logo

trugen jacn

شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ پىداكار يېتەكچىلىرىدىن ھۈسەن ھەسەن ئەپەندى ئالەمدىن ئۆتتى

87c0a2bf-eff8-46a0-b7ec-3c0395545889

ئەركىن تارىم

2014-u1031-erkin.mp3ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ ھارماس – تالماس پىداكار يېتەكچىلىرىدىن ھۈسەن ھەسەن ئەپەندى 10 – ئاينىڭ 31 – كۈنى ئەتىگەن ئاۋستىرالىيەنىڭ سىدنېي شەھىرىدە ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇ، بۈگۈن ئەتىگەن ئاۋسترالىيەنىڭ سىدنېي شەھىرىدە يەرلىككە قويۇلغان.

مۇراسىمغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، مۇئاۋىن رەئىسى ئىلھام ماھمۇت ئەپەندى، مەمتىمىن ئەلا ئەپەندى ۋە ئاۋسترالىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرى، تۈرك ۋە ئەزەربەيجان ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشقان. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى رابىيە قادىر خانىمنىڭ يوليورۇقى بويىچە ھۈسەن ھەسەن ئەپەندىنى يوقلاپ بارغان بولۇپ، ھۈسەن ھەسەن ئەپەندى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى كېلىپ 3 سائەتتىن كېيىن ئالەمدىن ئۆتكەن. بىز ھۈسەن ھەسەن ئەپەندىنىڭ جىنازە نامىزى قىلىنىۋاتقان مەسچىتكە تېلېفون قىلىپ، ئۇنىڭ ئىنىسى بەختىيار ئەپەندى ۋە د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ھۈسەن ھەسەن ئەپەندى چەتئەلگە چىققان كۈندىن بېرى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى ماددىي ۋە مەنىۋىي جەھەتتىن قوللاپ كەلگەن كىشى ئىكەن.

ھۈسەن ھەسەن ئەپەندىنىڭ نامىزىنى چۈشۈرۈشكە داخىل بولغان جامائەت ئەزالىرى
ھۈسەن ھەسەن ئەپەندىنىڭ نامىزىنى چۈشۈرۈشكە داخىل بولغان جامائەت ئەزالىرى

ھۈسەن ھەسەن ئەپەندى 1952 – يىلى 1 – ئاينىڭ 23 – كۈنى غۇلجا دىيارىنىڭ سۇدەرۋازا مەھەللىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ، ئالدى بىلەن ئۆزبەك مەكتىپىدە، كېيىن 7 – ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان. 1974 – يىلى شىنجاڭ ئۈنىۋېرسىتېتىغا كىرىپ، ماتىماتىكا فاكۈلتىتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن غۇلجىغا قايتىپ 7 – ئوتتۇرا مەكتەپتە 10 يىل ماتىماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ خىزمەت قىلغان. ئۇ، 90 – يىللارنىڭ باشلىرىدا ئاۋسترالىيەگە بېرىپ ئولتۇراقلاشقان. ھۈسەن ھەسەن ئەپەندى، ئاۋسترالىيەدە ئىگىلىك تىكلەپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىغا ماددى ۋە مەنىۋىي جەھەتتىن ياردەم بەرگەن. بىر مەزگىل دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىق ۋەزىپىسىنى ۋە ئاۋسترالىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/medeniyet-tarix/sherqiy-turkistan-10312014220703.html

Share
2540 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.