logo

trugen jacn

شەرقىي تۈركىستان مىللىي كۈرىشىنىڭ يېڭى يۈزلىنىشى ھەققىدە

 

پىروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت

ۋىدىيو ئىشلىگۈچى ۋە ئاۋاز بەرگۈچى: پەرىزات غەيرەت

شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ دىئاسپورادا ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدا باشلىغانلىقىنى، ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن بەگ، مەمتىمىن بۇغرا ھەزرەت قاتارلىق پىشىۋالارنىڭ پەۋقۇلئاددە ئەجىر ۋە تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە تۈركىيەدە تونۇلۇپ دۇنياغا يۈزلەنگەنلىكىنى، بۈگۈن تۈركىيەدىلا ئەمەس ياۋرۇپا، ئامېرىكا، كانادا، ئاۋسترالىيە، ياپونىيە قاتارلىق قىتئە ۋە دۆلەتلەردە ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى، ناھايىتى كىچىك ۋە تار مۇھىتتا بىلىنىدىغان ھالەتتىن ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپا پارلامېنتىدا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ۋە دۇنيا مەتبۇئاتىدا سۆز تېمىسى بولۇپ كۈنتەرتىپكە كېلىدىغان بىر ھالەتكە كەلگەنلىكىنى، كۈندىن كۈنگە ئۇلغىيىپ ۋە كېڭىيىپ كۈچلىنىپ كېتىۋاتقانلىقىنى دېمىسەممۇ ھەممىمىز بىلىمىز. دىئاسپورا نۇقتىسىدىن كىچىك ۋە ئاز بولمىغان بۇ ئۇتۇقلارنىڭ قولغا كېلىشىدە نۇرغۇنلىغان پىداكار ئوت يۈرەك يىگىتلەرنىڭ، جان پىدا قەھرىمانلارنىڭ ئەجىر-ئەمگىكى، بولۇپمۇ 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدا شېھىت بولغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قېنى، جازا لاگېرى ۋە تۈرمىلەردە قامىلىپ ياتقان مىليونلىغان بىگۇناھ خەلقىمىزنىڭ سەۋرى بار، ئەلۋەتتە.

لېكىن شۇمۇ بىر ئەمەلىيەتكى، 70 يىلدىن بېرى كۆرسىتىلگەن بۇ تىرىشچانلىقلار، سەرپ قىلىنغان بۇ ئەمگەكلەر شەرقىي تۈركىستاننىڭ سىياسىي مەنزىرىسىدە كۆزگە كۆرۈنەرلىك چوڭ بىر ئۆزگىرىش مەيدانغا كەلتۈرەلمىدى. ئەھۋال كۈندىن كۈنگە ئېغىرلىشىپ خەلقىمىز بۈگۈن مۇنقەرز بولۇش گىردابىغا كېلىپ قالدى. مىليونلىغان قېرىندىشىمىز جازا لاگىرلىرىدا تۇتۇلۇپ تۈرمىلەردە قامىلىپ ياتىدۇ. ھەممىمىز تېڭىرقاش ئىچىدە نېمە قىلىشنى بىلەلمەي گاڭگىراپ تۇرۇۋاتىمىز. پسخولوگىيەمىز چېچىلىپ كەتتى. بۈگۈن نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟ نېمە قىلالايمىز؟ قانداق قىلىمىز؟ دېگەن سوئاللار بىلەن بېشىمىز قېتىۋاتقان بىر مەزگىلدە خىتايدا ئوتتۇرىغا چىققان يېڭى كورونا ۋاباسى پۈتۈن دۇنياغا يامراپ بىزنىلا ئەمەس، ئىنسانلىق ئالەمىنى ۋەھىمىگە سېلىپ قويدى. بۇنىڭدىن كېيىن ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولىدۇ، نېمە بولىدۇ، قانداق بولىدۇ؟ بۇلارنى ھازىردىن تەخمىن قىلىش تەس. مۇتەخەسسىسلەر بۇ ۋابادىن كېيىن دۇنيا سېستىمىسىنىڭ بۇرۇنقىسىغا ئوخشاش بولمايدىغانلىقىنى، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي سىستېمىلاردا، دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەردە، كىشىلەرنىڭ، جەمىئىيەتلەرنىڭ تۇرمۇش ۋە تەپەككۈر شەكلىدە تۈپتىن ئۆزگىرىش بولىدىغانلىقىنى، دۇنياۋىي ۋە رايون خاراكتېرلىق ئىقتىسادىي رىقابەت ۋە ھەربىي توقۇنۇشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى، سىياسىي تۈزۈم ۋە قۇرۇلمىلارنىڭ يېڭىدىن شەكىللىنىدىغانلىقىنى تەخمىن قىلىشماقتا.

شەكىللەنگۈسى بۇ يېڭى دۇنيا سېستىمىسىنىڭ دەۋامىز ئۈچۈن قانداق پۇرسەت، ئىمكان ياكى قىيىنچىلىقلارنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقى ھەققىدە بىر نەرسە دېيىش ئۈچۈن بالدۇر. يەرشارىلىشىش داۋام قىلىپ دۇنياۋى ھەمكارلىق تورلىرىنىڭ كېڭىيىشى، ياكى بولمىسا مىللىي چېگرا ۋە تاملار بىلەن ئايرىلغان ئۇلۇس دۆلەتلەر كۈچلىنىپ مىللەتچى، بېكىنمىچى ۋە ھاكىممۇتلەق تۈزۈملەر ئوتتۇرىغا چىقىشى مۇمكىن. مەيلى قانداقلا بولمىسۇن، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ھەققىدىمۇ يېڭىدىن ئويلىنىشقا، تەپەككۈر قىلىشقا، يېڭى ئەھۋال بويىچە يېڭى ئۇسۇل ۋە يوللارنى ئىزدەپ تېپىشقا توغرا كېلىدۇ. مەن تۈركىيە مىسالىدىن بۇ ھەقتە ئويلىغانلىرىمنى قېرىنداشلىرىم بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن.

1. كەڭ قاناتلىق بىر ئۈست قۇرۇلمىنى ھاسىل قىلىش كېرەك

تۈركىيەدە ھازىر 50 – 60 مىڭ نوپۇزلۇق بىر ئۇيغۇر جەمىئىيىتى مەۋجۇت. شەرقىي تۈركىستانلىق قازاق، قىرغىز ۋە ئۆزبەك قېرىنداشلارنىمۇ كۆزدە تۇتقاندا بۇ نوپۇس 70 – 80 مىڭدىن ئېشىشى مۇمكىن. بىر جەمىئىيەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، دىنىي، مەدەنىي، مائارىپ ۋە سەھىيە قاتارلىق ساھەلەردە ھەر خىل ئېھتىياج ۋە مەسىلىلىرىنىڭ بولۇشى تەبىئىي. بۇ ئېھتىياج ۋە مەسىلىلەرگە ئاساسەن ۋەخپە، جەمىئىيەت ۋە دەرنەكلەرنىڭ قۇرۇلىشىمۇ تەبىئىي. نۆۋەتتىكى ئەھۋالغا قارايدىغان بولساق، نۇرغۇن ۋەخپە ۋە جەمىئىيەتلەر قۇرۇلۇپ بۇلارنىڭ ئۆز ئالدىغا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز. بۇ پائالىيەتلەر نامايىش ئۆتكۈزۈش، ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش ياردەم پۇلى بېرىش، چوڭ ۋە كىچىك دائىرىدە يىغىن ئېچىش، لېكسىيە سۆزلەش، ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى تەرتىپلەش، ئىنتېرنېت تېلېۋىزىيەسى قۇرۇش، ژورنال چىقىرىش، تېلېۋىزىيە پروگراملىرى تەييارلاش، ھۆكۈمەت ۋە پارتىيە مەسئۇللىرى بىلەن ئۇچرىشىش، ئۇلارغا دوكلات سۇنۇش دېگەندەك مەزمۇنلارنى ئۆز ئچىگە ئالىدۇ. بۇلار دەۋا ئۈچۈن كېرەكلىك ۋە پايدىلىق مۇھىم پائالىيەتلەردۇر.

ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، ھازىر نۇرغۇن جەمىئىيەت ۋە تەشكىلاتلار ئارىسىدا ئالاقە ۋە ھەمكارلىشىش روھى ئاجىز ياكى يوق. تۈركىيەدە پۈتۈن جەمىئىيەتلەرگە ۋەكىللىك قىلىدىغان، پۈتۈن شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان كەڭ قاناتلىق بىر ئۈست ئورگان مەۋجۇت ئەمەس. بىر تەشكىلات ئۇيۇشتۇرغان پائالىيەتكە يەنە بىر تەشكىلات ئاۋاز قوشمايدىغان، جەمىئىيەتلەر ھۆكۈمەت ۋە پارتىيە مەسئۇللىرى بىلەن بولىدىغان ئۇچرىشىشلارغا ئايرىم ئايرىم بارىدىغان، ئوخشاش بىر دەۋا، ئوخشاش بىر مەسىلىنى ھەممىسى ئۆز نوقتىنەزىرى ۋە ئىدىئولوگىيىسى بويىچە پەرقلىق چۈشەندۈرىدىغان ئەھۋال مەۋجۇت. بۇنىڭ نەتىجىسىدە دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت مەسئۇللىرى قايسى تەشكىلاتنى ئىلك ئېلىشنى بىلەلمەي قېلىۋاتىدۇ. شۇڭا ھازىرقى ئەڭ مۇھىم مەسىلە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنى بىر قانات ئاستىغا توپلايدىغان بىر ئۈست ئورگاننى ھاسىل قىلىشتۇر. پۈتۈن تەشكىلاتلىرىمىز بۇ ئۈست ئورگاننىڭ بىر تۇتاش پىلانلاپ ئۇيۇشتۇرۇشى ئارقىسىدا ھەرىكەت قىلىشى، ئىچكى ئىشلىرىدا مۇستەقىل، دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردە ئۈست ئورگانغا بويسۇنۇشى كېرەك. ئۈست ئورگاننىڭ رەھبەرلىك ھەيئىتى دېموكراتىيلىك ئۇسۇلدا سايلىنىشى، قەرەللىك ۋەزىپە ئۆتەش تۈزۈمى يولغا قويۇلۇشى، ئوچۇق ئاشىكارە ۋە ھېساپ بېرەلەيدىغان بولۇشى كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن قېرىنداشلارنىڭ شەخسىي ھېس-تۇيغۇلىرىنى، شەخسىي تامالىرىنى، شەخسىي ئاداۋەتلىرىنى، شەخسىي ھېساپلىرىنى ۋە شەخسىي مۇناسىۋەتلىرىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ ۋەتەن ۋە مىللەت ئۈچۈن بىر يەرگە جەم بولۇشى، ئورتاق مەسىلىلەرنى بىر ئارادا مۇزاكىرە قىلىپ مىللەتنىڭ دەردىگە دەرمان تېپىشى، ئورتاق كۈرەش ئىستىراتېگىيىسىنى بېكىتىپ چىقىشى كېرەك.

2. سىياسەت ساھەسىدە يېڭى بىر بۆسۈش ھاسىل قىلىشىمىز كېرەك

بۈگۈنگە قەدەر تۈركىيەدە مىللىي دەۋامىزنى پارتىيىلەر ئۈستىدە تۇتۇشنى شۇئار قىلىپ كەلگەن ئىدۇق. بۇ پوزىتسىيە بىلەن بىر نەتىجە ھاسىل قىلالمىدۇق. نەتىجە بەرمىگەن ئۇسۇل، ۋاستە ۋە پوزىتسىيەلەرنى ئۆزگەرتىپ يېڭى يوللارنى تېپىشىمىز ياكى ئېچىشىمىز كېرەك. قېرىنداشلىرىمىز مىللىي داۋاغا ئىجابىي قارايدىغان پارتىيەلەرگە ئەزا بولۇپ كىرىشى، بىرلا پارتىيە ئەمەس، تۈركىيە سىياسىتىدە تەسىرگە ئىگە باشقا پارتىيىلەرگىمۇ ئەزا بولۇپ كىرىشى، سىياسىي پارتىيىلەرنىڭ ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرىدا ئاكتىپ ۋەزىپە ئېلىشى كېرەك. سايلامدا ئاۋاز تاشلاش ھوقۇقىغا ئىگە قېرىنداشلىرىمىز ئەگەر شەرتلىرى توشسا نامزات بولۇشى، شەرتى توشمىسا ئاۋاز بەرمەكچى بولغان نامزاتلار بىلەن كۆرۈشۈپ بەزى تەلەپلەرنى سۇنۇشى كېرەك. مۇمكىن بولسا، تۈركىيەدە شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئارىسىدىن پارلامېنت ئەزاسى چىقىرىشنىڭ يول ۋە تاكتىكىلىرىنى ئىزدەپ تېپىشىمىز كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ياشلىرىمىزنى سىياسەت بىلىملىرى ساھەسىدە ئوقۇشقا رىغبەتلەندۈرىشىمىز، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىياسىيونلارنىڭ يېتىشىپ چىقىشىغا پۇرسەت ۋە ئىمكان يارىتىپ بېرىشىمىز لازىم.

3. خەلقئارالىق مەھكىمىلەرگە خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھەققىدە ئەرز سۇنۇپ، سوت ئېچىشنى تەلەپ قىلىش كېرەك

خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىغە قاراتقان سىياسىتى خەلقئارادا تەرىپلىنىپ قوبۇل قىلىنغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە كىرىدۇ. ھەممىگە مەلۇم بولغاندەك، 1948-يىل 12-ئاينىڭ 9-كۈنى پارىژدا ئۆتكۈزۈلگەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي يىغىنىدا 26- III) A) نومۇرلۇق قارار بىلەن قوبۇل قىلىنىپ 1951-يىل 1-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن ئېتىبارەن ئىناۋەتكە ئىگە بولغان “ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى توسۇش ۋە جازالاندۇرۇشقا دائىر كېلىشىم” نىڭ 1-ماددىسىدا “كېلىشىمگە قول قويغان دۆلەتلەر مەيلى تېنچلىق، مەيلى ئۇرۇش مەزگىلىدە ئۆتكۈزۈلگەن بولسۇن، توسۇش ۋە جازالاندۇرۇشقا دائىر ۋەدە بەرگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى خەلقئارالىق قانۇن بويىچە جىنايەت دەپ قارايدۇ.” دەپ يېزىلغان بولسا، 2-ماددىسىدا “بۇ كېلىشىم بويىچە، مىللەت، ئېتنىك، ئىرقىي ياكى دىنىي بىر گۇرۇپپىنى قىسمى ياكى پۈتۈنلەي يوقىتىش مەقسىتى بىلەن تۈۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ ھەر بىرى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە كىرىدۇ:
1) گۇرۇپپىغا مەنسۇپ كىشىلەرنى ئۆلتۈرۈش.
2) گۇرۇپپىغا مەنسۇپ كىشىلەرگە جىسمانىي ياكى زېھنىي جەھەتتىن جىددىي زەرەر بېرىش.
3) گۇرۇپپىنىڭ ھەممىسىنى ياكى بىر قىسمىنى جىسمانىي جەھەتتىن يوقىتىش غەرىزى بىلەن تۇرمۇش شارائىتىنى قەستەن ئۆزگەرتىش.
4) گۇرۇپپا ئىچىدە تۇغۇتنى توساش مەقسىتى بىلەن تەدبىر ئېلىش.
5) گۇرۇپپىغا مەنسۇپ بالىلارنى مەجبۇرىي ھالدا باشقا بىر گۇرۇپپىغا يۆتكەش.” دەپ يېزىلغان.

كېلىشىمنىڭ 3- ۋە 4- ماددىلىرىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىش، ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ھەمكارلىشىش، قاتنىشىش ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى تەشەببۇس قىلىش ھەرىكەتلىرىنىڭ جىنايەت ھېساپلىنىدىغانلىقى، جىنايەت سادىر قىلغان مەسئۇل رەھبەر ياكى كادىر ياكى شەخس بولسىمۇ جازالاندۇرىلدىغانلىقى ئېنىق يېزىلغان. شۇڭا ئادۋۇكاتلىرىمىز، قانۇن ساھەسىدە ئوقۇپ يېتىشكەن زىيالىيلىرىمىز بۇ مەسلىنى ئەتراپلىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ خەلقئارالىق سوتلارغا داۋا ئېچىشنى جىددىي ئويلاپ كۆرۈشى كېرەك. تۈركىيە ھاجى بايرام ۋەلى ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى قانۇنشۇناس پىروفېسسور دوكتور ئىلياس دوغان مۇئەللىمنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىق قىلۋاتقانلىقى مەلۇم. مۇئەللىمنى ئىھتىياجلىق بولغان ھەر تۈرلۈك دەلىل-ئىسپات ۋە ھۆججەت بىلەن تەمىنلەش ۋە ئۇنىڭغا ھەمكارلىشىشمۇ تەشكىلاتلىرىمىزنىڭ ۋەزىپىسى.

4. مېدىيا ۋە تەشۋىقاتنى تېخىمۇ كۈچەيتىشىمىز كېرەك

تەشۋىقات ئەڭ كۈچلۈك قۇرالىمىزدۇر. تېلېۋىزور، گېزىت-ژۇرنال ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن پىلانلىق، نىشانلىق ۋە ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشىمىز كېرەك. بۇ يەردە شۇنى ئۇنۇتماسلىقىمىز كېرەككى، توغرىلىق كۈچتۇر. تەشۋىقاتتا ھەقنى، توغرىنى سۆزلەش، ئەمىلىيەتنى مۇبالىغە قىلىۋەتمەسلىك، تېخىمۇ مۇھىمى يالغان ياكى ساختا دەلىل ياكى ماتېرىيال كۆرسەتمەسلىك كېرەك. ئون مەسىلىنىڭ توققۇزىدا ھەقنى سۆزلەپ بىرىسىدە يالغان سۆزلەپ قويساق توغرا بولغان توققۇز مەسىلىمۇ يالغاندەك بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا بۇ نوقتىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ساختا ۋە يالغان مەلۇماتلار جامائەتچىلىكنىڭ، دۆلەت ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭ ھەقلىق داۋامىزغا گۇمان بىلەن قارىشىغا سەۋەپ بولۇپ بولىدۇ.

5. ئاممىۋى دىپلوماتىيىنىڭ كۈچى ۋە رولىدىن پايدىلىنىشىمىز كېرەك

مەيلى تۈركىيە، مەيلى باشقا دۆلەت ۋە رايونلاردا بولسۇن، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى قوللىغان، دەستەك بەرگەن يازغۇچى، شائىر، تەتقىقاتچى، ئالىم، سەنئەتچى، پۇتبولچى، مۇخبىر، تېلېۋىزور – رادىئو پروگرامچىسى، مۇلاھىزىچى، دۆلەت ئورگانلىرى ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلارغا تەشەككۈر ئېيتىش ۋە ئۇلارنى تەقدىرلەش داۋامىزنىڭ داۋامى، ئىزچىللىقى ۋە دىنامىكاسى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. تەشكىلاتلىرىمىز مەخسۇس ھەيئەت تەشكىل قىلىپ ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە زىيارەت پائالىيەتلىرى ئورۇنلاشتۇرۇشى لازىم.

6. جامائەت پىكىرى ۋە بېسىمى ھاسىل قىلىشنى مۇھىم نىشان قىلىشىمىز كېرەك

ھەممىگە مەلۇمكى، بىزنىڭ شەرقىي تۈركىستان داۋاسىدا تاللىغان ۋە تۇتقان يولىمىز ھازىرچە قۇراللىق كۈرەش يولى ئەمەس، دېموكراتىيىلىك تىنچلىق كۈرەش يولىدۇر. ۋەتەن سىرتىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان پائالىيەتلەر شەرقىي تۈركىستان خەلقىغە بىۋاستە ئەمەس، ۋاستىلىق تەسىر كۆرسىتىش خاراكتېرىغا ئىگە. دىياسپورادىكى پائالىيەتلەرنىڭ مەقسىتى كىشىلەرنىڭ ھېسداشلىقى ۋە قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ جامائەت پىكرى ۋە بېسىمى ھاسىل قىلىش، شۇنداقلا بۇ ئارقىلىق دۆلەت ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭ سىياسەت ۋە قارار مېخانىزمىغا تەسىر كۆرسىتىش، ھۆكۈمەتلەرنى مىللىي داۋامىزغا پايدىلىق قارارلارنى ئېلىشقا زولاشتىن ئىبارەت. مەسىلەن تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىسترلىكىنىڭ ئۆتكەن يىلى 2-ئايدا خىتايغا قارشى بەرگەن باياناتى مۇشۇنداق جامائەت پىكرى ۋە بېسىمى بىلەن بولغان. دىياسپورادىكى پائالىيەتلەرنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى نىشانى دۆلەت ۋە ھۆكۈمەتلەر ۋاستىسى ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كۈنتەرتىپىگە ئېلىپ كېلىشتىن ئىبارەت بولۇشى كېرەك.

7. پەرزەنت تەربىيىسىنى ئىستراتېگىيىلىك بىر مەسىلە دەپ بىلىش كېرەك

شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئۇزۇن مۇددەتلىك دەۋادۇر. بۇ داۋانى بىزدىن كېيىن كېلىدىغان يېڭى نەسىللەرگە ساغلام ۋە پۇختا بىر شەكىلدە ئۆتكۈزۈپ بېرىش ئۈچۈن پەرزەنت تەربىيىسىگە، ياش – ئۆسمۈرلەرنى ئوقۇتۇشقا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشىمىز كېرەك. پەرزەنتلەرگە ئانا تىل ئۆگىتىش، ياشلارنى ئوقۇشقا يېتەكلەش، ئوقۇۋاتقانلارغا ياردەم بېرىش ۋە ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەرنى ئىلگىرىلەپ ئوقۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بىر مەسىلە. چۈنكى مىللىي داۋانىڭ كەلگۈسىدىكى تايانچ كۈچلىرى بۇ ياشلاردىن چىقىدۇ. بۇ ياشلار مىللەتنىڭ ۋە مىللىي دەۋانىڭ ئۈمىدى.

ئاخىرىدا دېمەكچىمەنكى، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئۇزۇن مۇددەتلىك، مۇرەككەپ ۋە مۇشەققەتلىك بىر دەۋادۇر. ۋەتىنىمىز ئەتىلا مۇستەقىل بولۇپ كېتىدىغاندەك ئۈمىت ۋە ھاياجان بىلەن كۈرەش قىلىشىمىز، شۇنداقلا ۋەتىنىمىز 50 يىل ياكى 100 يىلدىن كېيىن مۇستەقىل بولىدىغاندەك سەۋر ۋە ئىشەنچ بىلەن يولىمىزنى داۋاملاشتۇرۇشىمىز كېرەك.

2020-يىل 4-ئاينىڭ 1-كۈنى، تۈركىيە ئىزمىر

 

https://www.akademiye.org/ug/?p=156816
Share
3418 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.