىدى. ئەمدى بولسا نۇرغۇن نۇرغۇن ئادەملەر ئۇنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ زور بەدەللەرنى تۆلەش بىلەن بىرگە، تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلىيەلەيدىغانلىقىغا چىن پۈتكەن ئىدى. تولىمۇ ئەپسۇس، ئەڭ قىممەتلىك نەتىجە ئەڭ جاپالىق مۇھىتتىن كېلەتتى. بۇنىڭ ئۈچۈن مەنىۋىي جەھەتتىكى قوللاشلا كۇپايە قىلمايتتى. بەلكى ماددىي جەھەتتىكى قوللاش، ئىقدىسادىي ياردەم خۇددى مەنىۋىي جەھەتتىكى قوللاشتەكلا مۇھىم رول ئوينايتى. ئۇنىڭ 2014-يىلى ئەنگىلىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇسابىققە قاتنىشىش ئۈچۈنمۇ ئەل-يۇتنىڭ قىزغىن قوللاشلىرى، مەدەت بېرىشلىرى بىلەن بىللە يەنە يېتەرلىك ئىقدىسادىي مەبلەغ جىددىي زۆرۈر ئىدى. شۇ تاپتا ئۇ ئۆزىنى مەنىۋىي جەھەتتىن قوللاۋاتقانلار ئىچىدىن كىملەرنىڭدۇر كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چېقىپ ئۆزىنى مۇسابىقىگە كېتەرلىك بولغان ئىقدىسادىي مەبلەغ بىلەنمۇ قوللىشىنى ئۈمىد قىلاتتى. چۈنكى پۇل بولمىسا مۇسابىقىدىنمۇ، نەتىجىدىنمۇ ئېغىز ئاچقىلى بولمايتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ بىر جۈپ كۆزى مۇھەببەت بىلەن تولغان بۇ دۇنياغا ئۈمىد بىلەن تىكىلەتتى، شىرىن خىياللارنى قىلاتتى. ئەمما بىز ئىشىنىمىزكى، ئۆزىنىڭ ئوغلانلىرىنىڭ شانلىق نەتىجىسى ئارقىلىق گۈزەل دۇنيا يارىتىشقا بەل باغلىغان ساخاۋەتلىك ئوغلانلىرىمىز بۇ بىليارت ماھىرىنىڭ يەنىمۇ يېڭىدىن – يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشى ئۈچۈن مىننەتسىز ياردەملىرىنى ئايىمىغۇسى!
http://news.bagdax.cn/sports/2014/0129/1537.html
Share
2145 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.