logo

trugen jacn

شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىق ئىنقىلابىنىڭ تارىخىغا ئومۇمىي بىر نەزەر – تاشقۇرغاندىكى قورالىق كۈرەش

 

غالىپ ئىلى

1945-يىلى 14-فېۋرال جەنۇبىي شەرقىي تۈركىستاندا جەنۇبىي شەرقىي تۈركىستان قوراللىق قوزغىلىڭغا تەييارلىق قىلىش يىتەكچى يادرو گۇرۇپپىسىنىڭ يىغىنى چاقىرىلىپ،  قوراللىق قوزغىلاڭغا تەييارلىق قىلىشقا دائىر ئىشلار مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

1945-يىلى ئاۋغۇستنىڭ باشلىرى مىللىي ئارمىيە باش قوماندانلىق شتابى جەنۇبىي شەرقىي تۈركىستاندىكى تاشقورغان ئىنقىلابىنى قوللاش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن قۇربانوۋ باشچىلىقىدىكى 300 نەچچە كىشلىك قوراللىق كۈچنى ئىلىدىن سوۋېت ئىتتىپاقى چېگرىسى ئارقىلىق تاشقورغانغا ئەۋەتىدۇ. شۇ يىلى 22-ئاۋغۇست مىللىي ئارمىيە پارتىزانلار ئەترىتى ۋە 200 دىن ئارتۇق تاجىك ۋە قىرغىز ياشلىرىدىن تەشكىللەنگەن پارتىزانلار ئەترىتى بىرلىكتە تاشقورغان ناھىيىسىگە ھۇجۇم باشلاپ، تېزلىك بىلەن بۇلۇڭكۆلى، سۇ بېشى ۋە تاغارما قاتارلىق جايلارنى ئىگەللىگەندىن كېيىن شىددەتلىك جەڭ ئارقىلىق تاشقورغاننى بازىرىنى ئىشغال قىلىدۇ. 27-ئاۋغۇست بۇ ئىككى پارتىزانلار ئەترىتى تاشقورغاندا ئاممىۋى يىغىن چاقىرىپ ئىنقىلابى ھۆكۈمەت تاشقورغان ۋالى مەھكىمىسنىڭ قورۇلغانلىقىنى جاكارلايدۇ. ھەمدە كارۋانشاھبەگ مەمۇرىي ھۆكۈمەت باشلىقى بولۇپ سايلىنىدۇ. يەنە تاغارمىدا  تاشقورغان ئىنقىلابى ئارمىيىسى باش شتابى قورۇلۇپ، غۇلامخان قوماندان بولۇپ تەيىنلىنىدۇ. شۇندىن كېيىن قوراللىق قىسىملار رەتلىنىپ، قەشقەرنى ئاساس قىلغان ئويتاغ لىنىيسى ۋە يەكەننى ئاساس قىلغان قىزىلتاغ لىنىيىسىگە ئايرىلىپ، شۇ دائىرەلەردە ھەربىي ھەرىكەت ئىلىپ بارىدۇ.

ئويتاغ لىنىيسىدىكى ھەربىي قىسىملار جۇڭخۇا مىنگو دۆلەت ئارمىيىسى قوشۇنىنىڭ 1945-يىلى ئوكتەبرنىڭ 20– 27-گىچە بولغان ئۈچ قېتىملىق ھۇجۇمىنى تار- مار قىلىپ زور غەلبىگە ئېرىشدۇ. شۇندىن كېيىن ئەسلىدىكى ئىككى پولكىنى تۆت پولكقا كېڭەيتىدۇ. ئويتاغ لىنىيسىدىكى ھەربىي قىسىملار تاشقورغاندىن ئوپال، تاشمىلىققا قەدەر بولغان جايلارنى ئازاد قىلىدۇ. قىزىلتاغ لىنىيىسىدىكى ھەربىي قىسىملار يېڭسار ناھىيىسنى ئازاد قىلىدۇ. « تىنچلىق سۆھبىتى »  باشلانغاندىن كېيىن ئويتاغ لىنىيسىدىكى ھەربىي قىسىملار ئىككى پولكتىن تەركىپ تاپقان بىر برىگادا قىلىپ رەتلىنىپ، كاماندىرى تاھىربەگ بولدۇ.  قىزىلتاغ لىنىيىسىدىكى ھەربىي قىسىملار ئىككى پولكتىن تەركىپ تاپقان بىر برىگادا قىلىپ رەتلىنىپ، كاماندىرى مادايوۋ ( مۇھەممەت ئايۇپبەگ ) بولىدۇ. شۇندىن  كېيىن تاشقورغان ئىنقىلابى ئارمىيىسى 1946-يىلى2-يانۋار قاغىلىقنى، 4-يانۋار پوسكامنى ئازاد قىلىدۇ.

كېيىنكى ۋاقىتلاردا تاشقورغان ئىنقىلابى ئارمىيىسى سوۋېت ئىتتىپاقى ھەربىي خادىملىرى ۋە قۇربانوۋ  قوراللىق كۈچلىرى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى بىلەن جۇڭخۇا مىنگو ھۆكۈمىتىنىڭ « تىنچلىق سۆھبىتى » ئۆتكۈزۈشى سەۋەبى بىلەن ئىلىغا  قايىتىپ كەتكەن ئەھۋال ئاستىدا يەكەندىكى تولۇق تەييارلىق قىلىپ تۇرغان جۇڭخۇا مىنگو نىڭ ھەربىي قىسىملىرىغا ھۇجۇم باشلاپ قويۇپ، ئوڭۇشسىزلىققا ئۆچراپقانلىقتىن،قوشراپقا چېكىنىشكە مەجبۇر بولىدۇ.

1946-يىلى مارتتا جەنۇبىي شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابى ئارمىيەسى باش قوماندانلىق شتابى جايلاشقان تاغارمىغا سوۋېت ئىتتىپاقى تەرىپىدىن ئەزىزبەگ توختىباقىيوۋ، ئەبەيدۇللا مەخسۇم ۋە قاسىم ئەپەندى قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي، سىياسىي ۋە ھەربىي ئىنژېنېرلار ئەۋەتىلىپ، قىسىملارنى رەتلاش خىزمەتلىرى ئېلىپ بېرىلدۇ.

1946-يىلى 20-مارتتا مىللىي ئارمىيە باش قوماندانلىق شتابىنىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن گېنېرال لېيتېنانت ئىسھاقبېك 400 دىن ئارتۇق كىشلىك بىر قوراللىق قىسىم بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى زىمىنى ئارقىلىق تاشقورغان– تاغارمىغا كېلىپ، تاشقورغان ئىنقىلابى ئارمىيىسىنى رەتلەش خىزمىتىنى باشلاپ،ئەسىلىدىكى قوماندانلىق شتابىنى باشقىدىن تەشكىللەيدۇ.  ئارمىيەدە ھەربىي ئۇنۋان تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، تاشقۇرغان مىللىي ئارمىيىنى مۇنتىزىملاشتۇرۇشقا كېرىشىدۇ. ھەمدە يەكەن ۋە قەشقەرنى ئازاد قىلىشتىن ئىبارەت يېڭى ئۇرۇش پىلانى تۈزەيدۇ.

« 11 ماددىلىق تىنچلىق بىتىمى » ئىمزالىنىشى بىلەن 1946-يىلى 13-ئىيون تاشقورغان ئارمىيىسى باش قوماندانلىق شتابىدا چاقىرىلغان يۇقىرى دەرىجىلىك ئوقىتسېر كوماندىرلار يىغىنىدا گېنېرال لېيتېنانت ئىسھاقبېك شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ « 11 ماددىلىق تىنچلىق بىتىمى » غا ئاساسەن  تاشقورغان ئارمىيىسىنىڭ بارلىق ھەربىي پائالىيەتلىرىنى توختىتىپ، بىر پولك قوشۇننى قالدۇرۇپ، قالغان ئوفىتسېر-جەڭچىلەرنىڭ ئائىلىسىگە قايتۇرۇلىدىغانلىقىنى ھەققىدىكى بويرۇقىنى ئېلان قىلىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ئىنقىلابىنىڭ تەركىبى قىسمى بولغان تاشقۇرغان ئىنقىلابى ھۆكۈمىتى ۋە مىللىي ئارمىيىسى تارقىتىلۋېتىلىدۇ.  تاشقۇرغاندىكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھەربىي موتەخەسىسلىرى، ئوفېتسىرلىرى  دۆلىتىگە قايتىش بىلەن بىرگە يەنە زور بىر قىسىم ھەربىي – قورال ياراقلىرى ۋە ھەربىي  ئۈسكۈنە-ئەشيالىرىنى ئېلىپ چېقىپ كېتىدۇ. كېيىنرەك ئۆلكىلىك سايلام ئۆتكۈزۈلۈش باھانىسى بىلەن بۇ قالدۇرۇلغان بۇ پولكمۇ تارقىتىۋېتىلىدۇ. جۇڭخۋا مىنگونىڭ ھەربىي-ساقچىلىرى تاشقۇرغان ئىنقىلابىنىڭ 12 مىڭدىن ئارتۇق ئوفېتسىر-جەڭچىلىرىنى چامغۇرنىڭ كۆكىنى قىرقىغاندەك قىرىپ تاشلايدۇ. قىسقىسى، تاشقۇرغان ئىنقىلابى ۋە ئۇنىڭ خەلق ھاكىمىيىتى « « 11 ماددىلىق تىنچلىق بىتىمى » نىڭ قۇربانى بولۇپ كېتىدۇ.

Share
1528 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.