logo

trugen jacn

شەرقى تۈركىستاننىڭ ئازاتلىق يولىدىكى دەۋىر بۆلگۈچ ئىنقىلاپ-بارىن ئىنقىلاۋى

 

مۇستەقىللىق كۈرىشى- ناملىق كىتاپنىڭ بىر بابى

ئاپتۇر:ئەزىمەت (مەھمەتىمىن ھەزرەت)

يىزىلغان ۋاختى:1997

بارىن ئىنقىلابى تۆمۈر سىپىل ئىچىدە 40 يىل قۇللۇق ئىدىيىسى سىڭدۈرۈلگەن شەرقىي تۇركىستان ھەلقىنىڭ، قۇل بولۇشنى  خالىمايدىغانلىقىنى، قەلبىدە ئازاتلىق، مۇستەقىللىق ئارزۇسىنىڭ ئوچمىگەنلىكىنىڭ ۋە ئوچمەيدىغانلىقىنىڭ قەتئىي سىگنالىنى بەردى. بارىن، شەرقىي تۇركىستاندىكى مىڭلىغان ئۇيغۇر يەزىسىدىن بىرسىدۇر

خىتايلارنىڭ تەبىرى بىلەن ”تامچە سۇدا قۇياش نۇرىنىڭ ئەكسىنى كورگىلى بولىدۇ“.بارىن ئىنقىلابى شەرقىي تۇركىستان خەلقىنىڭ ”بىز تەخى ھايات، بىزگە ئازاتلىق كەرەك“ دىگەن ساداسىنى پۇتۇن دۇنيا جامائەتىگە يەتكۇزگەن بىر ئىنقىلاب بولدى

مەرھۇم مۇجاھىدىمىز، قەھرىمان شەھىدىمىز زەيدىن يۇسۇپ ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرى دىنى، ۋەتىنى، مىللىتى ئۇچۇن ئوزىدىن مىليون ھەسسە كۇچلۇق دۈشمەنگە قارشى چىقىپ، جىھاد قىلىشنىڭ، شىھەد بولۇشنىڭ ئولگۇسىنى ياراتتى. بۇ ئىنقىلابتىن كىيىن شەرقىي تۇركىستان خەلقى ئازاتلىق ۋە مۇستەقىللىق يولىدا قايتىدىن ئويلاندى ۋە ئوزىنى تەرتىپكە سالدى. ۋەتەننىڭ شان-شەرىپىنى، مىللەتنىڭ غۇرۇرىنى قوغداپ قىلىش ئۇچۇن بارىننىڭ يولىنى تاللاشتىن باشقا يول يوقلۇقىنى چوڭقۇر چۈشۇنۇپ يەتتى
ئەمما مىللەتپۇرۇچلار، كىچىك بىر يەزىدىن بىر نەچچە يۈز ياكى بىرنەچچە مىڭ ئادەمنىڭ چىقىپ، گىگانت تاغدەك كورۇنۇپ تۇرغان خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ يۈزىگە تۈكۈرۈشىدىن مەمنۇن بولمىدى. ھەتتا خەلى ئەقلى جايىدا ۋەتەنپەرۋەر كورۇنگەن كىشىلەرمۇ ”تۇخۇمنى تاشقا ئۇرۇشنىڭ پايدىسى يوق“، ”قوراللىق ئىنقىلاب نەتىجە بەرمەيدۇ، ھەممىمىز ئولۇپ كەتىمىز“، ”مىللىتىمىزنىڭ بەشىغا تەىخمۇ مۇسىبەت كىلىدىغان بولدى“ دىگەنگە ئوخشاش پىكىرلەرنى قىلىشتى

قەنى شۇلاردىن سوراپ باقايلى، مىللىتىمىز، خەلقىمىز قۇربانلىق قويغا ئوخشاش سۈكۈت قىلىپ تۇرغان چاغلاردا كوپ ئولدىمۇ ياكى قولىغا قورال ئەلىپ قارشىلىق كورسەتكەن چاغدا كوپ ئولدىمۇ؟ ئولۇمنى كۇتۇپ تۇرغان چەغىمىزدا بەشىمىزغا مۇسىبەت كوپ كەلدىمۇ ياكى ئولۈمدىن ئوزىمىزنى قوغدىغان چاغدىمۇ؟ دۈشمەن ئالدىدا قويدەك بەشىمىزنى ئىگىپ تۇرغان زامانلاردا مىللىي ئىتىبارىمىز بولدىمۇ ياكى يىگىتتەك بەشىمىزنى تىك تۇتۇپ، غۇرۇر بىلەن دۈشمەننىڭ كۆزىگە قادالغان چاغلاردا مىللىي ئىتىبارىمىز بولدىمۇ؟ ئالدى بىلەن بۇلارنى ئويلۇشىمىز لازىم. بىز ئۇيغۇرلاردا ”داۋاگەر سۇس بولسا، قازى مۇتىھەم بوپتۇ“ دەيدىغان گەپ بار. تارىخنى، بولۇپمۇ يەقىنقى تارىخنى ياخشى ئەسلىشىمىز لازىم. بۇلۇپمۇ كوممۇنىستلارنىڭ يۇرتىمىزغا ئاياق باسقان شۇ 50 يىلغا يەقىن ۋاقىتتىكى ئەمەلىيەتنى تەھلىل قىلىشىمىز لازىم

بىز قانچە كۇچسىز ۋە مۇلايىم بولغان زامانلىرىمىزدا دۈشمەن شۇ قەدەر
ۋەھشىلەشتى. 1949-يىلىنىڭ ئاخرى ئىشغالىيەتچى كوممۇنىست ئارمىيەسىنىڭ قوماندانى ۋاڭجىن ”بىز شىنجىاڭ خەلقىگە قەرىز تولىگىلى كەلدۇق. گومىنداڭ قىلغان زۇلۇمنىڭ قەرزىنى بىز تولەيمىز“ دىگەن ئىدى. ”شىنجىاڭغا ياردەم“ شۇئارى بىلەن كەلگەن ئىدى

كوممۇنىست ئارمىيەسى شەرقىي تۇركىستانغا كىرمەستىن بۇرۇن، ئۇلارغا
شەرقىي تۇركىستاندىكى مۇسۇلمان خەلقلەرنىڭ ئۆرپە-ئادىتى توغرىسىدا تەپسىلى ۋە سەستىمىلىق دەرس ئوتۇلگەن ئىدى. يەرلىك خەلقنىڭ ئورپ-ئادەتلىرىگە ھۆرمەتسىزلىك كورسەتكەنلەرگە ئەغىر جازا بەرىلىدىغانلىغى ئاگاھلاندۇرۇلغان ئىدى

گەرچە شەرقىي تۇركىستان جۇمھۇريىتىنىڭ مۇھىم يولباشچىللىرى ئايرۇپىلان ھادىسىسى بىلەن ئۆلتۇرۇلگەن بولسىمۇ، جۇڭگۇولۇقلار بىلەن ھەمكارلىشىپ ئۆتۇشكە مەجبۇر بولغان مىللىي ئارمىيە كادىرلىرى جۇڭگۇولۇقلار تەرىپىدىن ھەقىقەتەن ھۆرمەتلەنگەن ئىدى. جۇڭگۇ ھاكىمىيىتى يەرلىك خەلقنى خاپا قىلىپ قويىدىغان ھەر قانداق ھەركەتكە دىققەت قىلاتتى. نىمە ئۇچۇن؟

چۇنكى خىتاي ھاكىمىيىتىنى شۇنداق ئىھتىياتلىق مۇئامىلە قىلىشقا مەجبۇر قىلغان، ياخشى قوراللانغان 40 مىڭ كىشىلىك شەرقىي تۇركىستان مىللىي ئارمىيەسى بار ئىدى. ئەگەر جۇڭگۇ ھاكىمىيىتى شەرقىي تۇركىستاندا بىر قەدەمنى خاتا باسسا، مىللىي ئارمىيەنىڭ جىم تۇرمايدىغانلىقىنى ھىساپقا ئالغان ئىدى

خىتاي ئەمەلدارلىرىنى بۇ مىللەتكە ھورمەت بىلەن مۇئامىلە قىلىشقا مەجبۇر قىلغان بۇ ئارمىيە ئىدى. ۋاڭجىن، مىللىي ئارمىيەنى ئوز قوشۇنلىرى ئىچىگە تارقىتىپ،ئارمىيەنىڭ بىكار قالغان قوماندانلىرىنى ئۆستۇرۇش باھانىسى بىلەن كەسپ ئالماشتۇرغۇزۇپ، مىللىي ئارمىيەنىڭ تىزگىنىنى تامامەن كونترول ئاستىغا ئالغاندىن كەيىن، كوممۇنىست خىتايلارنىڭ سەمىمىيلىگىگە ئىشەنگەن مىللىي يولباشچىلىرىمىز، ئالدىراپ خوشال بولغان زىيالىلىرىمىز ۋە ئاق كوڭۇل خەلقىمىز يەنە بىر قەتىم قاپقانغا چۈشكەنلىكىنى ھىس قىلىشقا باشلىدى. چۈنكى ئارمىيەسىز خەلق، چوپانسىز پادا دىمەكتۇر

ۋاڭجىن ئەمدى، خەلق ئىچىدە ئىمانى، ھورمىتى بار، ئەقىللىق، قابىلياەتلىك، ئەڭ مۇھىمى ۋىزجدانلىق ۋە غۇرۇرلۇق مىللىي يولباشچىلارنى ۋە جامائەت ئەرباپلىرىنى تىزىملاتقۇزۇپ ئاستا-ئاستا ئۇلارغا جىنايى ئارخىپ تۇرغۇزۇشقا ۋە ئەنەنىۋى خىتاي ئۇسۇلى بىلەن بىرىمىزنى بىرىمىزگە سىلىشقا،ئۇيغۇرنىڭ ئاغزى بىلەن ئۇيغۇرنى پاش قىلغۇزۇشقا،بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ئارقىلىق بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى كۈرەش قىلىشقا باشلىدى. 1959-يىلىغىچە بىر قانچە سىياسى ھەركەت بىلەن مىللىتىمىزنىڭ ئىچىدىن چىققان پۈتۈن قىممەتلىك ئادەملىرىمىز يوقۇتۇلدى.ھايات قالغانلىرىمۇ مىللەتتىن ئۇزاق تۇرمىلارغا تاشلاندى. شەرقىي تۇركىستاندا بۇ ۋەتەننىڭ، بۇ مىللەتنىڭ غۇرۇرىنى، شان-شەرىپىنى قوغدايدىغان ئەلەم ۋە قەلەمدىن ئىبارەت ئىككى بۈيۈك كۇچنى تامامەن يوقۇتۇپ بولغانلىقىغا قانائەت ھاسىل قىلغان جۇڭگۇ ھاكىمىيىتى، يۈزىدىكى چۈمپەردىنى يىرتىپ تاشلىدى. بۇ مىللەتكە راۋا كۆرگەن زۇلۇم، ئىنتىقام،ھاقارەتنىڭ ھىچ بىرىنى ئاياپ ئولتۇرمىدى. 1959-يىلىدىن باشلاپ جۇڭگۇ كۆچمەنلىرى سەل-كەلكۈنگە ئوخشاش يۇرتىمىزغا ئەقىپ كىلىشكە باشلىدى. شەرقىي تۇركىستاننىڭ ئاشلىقلىرى جۇڭگۇغا توشۇپ كەتىلگەنلىكتىن، يۈز مىڭلارچەئۇيغۇر ئاچلىقتىن ئولۇپ كەتتى. ھەتتا كۆمۈشكە ئۈلگۈرەلمىگەن نۇرغۇن جەسەتلەر تاغلاردا، ئەتىزلاردا قاغا، قۇزغۇنلارغا، ئىتلارغا يەم بولدى. پەقەت بايناھىيىسىدە 20 مىڭ ئۇيغۇر ئاچلىقتىن ئولدى

جۇڭگۇ ھاكىمىيىتى، بۇنى ئاز دەپ خەلقىمىزنى كۈندە 18 سائەت ئىشلىتىپلا قالماي، دىنىمىزنى، مىللى ئورپ-ئادەتلىرىمىزنى،تارىخىمىزنى ئاشكارە رەت قىلىشقا، ھاقارەت قىلىشقا باشلىدى. شەھەر ئاھالىلىرى زورلۇق بىلەن يەزىلارغا چىقىرىلىپ، شەھەرلەر يەڭى كەلگەن جۇڭگولۇق كۆچمەنلەر ئۈچۈن بوشىتىلدى.  جۇڭگۇ ھاكىمىيىتىنىڭ، شەرقىي تۇركىستان خەلقىگە بولغان نەپرىتى، ئىنتىقام تۇيغۇسى ھەر كۈن بىر پەللە كۇچەيمەكتە ئىدى. 1944-يىلى غۇلجىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۇركىستان جۇمھۇريىتىنىڭ ئىشتىراكچىللىرى بولغان ئىلى، چۆچەك، ئالتاي خەلقى ئەڭ ئەغىر ھەربى تەررور ئاستىدا قالدى. ۋە ئاستا-ئاستا ۋەتەننى تەرك ئەتىپ غەربىي تۇركىستانغا كوچۇشكە مەجبۇر بولدى. بۇ كوچۇشنى يىتەرسىز ھىساپلىغان بەيجىڭ ھاكىمىيىتى 1962-يىلى قورال كۇچى بىلەن پۇتۇن خەلقنى يۇرتىنى تاشلاپ كەتىشكە زورلىدى. بىر ئاي ئىچىدە 100 مىڭدىن ئارتۇق ئىنسان پەقەت بىرلا جەنىنى ئەلىپ غەربىي تۇركىستانغا كوچۇشكە مەجبۇر بولدى. 1944-يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۇركىستان جۇمھۇريىتىدىن خىتايلار ئەنە شۇنداق رەھىمسىز ئىنتىقام ئالدى. بوش قالغان شەھەرلەر، بوش قالغان يەزا-يايلاقلار، بوش قالغان ئويلەر خىتاي كۆچمەنلىرىگە تەقسىم قىلىپ بەرىلدى. مىللىي غۇرۇرىمىزنى يوق قىلىش،مىللىي ئىرادىمىزنى سۇندۇرۇش، مىللىي مەۋجۇتلىقىمىزنى ئاجىزلىتىش ئۇچۇن پىلانلىق ۋە سىستىمىلىق ئىلىپ بىرىلغان سىياسىي ھەركەتلەر بىر كۈنمۇ توختاپ قالمىدى. مەدەنىيەت ئىنقىلابىدا بولسا سۇنئى ”بولگۇنچى، ئەكسىل ئىنقىلاپچى“ تەشكىلاتلارنى ياساپ چىقىپ، ئىلگىركى يىگىرمە يىللىق سىياسىي ھەركەتلەردە خىلمۇ-خىل سەۋەپلەر بىلەن ئامان قالغان، خىتايلارنىڭ تەبىرى بىلەن ”توردىن چۇشۇپ قالغان“ زىيالىلىرىمىز ۋە يەڭى يىتىشكەن ۋەتەنپەرۋەر ياش ئەۋلادلىرىمىزدىن نۇرغۇن كىشى ئۇرۇپ، قىيناپ ئولتۇرۇلدى.ھايات قالغانلىرىمۇ تۇرمىلەردا مەنىۋى ۋە جىسمانىي جەھەتتىن ئىغىر زەربىلەرگە ئۇچرىدى. 1970-يىلى 4-ئايدا ئۇرۇمچى ۋە باشقا شەھەرلىرىمىزدە بىر كۈن ئىچىدە 74 ئادەمنىڭ ھەچ سوتسىز ئولۇم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى، دۆلەت تىرورىنىڭ يۇقۇرى پەللىسى ئىدى.  مەن بارىن ۋەقەسىنى ئەيىپلىگەنلەردىن سوراپ باقاي، خەلقىمىز بىرمۇ زۇلۇمكار خىتاينى ئولتۇرمىگەن، خىتاينىڭ يوق قىلىش سىياسىتىگە ھەچ قارشىلىق بىلدۇرمىگەن، قوينىڭ قوزىسىدىنمۇ مۇلايىم تۇرۇۋاتقان بىر ۋاقىتتا، خىتاي ھاكىمىيىتى نىمىشقا ئۇ قەدەر ۋەھشىلىشىپ كەتتى؟ نىمىشقا بىز مۇسلۇلمان ئۇيغۇرلارغا شۇنچىلا كوپ زىيان سالدى؟
بىزنىڭ بۇ سۇئالىمىزغا نىسبەتەن بەزىلەر، سىياسى ھەركەتلەر پۇتۇن جوڭگۇنىڭ ھەممە يەرىدە ئوخشاش ئەلىپ بەرىلدى. مەدەنىيەت ئىنقىلابىدا خىتاي خەلقىمۇ ئوخشاش زىيانكەشلىككە ئۇچرىدى، دەيىشى مۇمكىن. ئەمىليەتتە بولسا ئۇنداق ئەمەس. خىتاي خەلقى پەقەت سوتسىيالىستىك تۇزۇمنىڭلا زۇلۇمىنى چەكتى. شەرقىي تۇركىستان خەلقى سوتسىيالىستىك تۇزۇمنىڭ زۇلۇمىنى چىكىپلا قالماي، بىر مىليارتتىن ئارتۇق جۇڭگۇلۇقنىڭ ئەغىر ئىقتىسادى يۇكىنى بىرلىكتە كۇتۇرۇشكە مەجبۇر قىلىندى. بۇنى ئاز دەپ، يۇرتنى جۇڭگۇوغا تارتقۇزۇپ قويۇشتىن باشقا ھەچ بىر گۇناھى بولمىغان بۇ خەلقنىڭ باشقا مىللەتتىن بولىشىنىڭ ئوزى بۇلارغا كەچۇرۇلمەس جىنايەت بولۇپ تىڭىلدى.ۋەتىنىمىز بىز مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارغا تورما ئەمەس،دۇزاخقا ئايلاندۇرۇلدى.يۈرەكلەردە تەشۋىش،كۆزلەردە ياش،قوساقلار ئاچ،يىرىم-يالىڭاچ ياشاش “ئازاتلىق”قا ئىرىشكەنلىكمۇ؟ زۇلۇمغا ئۇچۇرىغۇچىلارنى قىلغان زۇلۇمغا“رەخمەت” دىگۈزگەن خىتايدىن باشقا كىم بار؟
 جوڭگۇونىڭ قايسى 1957-يىلى يەرىدە يەرلىك مىللەتچىلىككە قارشى سىياسى ھەركەت ئەلىپ بەرىلدى؟ پەقەت شەرقىي تۇركىستاندا ئەلىپ بەرىلدى. جۇڭگۇولۇقلارنىڭ مۇستەملىكىسى بولغان ئىچكى مۇڭغۇلىيەدىمۇ بۇ خىل ھەركەت ئەلىپ بەرىشقا خىتايلار جاسارەت كورسۇتەلمىدى. تىبەت بولسا، ئۇ يىللاردا تىخى خىتاي ئارمىيەسى ئاياق باسمىغانبىر زىمىن ئىدى. شەرقىي تۇركىستان خىتاي ئەمەلدارلىرى ئوۋ ئوۋلايدىغان ئىگىسىز بىر ھايۋانلار باغچىسىغا ئايلاندى.شەرقىي تۇركىستاندا ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، ئۆزبەك، تاتار… قاتارلىق يەرلىك خەلق زىيالىلىرىدىن، دىنى ئەربابلىرىدىن، جامائەت ئەربابلىرىدىن، يۈز مىڭلارچە ئادەم كۆرەشكە تارتىلدى. ھەچ بىر سەۋەپسىز ”ھەيۋىسىنى چۈشۇرىمىز“ دەپ ئۇرۇلدى، سۇقۇلدى.كىشىلىك ھوقۇقى ئەغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىندى. نەچچە ئونمىڭ ئادەمگە يەرلىك  مىللەتچىلىك قالپىقى كەيدۇرۇلدى. چوڭ خەنزۇچىلىق(مىللەتچىلىك)بىلەن ئەيىپلىنىپ جازالانغان ۋە قالپاق كەيگەن بىر خەنزۇ بارمۇ؟ بولسا ئۇ كىم؟ بىرنى بولسىمۇ پاكىت سۈپىتىدە كۆرسىتىپ باقسۇن قەنى؟ 1959-يىلى باشلانغان ”شىۇجىڭجۇىچىلىققا قارشى كۈرەش“ تاكى ماوزەدوڭ ئۆلگەنگە قەدەر داۋام قىلدى. يەرلىك مىللەت خەلقلىرىدىن شىۇجىڭجۇىنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى بىلمىگەن سان-ساناقسىز ئادەم شىۇجىڭجۇىغا باغلىنىپ جازالاندى. ئەمما يۇرتىمىزدا بۇ جىنايەت بىلەن ئەيىپلىنىپ جازالانغان بىر خەنزۇ بارمۇ؟ 1979- يىلدىن كەيىن جۇڭگۇ، ماركىسزىمنى دەسسەپ ئۆتۈپ ئاستا، ئاستا دۇنيا رەئاللىقىنى كۆرۇشكە، جوڭگۇنىڭ سىياسەتلىرى تىز سۇرئەت بىلەن ئۆزگۇرۇشكە باشلىدى. ئەمما، بەىجىڭنىڭ ئۆزگەرمىگەن بىرلا سىياسىتى بار.ئۇ بولسىمۇ مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى شەرقىي تۇركىستان خەلقىنى جاھىل، يوقسۇل قالدۇرۇپ يوق قىلىش. يۇرۇكىنى مۇجۇپ تۇرۇپ يوق قىلىش. ”چەتئەلگە باغلانغان ئۇنسۇر“ قىلىپ تۇرۇپ يوق قىلىش.مەجبۇرى تۇغۇت كونتۇرولى باھانىسىدا ئۆلتۈرۈپ يوق قىلىش، ئاتۇم بومبىسىنىڭ زەھىرىدە زەھەرلەپ يوق قىلىش، بايلىقىنى بۇلاپ يوق قىلىش، خىتاي كۆچمەن كەلكۈنى ئىچىدە ئەرىتىپ يوق قىلىشتىن ئىبارەت سىياسىتىدە ئوزگىرىش بولغىنى يوق. ئەگەر ئوزگىرىش بار دىيىلسە، ئۇ، ئوزگىرىش جۇڭگۇ ھاكىمىيىتى 1950-يىلىدىن 1980-يىلىغىچە ”شىنجىاڭغا ياردەم“ دىگەن شۇئارى بىلەن شەرقىي تۇركىستاننىڭ قەنىنى شوراپ، قايمىقىنى يىگەن بولسا، 1980-يىلىدىن كەيىن “ شىنجىاڭنى ئەچىش ۋە گۇللەندۇرۇش“ شۇئارى ئاستىدا، شەرقىي تۇركىستان خەلقىنىڭ تارىخىنى، مەدەنىيىتىنى، خەلقىنى تامامەن رەت قىلىش ئاساسىدا مۇستەملىكىچىلىكنىڭ ئەڭ نۇمۇسسىز ۋاستىلىرىنى قوللۇنۇش بىلەن خىتاي كەلكۇنىنىڭ يەرلىك خەلقنى ئۆلۈمگە قىستاپ كىلىۋاتقانلىقىدۇر. بۇ قەدەر ئىغىر مىللىي بەسىم، مىللى نەپرەت، مىللى ئۆچمەنلىك يەرلىك خەلققە نىسپەتەن دۆلەت تەرىپىدىن 40 يىلدىن بەرى يۇرگۇزۇلىۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە، بارىن ۋەقەسىدەك ئىنقىلاپلارنىڭ پارتلىشىنى غەلىتىلىك ھىس قىلغانلار قايسى مىللەتتىن بولسا بولسۇن، ئۇ خىل ئىنساننىڭ ۋۇجۇدىدا ئىنسان يۇرىكى بارلىقىغا ئىشەنگىلى بولمايدۇ. بۇ يەردە شۇنداق بىر مىسال كەلتۇرۇشنى ئۇيغۇن كورىۋاتىمەن؛ يۇزمىڭ كۇپ سۇ سىغىدىغان بىر سۇ ئامبىرىغا، سىغىپ كىتەر، دەپ يۇزمىڭ بىر يۇز كۇپ سۇ تولدۇرسىڭىز تەبىئىيكى ئۇ سۇ ئامبىرىنىڭ سۇيى تەشىپ كەتىدۇ. ئەغىرلىق كوتۇرۇدىغان بىر دۇنيا چىمپىيۇنى 250 كىلو ئەغىرلىقنى كوتۇرۇپ دۇنيا چىمپىيۇنى بولغان بولسا، ئۇ ئەغىرلىغىنى 251 كىلو قىلىپ قويسىڭىز، ئۇ 251 كىلو ئەغىرلىقنى كوتۇرەلمەيدۇ. بۇ بىر كىلو ئۇنىڭغا ئەغىر كەلىدۇ. ئىنساننىڭ سەۋرى كۇچىمۇ خۇددى شۇنىڭغا ئوھشاش، تاقەت-چىدام كۇچى چەكىگە يەتكەندە، چىداشقا تاقەت قالمىغاندا ھەر قانداق يۇۋاش ئادەممۇ بىر ئىنكاس كورسىتىدۇ. بىر مىللەتكە نىسپەتەن ئەيتقاندىمۇ شۇنداق. شىڭ شىسەينىڭ تابىرى بىلەن ئەيتقاندا ،ئالتۇن تاۋاق بىلەن تىلەمچىلىك قىلىۋاتقان خەلق، دۇنيادا ئەڭ كوپ يەر ئاستى ۋە يەر ئۇستى بايلىقلىرى بولۇشىغا قارىماي، دۇنيادا ھەچبىر مىللەت كورمىگەن يوقسۇللۇقنىڭ دەردىنى تارتىۋاتىدۇ، ئاسارەتكە چۇشكەن تارىتخىن بەرى ھىچقانداق سىياسى ھەق-ھوقۇققا ئىگە بولالمايلا قالماستىن، بۇ ھاقارەت، خورلۇقلارنى ئاز كورۇپ قىلغانلىرى ئۇچۇن ”گۇڭچەنداڭغا رەھمەت“ دىگۇزۇپ مەسخىرە قىلىۋاتىدۇ. شەرقىي تۇركىستاننىڭ چىداشقا تاقىتى قالمىغانلىغىنىڭ ئىنكاسىنى بارىن كورسەتتى
مىللىي ئىپتىخارىمىز بولغان بارىن شەھىتلىرى، بۇگۇن تۇرمىلاردا ئازاپلىنىۋاتقان قەھرىمان ۋەتەن ئوغلانلىرى، قەھرىمان تالىپلىرىمىز، بەزى ”ئەقىللىق“ ۋەتەنپەرۋەر زىيالىلىرىمىز دەگىنىگە ئوخشاش خىتاي ھوكۇمىتىگە قوراللىق قارشى چىقىشنىڭ ”تۇخۇمنى تاشقا ئۇرغاندەك ئىش“ ئىكەنلىكىنى، بۇ ئىشنىڭ ئاقىۋىتى ئۆلۈملەربىلەن نەتىجىلىنىدىغانلىقىنى بىلمەسمىدى?
مىللى قەھرىمانىمىز مەرھۇم زەيدىن يۇسۇپ (ئاللاھ ياتقان يەرىنى جەننەت قىلسۇن)ۋە ئۇنىڭ مۇجادىلە سەپداشلىرى بۇگۇنكى جۇڭگۇو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ بىر مىليارتتىن ئارتۇق ئىنساننى ئىدرىسى ئاستىدا تۇتۇپ تۇرۇۋاتقانلىغىنى، قولىدا 450 ئاتۇم بومبىسى بارلىغىنى، 3 مىليون ئەسكىرى بارلىغىنى پۇتۇن شەرقىي تۇركىستان خەلقى قوراللىنىپ چىقسىمۇ، بۇگۈنكى خىتاي ئەسكىرى كۇچىگە تەڭ كەلىشىنىڭ قولاي بولمايدىغانلىقىنى بىلمەسمىدى؟ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى بىلەتتى. ئۇنداقتا بىلىپ تۇرۇپ نىمىشقا ئوزلىرىنى ئولۇمگە ئاتتى؟ سەۋەبى: بۇ مىللەتنىڭ، بۇ خەلقنىڭ قۇرت-قوڭغۇز ئەمەسلىگىنى، ئىنسان ئىكەنلىكىنى، بۇزەك قىلسا ئاچچىغى كىلىدىغانلىقىنى خىتاي ھاكىمىيىتىگە چۇشەندۇرمەكچى بولدى. بۇ مەقسەتنى چۇشەندۇرۇشنىڭ باشقا ئۇسۇللارنىڭ ھەممىسى باشقىلار تەرىپىدىن سىنالغان ئىدى. ئەمما، خىتاي ھاكىمىيىتى مەخسەتنى چۇشەنگىلى ئۇنىمىغان ياكى ئىتىۋار قىلمىغان ئىدى. بارىن ياشلىرى ئوزلىرىنىڭ ئىسسىق قەنى بەدىلى بىلەن بۇ مەخسەتنى چۇشەندۇردى. خىتاي ھاكىميىتىمۇ چۇشەندى، يەنى، ئۇيغۇر ئانىللىرى ھەر زامان ”لەببەي“ دەپ ئەمىر كۈتۈپ تۇرۇدىغان قۇللارنى ئەمەس، ئاچچىغى كەلگەندە ئۆلۈشنى ۋە ئۆلتۈرۈشنى بىلىدىغان، ۋۇجۇدىدا ئەركەك تۈكى بار ئوغۇل بالىلارنىمۇ تۇغۇدىغانلىغىنى چۇشەندى. گەرچە 1980-يىلىدىن بەرى شەرقىي تۇركىستاننىڭ ھەر-يەرىدە بۇ خىل ھەركەت ۋە ئىنقىلاپلار كۆپ يۈز بەرگەن بولسىمۇ -تەسىرى جەھەتتىن بۇ قەدەر كۇچلۇك بولمىغان ئىدى. بارىن ئىنقىلاۋىنىڭ ئۇچ خىل تارىىخي تەسىرى بار
بىرىنجى- شەرقىي تۇركىستان خەلقىگە بولغان تەسىرى: 1949-يىلىنىڭ ئاخىرى شەرقىي تۇركىستانغا كىرىپ كەلگەن خىتاي كوممۇنىست ئارمىيەسى شەھەر-شەھەر، يەزا-يەزىلارغا خىزمەت گۇرۇپپىسى بولۇپ كىرىشكە باشلىدى. ئەنە شۇ چاغدا بارىنغىمۇ، بارىنغا ئوخشاش كوپ يەزىغا بۇ خىزمەت گۇرۇپپىلىرى كەلگەن ئىدى. ”بىز سىلەرنى ئازات قىلغىلى كەلدۇق“ دەپ ئوزلىرىنى تۇنۇشتۇرغاندا، يەزا خەلقى چاۋاك چىلىشىپ قارشى ئالغان، ئويلىرىنى بوشۇتۇپ ئۇلارغا بەرگەن. خىتاي ئەسكەرلىرى: “ بۇنىڭدىن كەيىن گۇومىنداڭنىڭ زۇلۇمى بولمايدۇ، قوسىغۇڭلار توق،
كىيىمىڭلار پۇتۇن، خاتىرجەم ياشايسىلەر“ دىگەندە ئاق كوڭۇل بىچارە خەلق
خوشاللىقىدىن نىمە قىلىشىنى بىلەلماي قالغان ئىدى. ياشلار بولسا، بۇ خىزمەت گۇرۇپپىسى ئوتقا كىرسە ئوتقا، سۇغا كىرسە سۇغا كىرىشكە تەييار ھالەتكە كەلگەن.بۇگۈن شۇ ئادەملەرنىڭ بالىلىرى، يەنى خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ تەبىرى بىلەن ئەيتقاندا ”قىزىل بايراق ئاستىدا تۇغۇلۇپ، قىزىل بايراق ئاستىدا ئۆسكەن“ ياشلار قوللۇرىغا قورال ئەلىپ، ئاتا-ئانىللىرى قارشى ئەلىپ يۇرتىغا باشلاپ كىرگەن بۇئارمىيەگە قارشى ئوق ياغدۇردى. قوراللىق قارشىلىق بىلەن ئۇلارنى يۇرتىدىن ھەيدىۋەتمەكچى بولۇپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۆلۈمى بەدىلىگە نىمىشقا ئۇلارنى ئۆلتۇردى؟ ئاتا-ئانىلىرى ئۈمىت باغلىغان بۇ ئارمىيەگە، بۇ ھاكىميەتكە نىمىشقا ئەۋلادلىرىدا بۇ قەدەر كۇچلۇك ئوچمەنلىك ۋە نەپرەت ئويغاندى؟ بۇ سۇئالنىڭ جاۋابىنى شەرقىي تۇركىستاندىكى ئەقلى بەشىدا بار ھەر كىم ياخشى بىلىدۇ. بىز ئۇيغۇرلاردا ”يەرگە نىمە تەرىساڭ، شۇنىڭ ھوسۇلىنى ئالىسەن“دىگەن ھەلق تەمسىلى بار. قىسقىسى :خىتاي ھاكىمىيىتى ۋەتىنىمىزدە نەپرەت، ئۆچمەنلىك تەرىدى. قارشىلىقىدا يەنە نەپرەت، ئوچمەنلىك ئالدى ۋە ئالىدۇ. ئىلگىرى ئوتتۇرىغا چىققان ياشلار قەتئىي بولمىدى. مەسىلەن: پەيزىۋات ۋەقەسى.پەيزىۋاتتا ئىسيانغا ھازىرلانغان ياشلارنىڭ قولىدا قورال بار ئىدى. ئەمما يۇرت چوڭلىرىنىڭ مەسلەھەتى بىلەن خىتاي ھۆكۇمۇتىنىڭ ئۇلارغا كەڭچىلىك قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىپ قوللىرىدىكى قوراللىرىنى خىتاي ئەسكەرلىرىگە تاپشۇرۇپ بەردى ۋە شۇ نەخ مەيدامنىڭ ئۆزىدە قوللىرى چەمبەرچاسباغلاندى،ئۇرۇلدى،ھاقارەتلەندى، ئولتۇرۇلدى. 16 ياش بىلەن 20 ياش ئارىسىدىكى بىر نەچچە يۈز ياش ئۆسمۈرنىڭ كۆرمىگەن كۈنى قالمىدى. بارىندىكى ياشلار بۇ خىل تەجىربە، ساۋاقلاردىن دەرىس ئالغان ئىدى. ئۇلار ”يەتىپ ئولمەكتىن، ئەتىپ ئولمەك“ نى شەرەپ بىلدى. ئۇلارنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن كەلگەن خىتاي ئەسكەرلىرىنى، ئۇلار ئۆلتۈردى. خىتاي ئەسكەرلىرى ھەچ تەسەۋۇر قىلىپ باقمىغان زەربىگە ئۇچىرىدى. بۇ زەربىنى ھەچ ھەزىم قىلالمىغان ھىتاي ئەسكەرلىرى بارىندا ھەتتا بۈشۈكتىكى بۇۋاقلارغىمۇ ئوق ياغدۇرۇپ قەتلى قىلدى. دىھقانلارنىڭ ئويلىرىنى ئوق يامغۇرىغا تۇتۇپ غەلۋىر توشۇگىدەك قىلىۋەتتى
خەلقىمىزنىڭ ئۇنتۇلماس قەھرىمان پەرزەنتى زەيدىن يۇسۇپ ۋە ئۇنىڭ مۇجادىلە سەپداشلىرىنىڭ كۆپ قىسمى دۇشمەنگە ئوق ياغدۇرۇپ تۇرۇپ شەھىت بولدى. دۇشمەن قولىغا چۇشكەنلەر ئاشكارا ۋە يۇشۇرۇن ئولتۇرۇلدى، ياكى ئەغىر جىسمانىي جازاغا تارتىلىۋاتىدۇ. قىسقىسى: بارىن ياشلىرى، قۇربانلىق قويدەك ئولۇم نوۋىتىنى كۈتۈپ تۇرۇشتىن، دۈشمەننى ئۆلتۈرۈپ تۇرۇپ ئۇلۇشنىڭ قانچىلىك شەرەپلىك ئۆلۈم ئىكەنلىگىدىن ئىبارەت سىگنال بىلەن، شەرقىي تۇركىستاندىكى ۋەتەنپەرۋەر ياش ئەۋلادلارغا يەڭى كۈرەش شەكلىگە ئاتلىنىش جاسارىتىنى بەغىشلىدى. بۇ، شەرقىي تۇركىستاندا مۇستەملىكىچى ھاكىميەتكە قارشى قەلبىدە غەزەپ-نەپرەت ئۇرغۇپ تۇرغان مىليۇنلارچە ئىنسانغا ئىلھام ۋە جاسارەت مەنبەسى بولماقتا. دىمەك ئاجىز خەلقىمىز، دۈشمەن قانچىلىك كۇچلۇك بولسىمۇ ئۇنىڭغا زەربە بەرگىلى بولىدىغانلىغىنى، ھەددىدىن ئارتۇق بۇزەك قىلىپ كەتكەندە ”توختا“ دەپ ۋاقىرغىلى بۇلىدىغانلىغىنى بۇگۈن يەنە بىر قەتىم ئۈگەندى
بۇگۈن شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتى مۇددەتسىز پارتلايدىغان بىر بومبىغا ياكى بىر تال سەرەڭگىنى ياندۇرۇپ تاشلىسا، كۆزنى يۇمۇپ-ئاچقۇچە ئوت دەڭىزىغا ئايلىنىدىغان پايانسىز ئورمانغا ئوخشايدۇ. بۇ بومبىنىڭ مۇددەتتىن بۇرۇن پارتلىشىنىڭ، بۇ ئورماننىڭ ۋاقىتسىز ئوت ئەلىشىنىڭ ئالدىنى ئەلىشىمىز، كۇچىمىزنى بىھۇدە ئىسراپتىن ھەر زامان مۇھاپىزەت قىلىشىمىز لازىم. ئەمما بارىن روھى ھەر مىنۇت ئىسىمىزدىن چىقماسلىغى كىرەك
ئىككىنجى-بارىن ئىنقىلاۋىنىڭ خىتاي خەلقىگە بولغان تەسىرى:شەرقىي تۈركىستانغا ھىچ كەلمىگەن، شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە بىلىمگە ۋە چۈشەنجىگە ئىگە بولمىغان مىليارت جۇڭگۇلۇقلار، شەرقىي تۈركىستاندىكى مىللىي تەڭسىزلىك ۋە بۇ تەڭسىزلىك نەتىجىسىدە كەلىپ چىققان مىللىي زىددىيەتنىڭ قانچىلى ئىغىر، قانچىلىك خەتەرلىك نوقتىلارغا بىرىپ يەتكەنلىگىدىن ھەۋەرسىز. ئەمما، بەىجىڭ ھۆكۇمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بەرگەن ھەممە ئىشتىن ھەۋىرى بار. شەكىلدە شەرقىي تۈركىستانغا بەرىلگەن ئاپتونۇمىيە، شەرقىي تۇركىستان ئۇچۇن، شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۇچۇن ئەمەس. ۋاڭجىن،ۋاڭ ئىنماۋلارغا ۋە ئۇالارنىڭ ئورنىغا كەلگەن ئەمەلدارلارغا بىرىلگەن ئالاھىدە ئىمتىيازدۇر، شەرقىي تۈركىستانغا كىلىپ يەرلەشكەن، كىلىۋاتقان ۋە كىلىدىغان خىتاي كۆچمەنلەرگە بىرىلگەن ئالاھىدە ھەق-ھوقۇقتۇر
يەقىنقى يۈز يىل ئىچىدە باي بولۇش سەۋداسىغا مۇپتىلا بولغان دۇنيا كوچمەنلىرى ئامرىكىغا ئەقىپ بارغىنىغا ئوخشاش، يەقىنقى 50 يىل ئىچىدە باي بولۇش  ھوقۇق تۇتۇش سەۋداسىغا مۇپتىلا بولغان خىتا كۆچمەنلىرى شەرقىي تۇركىستانغا ئەقىپ كەلدى. بەيجىڭ ھۆكۇمىتىنىڭ تەشۋىق-تەرغىباتى بىلەن كەلگەن بۇ مىغ-مىغ ئىنسانلارنىڭ مۇتلەق كوپچىلىگى ئارزۇ قىلغان ھوقۇققا، ئارزۇ قىلغان بايلىققا ئىگە بولدى.ئۇلارنى ھوقۇققا ئىگە قىلىش، باي قىلىش بەدىلىگە يەرلىك خەلق ھوقۇقسىز قالدى، يوقسۇل قالدى
بۇلارنى ئاز كورگەندەك، شەرقىي تۇركىستانغا دەسلەپتە كەلگەندە ئاجىز، ئۇرۇق ۋە ئادەمنىڭ ئىچىنى ئاغرىتقىدەك دەرىجىدە مۇلايىم بولغان بۇ خىتاي كۆچمەنلىرى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھاۋاسىدىن نەپەس ئەلىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۆيلىرىدە ئولتۇرۇپ،شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاش-ئۇزۇقلىرىنى يەپ بىر،ئىككى يىل ئوتۇدۇ-دە، ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىغا كۇچ-قۇۋەت، يانچۇغىغا پۇل، روھى ھالىتىگە بىر ئۈستۈنلۈك پەيدا بولۇشىغا ئەگىشىپ، كۆپ سانلىق كوچمەن خەنلەردە بىر خىل پىسخىلوگىيىلىك ئۆزگىرىش پەيدا بولىدۇ.يەنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھاۋاسى، ئاش-ئۇزۇغى ئۇلارغا رىئاكسىيە (گومىڭ) قىلىدۇ.بۇ رىئاكسىيە ئۇلارنىڭ سوز-ھەركەتلىرىدە، بۇ ۋەتەننىڭ ئىگىللىرى بولغان يەرلىك خەلققە نەپرەت، ئوچمەنلىك ۋە ئۇلارنى تۈۋەن كۆرۈش بولۇپ ئىپادىسىنى تاپىدۇ.نىمىشقا بۇ خىل پىشىلوگىيىلىك كىسەل ئورتىغا چىقتى؟ نىمىشقا دوستلۇق ئورنىغا دۈشمەنلىك، مۇھەببەت ئورنىغا نەپرەت يەر ئالدى؟ يەرلىك ئەلقنى ئۇلارنىڭ كۆزىگە نادان، ياۋايى، قابىليەتسىز، شورپىشانە كۆرسەتكەن كۆز ئەينەك، ئۇلارغا بەيجىڭ ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن قىلىنغان ھەدىيەدۇر. ”بۇزەكنى بۇزەك قىلمىساڭ قىيامەتتە سورىغى بار“ دىگەندەك بىيجىڭ ھوكىمىتى تەرىپىدىن بۇزەك قىلىنغان مىللەت، خىتاي كوچمەنلىرى تەرىپىدىن ھەم بۇزەك قىلىنىشى نورمال بىر ھالغا كەلدى
بارىن ئىنقىلاۋى، جۇڭگۇدىكى ۋە شەرقىي تۇركىستاندىكى بەزى ۋىجدانلىق خەنزۇ زىيالىلىرى ۋە جامائەت ئەربابلىرىغا ئىنسانلار ئارىسىدا نەپرەت ياراتقۇچىلار نوۋىتى كەلگەندە ئوزلىرى ياراتقان نەپرەتنىڭ قۇربانى بۇلىدىغانلىقىنى ئەنىق ھىس قىلدۇرۇشتا ئويغاتقۇچى سىگناللىق رولى ئوينىدى.نەپرەت، نەپرەتنى ،ئۆلۈم، ئۆلۈمنى باشلاپ كەلىدۇ. بارىن ئىنقىلاۋىدىن كەيىن
چەتئەلدىكى جۇڭگۇ دىمىكىراتىك ھەركىتىنىڭ بەزى رەھبەرلىرى، شەرقىي
تۈركىستانلىقلارنىڭ چەتئەلدىكى بەزى تەشكىلاتلىرىغا، جۇڭگۇدا سوتسىيالىستىك تۈزۈم يىقىلىپ، دىمىكىراتىيەگە ئوتۇش جەريانىدا شەرقىي  تۈركىستاندا خەنزۇ ۋە يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ئىچىدىكى بىگۇنا خەلقنىڭ ئۆز-ئارا نەپرىتىدىن قان تۆكۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئەلىش توغرىسىدا تەكلىپلەردە بۇلۇشىمۇ تەساددىبى ئەھۋال ئەمەس. زوراۋانلار ھەقىقەتكە ئەمەس كۇچكە تايىنىدۇ، ئەمما زۇراۋانلارنىڭ قولىدىن كۇچ كەتكەندە، ئۇلار ئۆزلىرى ياراتقان نەپرەت دەڭىزىدا ئوزلىرى غەرىق بولىدۇ
بارىن ئىنقىلاۋى بۇ مەنتىقىنىڭ كىچىك بىر سىگنالى سۇپىتىدە جۇڭگۇ ھوكۇمىتىنى زۇلۇمدىن ۋاز كىچىشكە، كۆچمەن خەنزۇ خەلقىنىمۇ بۇ زۇلۇمنى قوللاشتىن ۋاز كىچىشكە ئۈندەش بىلەن تارىختا ئۇنتۇلماس سەھىپە قالدۇردى.ئەمما شۇنى ئەسلىتىپ ئوتەيكى، ئۇرۇمچىدىكى مىللىتارس ھۆكۇمەت بىلەن بەيجىڭ بۇ ۋەقەدىن ھەچ ئىجابى دەرس ئالغىنى يوق. بارىن ۋەقەسىدىن كەيىن، ۋاڭ ئىن ماۋ بىلەن سوڭ خەنلىاڭنىڭ بەيجىندە جىاڭزەمىن ۋە لىپەڭغا ۋەقە ھەققىدە دوكلات قىلغاندىن كىيىنكى مۇنۇ سوھبىتىگە دىققەت قىلايلى؛
ۋاڭ ئىن ماۋ:شىمالىي شىنجىاڭدا خەنزۇ ئاھالىسى نۇپۇس جەھەتتىن كوپ سانلىقنى ئىگەللەيدۇ، شىمالى شىنجىاڭدا ئەبەدى تىنىچلىق قولغا كەلتۇرۇلدى. جەنۇبى شىنجىاڭدا خەنزۇ ئاھالىسى نۇپۇس جەھەتتە كۆپ سانلىقنى ئىگەللەيدىغان ئەھۋالغا كەلسە، ھىچ بولمىسا 50% كە يەتكۇزۇلسە پۈتۈن شىنجىاڭدا ئەبەدى تىنىچلىققا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ
لىپەڭ: پىلاننى سىلەر تۇزۇڭلار، كىرەكلىك ياردەمنى بىز قىلىمىز……” (شىنجاڭ خىزمىتىدىن دوكلات-ئۇيغۇرچە)بىز بۇ سوھبەتتىن شۇنى كورۇپ ئالالايمىزكى، جۇڭگۇ ھاكىمىيىتى مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسىنى شەرقىي تۇركىستاندا خەنزۇ ئاھالىسىنىڭ سان جەھەتتىن مۇتلەق كوپ سانلىقىنى ئىگەللەشكە باغلايدۇ. مىللى زۇلۇم ۋە مىللىي تەڭسىزلىك،يىلدىن-يىلغا ئەغىرلىشىۋاتقان يوقسۇللۇقنى ھەل قىلىش ئۇلارنىڭ ئەقلىنىڭ بىر بۇرجىكىگىمۇ كىرىپ قويغىنى يوق.جۇڭگو ھاكىمىيىتى “ھايا،نۇمۇس” دىگەن ئۇقۇملاردىن خەۋەرسىز.ۋەتەندىكى ۋە ۋەتەن سىرتىدىكى بەزى شەرقىي تۈركىستانلىقلار جۇڭگۇ كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مىللىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ئۇمۇت بىلەن قارىماقتا. بىز ئۇلارنىڭ بۇ خام-ھىيالىدىن ۋاز كىچىشى ئۇچۇن بۇ پاكىت يىتەرلىك دەپ سانايمىز. كوممۇنىستىك پارتىيە جۇڭگۇودا قەبرىگە كومۇلمەستىن تۇرۇپ، جۇڭگۇو خەلقى ئەركىنلىككە ئەرىشىشى، نە جوڭگۇونىڭ مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى مىللەتلەرنىڭ ئۆز ھوقۇقلىرىنى قولىغا ئەلىش يولى ئەچىلىشى مۇمكىن ئەمەس
ئۈچىنجى-بارىن ئىنقىلاۋىنىڭ تاشقى دۇنياغا بولغان تەسىرى: بۇگۈن دۇنيادا، جۇڭگۇو، شىمالى چاۋشەن ۋە كوبادىن باشقا ئىنسان ھوقۇقى مەسىلىسىنى دولەتنىڭ ئىچكى مەسىلىسى دەپ قارايدىغان بىرمۇ دولەت قالمىدى. بارىن ئىنقىلاۋى ئەينى زاماندا شەرقىي تۈركىستانلىق ئىنسانلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى ئاياق-ئاستى قىلىشقا قارشى ئىسيان بولغىنى ئۇچۇن، دولەت دىكتاتۇرسىغا قارشى خەلق نارازىلىقىنى بىلدۇرۇشتە بۇ خىل ئىسياندىن باشقا قانۇنى بىر يولنىڭ ھەم يوقلىغىنى بىلگەن دۇنيا جامائەتى، بولۇپمۇ پۇتۈن دۇنيادا كۇچلۇك تەسىرى بار مەتبۇئات تەلىۋىزور ئىستانسىللىرى بارىن ئىنقىلاۋىنى ئەڭ ئاز دىگەندە ئىككى ئاي ئەتراپىدا دۇنيانىڭ كۈن تەرتىۋىدە تۇتتى. بارىن، يەقىنقى 50 يىل ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاننى دۇنياغا تۇنۇتۇشتا، شەرقىي تۇركىستان مەسىلىسىنى دۇنيا كۈن-تەرتىۋىگە قۇيۇشتا
پەۋقۇللاددە ئەھمىيەتكە ئىگە بىر ھەركەت بولدى. ئامرىكا، ئەنىگلىيە، فىرانسىيە،گىرمانىيە،روسىيە، ياپۇنىيە، شىاڭگاڭ، تەيۋەن،تۇركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستانى،ھىندىستان قاتارلىق دولەت ۋە رايۇنلاردا، شەرقىي تۇركىستان خەلقىنىڭ ئازاتلىققابولغان ئۈمىت، ئىشەنچىسىدىن تىخىچە ۋاز كەچمىگەنلىكىنى يەزىپلا قالماستىن، شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ 20- ئەسىردە ئىككى قىتىم دۆلەت قۇرغانلىقى، دولەتلىرى يەقىلغاندىن كىيىنمۇ، مىللىي دۆلەتنى ئەسلىگە كەلتۇرۇش ئۇچۇن قىلغان ئىنقىلاپ تارىخلىرىنى تەپسىلى تۇنۇشتۇردى. بۇلۇپمۇ، تۈركىيەدە يىگىرمىدىن ئارتۇق چوڭ
گىزىتلەر بارىن ئىنقىلاۋى ھەققىدە ھەر كۈنى بىرىنجى سەھىپىلەردە خەۋەرلەر بەردى.يۈزلەرچە سىتون يازغۇچىلار ئۆز گىزىتلىرىدە، بارىن ئىنقىلاۋىغا ئەڭ يالقۇنلۇق ماقالىلەر بىلەن مەدىھە ئۇقۇدى. گىزىتلەر، زەيدىن يۇسۇپ باشچىلىغىدىكى قەھرىمان شەھىتلىرىمىزنىڭ رەسىملىرىنى تۇنۇشتۇرۇپ باستى.ئىستامبۇل، ئەنقەرە،قەيسەرى شەھەرلىرىدە شەرقىي تۈركىستانلىقلار تەرىپىدىن جۇڭگۇ مۇستەملىكىچىللىرىگە قارشى ئۇيۇشتۇرۇلغان نامايىشلارغا ئون مىڭلارچە تۇرك قەرىنداشلار پىدائى بولۇپ قۇشۇلدى
مەركىزى لوندوندىكى ئىنسان ھەقلىرىنى قوغدۇغىچى ئالەمشۇمۇل داڭلىق تەشكىلات ”كەچۇرۇم تەشكىلاتى“ شەرقىي تۇركىستاندىكى ئاياق-ئاستى قىلىنغان ئىنسان ھوقۇقلىرى ھەققىدە پۇتۇن دۇنياغا دوكلات تارقاتتى. ئامرىكىدا چىقىدىغان، مىليۇندىن ئارتۇق تىرازجغا ئىگە ”نەۋس ۋەەك“(ھەپتىلىك جورنال ) بارىن ئىنقىلابى ھەققىدە تەپسىلى مەلۇماتلارنى يازدى. بۇ جورنالدا شەرقىي تۇركىستانلىقلارنىڭ ئازاتلىق ۋە مۇستەقىللىققە بولغان ئىشەنچىسى توغرىسىدا،شەرقىي تۈركىستانغا بارغان بىر ئامرىكىلىق ساياھەتچى بىلەن قىلغان سوھبەتنى شۇنداق يازىدۇ: ”…مەن ئۇرۇمچىنىڭ ئەردوچاۋ دىگەن بازىرىدا كىتىۋاتاتتىم، ئوتتۇرا ياشتىكى بىر ئۇيغۇر كىشى مىنىڭ ئالدىمنى توسۇپ ئۇيغۇرچە بىرنىمىلەرنى دىدى، مەن پەقەت ”ئامرىكا“ دىگەن گەپنى ئاڭلىدىم. باشقا گەپنى ئۇقالمىدىم،مەن، خەنزۇچە، سىزنىڭ گىپىڭىزنى بىلەلمىدىن،دىدىم. سىز خەنزۇچە بىلەمسىز؟ دەپ مەندىن خەنزۇچە سورىدى. بىراز بىلىمەن دىدىم. ئۇنىڭ يەنىدا سەككىز ياشلاردا بىر ئوغۇل بالا بار ئىدى.ئۇ ئادەم ماڭا؛ سىز ئامرىكىلىقمۇ؟…سىزگە شۇنى ئەيتىشنى خالايمەن: بۇ يۇرت بىزنىڭ، ئۇلارنىڭ ئەمەس، دەپ يولدا كەتىۋاتقان مىغ-مىغ خەن مىللىتىنى كورسەتتى. ئۇلارنى بۇ ۋەتەندىن چىقىرىش يولىدا مەن ئۆلۈپ كەتسەم، بۇ ئوغلۇم مىنىڭ ئورنۇمنى باسىدۇ، مىنىڭ ئىنتىقامىمنى ئالىدۇ.دەپ يەنىدىكى سەككىز ياشلاردىكى بالىسىنى كورسەتتى. ئامرىكىلىقلار بىزگە ياردەم قىلسۇن دىدى…. مەن، ئۇرۇمچدە ئۇيغۇرلار بىلەن خەنلەرنىڭ تىللىشىۋاتقان، مۇشتلىشىۋاتقانلىغىنى كۆردۇم. ئۇرۇمچىدە ئۇيغۇرلار ئاز بولۇشىغا قارىماي، بىر ئۇيغۇر خەنلەر بىلەن ئۇرۇشۇپ قالسا، يولدىكى باشقا ئۇيغۇرلارمۇ كىلىپ خەننى ئۇرۇشقا ياردەملەشكەنلىگىنى كوردۇم. ئۇيغۇرلار ئاز بولسىمۇ، بۇ يەرتنىڭ ھوجايىنى ئوزلىرى ئىكەنلىكىنى ھەر زامان خەنلەرگە ھىسقىلدۇرۇشقا تىرىشىدىغانلىقىنى ھىس قىلدىم…..“ دەپ يازىدۇ. گەرچە 1950 -يىلىدىن بەرى يۇرت تەشىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ مىللى يولباشچىللىرى مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا، ئەيسا يۇسۇپ ئالىپتىكىنلەرنىڭ يىتەكچىلىگىدە؛شەرقىي تۈركىستاندىكى مىللى زۇلۇم ۋە مىللەتنىڭ نەسلىنى قۇرۇتۇش ھەركىتىنىڭ پۇتۇن تەپسىلاتى بىلەن دۇنياجامائەتىگە ئاڭلىتىلغان بولسىمۇ، بىر مۇنچە چەتئەللىك دوستلاردا، بۇ قەدەر زۇلۇم بار ئىكەن، بۇ زۇلۇمغا قارشى نىمىشقا شەرقىي تۇركىستاندا، دۇنيانىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلغۇدەك بىر قارشىلىق ھەركىتى يوق؟ دىگەن سۇئاللار بار ئىدى. بارىن ئىنقىلابى،يۇرت تەشىدىكى مىللى رەھبەرلىرىمىزنىڭ ھىسسىياتقا ئەمەس، ھەقىقەتكە ئاساسلانغان ھالدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى دۇنياغا تۇنۇتقانلىغىنى ئىسپاتلىدى. بۇلۇپمۇ، بارىن ۋەقەسىدىن كەيىن دۇنيا مەتبۇئاتىنىڭ دىققىتى شەرقىي تۈركىستانغا تەخىمۇ مەركەزلىشىشكە باشلىدى
بارىن ۋەقەسى؛ قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۇركىستان ئىسلام جۇمھۇريىتىنىڭ 1934-يىلى يەقىلىشىدىن باشلاپ 1963-يىلىغىچە ۋەتەننى تەرك ئەتىپ دۇنيانىڭ ھەر يەرىدە يەرلىشىپ ياشاشقا مەجبۇر بولغان بىرمىليۇندىن ئارتۇق شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ۋەتەننىڭ تەقدىرى مەسىلىسى ئۇستىدە قايتىدىن بىر يەرگە جەم بولۇپ ھەر قايسى تەشكىلات ۋەكىللىرى ۋە جامائەت ئەربەبلىرى ۋەكىللىرى، ۋەتەن
سىرتىدا تۇنجى قەتىم 1992-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۇنىدىن 15-كۇنىگىچە ئىستامبۇلدا”شەرقىي تۇركىستان مىللى بۈيۈك قۇرۇلتىيى“نى ئەچىشقا تۇرتكە بولدى
قەھرىمان بارىن خەلقى ئازاتلىققا تەلپۈنگەن بارلىق شەرقىي تۇركىستانلىقنىڭ
ئىپتىخارى، غۇرۇرى، ئۆلگۇسىدۇر.بارىن ئىنقىلاۋىنىڭ ئەڭ ئىلغار تەرىپى تەشكىللىك ۋە ئۇزۇل-كىسىل بۇلۇشىدۇر. شەھىتلەر ئولمەيدۇ. بارىن شەھىدلىرى ئاللاھ ھۇزۇرىدىمۇ ھاياتتۇر، خەلقىمىزنىڭ قەلبىدىمۇ ھاياتتۇر مىللىتىمىز ئىچىدىكى تىخىچە ئويغانمىغان بەزى كىشىلەر شىۇنى بىلىشى لازىمكى؛خىتايدىن قورقۇپ ئەللىك يىل ياشىغان بىر ئادەمگە، خىتاي ھوكۇمىتى ”بىزدىن قورقۇپ ئەللىك يىل ياشىدىڭ، بۇنىڭ مۇكاپاتى ئۇچۇن ساڭا يەنە ئەللىك يىللىق ئۆمۈرنى قۇشۇپ بىرەيلى، يۇز يىل ياشا“ دەپ كاپالەتلىك بەردىمۇ؟ خىتايلاردىن قورقانلارمۇ،ئىلگىرى-ئاخىرى بولۇپ ئوخشاش قەبرىلەرگە كۆمۈلىدۇ. تۇغۇلۇش بىلەن ئۆلۈش مۇتلەق خۇدانىڭ ئىلكىدىدۇر. ئۆزىنى مۇسۇلمان دەپ ھىساپلىغان ھەر قانداق ئادەم بۇ مەنتىقىگە ئىشىنىشى كەرەك. ئەمما، دۇشمەندىن قورقۇپ ئوز ئىرادىسىگە خىلاپ ھالدا باش ئىگىپ ئاۋازسىز بۇ دۇنيادىن ئوتكەنلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنتۇلۇپ كەتتى

ئۇنتۇلمىغانلار يەنىلا ۋەتىنى ئۇچۇن، مىللىتى ئۇچۇن، ئىتىقادى ئۇچۇ ن قەھرىمانلارچە شەھىت بولغانلار بولدى. بىز بۇگۈن ”سادىر دەپ ئەتىم قالدى، بەش بالام يىتىم قالدى“ دەپ ناخشىلارنى ئەيتىمىز. سادىر پەلۋان بەش بالىسىنىڭ يىتىم قەلىشىنى بىلىپ تۇرۇپ جەڭگە كىرمىگەن بولسا، ئازاتلىق ئۇچۇن ھاياتىنى پىدا قىلمىغان بولسا خەلقىمىز يۈز يىلدىن بەرى سادىر پەلۋاننى خاتىرلەپ كىلەمتى؟ نۇزۇگۇم، ئوسمان باتۇر، زەيدىن يۇسۇپلەر…. مىللىتىمىز بىلەن ئەبەدى ياشايدۇ. ۋەتەن سويگەنلەرنىڭ ئومرى ۋەتەنگە ئوخشاش ئۇزۇن ۋە ئەبەدى بولىدۇ.بىر ۋەتەن، ئۇ ۋەتەننى سويگەنلەرگە ئامانەت قىلىنىدۇ. ۋەتەننى ئۇنۇتقانلار ئۇ، ۋەتەن تەرىپىدىن، ئۇ ۋەتەننىڭ ئەۋلادلىرى تەرىپىدىن ئۇنتۇلۇشى تەبىئى بىر ھادىسىدۇر

مىلىتىمىزنىڭ تەقدىرى ئەڭ خەتەر ئاستىدا قالغاندا،ئۈمىتسىزلىك ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ ھەممە يىرىنى ئەزرائىلدەك قاپلاپ كەتكەندە،دىنى ئىتىقاتىمىز سۇسلاپ،مىللى غۇرۇرىمىز پۈكۈلۇپ، مىللىي روھىمىز،مىللى زۇلۇمنى ھىس قىلىش سەزگۈرلىكىنى يۇقۇتۇپ قۇيۇۋاتقان تارىخى ھالقىلىق پەيتتە، بارىن قەھرىمانلىرى ئوتتۇرىغا چىقىپ،مۈگدەپ قالغان خەلقىمىزنىڭ ياقىسىدىن تۇتۇپ قاتتىق بىر سىلكىپ ئويغۇتىۋىتىپ،ئاللانىڭ جەننىتىگە قاراپ يول ئالدى.بارىن روھى،زۇلۇمغا باش ئەگمەيدىغان،تەقۋادار،قەھرىمان يەڭى بىر ئەۋلاتنىڭ مەيدانغا كىلىشىگە تۆرتكە بولغۇسى
مەرھۇم زەيدىن يۈسۈپ ۋە بارىن قەھرىمانلىرى،ئاللاھنىڭ جەننىتىدە،خەلقىمىزنىڭ قەلبىدە،تارىخىمىزنىڭ پارلاق سەھىپىلىرىدە مەڭگۇ ياشايدۇ

Share
3488 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.