logo

trugen jacn

شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئاپتونومىيە يولىنى تاللىمايدۇ

 

 

ئارتۇچ بۇغرا

شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئاپتونومىيە يولىنى تاللىمايدۇ

 

شەرقىي تۈركىستان خەلقى خىتاي تاجاۋۇزچىلارنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى ئىزچىل تۇردە، مۇستەقىللىقىنى ئەسلىگە كەلتۇرۇش ئۈچۈن قارشىلىق ھەركىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ.
شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۆزنىڭ ۋەتىنىنى بېسىۋالغان خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنى دۇشمەن دەپ تونۇش بىلەن بىرگە، شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقىنى ئەسلىگە كەلتۇرۇش يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىپ كەلمەكتە.
يېقىنقى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولىشىچە، بەزى سىياسىي پائالىيەت قىلىۋاتقان ئاكىتپلار ئارىسىدا «ئاپتونومىيە» تەلەپ قىلىش پىكرى باش كۆتىرىشكە باشلىغانلىقى ئاشكارلاندى.
شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئىزچىل تۈردە مۇستەقىللىقى ئۈچۈن، مېلىنى، جېننى ئاللاھ رىزاسىنى كۆزلەپ تەقدىم قىلىپ مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۇرۇش يولىدا بەدەل بېرىپ كەلمەكتە.
خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىمۇ شەرقىي تۈركىستاننى بېسىۋېلىشتىن بۇرۇن شەرقىي تۈركىستاندا 30يىللىق توختام بىلەن كىرگەن ئىدى.
خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ 7-نوۋەتلىك خەلق قۇرۇلتيىغىچە، ئۆزلىرى تەرپىدىن بېسىۋېلىنغان شەرقىي تۈركىستان، تىبەت، ئىچى موڭغۇلدىكى مىللەتلەرنىڭ ئۆزىگە-ئۆزى خوجا بولىدۇ دىگەن بولسا،7-نوۋەتلىك خەلق قۇرۇلتيىدىن كېيىن خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى تەرپىدىن تۈزۈلگەن ئاساسى قانۇنلاردا بۇ مەزمۇنلار ئېلىپ تاشلاندى.
دىمەك، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ۋەدىسىدە تۇرماي، پۇتىنى شەرقىي تۈركىستانغا تىقىۋالغاندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستاننى خىتاي دۆلىتىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى دەپ ئاتاپ تاجاۋۇزچىلىق ھەركىتىنى داۋام قىلماقتا.
خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ۋەدە بەرگەن ياكى قانۇنىدا بەلگىلەنگەن ئاپتونومىيەنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا مەۋجۇت بولۇپ باقمىغانلىقىنى، ئىسمى بار، جىسمى يوق بۇ ”ئاپتونوم رايون“ نىڭ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ھېچقانداق بىر سىماسىنىڭ قالمىغانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا.
خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى، 1955 – يىلى 10 – ئاينىڭ 1 – كۈنى ئاتالمىش “ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى“ دېگەن بۇ نەرسىنى ئۇيغۇرلارغا زورلاپ تاڭغاندا، بۇ ”ئاپتونوم رايون“ بولسا ھېچ بىر قانۇنىي ئاساسقا تايانمىغان، ئۇنىڭ سىياسى، ئىقتىسادى، قانۇنىي ۋە مەمۇرى شەكلى ئېنىق بېكىتىلمىگەن ئىدى.
قىسقىسى، بۇ ”ئاپتونوم رايون“، ئاپتونومىيىلىك ھوقۇق دائىرىسى بېكىتىلمىگەن بىر ”ئاپتونوم رايون“ دىن ئىبارەت ئىدى. 54 – يىلى بۇ رايوندا ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى ئومۇمىي نوپۇسنىڭ 80 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلغىنى ئۈچۈن، بۇ ئاپتونومىيىلىك مەمۇرى رايوننىڭ نامى ”ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى“ دەپ بېكىتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي سالاھىيىتى، سىياسى، ئىقتىسادى، مەدەنىي جەھەتتىكى ھەق – ھوقۇقلىرى توغرىلىقمۇ ھېچ بىر چۈشەنچە ياكى ئىزاھات بېرىلمىگەن ئىدى. چۈنكى ئەينى چاغدا بۇ ”ئاپتونوم رايون“ نى ئۇيغۇر خەلقىغە زورلاپ تاڭغان خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئۆزىنىڭ ”ئاپتونومىيە“ دېگەن بۇ ئۇقۇمدىن قىلچە خەۋىرى يوق ئىدى.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى“ قۇرۇلۇپ ئارىدىن 30 يىلغا يېقىن ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، يەنى 1984 – يىلىغا كەلگەندە ئاندىن ”جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى“ تۈزۈپ چىقىلدى ۋە بۇ قانۇن شۇ يىلى 5 – ئاينىڭ 31 – كۈنى خىتاينىڭ 6 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىدا ماقۇللىنىپ، 10 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن ئېتىبارەن رەسمىي كۈچكە ئىگە قىلىنغان ئىدى.
ئەپسۇسكى، جەمئىي 67 ماددىدىن تەركىپ تاپقان بۇ قانۇن پەقەت “ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى“ ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى پۈتۈن خىتايدا تەسىس قىلىنغان 155 ئاپتونومىيىلىك ئورۇنغا، يەنى 5 ئاپتونوم رايون، 30 ئاپتونوم ئوبلاست ۋە 120 ئاپتونوم ناھىيىگە قارىتا تۈزۈپ چىقىلغان ئابىستىراكىت ۋە مۈجىمەل بىر قانۇن ئىدى.
گەرچە بۇ قانۇن چىققىلى 20 نەچچە يىل بولغان بولسىمۇ، ئەمما ھازىرغا قەدەر بۇ قانۇندىكى ماددىلارنىڭ ھېچ بىرى ئىجرا قىلىنغىنى يوق.
شەرقىي تۈركىستان خەلقى ھىجرەت قىلغان 60يىللىق مۇھاجىرلىق ھاياتىدا ئىزچىل تۈردە شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۇرۇش يولىدا ئەمەلىي ھەركەت قىلىپ كەلدى.
تىبەت خەلقىمۇ بىزگە ئوخشاش خىتاي تاجاۋۇزچىلارنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا ئۇچرىغان بىر مىللەت. ئۇلارنىڭ دىننىي داھىيىسى دالاي لاما ۋەتەن سىرتىغا چىققاندىن باشلاپ ھىندىستاننى مەركەز قىلغان ھالدا ھازىرغىچە خىتاي تاجاۋۇزچىلاردىن ئاپتونومىيە تەلەپ قىلىپ كەلمەكتە.
خەلقئارانىڭ بېسىمى بىلەن خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى تىبەت سۇرگۇندىكى ھۆكۈمەت خادىملىرى بىلەن نەچچە قېتىم سوھبەت ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئۇلار بىلەن شەكىلىگە كورشۇپ قويۇپ ئۇلارنىڭ تەكلىۋىگە ماقۇلمۇ دەپ قويمىدى.
دىمەك، بىزگە ئوخشىغان مۇستەملىكىدە ياشاۋاتقان تىبەتلەرمۇ خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىدىن ئۆزىنىڭ ئاپتونومىيە ھوقوقىنى 60يىلدىن بۇيان تەلەپ قىلىپ ئالالمايۋاتسا ، بىزلەر يەنە شۇنىڭغا ئوخشىغان ئۇنىڭ تەكلىۋى،بۇنىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن قۇرۇق سوسكىنى ئېمىپ ئاپتونومىيەنى تەلەپ قىلامدۇق؟
بەزى سىياسىي ئاكىتپلار سىياسەتچى بولۇشقا تىگىىشلىك شەرتنى ھازىرلىماي، چولتا تەپەككۇر قىلىدىغان كاللىسى بىلەن ئىلھام توختىنى دەستەك قىلىپ ،ئىلھام توختىنىڭ ئويلىمىغان ئىشىنى بازارغا سېلىپ، ئىلھام توختىنىڭ ئىدىيىسى دەپ«ئاپتونومىيە»ھوقوقىنى سوراپ، شى جىنپىڭنى «ئەپەندىم»دەپ سۇپەتلەپ ئوتتۇرغا چىقىشى شەرقىي تۈركىستان خەلقىغە قىلىنغان ئاھانەت ، خىيانەتتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
ئىلھام توختى بولسا، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ مەركىزىدە ياشاپ ئۇيغۇر زىيالىلىرى قىلىشقا ، سۆزلەشكە تىگىشلىك ھەممىنى قىلالىدى ھەمدە تولەشكە تىگشلىك بەدەلنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ تولىدى. ئىلھام توختىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئېلىنغان قەدەم ياخشى ئەمما ، ئىلھام توختىنىڭ ئىدىيىسى ئاساسىدا تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىش ئىمكانلىرىنى دەستەك قىلىپ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مەنپەتىگە خىلاپ ئىشلارنى، گەپ –سۆزلەردە بولۇش ئاقىلانىلىك ئەمەس.
بىز سىياسىي پائالىيەتچىلەرگە شۇنى ئەسكەرتىپ قويۇشقا مەجبۇرىمىزكى، سىز سىياسىي سەھنىلەردە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بىر پۇتۇن مۇستەقىللىقى، دىننى، سىياسىي، ئىقتىسادى، مائارىپ جەھەتتىكى ئۆز ھوقوقلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغان، ئۇلارنىڭ مەنپەتىنى ئالىي نىشان قىلغان ھالدا پائالىيەت قىلسىڭىز قوللاپ قۇۋەتلەيمىز. ياخشى قىلسىڭىز تون ھەم كەيدۇرىمىز.ئەمما ئۆزەڭلارنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەتىنى دەپ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مەنپەتىگە قارشى ئىش قىلىپ سالسىڭىز شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۇنداقلارنى قانداق جازالاشنى ھەم بىلىدۇ.
غەرپ ئەللىرى ئىلگىرى سۇرگەن «خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنى ئىقتىسادى جەھەتتىن يۇقىرى كۆتىرىلىسە دىمكۇراتىيەگە قەدەم ئالىدۇ»دىگەن نەزىرىيەسىمۇ ئەمەلگە ئاشمىدى.
ئۇلار يەنە ئىلگىرى سۇرۋاتقان يۇكسەك ئاپتونومىيە ھوقوقىنى قولىغا ئالسا، مۇستەملىككە خەلق ئازات بولىدۇ. خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىمۇ دىمكۇراتىيە يولىغا قاراپ ماڭىدۇ دىگەن نەزىرىيەسىمۇ ھەم ئەمەلگە ئاشمايدۇ.
چۈنكى،غەرپ ئەللىرى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرنىڭ سىرتىقى شەكلىنى كورۇپ باھا بېرىۋاتقان بولسا، شەرقىي تۈركىستان خەلقى 67يىلدىن بۇيان خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئىچى-تېشىنى كورۇپ بىلىپ كەلمەكتە.
ئۇنىڭ ئۈچۈن شۇنداق ھەقىقەتنى سەمىمى ئەسكەرتىمىزكى، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىدىن ئاپتونومىيە تەلەپ قىلىش شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ غورۇرىنى دەپسەندە قىلغاندىن باشقا نەرسە ئەمەس.
شەرقىي تۈركىستاندىن ئىبارەت بۇ مۇبارەك زىمىن ئەجداتلىرىمىزدىن سۇتۇق بۇغرانىڭ باشلامچىقىدا ئۆز خەلقى بىرلىكتە ئىسلامنى قوبۇل قىلغان ، پەقەت ياراتقۇچىقىغا قۇلچىلىق قىلىپ، تاجاۋۇزغا ،زۇلۇمغا قارشى ھازىرىغىچە شېھىتلىك بىرىپ كېلىۋاتقان، شېھىتلارنىڭ قانلىرى توكۇلگەن . ئاللا تەرپىدىن نىمممەت قىلغان تۇپرىقىنى ئىمانى، غورۇرى بىلەن قوغداپ كېلىۋاتقان ئەجداتلارنىڭ ئەۋلاتلىرى بۈگۈنگە كەلگەندە «خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنى كۈچلۈك، ئۇلارنىڭ تەرەققىياتى ئىلغار ھازىرچە ئاپتونومىيەنى ئېلىپ تۇرايلى» دەيدىغان سەپسەتە ۋە قۇرۇق سوسكىلارنى ئەممەيدۇ.شۇڭا بەزى سىياسىي پائالىيەتچىلەر ئۇيغۇرنىڭ دوپپسىنى كېيىپ سەھنىگە چىقىپ ، ئۆزىنى ئۇيغۇرنىڭ ۋەكىلى دەپ شەرقىي تۈركىستانلىققا خىيانەت قىلىدىغان سۆز –ھەركەتلەردىن يىراق تۇرۇشىنى ، مەسئولىيەتچان بولىشىنى ياۋروپاچە تەپەككۇر قىلماي، ئۇيغۇرچە تەپەككۇر قىلىپ سىياسىي مەيدانىنى مۇستەھكەملىشىنى سەمىمى ئەسكەرتىمىز.
شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۆزىنىڭ مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۇرۇش يولىدا، ئاللانىڭ ياردىمى بىلەن ئەۋۋال ئىدىيە بىرلىكى ھاسىل قىلىشى « خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ دۇشمەن دەپ تونۇش، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىن قوغلاپ چىقىرىمىز»دىگەن ئىدىيە بىرلىك ئاستىدا سىياسىي، ئىقتىساد،مائارىپ ئەسكەرى قاتارلىق جەھەتلەردە ئورتاق ھەمكارلاشقان شەكىلىدە ئىش بىرلىكى ئېلىپ بېرىپ، ئاللانىڭ ياردىمى بىلەن قىسقا مۇددەتتە شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقى ئىتتپاقلاشقان، بىرلىك ھاسىل قىلغان ھالەتتە مۇستەقىللىقى ئەسلىگە كېلىدۇ.

Share
1649 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.