logo

trugen jacn

شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى

 

نەزەر

 

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى  نۆۋەتتە دۇنيادىكى مۇتلەق كۆپ ساندىكى دۆلەتلەر ئەزا بولغان، دۇنيادا سادىر بولىۋاتقان مەسىللىلەرنى مۇزاكىرىلىشىپ ھەل قىلىدىغان ۋە دۇنيا تىنچلىقنى ساقلاشنى ئۆزىنىڭ باش نىشانى قىلغان، دۇنيادا ئىناۋىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان بىر خەلقئارالىق تەشكىلات. نۆۋەتتە بەزى خەلقئارالىق مەسىلىلەر ۋە بەزى دۆلەتلەرنىڭ ئىچىكى مەسىلىلىرىنى بۇ تەشكىلاتسىز ھەل قىلىش مۇمكىن ئەمەس. شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس.

گەرچە شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بىرىۋاتقان ئىرىقىي قىرغىچىلىق مەسىلىسى ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىق مەسىلىسى ھازىرچە ب ت د ت نىڭ كۈندۈلۈك خىزمەت تەرتىپىگە كەلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن نۆۋەتتىكى دۇنيا ۋەزىيىتىنىڭ يۇلۇنۇشىگە قارىغاندا  بۇ مەسىلىلەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە ب ت د نىڭ باش قاتۇرىدىغان مەسىلىسىگە ئايلىنىشى مۇقەررەر.

ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىسىز ھەل بولمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىي قۇرۇلغان كۈنىدىن تارتىپ ب د ت بىلەن مۇناسىۋەت ئورنۇتۇشقا ئىنتايىن ئەھمىيەت بىرىپ كەلدى ۋە كەلمەكتە. ئىمكانىيەتنىڭ بارچە ب د ت نىڭ تۈرلۈك يىغىنلىرىغا قاتنىشىپ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلمەكتە. ب د ت دا چاقىرىلغان ئىندىجىنېس خەلقلىرىگە دائىر يىغىنلارغىمۇ قاتنىشىش مۇشۇ جۇملىدىن بولىۋاتقان بىر پائالىيەتدۇر.  د ئۇ ق  ب د ت دىكى بۇ مۇنبەردىن پايدىلىنپ شەرقى تۈركىستان مەسىلىسىنى تەقدىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى يەرلىك خەلقلەرنىڭ ئوخشاش بولغان خەلقلەرگە ئاڭلىتىپ كەلمەكتە. د ئۇ ق نىڭ بۇ خىلدىكى خەلقئارالىق يىغىنلارغا قاتنىشىشى قانداقتۇر  د ئۇ ق نىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقللىقىنى قولغا كەلتۇرۇشتىن ئىبارەت باش نىشانىدىن ۋاز كەچكەنلىكى بولماستىن بەلكى بۇ نىشان ئۈچۈن ئاتلانغان بىر قەدەم بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى بۇ يىغىنغا ئىشتىراك قىلىۋاتقان ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ئىندىجىنېس خەلقلىرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مەقسىتى ئۆزلىرىنىڭ ھۈرلىكى ۋە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلىگىلەشنى قولغا كەلتۇرۇشتىن ئىبارەت.

قىسقىسى، ب د ت دىكى ئىندىجىنېس خەلقلىرىغا مۇناسىۋەتلىك يىغىنلارغا قاتنىشىش شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا پايدىسى بار، زىيىنى يوق بىر پائالىيەت.

2021- يىلى دېكابىر

Share
1370 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.