logo

trugen jacn

شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىق ئىنقىلابىنىڭ تارىخىغا ئومۇمىي بىر نەزەر- 1949-1945-يىللىرىدىكى مىللىي ئارمىيە

غالىپ ئىلى

19451949يىللىرىدىكى مىللىي ئارمىيە

    ئۈچ فرونت بۇيىچە مۇستەقىللىق ئۇرۇشى غەلبىلىك ئاياقلاشقاندىن كېيىن مىللىي ئارمىيە باش شىتابى مىللىي ئارمىيەنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلمىسىنى قايتىدىن رەتلەپ چىقىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مىللىي ئارمىيەنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلمىسى تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ :

مىللىي ئارمىيەنىڭ تەشكىلىي تۈزۈلمىسى

( 1945-  يىلى سېنتەبىر )

مىللىي ئارمىيە باش شتابى

ئالىي باش كوماندان :  ئېلىخان تۆرە

باش قوماندان :  گېنېرال لېيتېنانت ئىۋان ياكوۋلىۋىچ پالىنوۋ

مۇئاۋىن باش قوماندان :  پولكوۋنىك زۇنۇن تېيىپوۋ

كومىسسار ( سىياسىي مۇ ئاۋىن قوماندان )  : پولكوۋنىك ئابدۇرېھىمجان ھەسەنوۋ

شتاب ناچالنىكى ( باشلىقى ) :  گېنېرال مايور ۋارشانوۋ مىخايلوۋىچ ماژاروۋ

ئارقا سەپ تەمىنات بۆلۈم مۇدىرىپولكوۋنىك پەخرىدىن رەسۇلوۋ

سىياسىي بۆلۈم مۇدىرى :  پودپولكوۋنىك ئابدۇكېرىم ئابباسوۋ

ھەربىي سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى :  پولكوۋنىك غېنى مەمەتباقى

ھەربىي تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى :  ئابدۇغۇپۇر سابىر ھاجى

مىللىي-  دىنىي ئىشلار مەسئۇلىپولكوۋنىك رازىېيوۋ داموللا

سەھىيە باشقارمىسىنىڭ باشلىقى :  نىغمەت ئىنئامجانوۋ

 

مىللىي ئارمىيەنىڭ قوراللىق قىسىملىرى

پولكلار

سۈيدۈڭ ئاتقۇچى1- پولكى

كوماندىرى :  موگۇنتوۋ ، سىياسىي كومىسسارى :  مەرغۇپ ئىسھاقوۋ

غۇلجا ئاتقۇچى 2- پولكى

كوماندىرى :  پىدايوۋ، سىياسىي كومىسسارى :  موللاخۇن

4-  زاپاس پولك

كوماندىرى :  قېيۇمبەگ غۇجا، سىياسىي كومىسسارى :  خېلىلوۋ

تېكەس ئاتلىق1 –  پولكى

كوماندىرى :  ئىسھاقبىك مونونوۋ، سىياسىي كومىسسارى :  مىڭ جىلىقيوۋ

تېكەس ئاتلىق 2- پولكى

كوماندىرى : نۇربايېوۋ، سىياسىي كومىسسارى :  داكايېو

كەڭساي 3-  ئاتلىق پولكى

كوماندىرى :  فادى ئىۋانوۋىچ لىسكىن، سىياسىي كومىسسارى :  مولداغالى

توققۇزتارا ئاتلىق پولكى

كوماندىرى :  نۈسۈپقان كۈنباي، سىياسىي كومىسسارى :  نۇر سادىروۋ

موڭغۇل ئاتلىق مۇستەقىل دىۋىزىيونى

كوماندىرى :  ئېردەنى مېڭىيوۋ

تۇڭگان ئاتلىق مۇستەقىل دىۋىزىيونى

كوماندىرى :  مەنسۇر لومىيوۋ

مىناميوت باتالىيونى

كوماندىرى :  پوخروۋ، سىياسىي كومىسسارى :  ئاتباچىس

بىۋاستە قاراشلىق مۇھاپىزەتچىلەر باتالىيونى

كوماندىرى :  كابىر

ئاتلىق مۇستەقىل دىۋىزىيونى

كوماندىرى :  زاكىر ناسىروۋ

شبە ئاتلىق مۇستەقىل ئىسكادرونى ( روتىسىى )

كوماندىرى :  ناربايانتۇ

 

مىللىي ئارمىيەنىڭ قوراللىق قىسىملىرى

باش شتابقا بىۋاستە قاراشلىق قىسىملار

ئاتلىق دىۋىزىيونى

كوماندىرى:  زاكىر ناسىروۋ

مۇھاپىزەتچىلەر باتاليونى

كوماندىرى :  كابىر

1-  زاپاس پولك

كوماندىرى :  گېلوبىخ، سىياسىي كومىسارى :  مەخمۇتجان يۈسۈپوۋ

2-  زاپاس پولك

مىجىتوۋ

نىلقا ئاتلىق پولكى

كوماندىرى :  نازاروۋ

                                                          ئوتتۇرا فرونت شىتابى

باش قوماندانى :  ئىۋان ياكوۋلىۋىچ پالىنوۋ ( قوشۇمچە )، سىياسىي  كومىسسارى :  تۇرسۇن داۋۇتوۋ

ئاتقۇچى 1-  بىرگادا

كوماندارى :  موگۇتنوۋ، سىياسىي كومىسارى :  مەرغۇپ ئىسھاقوۋ

ئاتقۇچى 2- بىرگادا

كوماندىرى :  پىدايوۋ، سىياسىي كومىسارى :  مەمەتئىمىن موللاخۇن

مۇستەقىل مىناميوت باتالىيونى

كوماندىرى :  پوخروۋ، سىياسىي كومىسارى :  ئاتباچىس

ئاتلىق مۇستەقىل بىرگادىسى

كوماندىرى :   فادى ئىۋانوۋىچ لېسكىن، سىياسىي كومىسسارى :  موداغالى

كەڭساي 3-  ئاتلىق پولكى

كوماندىرى :  دېنسوۋ

دۆربىلجىن ئاتلىق 4- پولكى

كوماندىرى :  ئايتقان موبائايوۋ

موڭغۇل ئاتلىق 8-  پولكى

ئېردەنى مېڭىيوۋ، سىياسىي كومىسسارى :  توختى ئىمىنوۋ

تۇڭگان ئاتلىق10 – پولكى

كوماندىرى :   مەنسۇر لومىيوۋ

غۇلجا ئاتقۇچى 4-  پولكى

كوماندىرى :  قېيۇمبەگ غۇجا، سىياسىي كومىسسارى :  خېلىلوۋ

ئالاقە روتىسى

دۆربىلجىن ئامانلىق ساقلاش روتىسى

توققۇزتارا ئاتلىق 5-  پولكى

كوماندىرى : يۈسۈپقان كونباي، سىياسىي كومىسارى :  نۇرسادىروۋ

چۆچەك ئاتلىق 6-  پولكى

مەخمۇتجان يۈسۈپوۋ، سىياسىي كومىسارى :  ئابدۇللا  جۈمە

ئاتلىق 7- پولكى

كوماندىرى : قازىقان مانامايوۋ، سىياسىي كومسارى : سارسىنبېك ئەبىشوۋ

ئاتلىق 13-  پولكى

كوماندىرى :  ئىۋان ئىۋانوۋىچ ئىۋانوۋ، سىياسىي كومىسسارى :  فاتىخ موسىلىموۋ

 

جەنۇبىي فرونت شتابى

قوماندانى :  ئىسھاقبېك مونونوۋ

ئاتلىق 1-  بىرگادىسى

كوماندىرى :  ئىسھاقبېك مونونوۋ، سىياسىي كومىسارى :  مىڭ جىلىقيوۋ

ئاتلىق 1-  پولكى

كوماندىرى :  مەمەتئىمىن مەۋلەنوۋ، سىياسىي كومىسارى :  ئۆمەر زاكىروۋ

ئاتلىق 2-  پولكى

كوماندىرى :  بايچۇرىن رەفىق

ئاتلىق 12-  پولكى

كوماندىرى :  سىدىقھاجى

ئاتلىق 2-  بىرگادىسى

كوماندىرى :  نۇربايېوۋ، سىياسىي كومىسسارى :  ئابدۇرېھىمجان ھەسەنوۋ

نېكىدىن پارتىزانلار ئەترىتى

كوماندىرى :  نېكىدىن

ئالتاي ئاتلىق مۇستەقىل پولكى

كوماندىرى : بەدەلقان سۇگۇربايوۋ، سىياسىي كومىسسارى :  مەخمۇتجان سىنبايېۋ

ئالتاي پارتىزانلار ئەترىتى

( مىللىي ئارمىيەنىڭ جەمئىي ئەسكىرىي كۈچى 40000  ئارتۇق ئادەم )

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمەت ھەيئىتى 114-نومۇرلۇق قارارىغا ئاساسەن مىللىي ئارمىيەدە مارشال ھەربىي ئۇنۋانى ۋە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ ئالىي ھەربىي كومىتېتى تەسىس قىلىنىدۇ.

شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئالىي ھەربىي كومىتېتى

( 1945-يىلى 22-ئۆكتەبىر )

ئەزالىرى

مارشال ئېلىخان تۆرە (رەئىس)

گېنېرال لېيتېنانت ئىۋان ياكوۋلىۋىچ پالىنوۋ

گېنېرال لېيتېنانت ئىسھاقبىك مۇنونوۋ

پولكوۋنىك ئەخمەتجان قاسىمى

پودپولكوۋنىك كىرىم ھاجى

( ھەربىي كومىتېت ھەربىي ئىشلارغا بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە )

 

مىللىي ئارمىيەنىڭ تەشكىلىي تۈزۈلمىسى

(ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەت مەزگىلى)

مىللىي ئارمىيە باش شتابى

( 1946- يىلى ئىيۇل )

باش قوماندان : باش قوماندان :  گېنېرال لېيتېنانت ئىسھاقبېك مونونوۋ

مۇئاۋىن باش قوماندان :  گېنېرال مايور دەللىقان سۇگۇربايىۋ

مۇئاۋىن باش قوماندان :  گېنېرال مايور زۇنۇن تېيىپوۋ

سىياسىي كومىسسارى ( سىياسىي مۇئاۋىن باش قوماندانى )  :  پولكونىك ئابدۇرېھىمجان ھەسەنوۋ

شتاب ناچالنىكى :  گېنېرال مايور ۋارشانوۋ مىخايلوۋىچ ماژاروۋ

مۇئاۋىن شتاب ناچالنىكى  :  پودپولكوۋنىك مەمتىمىن ئىمىنوۋ

ئارقا سەپ تەمىنات بۆلۈمنىڭ مۇدىرىپولكوۋنىك پەخرىدىن رەسۇلوۋ

ئارقا سەپ تەمىنات بۆلۈمنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى :  سىدىق جامالىدىن

سىياسىي بۆلۈمنىڭ  مۇدىرى :  توختى ئىبراھىم

سىياسىي بۆلۈمنىڭ مۇئاۋىن  مۇدىرى :  پولكوۋنىك رازىيوۋ  داموللا

ھەربىي سوت مەھكىمىسىنىڭ  باشلىقى :  پولكوۋنىك غېنى مەمەتباقى

ھەربىي تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ  باش تەپتىشى :  ئابدۇغۇپۇر سابىر ھاجى

 

مىللىي ئارمىيەنىڭ قوراللىق قىسىملىرى

شىخو ئاتقۇچى 1- پولكى

كوماندىرى :  مەرغۇپ ئىسھاقوۋ،  سىياسىي  كومىسسارى :  ئالىم ئېتۋالوۋ

غۇلجا ئاتقۇچى 2- پولكى

كوماندىرى :  قېيۇمبەگ غوجا، سىياسىي كومىسسارى :  قېيۇم سابىر ھاجى

چۆچەك 3-  ئاتقۇچى پولكى

كوماندىرى :  ئابلاخان مەخمۇتوۋ، سىياسىي كومىسسارى :  بالقاش ئالىم غازى

تېكەس 1-  ئاتلىق پولكى

كوماندىرى :  سوپاخۇن سوپىروۋ، سىياسىي كومىسسارى :  ئەنەيتۇللا  قوربانوۋ

قوبۇقسار 2- ئاتلىق پولكى

كوماندىرى :  نۈسۈپقان كۈنباي، سىياسىي كومىسسارى :  جاغدا بابالىكوۋ

ئالتاي 3- ئاتلىق پولكى

كوماندىرى :  بەدەلقان سۇگۇربايوۋ، سىياسىي كومىسسارى :  يۈسۈپجان ياسىنوۋ

زەمبىرەكچىلەر مۇستەقىل دىۋىزىيونى ( غۇلجا بايانداي )

كوماندىرى :  ئەسئەت تېيىپوۋ، سىياسىي كومىسسارى :  نۇرسايوۋ

مىللىي ئارمىيە ئوفىتسېرلار مەكتىپى ( غۇلجا بايانداي )

مۇدىرى :  پوخروۋ، سىياسىي كومىسسارى :  نۇر سادىروۋ

( جەمئىي ئەسكىرىي كۈچى 13500 ئادەم )

1947-يىلى 15-31-ئۆكتەبىر ئارىلىقىدا دەللىقان سۇگۇربايوۋ سوۋېت ئىتتىپاقى قىزىل ئارمىيە ئوفىتسېرلىرى ئويىستروۋ ۋە مىخايىلوۋ قاتارلىقلارنىڭ ياردىمى بىلەن  جۇڭخۈا مىنگو دۆلىتىنىڭ دىخۇادىكى مۈلكىي- ھەربىي دائىرلىرىنىڭ ئىقتىسادىي- ھەربىي ياردىمىگە ئېرىشىپ، 1947-يىلى 16-سېنتەبىر قوراللىق توپىلاڭ كۆتۈرۈپ ئالتاي ۋىلايىتىنى بېسىپ ياتقان ئوسمان ئىسلام قوشۇنىغا قارىتا ئۈچ يۆنىلىش بويىچە قايتۇرما ھۇجۇمغا  ئۆتىدۇ. بىرىنچى يۆلىنىشتە فادى ئىۋانوۋىچ لېسكىن قوماندانلىقىدىكى 800 نەچچە كىشلىك موتورلاشقان باتاليون بۇرجىن ناھىيە بازىرىغا ھۇجۇم قىلىدۇ، ئىككىنچى يۆلىنىشتە دەللىقان سۇگۇربايوۋ قوماندانلىقىدىكى ئالتاي ئاتلىق 3-پولكى ئېرىتىش دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىمىدىكى جايلارغا قاراپ يۈرۈش قىلىدۇ، ئۈچىنچى يۆلىنىشتە خەمىت ئەلىيوۋ قوماندانلىقىدىكى تارباغاتاي ئاتلىق پولكى بۇرۇلتوقاي ناھىيە بازىرىغا يۈرۇش قىلىدۇ. 17-ئۆكتەبر بۇرجىن ناھىيە بازىرى بىر يولىلا قايتۇرۇۋېلىنىدۇ. سارسۇمبە، بۇرۇلتوقاي ئىككى ناھىيە بازىرىنى  ساقلاۋاتقان ئوسمان ئىسلام قوشۇنلىرى بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، ناھىيە بازارلىرىنى تاشلاپ قاچىدۇ. 18-ئۆكتەبر دەللىقان سۇگۇربايوۋ قىسىملىرى سارسۇمبە ناھىيە بازىرىنى ئىشغال قىلىدۇ. ئۆكتەبرنىڭ ئاخىرىدا مىللىي ئارمىيە ئەسكىرىي كۈچنى توپلاپ كۆكتوقاي ۋە چىڭگىل ناھىيە بازاللىرىنى ئىشغال قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئوسمان ئىسلام قالدۇق قىسىملىرىنى باشلاپ بەيتىككە قاراپ قاچىدۇ.

1947-يىلى 16-نويابىر باش قوماندان گېنېرال ئىسھاقبېك مونونوۋ شىخودا ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق شتابىنى قورغاندىن كېيىن ساۋەن ئاتلىق پولكىنىڭ ئىككى باتاليونى ۋە غۇلجا ئاتقۇچى 2-پولكىنىڭ بىر باتاليون قىسمىغا  جۇڭخۈا مىنگو دۆلىتىنىڭ دىخۇادىكى مۈلكىي – ھەربىي دائىرلىرىنىڭ ئىقتىسادىي- ھەربىي ياردىمىگە ئېرىشىپ، 1947-يىلى 6-سېنتەبىر توپىلاڭ كۆتەرگەن ساۋەن  ناھىيىسىنىڭ ھاكىمى قالىبېك ۋە ساۋەن ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسىىڭ باشلىقى تاكىماننىڭ 2 مىڭغا يېقىن قوراللىق قوشۇنىغا  ھۇجۇم قىلىش بۇيرۇقى چۈشۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن  مىللىي ئارمىيە قىسىملىرى 20 نەچچە كۈنلۈك كەسكىن جەڭلەر قىلىش ئارقىلىق  توپىلاڭچى  قالىبېك ۋە تاكىماننىڭ توپىلاڭچى قىسملىرىنى تارمار قىلىدۇ.  قالىبېك ۋە تاكىمان قالدۇق قوشۇنلىرىنى باشلاپ ماناس دەرياسىدىن ئۆتۈپ، تاجاۋۇزچى جۇڭخۈا مىنگو دۆلىتى ھۆكۈمرانلىقىدىكى رايونغا قېچىپ كېتىدۇ. ئوسمان ئىسلام  ۋە قالىبېك توپىلىڭى باستۇرۇلغاندىن كېيىن مىللىي ئارمىيە قوشۇنلىرى قوبۇقسار ناھىيىسىنىڭ كونا تورغۇت  موڭغۇللىرى شىمالىي قەبىلىسىنىڭ ئايال چىڭۋاڭى چۆجاپنىڭ توپىلىڭنى تارمار قىلىدۇ.

ئازاد ئۈچ ۋىلايەتنىڭ خەۋپسىزلىكىنى كۈچەيىتىش ئۈچۈن مىللىي ئارمىيە باش شتابى مىللىي ئارمىيەنىڭ بىر قىسىم پولك – دىۋىزىيونلىرىنى ماناس دەرياسى فرونتىغا يۈتكەپ، ئالدىنقى سەپنى كۈچەيتىدۇ.

1947-يىلى 12-دېكابىر مىللىي ئارمىيە شتابى 319-نومۇرلۇق بۇيرۇق ئېلان قىلىپ، مىللىي ئارمىيىنىڭ مۇئاۋىن باش قوماندانى ۋە باش شتاب ناچالنىكىنى ئارمىيە دەرىجىلىك بولۇش؛ باش قوماندانلىق شتابىغا بىۋاستە قاراشلىق ئارقا سەپ تەمىتات بۆلۈمى، ھەربىي سوت مەھكىمىسى، ھەربىي تەپتىش مەھكىمىسى، سەھىيە باشقارمىسى زەمبىرەكچى قىسىملار باشقارمىسى، قاتارلىق بەش تارماق ئورگان دىۋىزىيە دەرىجىلىك ئورۇن بولۇش؛ سىياسىي بۆلۈم، مۇھاپىزەت باشقارمىسى، رازۋېتكا باشقارمىسى، ھەربىي ئىشلار باشقارمىسى، مالىيە باشقارمىسى، مەمۇرىيەت باشقارمىسى، قۇرۇلۇش باشقارمىسى، ھەربىي مەكتەپ،زەمبىرەكچى قىسىملار مەكتىپى، ئاۋىئاتسىيە پونكىتى، ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئوفىتسېرلارنى باشقۇرۇش باش باشقارمىسى، غۇلجا گارنىزونى قاتارلىق 12 تارماق ئورگان باش قوماندانلىق شتابىغا بىۋاستە قاراشلىق پولك دەرىجىلىك ئورۇن بولۇشنى قارار قىلىدۇ. 

1948-يىلى مىللىي ئارمىيەنىڭ تۈزۈلمىسى تۆۋەندىكىدەك ئىدى :         

مىللىي ئارمىيە نىڭ تەشكىلىي قۇرۇلمىسى

( 1948– يىلى نويابر )

مىللىي ئارمىيە باش شتابى

باش قوماندان : باش قوماندان :  گېنېرال لېيتېنانت ئىسھاقبېك مۇنونوۋ

مۇئاۋىن باش قوماندان :  گېنېرال مايور دەللىقان سۇگۇربايىۋ

مۇئاۋىن باش قوماندان : گېنېرال مايور زۇنۇن تېيىپوۋ

سىياسىي كومىسسارى :  پولكونىك ئابدۇرېھىمجان ھەسەنوۋ

شتاب ناچالنىكى :  گېنېرال مايور ۋارشانوۋ مىخايلوۋىچ ماژاروۋ

مۇئاۋىن شتاب ناچالنىكى :  پولكوۋنىك مەمتىمىن ئىمىنوۋ

ئارقا سەپ تەمىنات بۆلۈمنىڭ مۇدىرىپولكوۋنىك پەخرىدىن رەسۇلوۋ

ئارقا سەپ تەمىنات بۆلۈمنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى :  سىدىق جامالىدىن

سىياسىي بۆلۈمنىڭ  مۇدىرى :  زاھىر ساۋدانوۋ

سىياسىي بۆلۈمنىڭ مۇئاۋىن  مۇدىرى :  پولكوۋنىك رازىيېۋ داموللا

ھەربىي سوت مەھكىمىسىنىڭ  باشلىقى :  پولكوۋنىك غېنى مەمەتباقى

ھەربىي تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ  باش تەپتىشى :  ئابدۇغۇپۇر سابىر ھاجى

مىللىي ئارمىيەنىڭ قوراللىق قىسىملىرى

باش شتابقا بىۋاستە قاراشلىق قىسىملار

ئالەقە ئېسكادرونى

غۇلجا شەھەر كومېندانتى ( ئامانلىق ساقلاش ئېسكادرونى )

رازۋېت بۆلۈمى

ئارقا سەپ بۆلۈمى

قۇرۇلۇش بۆلۈمى

شتراپ روتىسى

ماتورلۇق روتىسى

مەركىزىي گوسپىتال ( ھەربىي دوختورخانا )

گوسپىتال باشلىقى :  ناسىمجان ئەخمەت

ئوپېراتىۋ باتالىيونى

كوماندىرى :   ۋالىنوۋ

ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش ( جازالاش ) روتىسى

شەھەر كومېندانتى (ئامانلىق ساقلاش گارنىزونى )

ھەربىي مەكتەپ

مۇدىرى :  ئابدۇرېشىت تۇردىيوۋ

شوتا ئاتلىق ئېسكادرونى

غۇلجا زاپاس پولكى

كوماندىرى :  ئابدۇرېھىم سامساق، سىياسىي كومىسسارى :  نۇر سادىروۋ

تېكەس 1-  ئاتلىق پولكى

كوماندىرى : سوپاخۇن سوپىروۋ، كومىسارى كومىسسارى :  ئەنەيتۇللا  قوربانوۋ

  ئوتتۇرا فرونت شتابى

باش قوماندانى :  فادى ئىۋانوۋىچ لېسكىن

شىخو ئاتقۇچى 1- پولكى

كوماندىرى :  مەرغۇپ ئىسھاقوۋ،  سىياسىي  كومىسسارى :  ئالىم ئايتۇۋاروۋ

غۇلجا ئاتقۇچى 2- پولكى

كوماندىرى : كوماندىرى :  ئايتقان موبائايوۋ ، سىياسىي كومىسارى :  مەمەتئىمىن مەۋلەنوۋ

ساۋەن ئاتلىق پولكى

كوماندىرى : مەمتىمىن ئىمىنوۋ ( قوشۇمچە )، سىياسىي كومىسسارى :  ئابلىز راخمانوۋ

زەمبىرەكچىلەر دىۋىزىيونى

كوماندىرى :  ئەسئەت تېيىپوۋ، سىياسىي كومىسسارى :  نۇشايېۋ

موڭغۇل ئاتلىق مۇستەقىل باتاليونى

باتالىيون كوماندىرى :  ئېردەنى مېڭىيوۋ، سىياسىي كومىسسارى :  توختى ئىمىنوۋ

موتسىكلىت روتىسى

رېمونت زاۋۇتى

شىخو گوسپىتالى ( ھەربىي دوختورخانا )

گوسپىتال باشلىقى :  رېھات ھابول

 

شىمالىي فرونت شتابى

باش قوماندانى :  دەللىقان سۇگۇربايىۋ ( قوشۇمچە )

قوبۇقسار 2-  ئاتلىق پولكى

كوماندىرى : مەخمەتجان يۈسۈپوۋ، سىياسىي كومىسسارى : بالقاش ئالىم غازى

ئالتاي ئاتلىق 3- پولكى

كوماندىرى : بەدەلقان سۇگۇربايوۋ، سىياسىي كومىسسارى :  ھاكىم ئۇرايىمبايېۋ

چۆچەك ئاتلىق 4- پولكى

چۆچەك كومېندانت ئېسكادرونى

ئالتاي ئاتلىق 6- روتىسى

ئالتاي گوسپىتالى

گوسپىتال باشلىقى :  ئەخەت

 

مىللىي ئارمىيە نىڭ قىلغان جەڭلىرى

( 1944 – 1949 )

ئومۇمىي جەڭ سانى تەخمىنەن ئەللىك قېتىم

كۈلمى چوڭراق جەڭ يىگىرمە بەش قېتىم

كۈلمى چوڭ جەڭلەر

ئىلى ۋىلايىتى

نىلقا جېڭى، غۇلجا جېڭى، قورغاس جېڭى،

سۇيدۇڭ جېڭى، كۈرە جېڭى،  ھەرەمباغ جېڭى ،ئارىشاڭ جېڭى، بور جېڭى تالا جېڭى

مەركىزىي ( ئوتتۇرا ) فرونت

شىخوئوپېراتسىيىسى

جىڭ ئوپېراتسىيىسى

                                                                  شىمالىي فرونت

دۆربىلجىن جېڭى، قوبوقسار جېڭى، سارسۇمبە جېڭى

جەنۇبىي فرونت

باي جېڭى، قورغان جېڭى، ئاقسۇ كونا شەھەر جېڭى

تاشقۇرغان، يېڭسار، قاغلىق ۋە پوسكام جەڭلىرى

بىتىم بۇزۇلغاندىن كېيىن مىللىي ئارمىيە بىتىمدىن كېيىنكى قىسقارتىلغان ھالەتتىن بورۇنقى ئەسلىي ھالىتىگە كىلىپ، تېخىمۇ جەڭگىۋارلىشىپ، جۇڭخۋا مىنگو دۆلەت ئارمىيسىنىڭ مۇستەقىل ئۈچ ۋىلايەتكە  ھۇجۇم قىلىشىدىن موداپىئەلىنىپ جىددىي ھالەتتە تۇرىدۇ.

1949-يىلى مىللىي ئارمىيەنىڭ ھەربىي قورال- ياراقلىرى ۋە ھەربىي ترانسپورتى تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ :

 

                              مىللىي ئارمىيەنىڭ ھەربىي قورال- ياراقلىرى ۋە ھەربىي ترانسپورتى

( 1949 -يىلى ئاۋغۇست )

ھەربىي قورال –  ياراقلىرى :  184 تاپانچا،  9088  ھەر خىل  مىلتىق ، 405  پىلىموت، 68 ماكسىم ( ھەر بىر مىلتىققا 180 پاي ئوق، ھەر بىر پىلىموتقا 1500 پاي ئوق، ھەر بىر ماكىسغا  3000  پاي ئوق سەپلەكلىك ) 66 مىناميوت، 12 زەمبىرەك،7 زېنىت توپ، 55 گراناتوميوت، 1448 دىن ئارتۇق گرانات، 6 بومباردىمانچى، 8  كۈرەشچى ئايروپىلان،2 يېنىك تانكا، 1 برونېۋىك. 5222  ھەربىي ئات. ھەربىي ترانسپورتى : 30  ئاپتوموبىل، 521  ترانسپورت ئېتى،311  ھەربىي ئات ھارۋا.

 

1949-يىلى مىلىي ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 5 يىلىقىدا بۇ ئارمىيە 4 گىنېرال بىلەن بىرگە 1274 نەپەر ھەر دەرىجىلىك ئوفىتسېرلىرى بار بولغان، زامانىۋى ھەربىي قوراللار بىلەن قوراللانغان 15 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكىرىي كۈچكە ئىگە جەڭگىۋار بىر قوشۇن بولۇپ شەكىللىنىدۇ.

Share
1855 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.