logo

trugen jacn

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىگە 1944-يىلى كىم رەئىس بولۇشى كېرەك ئىدى؟

 

نەبىجان تۇرسۇن ( تارىخ پەنلىرى دوكتورى)

ئابدۇمۇتائالى كامال خەلپەت(1868-1962) 20-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدا پۈتۈن ئىلى ۋادىسىدا يۈكسەك ئابرۇيغا ئىگە دىنىي ئىلىمگە كامىل ئەرباب شۇنىڭدەك مەرىپەتپەرۋەر، ئىلغار پىكىرلىك تەرەققىيپەرۋەر زات بولۇش سۈپىتى بىلەن كەڭ خەلق ئىچىدە، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار ھەتتا قازاقلار، تۇڭگانلار، ئۆزبېك ۋە تاتارلار ئارىسىدا ھۆرمەتكە سازاۋەر شەخس ئىدى. ئۇنداقتا 1944-يىلى نويابىردا شەرقىي ئىنقىلابى پارتلاپ، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندا بۇ ئىنقىلابتىكى ئاساسلىق تايانچ كۈچ-ئۇيغۇرلار ۋە ئىنقىلاب قاتناشقۇچىلىرى بولغان باشقا مۇسۇلمانلار ئابدۇمۇتائالى خەلپەتنى جۇمھۇرىيەت رەئىسلىكىگە سايلىماي، ئەكسىچە ئىلى دىيارىدا ياشىغانلىقىغا ئانچە ئۇزۇن ۋاقىت بولمىغان، نامى ئابدۇمۇتائالى خەلپەتتەك كەڭ تونۇلمىغان ئەلىخان تۆرە رەئىس بولدى؟ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىگە يەرلىك خەلقلەردىن، يەنى ئۇيغۇرلاردىن بىرەر كىشى رەئىس بولۇش سالاھىيىتىگە ئىگە بولمىدىمۇ؟دېگەندەك سوئاللار مەۋجۇت ئىدى. ھەقىقەتەن، بۇ مەسىلە، يەنى جۇمھۇرىيەتكە كىم رەئىس بولۇشى كېرەك دېگەن مەسىلە ئەينى ۋاقىتتىمۇ ئوتتۇرىغا چىققانىدى.

ھازىرچە نەق ھۆججەت ئاساسى بولمىسىمۇ، ئەمما مەلۇم پاكىتلارغا تايانغاندا ئابدۇمۇتائالى خەلپەت شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى رەئىسى بولۇشنى رەت قىلىپ، ئەلىخان تۆرىنى تەۋسىيە قىلغان. ئەكسىچە ئۇ دىنىي ئىشلار نازىرىلىق ۋەزىپىسىنى قوبۇل قىلغان ئىدى. نۇ ئۇچۇرنى ئابدۇمۇتائالى خەلپەت ئوزى باشقىلارغا سۆزلەپ بەرگەن.

شۇنى ئەسلىتىش مۇمكىنكى ستالىن باشچىلىقىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 1943-يىلى،5-ئايدا، سوۋېت ئىتتىپاقىدىن يۈز ئۆرۈپ، ئۇنىڭ بىلەن دۈشمەنلىشىش يولىغا ماڭغان شېڭ شىسەينى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ۋە شېڭ شىسەيدىن پايدىلىنىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى بارلىق مەنپەئەتلىرىگە زەربە بەرگەن مىللەتچى خىتاي يەنى گومىنداڭچى خىتايغا زەربە بېرىپ ئۆز تەسىرىنى قايتا تىكلەش مەقسىتىدە ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەرنىڭ مىللىي ئازادلىق ھەرىكەتلىرىنى قوللاش ۋە ياردەم بېرىشنى قارار قىلدى. ئەنە شۇ قارار بويىچە ئۇيغۇر دىيارىدا ھەرىكەت باشلىغان سوۋېت ئىتتىپاقى خادىملىرى ۋە كونسۇللىرى ئىلى دىيارىدا ئەۋجى ئېلىۋاتقان خىتايغا قارشى مەخپىي قارشىلىق ھەرىكەتلىرى ۋە خەلقنىڭ غەزەپ نەپرىتىدىن پايدىلىنىش ئۈچۈن ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتنىڭ يۇقىرى ئابرويلۇق كىشىلىرى، دىنىي ۋە ئىلمىي تەسىرى يۇقىرى زاتلار، باي-كارخانىچىلىرى ۋە باشقىلار بىلەن ئالاقە ئورنىتىشقا كىرىشتى. ئەنە شۇ جەرياندا سوۋېت تەرەپنىڭ مەخپىي قوللىشى ئاستىدا 1944‏- يىلىنىڭ بېشىدا ئەلىخان تۆرە قاتارلىق 12 ئادەمدىن « ئازادلىق تەشكىلاتى» قۇرۇلدى. مەزكۇر تەشكىلات ئەزاسى ئابدۇرەئۇپ مەخسۇمنىڭ ئېيتىشىچە، ئۆزىنىڭ بۇ تەشكىلاتقا كىرىشىدە سوۋېت مەخپىي خادىمى، دوختۇر ھاكىمجاپپار يارۇللابەگ ئالاقىچىلىق رول ئوينىدى. ئابدۇرەئۇپ مەخسۇم ۋە باشقا تارىخىي شاھىتلارنىڭ خاتىرىلىشىچە، سوۋېت كونسۇلى ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى ئەڭ ئابرويۇلۇق زات ئابدۇمۇتائالى خەلپەت ۋە ھاكىمبەگ غوجا بىلەنمۇ ئايرىم كۆرۈشۈپ،ئۇلارغا قۇرۇلغۇسى ھۆكۈمەتنىڭ بېشىدا تۇرۇشنى تەۋسىيە قىلغان. بولۇپمۇ مۇتائالى خەلپەتنى رەئىسلىك ئورنىغا ئەڭ مۇۋاپىق دەپ قارىغان بولسا كېرەك. لېكىن بۇ ئىككى كىشىنىڭ ھەممىسى بۇنى رەت قىلدى.
   1944-يىلى، 7-نويابىر كۈنى غۇلجا قوزغىلىڭى پارتلاپ 5 كۈندىن كېيىن، يەنى1944-يىلى، 12-نويابىر كۈنى غۇلجا شەھىرىدىكى جەڭلەر تېخى داۋاملىشىۋاتقاندا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى رەسمىي قۇرۇلغانلىقى جاكارلاندى. «ئۇ قا قى» كۇلۇبىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ مۇراسىمدا ئەلىخان تۆرە جۇمھۇرىيەت رەئىسى، ئابدۇرەئۇپ مەخسۇم ئىبراھىمى ھۆكۈمەت باش كاتىپى بولۇپ سايلاندى ۋە ئۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 16 نەپەر كىشى ھۆكۈمەت ئەزاسى سۈپىتىدە ئېلان قىلىندى. شۇ كۈنكى ھۆكۈمەت ھەيئىتىنىڭ بىرىنچى نۆۋەتلىك يىغىنىدا ھەر قايسى نازارەتلەرنى قۇرۇش ئىشلىرىغا مەسئۇل بولىدىغان كىشىلەرنىڭ ناملىرى بېكىتىلگەن بولۇپ، مۇراسىمغا قاتناشقان ئابدۇمۇتائالى خەلپەت شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى دىنىي ئىشلار نازىرى، يەنى مىنىستىرى ۋە ھۆكۈمەت ئەزاسى دەپ ئېلان قىلىندى. ھاكىمبەگ غوجا مۇئاۋىن رەئىسلىككە بېكىتىلىپ ئېلان قىلىندى.شۇنىڭدەك ئازادلىق تەشكىلاتىنىڭ 12 ئەزاسىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك مىنىستىر دەرجىلىك خىزمەتلەرنى زىممىسىگە ئالدى. ئەلىخان تۆرە، ئابدۇمۇتائالى خەلپەت، ھاكىمبەگ غوجادىن ئىبارەت بۇ ئۈچ ئەرباب ئەمەلىيەتتە شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن مۇسۇلمانلارنى قوزغاشتىكى باشلامچىلىق خاراكتېرىغا ئىگە ئىدى. ئەلىخان تۆرە باشچىلىقىدىكى شەرقىي تۈركىسان ھۆكۈمىتى پۈتۈن ئۇيغۇرلار دىيارىنى، يەنى شەرقىي تۈركىستاننى ئازاد قىلىشتا دۇنيادىكى ئەڭ قۇدرەتلىك دۆئەلتلەرنىڭ بىرى بولغان سوۋېت ئىتتىپاقىغا تايىنىش ۋە ئۇنىڭ بىلەن زىچ ھەمكارلىشىش يولىنى تۇتقان بولۇپ، ئەلىخان تۆرەمنىڭ يېنىدا سوۋېتلىك مەسلىھەتچى مۇھسىن ئابدۇللىن ۋە 2-دومدىكى بىۋاسىتە ستالىن سىياسىيى بىيوروسىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن بېرىيا ئەۋەتكەن گېنېرال مايور يېگناروف قاتارلىقلار تۇرۇپ كۈندىلىك ھەربىي-سىياسوي خىزمەتلەرگە مەسلىھەت بەردى.

ئەلۋەتتە، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى غەنى باتۇر، ئەكبەر باتۇر، فاتىخ باتۇردەك كۆپلىگەن باتۇرلارنىڭ نىلقا ۋە غۇلجىدىكى قەھرىمانلىقلىرى، يول باشلىشى ، مىڭلىغان غۇلجا خەلقىنىڭ قوزغىلىپ كۈرەش قىلىشى بىلەن قۇرۇلغان. ھەرگىزمۇ 12 ئادەم ياكى بۇ تەشكىلاتنىڭ بېشىدىكى بىر ئادەم قۇرۇپ چىققان ھاكىمىيەت ئەمەس، ئۇلار پەقەت تەشكىلىي ئىشلارنى ئېلىپ باردى ۋە ھاكىمىيەت قۇرۇلغاندىن كېيىن ئۇنى ئىدارە قىلغۇچىلار بولدى. شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىگە ئەسلىدە ئەينى ۋاقىتتىكى پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان ئاھالىسىنىڭ 80پىرسەنتكە يېقىن قىسمىنى تەشكىل قىلىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەكىللىرى باش بولۇشى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولۇپ، سوۋېت تەرەپنىڭ ئابدۇمۇتائالى خەلپەتنى ئويلىشىشى ھەم شۇ نۇقتىدىن چىقىش قىلىنغان، ئەلۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ قان قېرىنداشلىرى بولغان ئۆزبېكلەرنىڭ ئۇ ۋاقىتتىكى ئىلى ۋىلايىتىدىكى سانى 5 مىڭ ئەتراپىدا ئىدى ۋە ئەلىخان تۆرە باشلىق كۆپىنچىسى قوشنا ئوتتۇرا ئاسىيادىن قېچىپ كەلگەنىدى، قېرىنداش ئۆزبېك خەلقى ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ھۆرمەتلەندى ۋە قەدىرلەندى. ئەلىخان تۆرە رەئىس بولغاندىن كېيىنمۇ مۇستەقىللىققا تەشنا ئۇيغۇر ۋە باشقا خەلقلەر ئوخشاشلا ئۇنى ھۆرمەت قىلغان، ئەگەشكەن ۋە قەدىرلىگەنىدى. بۇ ۋاقىتتا ئۇيغۇر، قازاق، ئۆزبەك، تاتار، قىرغىز قاتارلىق خەلقلەر ئەڭ يېقىن قېرىنداشلىقتا بولغانىدى. شۇنىڭدەك باشقا خەلقلەر بىلەنمۇ بىردەك دوستلۇق ۋە ھەمكارلىق ئورنىتىلغانىدى.

ئابدۇمۇتائالى خەلپەتنىڭ رەئىسلىكنى رەت قىلىشى يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلاردىكى ھاكىمىيەت ئېڭى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، 1933-1934-يىللىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەركىبىدىكى كۆپ مىللەتلىك ئەھۋاللار، 1944-1949-يىللىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى تەركىبىدىكى كۆپ مىللەتلىك ئەھۋال بىر تەرەپتىن بۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلاردىكى ئازادلىق، ئىستىقلالىيەت كۈرەشلىرىدە ۋە ئادەتتە باشقا مىللەتلەرنى يەكلىمەسلىك، چەتكە قاقماسلىق،قېرىنداشلىق، دوستلۇق روھىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىمۇ بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر.

 1944-1949-يىللاردىكى شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى ۋە ئۇيغۇر ئېلى تارىخىدا ئەلىخان تۆرە بىلەن ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ ئىسمى ئالدىنقى ئورۇندا دائىم تىلغا ئېلىنىش بىلەن بۇ مەزگىل تارىخى يورۇتۇلغاندا كىشىلەر يەنە ئابدۇكېرىم ئابباسوف، رەھىمجان سابىرھاجى، ئابدۇرەئۇپ مەخسۇم ئىبراھىمى، ئىسھاقبېك مۇنۇنوف، زۇنۇن تېيىپوف، دەلىلقان سۇگۇربايېف، ئوسمان باتۇر ۋە باشقا مۇھىم شەخسلەرنى دائىم كۆز ئالدىغا كەلتۈرىدۇ. لېكىن ئەينى ۋاقىتتىكى ئىلى دىيارىدا ئەڭ نوپۇزلۇق، ھەتتا ئاشۇ ئەلىخان تۆرە، ئەخمەتجان قاسىمى ۋە باشقا بارلىق ئىسمى ئاتالغان ئەربابلار يۈكسەك ھۆرمەت بىلەن سالام بېرىدىغان پېشقەدەم زات، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ دىنىي ئىشلار نازىرى ئابدۇمۇتائالى خەلپەتنى ئانچە ئېسىگە كەلتۈرمەيدۇ. بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى بۇ زاتنىڭ نامىنىڭ 1949-يىلىدىن كېيىن بەك كۆپ تىلغا ئېلىنىپمۇ كەتمىگەنلىكىدۇر.

   ئابدۇمۇتائالى خەلپەت 1868-يىلى ئىلىدا تۇغۇلغان، دەسلەپ مەدرىسە ھاياتىنى غۇلجادا ئۆتكۈزۈپ، 1882-يىلىدىكى كۆچ-كۆچتە يەتتىسۇ تەۋەسىدىكى ياركەنتكە كەتكەن ۋە بۇ يەردىمۇ جەدىدچىلىك ئېقىمىغا مەنسۇپ دىنىي زاتلاردىن تەلىم ئالغان. 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا غۇلجاغا قايتىپ كەلگەن ۋە 1911-يىلى غۇلجا شەھىرىدە ئۆز خىراجىتى بىلەن «تائالىيە مەكتىپى» ناملىق مەكتەپنى قۇرغان. ئۇ غۇلجادا ئاساسلىق داۋاملىق مەكتەپ ئېچىش، دىنىي تەربىيە بېرىش، تالىپ تەربىيەلەش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. 1930-يىللاردا 2 يىل ھەج سەپىرىدە بولغان ۋە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئىلىنىڭ مەدەنىي-مائارىپ ئاقارتىش ئىشلىرىدىكى باشلامچىلاردىن بىرى سۈپىتىدە تونۇلغان. ئابدۇمۇتائالى خەلپەت خەلق ئىچىدە «خەلپەم ھەزرەت» دېگەن نام بىلەنمۇ مەشھۇر ئىدى. ئۇنداقتا ئابدۇمۇتائالى خەلپەت شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئۈچۈن قانداق خىزمەتلەرنى قىلدى؟ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىسلام دىنىدىن باشقا دىندىكىلەرنىمۇ بىرلەشتۈرۈپ، بۇ مىللەتلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى رەھبەرلىكى ئاستىدا ياشىشى ئۈچۈن ئەۋزەل دىنىي ۋە مىللىي باراۋەرلىك سىياسىي يۈرگۈزۈشىدە قانداق رول ئوينىدى؟ ئەلىخان تۆرە ، ئەخمەتخان قاسىمى قاتارلىق رەھبەرلەرنىڭ خەلق ئىچىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر بولۇپ، خىزمەتلىرىنى ئۈنۈملۈك ئېلىپ بېرىشىدا ئابدۇمۇتائالى خەلپەت قاتارلىق يەرلىك ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەت زاتلىرى قانداق مۇھىم رول ئوينىدى؟ بۇ ئەلۋەتتە ئوقۇرمەنلەر دىققەت بېرىشكە تېگىشلىك يەنە بىر تېمىدۇر.

Share
5363 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.